Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 15:22:21

تەپەككۇر مېۋىلىرى

       



                                                 تەپەككۇر مېۋىلىرى



ھەر قانداق نەرسە ئۆز ئورنىنى تاپمىغۇچە ، ياكى ئۇنىڭ ۋاقتى كەلمىگۈچە ئېتىبارى بولمايدۇ. 
 
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ باشقۇرالمىغانكەنسەن، باشقىلارنىڭ سېنى باشقۇرىشى زۆرۈردۇر.

خاپىلىق زىللىقتىن،خۇشلۇق بىغەملىكتىن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

دوستلار ئالدىدا كۈلۈش مۇھەببەتتىن ، رەقىبلەر ئالدىدا كۈلۈش نەپرەتتىن.

نەپىسىڭنى يىغ _ يۈزۈڭنى چۈشۈرىدۇ، تىلڭنى يىغ _ئوسال قىلىدۇ، غەزىپىڭنى يىغ _ پۇشايمانغا قويىدۇ.

چوڭلار《قىل》 دېگەن ئشتىن  نان چىقىدۇ، قىلما دېگەن ئىشتىن قان.


كۈلكە ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ساختىلىق __ ھەسەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.

قارىساڭ ھەممە نەرسە تەل، ئەمما قەلبىڭ قاغجىراقلىق ئىچىدە ياشايسەن، بۇ دەل بەخت ئىچىدىكى بەختسىزلىك.


ئۆتكەن كۈنلەر چۈشكە ئوخشايدۇ،ئوخشىمايدىغىنى ئەسلىمە.

سىرىڭنى بىر ئادەمگە دەپ بەرگىنىڭ شۇ ئادەمگە ئىشەنگىنىڭ ،لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئۇ ئادەم ئالدىدا تىلىڭ قىسقىرايدۇ.

باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا بەختلىككەن دېمە، بەلكىم ئۇلار دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتەلىگەنلەردۇر.

ساختا مۇھەببەتتە قىزلار  مال مۈلۈك ، ئوغۇللار نام _ ئابروي قوغلىشىدۇ.

سەن ياخشى كۆرگەننىڭ ئارتۇقچىلىقنى ، سېنى ياخشى كۆرگەننىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىسەن.

ئەرلەر ئاياللار ئارقىلىق كۆتۈرۈلىدۇ ۋە چۈشۈرىلىدۇ.


ئەر كىشى يوق ئۆيدە بالا بۇزۇلىدۇ، ئايال كىشى يوق ئۆيدە ئەر.

چىرايى گۈزەللەرنى شەھەردىن ئىزدە، قەلبى گۈزەللەر
نى سەھرادىن .

ئانا مېھرىدىن ئايرىلىش بەك بىچارىلىك،خۇتۇن مېھرىدىن ئايرىلىش بەك ئېچىنىشلىق ، دوستلۇق مېھرىدىن ئايرىلىش بەك تەنھالىق.

مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا ھەممە كىشى دوسىت، مەغلۇب بولغاندا پەقەت ئانىلا دوست.

ئاجىز ئادەمنىڭ كۆڭلىدە نەپرەت بولمايدۇ ،پەقەت ئازابلا بولىدۇ.

مېنىڭ سەندىن رەنجىپ قېلىشىم سېنىڭ مېنى ئالدىغانلىقىڭلا ئەمەس ،بەلكى ساڭا ئىشىنىشكە ئامالسىز قالغانلىقىمدىن.

ئەگەر سېنىڭ خاسلىقىڭ باشقىلارنى سەندىن يىراقلاشتۇرسا ، ئۇنداقتا سېنىڭ خاسلىقىڭ مەغلۇب بولغان بولىدۇ، ئۇتۇقلۇق بولغان خاسلىق باشقىلارنى يەكلىمەستىن ، بەلكى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ .

تەقدىر پۇتۇڭنى سۇندۇرۇۋەتسە ، ئۇ يەنى ساڭا ئاقساقلاپ مېڭىشنى ئۆگىتىدۇ.

ئندىشە ئەتىدىكى قايغۇ - ئەلەمنى يوقىتالمايدۇ ، ئۇ پەقەت بۈگۈنكى كۈچىڭىزنى خورىتىدۇ
.
ئەگەر دوستىڭىزنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىڭىز ئازابلانغان بولسىڭىز ، توغرا قىلغان بولىسىز. ئەگەر دوستىڭىزنى ئەيىبلەشتىن زەررىچە خوشاللىققا ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاغزىڭىزنى باشقۇرۇۋېلىڭ.

بەزىلەر باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىك ،خاتالىقىغا باھا بەرگەندە ،ئۆزىنىڭ قولىنىمۇ شۇ تارازىغا قۇيۇپ باقمايدۇ.

ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەن بولىدۇ.

تۇرمۇش بىر خىل چەت تىل ، ھەر قانداق ئادەم ئۇنى خاتا تەلەپپۇز قىلىپ قويىدۇ.

ئاجىز كىشىلەر تەلەيگە ، قەيسەر كىشىلەر سەۋەب- نەتىجىگە ئىشىنىدۇ.

بەزىدە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش  ھاجەتسىز ، دۈشمىنىڭىزگە مىڭ چۈشەندۈرسىڭىزمۇ ئىشەنمەيدۇ، دوستىڭىزغا بولسا چۈشۈندۈرۈش كەتمەيدۇ.

سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش شىۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىقكى _ قارشى تەرەپ بولسا يۈرىكىنى قايتۇرۇۋالغان ، سىز بولسىڭىز يۈرىكىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن بولىسىز.

ئەرلەر بىلەن ئارىلاشمىغان ئاياللار بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ . ئاياللار بىلەن ئارىلاشمىغان ئەرلەر بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىدۇ.

ئۇنتۇش ئاسان بولغان بولسا ، بۇ دۇنيادا ئازاب بولمىغان بولاتتى.

مۇھەببەت كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە، ئەمما ئۇ خىزمەت ،ئۆگىنىشىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماسىتىن،ئالغا بېسىشىمىزغا ھەيدەكچى بولىدىغان سۈرئەت تېزلەتكۈچ بۇلۇشى كېرەك.

باشقىلارنى ئۆزۈڭگە قانداق مۇئامىلە قىلسۇن دېسەڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىل.

سۆز لىباس ، مەنە ئۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن سىر.

سەن ھەممىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن، پەقەت بىر
نەرسىنى _ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ،  شۇنى ئۇنتۇمىساڭلا بولغىنى.  


          مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى ،جالالىدىن رۇمى     
          ھېكمەتلىرى قاتارلىق كىتاب - ژۇرناللاردىن  
                               ساقلىۋالغانلىرىم.

بۇ يازمىنى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم ، ئىزدىنىشتىكىلەرمۇ بەھىرلەنسۇن دەپ مىسرانىمدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم .


               

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 17:08:24

ئەر كىشى يوق ئۆيدە بالا بۇزۇلىدۇ، ئايال كىشى يوق ئۆيدە ئەر.
  
     بۇ قايسى كەم ئەقىل كالتە پەمنىڭ دىگەن گېپىدۇ.

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 17:27:10

مەنىسى چوڭقۇر ھېكمەتلەركەن......

مەن دادامنىڭ‹‹ئىتنىڭ بۇرنى سېسىق دەپ كېسىۋەتكىلى بولمايدۇ››دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن.....

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 19:36:10

رەھمەت

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 07:44:17

ھەرەمگە بارغان ئىشەكنى ھاڭگاھاجىم دىگىلى بولماس

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 16:27:38

‏ئسىل دۇردانىلەر ئىكەن تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر  .

Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 23:19:17

بەزى ئادەملەرنىڭ ئىنكاسى شۇنچە غەلىتە ، تەنە گەپكىمۇ ، قەشقەرچە سېسىق پاراڭغىمۇ ئوخشاپ كېتىپتۇ .
مەن پەلىسەپەچى ئەمەس ، يۇقىرىدىكىلەر ئۆزۈم تېپىۋالغان گەپمۇ ئەمەس ، ئاساسەن تەرمىلەر ژۇرنىلىدىن ياقتۇرۇپ يېزىپ ساقلاپ قويغانلىرىم ، گەپنى تۈزدە ئۇچۇق دېگەن ياخشىدى .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 10:18:57

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 00:42 static/image/common/back.gif
ئۇشبۇ سۆزلىرىڭىز قارىماققا ئاددىدەك تۇرسىمۇ ،ئەمما مە ...

مەن دۇنيادا ئۆچ گەپنىڭ ھەممىنى قىلىپ بوپسىز ، ئادەمگە ئادەم ئوخشىمىغاندەك مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بۇلىدىكەن ، قارىغاندا مىسرانىمدىن چىققاندەكلا قىلىپ تۇرىسىز ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭىزنى باشقۇرىۋېلىڭ ، مەن اللەغا ھەمدۇ -سانا ئۇقۇش بىلەن ئۆتىدىغان مۇسۇلمەنمەن ، قارىسىغا گەپ قىلىپ تۆھمەت چاپلىماڭ . ئەمدى يەنە شۇنداق گەپ قىلسىڭىز ئىزدىنىش سوتىغا ئەرز قىلىپ گەپ قىلالماسلا قىلىۋېتىمەن ، ئۆزىڭىزنى بىلىڭ .
بەت: [1]
: تەپەككۇر مېۋىلىرى