ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 11:02:47

【ياردەم】OmegaT كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسىدىن ياردەم سورايمەن

      كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن بېرى ھورۇنلۇقۇمغا تېخىمۇ باھانە بولۇپ تولا ئىشلارنى «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئاسان ھەم تېز قىلغىلى بولىدىغاندۇ» دەپلا ئويلايدىغان شۇ ۋەجىدىن بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتە تۈگەتكىلى بولىدىغان تەكرار لېكىن ئاددىيلا بىر ئىشلارنى «ئاسانلاشتۇرىمەن»دەپ ئىككى-ئۈچ كۈن ھەپىلىشىپ يا ئۇنىڭ ئاسان يولىنى تاپىدىغان ۋە ياكى ئىككى-ئۈچ كۈن ۋاقىتمۇ زايە بولۇپ، شۇ ئىشنى يەنە بىر باشتىن پالاقشىپ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر قېتىملىقىدا خېلىلا چارچاش ھېس قىلساممۇ كۆپىنچە ھاللاردا «ئاسان يول» نى تېپىش يولىدا خىلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالىدىكەن كىشى. بۇ قېتىممۇ شۇ كونا خۇينىڭ خاپىلىقى.
      مەقسەتكە كەلسەم:
      بۇندىن كېيىن خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن كۆپ مىقداردىكى خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىشكەمەجبۇر بولىۋاتىمەن. بۇ خىزمەت بىر-ئىككى كۈندە تۈگىمەيدۇ. ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك. شۇڭا «مۇشۇ ئىشنىڭ ئېپى بارمىدۇ؟» دەپ ئويلىنىپ قىلىۋاتىمەن. توردىن ئىزدەپ كۆرسەمئۇستازىمىز غەيرەت توختى كەنجىنىڭ تور بېتىدە«OmegaT كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسى» ھەققىدىكى گەپلەر ئارىسىدىن تۆۋەندىكى گەپلەر دىققىتىمنى تارتتى:
   1.http://kenjisoft.homelinux.com/atalghular.pdf دىكى ئاتالغۇلارنى ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە-ئۇيغۇر قىلىپ OmegaT دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان فورماتقا ئايلاندۇرۇپ تەمىنلەندى. بۇنىڭدىكى ئاتالغۇلارنىڭ سانى 6797.
شۇڭا OmegaT دىن پايدىلىنىپ تەرجىمە خىزمىتىنى(ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە) ئىشلىسىڭىز ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
   2.ئەگەر خەنزۇچە ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، ئاناتىلىم لۇغىتىنى OmegaT دا ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
      شۇنىڭ بىلەن شۇ تور بەتتىن OmegaT دېتالىنى چۈشۈرۈپhttp://www.kenjisoft.com/soft/LightNEasy.php?page=ome_heqqiدىكى ئۇسۇللار بويىچە خەنزۇچە ماتېرىياللانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماقچى بولۇپ ئەپلەشتۈرەلمىدىم. تورلادىنمۇ ئىزدەپ باقتىم. OmegaT غا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر، تەجرىبىلەر يوق دېيەرلىككەن. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ بىر قانچە تەرجىمە ياردەمچىسى دېتاللىرىمۇ باركەن. لېكىن سىناپ باقمىدىم.
      شۇڭا تورداشلار ئارىسىدا OmegaT دېتالى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسى دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار. پەقەت بولمىغاندا ئەنئەنىۋى تەرجىمىنىڭ ئېپى توغرىسىدىكى جەۋھەرلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
كەنجىسوفت تور بېتى ئادىرىسى:
http://www.kenjisoft.com/soft/LightNEasy.php?page=ome_heqqi

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 11:52:03

تېمىنى يوللاپ بولۇپ مۇنبەردىن ئىزدىسەم ئالىپ بىر نەچچە يىللار بۇرۇن يوللىغان كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسى دىتالىTrados ۋە 雪人CAT قا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تېما بار ئىكەن. لېكىن تېمىلار تازا تولۇق بولمىغاندەك.
تېما ئادىرىسى:
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40079&highlight=%D8%AA%DB%95%D8%B1%D8%AC%D9%89%D9%85%DB%95

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=38157&highlight=%D8%AA%DB%95%D8%B1%D8%AC%D9%89%D9%85%DB%95

مۇشۇ دېتاللارنى ئىشلىتىپ باققانلار ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىرەك بىر چۈشەنچە بېرىپ باققان بولساڭلار...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:07:50

مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن ئىدىم ھەقىقەتەن ياخشى دېتال ئىدى بۇ. بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ قويغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك تىزىپ بېرەتتى. كېيىن ئىشلەتمىدىم ئۇ دېتالغا ئۇچۇر ئەكىرىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:37:57

OmegaT لىناكىس يۇمشاق دېتاللىرىنى تەرجىمە قىلىشتا قولايلىق. بىراق باشقا ئادەتتىكى تېكىسنى تەرجىمە قىلدۇرۇشقا ئەپلەشمەيدۇ

kalamyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 17:27:48

تەرجىمە ياردەمچىسى ئىزدەشكە ۋاقىت زايە قىلماي، ئۆيىڭىزگە ھەرخىل ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي لۇغەتلەرنى تىزىۋېتىڭ. ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ تۇرۇڭ. ئاندىن نەزەرىيە بىلىمىڭىز، ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكا، لوگىكا بىلىمىڭىز، سۆز بايلىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ،ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تەرجىمە ماقالىلىرىنى كۆپ كۆرۈڭ.....ئېرىنسىڭىز بولدى، تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. تەرجىمانلىقنى شۇنچە ئاسان چاغلاپ قالغان چېغىڭىزۋا:funk:

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 17:50:01

alip يوللىغان ۋاقتى2014-8-4 12:37 static/image/common/back.gif
OmegaT لىناكىس يۇمشاق دېتاللىرىنى تەرجىمە قىلىشتا قولايل ...

تۆۋەندىكى تېمىڭىزنى ئالپ تورىدىن تاپالمىدىم.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=38157&highlight=%D8%AA%DB%95%D8%B1%D8%AC%D9%89%D9%85%DB%95
بەلەن گەپلەر بولۇنۇپتىكەن.
« ئالىپ تور بېتىدە يەنە بۇنىڭ ئىشلىتىلىش دەرسلىكىمۇ بار. بۇ دېتالنى قاچىلاش، ئىشلىتىش جەھەتتە مەسلىگە يولۇقساڭلار ئەسلى مەنبەسىگە ئىنكاس قالدۇرۇڭلار.»
       ۋاقتىڭىز يار بەرسە، تەپسىيلىرەك بىرەر دەرسلىك ئىشلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 18:00:32

kalamyar يوللىغان ۋاقتى2014-8-4 17:27 static/image/common/back.gif
تەرجىمە ياردەمچىسى ئىزدەشكە ۋاقىت زايە قىلماي، ئۆيىڭى ...

      خاتا ئويلاپ قاپسىز. تەرجىمەچىلىكنىڭ قانچىلىك تەس كەسىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن. ھازىر تېخىمۇ چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. مېنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىمدە مەزمۇنى يېقىن كىلىدىغان، بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان تەكرار تەرجىمە ئەمگىكى كۆپرەك بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن مۇشۇنداقراق قوراللارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
      تەرجىمە جەريانىدا سۆزلەرنى لۇغەتلەردىن بىرمۇ-بىر ئاختۇرغاندىن ياكى كۆچۈرۈپ-چاپلاپ يۈرگەندىن ،يۇقىرىدىكى قوراللار سۆزلەرنىڭ ماس تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ تۇرسا ياخشى ئەمەسمۇ،ئازراق بولسىمۇ زېھنىمىز، ۋاقتىمىز تېجىلىپ قالىدۇ. ئۇ قوراللارمۇ %100 تەرجىمە قىلىۋەتمەيدۇ. قالغىنىنى ئاخىرىدا رەتلەپ، قولاشتۇرۇشقىمۇ خىلى كۈچ كېتىدۇ.
   ئويلىغىنىم ئارتۇقچە ئەمەستۇ؟:(
بەت: [1]
: 【ياردەم】OmegaT كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسىدىن ياردەم سورايمەن