ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 10:18:03

ھەقلىق ماركا لايىھەسى قۇبۇل قىلىمىز!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ehsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 10:19  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەھلى،يېقىندا ئىشقا كىرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلار باغچىمىزنىڭ تاۋار نامىغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە لايىھە قۇبۇل قىلىمىز!
شەرت:قانچە ئاددى بولسا شۇنچە ياخشى،قارىماققىلا كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرەلەيدىغان بولسىلا بولدى،بەكلا ھەشەم لايىھەلەشنىڭ ئورنى يوق......قالغىنى پ س ماھىرلىرىنىڭ ئۆزگىچە ماھارەتلىرىگە قالدى.
ئۇيغۇرچە نامى:ئانىجانىم
خەنزۇچە نامى:阿尼嘉尼
لاتىنچە نامى:anijanim

ئەسكەرتىش:قانچە تېز ،قانچە سىپتا بولسا شۇنچە ياخشى،چۈنكى بۇ ماركا لايىھەسى بىزنىڭ ھەممە تەشۋىقات -ۋىۋىسكىلىرىمىزدا ئىشلىتىلىدۇ!

لايىھە قۇبۇل قىلىش تېلىفۇنى:13399790644      چ چ :739411763

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 10:53:54

ماركە ئەنگە ئالدۇرماقچى  لاھىيەلەتمەكچى  بولسىڭىز  ئوقياغا كىلىڭ دەيدىغان    دەيتقانلا  بادى بىر ۋاقىتتا :lol:lol:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 11:29:11

بۇلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار



   ئىلھام كەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 11:32:04

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 11:29 static/image/common/back.gif
بۇلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار




بۇ توردىن ئىزدىگەن ماتىرىياللاركەنغۇ؟   

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:06:18

يەسلى بىلەن باللار باغچىسى بىرگەپمۇ؟

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:10:28

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 12:06 static/image/common/back.gif
يەسلى بىلەن باللار باغچىسى بىرگەپمۇ؟

ياق ، ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم،يەسلى دىگىنى كىچىكرەك دائىرىدىكىنى يەنى ئاساسەن بېقىشنى ،بالىلار باغچىسى بولسا چوڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ،بېقىشتىن سىرت تەربىيەلەشنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيىدۇ......

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 13:38:30

ياكى تۇغلان ياكى بولمىسا سەرقۇت تورى بىلەن ئالاقىلشىڭ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 14:26:50

توردا ئىشلەك تارقىتىپ تاللاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىزگە ماس كەلمەيدۇ، خەنزۇلارنىڭ ۋېيكى ياكى جۇباجيې تورلىرى بۇ تۈردە داڭلىق ھەم ئاقتۇرۇپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بازىرى كەڭ بولغاچقا ئىقتىدارلىقلار جىق.مۇھىمى كەسپىيلەشكەن لايىھە ئورۇنلىرىمۇ ئىشلەك ئىشلەيدۇ. بىراق ما بىزدە مۇشۇنداق ئىشلەك ئىشلەيدىغان بىر تور بەت باركەنتۇق،ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ. ھەۋەسكارلار ۋە يېڭى ئۆگەنچىلەرنىڭ ئىشلەيدىكەن، باھاسىمۇ تۆۋىنى 50 يۈەندىن يۇقىرىسى 300 گىچە. بىراق بىزدىكى كەسپىي لايىھىلىگۈچىلەر توردىكى ئىشلەكنى ئىشلىمەيدۇ،تۇغلان بۇرۇن خەنزۇلارنىڭ توردىكى قىممەت باھالىق ئىشلەكلەرنى ئىشلىگەن،ھازىر قانداقكىن ئۇقمىدىم. قىسقىسى دىيارىمىزدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك لايىھە ئورۇنلىرى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئالدىغا كەلگەن خېرىدارنىڭ ئىشىنى ئىشلەيدۇ ھەم شۇلارغا ئاران ئۈلگۈرىدۇ. ئۆتكەندە رەھمەتلىك مەيىن شامال تورىمۇ ماركا لايىھىسىنى توردا قىلدۇرغان، نەچچە يۈز ھەۋەسكارلارنىڭ ئىشلەكلىرى چۈشكەن بولسىمۇ،ئاخىرى يەنىلا بىر كەسپىي لايىھەچىگە قىلدۇرۇپ شۇنىڭ لايىھىسنى ئىشلەتتى. شۇڭا سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەتىم: ۋاقىتنى ۋە ئۈنۈمنى قوغلاشسىڭىز توردا ئىشلەك تارقاتماي كەسپىي لايىھەچىنى ئىزدەپ بېرىڭ قىلغۇزۇڭ. باھاسى ئەڭ تۆۋەندە 500، ئەڭ يۇقىرىسى 2000 ئەتراپىدا.
ئەڭ ياخشى قىلىدىغىنى تارىم شىركىتىدىكى كامىل ھوشۇر. 2000 ئەتراپىدا قىلىدۇ. ئۆزى قىلسا گەپ يوق ئېسىل چىقىدۇ،بىراق باللارغا قىلغۇزۇشىمۇ مۇمكىن.
www.tarim365.com
ئاندىن قالسا مۇرات. ئۇمۇ ئۇستا لايىھىلىگۈچى.ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ھاجەتسىز.85161495 بۇ كيۇكيۇ نومۇرى.
ئىككى يىل بۇرۇن 2000 غا قىلىدىغان،ھازىرقى باھاسىنى بىلمەيمەن.
ئاندىن باتۇر تۇغلان. 1500 دىن 2000غىچە قىلىدۇ.ماركا لايىھىلەش ئۇستىسى.«ماھارەت'بالىلار باغچىسىنىڭ لايىھەلىرىنى ئىشلىگەن.
www.tughlan.com
كارتون ماركا لايىھەلەتمەكچى بولسىڭىز، چۈش كۇلۇبى قۇرغۇچىسى مەخمۇتجاننى تەۋسىيە قىلىمەن.2000 ئەتراپىدا قىلىدۇ.
http://www.chush.biz/
نىشان شىركىتىدىكى ياسىن ئىسلام ئۇزۇن يىللىق لايىھىلىگۈچى. 1500 غا لايىھىلەيدۇ.
www.nixan.cc

بىر بالىلار باغچىسىنى قۇرۇپ ئەپ مېڭىشقا ئاز كۈچ كەتمەيدۇ، ئاز پۇل كەتمەيدۇ. بەلكىم ئاز دېگەندە نەچچە تۈمەننى خەجلىگەنسىلەر.شۇنىڭغا چۇشلۇق ئوبرازىڭلارمۇ يارقىن بولمىسا بولمايدۇ. نەچچە تۈمەنگە نىسبەتەن 2000 ھېچنىمە ئەمەس. تېمىنىڭ ئالدىغا ھەقلىق دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكىنىڭىزگە قارىغاندا ھەقسىز ئىشلەنگەن ئىشلارغا كۆپ شاھىد بولغاندەك تۇرىسىز.ئوبراز ياخشى بولسۇن دېسەڭلار، كەسپىي لايىھىلىگۈچىلەرنى ئۇدۇل ئىزدەپ بېرىپ قىلدۇرۇڭلار.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 21:40:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muzdala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 21:52  

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 14:26 static/image/common/back.gif
توردا ئىشلەك تارقىتىپ تاللاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىزگە ما ...

رەھمەت سىزگە!
ئىشلەۋاتقان شىركەتكە كەسپىي لايىھىلىگۈچىلەرنى تاپالماي تولا ئىزدەپ كەتتۇق، قىممەت بولسىمۇ سۈپەتلىك ئىش قىلىدىغانلار، ۋاقتىدا پۈتتۈرەلەيدىغانلارنى تېپىش ئاسان ئەمەسكەن. بۇلار بىلەن ئالاقىلىشپ كۆرەيلى.
بىز مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئورالما قاپلىرى، رەسىملىك تەشۋىقات كىتابچىلىرى، تەكشىلىك ئېلانلىرى قاتارلىقلارنى قىلغۇزماقچى ئىدۇق. مەھسۇلاتلىرىمىز يۇقىرى تېخنىكىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولغاچقا، لايىھەلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە قىلغۇزۇشنى ئويلىغان. مەھسۇلاتلىرىمىز شىنجاڭ بازىرىدىن باشقا، ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگىمۇ سېتىلاتتى. مۇشۇ جەھەتلەردە ئويلاشقاندا، سىز تەۋسىيە قىلىدىغان يەنە باشقا لايىھەلىگۈچىلەر بارمۇ؟ ئاۋارە قىلدىم.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 22:09:44

مەن كۆزدە تۇتقانلار ھەممىسى ئۈرۈمچىدە. كەمىنە يىلتىزىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى. مېنىڭ كەسپىممۇ شۇ ئېلانچىلىق. ئەسەرلەرنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەيلى مېنىڭكىنى ياكى يۇقىرىقىلارنىڭكىنى قايسىسىنى كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز توختاتقان بىرەرسىنى تاللسىڭىز بولىدۇ.
مەسلىھەتىمنى ئايىمايمەن.
ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز، ئىشخانىغا كەلسىڭىز يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ.
بىر گەپنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئۆتەي.
يۇقىرىقى مەن تەۋسىيە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن ئۇستا. مەن ھەرگىز سىزنى ۆزەمگە دىققەت قىلغۇزۇپ ئىشنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋالماقچى ئەمەس. بۇ سۆزۈمنى باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ. مۇنبەردە ھەر قىسما پەلىپەتىش ئادەملەر جىق. خىيالى ئاجايىپ يۈگۈرۈك،كۆڭلى پالاكەت. بۇ سۆزۈم شۇلارغا قارىتىلدى.

www.yiltizim.net

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 22:38:41

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 22:09 static/image/common/back.gif
مەن كۆزدە تۇتقانلار ھەممىسى ئۈرۈمچىدە. كەمىنە يىلتىزى ...

بەرگەن ئاقىلانە پىكىر - تەكلىپلىرىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم......كۆپتىن كۆپ رەھمەت.....مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس،خوتەن دىيارىدا ئىدىم بولمىسا پىكىرلىشىپ باقار ئىدۇق.......مەن ئۆزەمنى بىر توختىتىۋېلىپ،ئاندىن كىمنى ئىزدەشنى قارار قىلاي....رەھمەت

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:34:16

ehsanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 11:32 static/image/common/back.gif
بۇ توردىن ئىزدىگەن ماتىرىياللاركەنغۇ؟

haaa xundah 
asman din quxkan dap kagan mu
 sizga paydisi bolsun dap atayin tordin izdap quxup koygan
بەت: [1]
: ھەقلىق ماركا لايىھەسى قۇبۇل قىلىمىز!