Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:43:37

مۇنبەردىكى «تارىخشۇناس»لاردىن ياردەم...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 15:46  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم :
ماڭا ئۇيغۇر تۈرك ياكى ئەجدادلىرىمىز بولغان بۇرۇنقى قەۋملەرنىڭ  مىلادى 6-ئەسىر (يەنى 500-يىللاردىن باشلاپ) مىلادى 7-ئەسىر يەنى(650-يىللارغىچە) 100يىللىق ئەھۋالى ، دۆلەت قۇرۇش ،ئىدارە قىلىش ،بولۇپمۇ ئەتراپتىكى باشقا قەۋملەر (مەسلەن شۇ ۋاقتىدىكى سۇلالىلەر دېگەندەك) بىلەن ئۇرۇش جىدەللىرى ، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىتورىيىسى قاتارلىقلار جىددى كېرەك بولۇپ قېلىۋىدى.
مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا قانچە تەپسىلى بولسا شۇنچە بىر يوللاپ بەرسەڭلار ،رەھمەت ، ئاللاھ رازى بولسۇن!

turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:46:51

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مىلادى 6-ئەسىردە، يەنى 551-يىلى ئالتاي تۈركلىرى، يەنى تۆمۈرچى قۇللار ئىستەمى، تۈمەن قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بۈيۈك كۆك تۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. تاكى 744-يىلغا كەلگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 744-يىلدىن 840-يىلغىچە رەسمى تۈردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇرخۇن دەريا بويىدا باسمىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان، ئەمما بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن يەنى 646-ئىلتەرىش قاغان بۇ خانلىقىنى قۇرغان، پەقەت بۇ چاغدا بۇ خانلىق كۆكتۈرك خانلىقىغا بېقىندى ھالەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان، دۆلەت تۈزۈلمىىسى كۆك تۈرك خانلىقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. «ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە خانلىقى» ناملىق كىتابقا مۇراجىئەت قىلغايسىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن 489-يىلى خەنچە تارىخى مەنبەلەردە تىلغا ئېلىندىغان «گاۋچىلار»، يەنى ئىگىز ھارۋىلىقلار تۇرپان ۋادىسىدا «گاۋچىلار دۆلىتى» نى قۇرغان، بۇ خانلىق تاكى 541=يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمننىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، ياسىن ھۇشۇرنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملىق كىتابىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ، ھەممە گەپنى بۇ يەرگە يېزىپ بولۇشقا ۋاقىت يوق، بۇ كىتابلارنى كىتابخانا، ۋە كۈتۈپخانىلاردىن تاپالايسىز.. باشقا يەنە خەنچەدىن تەرجمە قىلغان «24 تارىخ» قا ئائىت ئۇيغۇرچە بىر يۈرۈش كىتابلار بار. ئەگەر بېرەر ماقالە يېزىش مەقسىتىدە ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز، بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما پەقەت بىلىپ بېقىش نىيتىدە كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئۇشبۇ كىتابلار ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تۇرالار، (2  توم)»، ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۇركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى، 2000 ـ يىل ئۈرۈمچى»، بۇلارمۇ ئەڭ ياخشى ماتېرىيال مەنبەسى بۇلالايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 20:19:23

   ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىۋېتىپسىز ....
   شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىغىمۇ قاراپ بېقىڭ ....

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 22:17:14

چىك ئا ، ئۆيدە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا كىتاب تولۇق ئىدى ، يىلنامىسى ئىسىدىن چىقىپ قالىدىكەن ،
گەپنى سەل بۇرۇندىن باشلىساق مىلادى 300 - يىللاردىن كىيىن  موڭغۇل تۈزلەڭلىكىدە ھونلار تۈگەشكەندىن كىيىن جۇرجانلار دىگەن بىر تائىپە چىقىپ ئۇيغۇر - تۈركلەرنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى قاڭقىللار جۇرجانلارغا قارشى تۈگىمەس كۈرەشلىرىنى باشلىدى ، تۆت يۈزىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدا قاڭقىللارنىڭ بىر قانچە قەبىلىسى ئالتاي تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقى دەپ بىر ئىتتىپاقنى قۇرۇپ جۇرجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى ،
موڭغۇلىيىدە تۇردىغان قاڭقىللارنىڭ ئوپۇرغۇر دەيدىغان بىر قەبىلىسى ئاخىرى بولماي ھازىرقى تۇرپان ، بەشبالىق ( ھازىرقى جىمسار ئەتراپىغۇشەيدۇ ) ، قارا شەھەرگىچە جايلارنى ئىگەللەپ جۇرجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى ، بۇ جەرياندا ئالتايدا تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان ئاشنا تۈركلىرى كۈچيىپ قاڭقىل خانلىقىنىڭ 50 مىڭ تۈتۈن ئاھالىسىنى ئۆزىگە قوشۋېلىپ ( مەن بىر كىتابتا جۇرجانلار بىلەن ئۇرۇشقان قاڭقىللارنىڭ ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلغان دەپ ئوقۇغان ) شۇنىڭدىن كىيىن قۇدرەت تېپىپ جۇرجان خانىغا قىزىڭنى بەر ، قىزىڭغا ئۆيلىنىمەن دەپ ئەلچى ئەۋەتكەندە جۇرجان خانى سەن مېنىڭ تۆمۈرچى قۇلۇم بولىسەن ، ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل دىگەندە تۈركلەر جۇرجانلارغا ھۇجۇم قىلىپ يوقاتتى ، 551 - يىلى تۈرك خانلىقى قۇرلۇپ كىينچە  شەرقىي ، غەربىي تۈرك خانلىقىغا پارچىلاندى ، غەرپتىكى ئۇيغۇرلار غەربىي تۈرككە ، شەرقتىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈرككە ( خانلىقىغا ) تەۋە بولدى ،قاڭقىللار بىلەن تۈركلەرنىڭ كۈرىشى باشلاندى ، شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى ياغلاقار قەبىلىسىدىن بوسات تېكىن ئالتە يۈز يىگىرمە نەچچىنچى يىللىرى 5000 ئەسكەر بىلەن شەرقىي تۈركلەرنىڭ 100 مىڭ ئەسكىرىنى سۈرۈپ توقاي قىلىپ تۇغلا ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ كىيىن باش كۆتەرگەن كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالدى ، كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ياغلاقارلار باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ كۆك تۈرك خانلىقىنى ، ئاندىن باسمىللارنىمۇ يوقۇتۇپ 740 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى .
ئورنىمىز يېقىن بولغان بولسا ئەنۋەر بايتۇرنىڭ كىتىۋىنى بېرىپ تۇراتتىم ،
بەت: [1]
: مۇنبەردىكى «تارىخشۇناس»لاردىن ياردەم...