ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:09:56

ئۇيغۇرچە كارتون: ‹ ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان›

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار.
كەڭ كارتۇن ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە مەن قۇرغان  UACG،يەنى  ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتۇن گۇرۇپپىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تۇنجى ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا ئىشلەنگەن قسقا ۋەقەلىك مۇزىكىلىق كارتۇن فىلىم ‹ ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان› نىڭ تولۇق نۇسخىى بۈگۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋىدىئو تور بەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان قىلىندى.
بۇ فىلىم تۇرپان دىيارىدا تارقالغان ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ،  بۇ كارتون فىلىم پۈتۈنلەي ياپۇنىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كارتون فىلىم ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە ئىشلەش باسقۇچى بىلەن ئىشلىنىپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلەر قولدا سىزىپ چىقىلىپ، تەخمىنەن 1800 پارچىگە يېقىن ھەرىكەت رەسىمى ۋە 80 پارچىگە يېقىن ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمى  بىلەن پۈتۈپ چىقتى .ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىلمېنتلىرى پىرسۇناژ ۋە باشقا تۈرلۈك لايىھىلەر ئارقىلىق جانلىق  ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ كارتون فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقانلار  بولسا، مەن  2013-يىلى ئۈرۈمچىدە ئاچقان قىسقا مۇددەتلىك كارتۇن فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتىلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق بەش ئايغا سوزۇلغان جاپالىق فىلىم ئىشلەش مۇساپىسىنى نەتىجىلىك تاماملىغانلىقىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدۇر. فىلىمدىكى پىرسۇناژ ۋە رەڭ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئاكادىمىيىسىدە بۇ فىلىمنىڭ  ئالدىن ئېلان قىلىنغان  تەشۋىقات فىلىمى بولسا ياخشى بولغان باھالارغا ئېرىشتى.
بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتلەر كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتتە ئىپادىلەش ئۈچۈن، دىئالوگسىز ئىپادىلەش ئۇسلۇبى قوللىنىلىپ، مۇزىكا ۋە پىرسۇناژ ئوبراز ھەمدە ھەركىتى ئارقىلىق مەزمۇنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بولۇپمۇ مۇزىكىسى بولسا تۇرپان خەلق ئاھاڭلىرىدىن نازىركۇم مىلودىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنىڭ ئورۇن ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.
بۇ فىلىمدا بەزى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەربىر ساھە ۋە تەرەققىياتنىڭ باشلىنىشى مۇكەممەل ۋە تولۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر كارتۇنچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، گۇرۇپپىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە تولۇق چىقىشى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبتا خەلقئاراغا تونۇلىشىغا ھەسسە قوشۇش بولسا، مەن ۋە مەن قۇرغان UACGگۇرۇپپىمىزنىڭ ئورتاق نىشانى ۋە يەتمەكچى بولغان مەنزىلىدۇر.

ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى
http://rivayat.com/ur/data/attachment/forum/201403/08/1503433iytrcyoye6zc1jj.jpg

خەنزۇچە خەتلىك نۇسخىسى

http://rivayat.com/ur/data/attachment/forum/201403/08/150328cah9nhhv0ez8cejf.jpg
ياپونچە، ئېنگىلىزچە خەتلىك نۇسخىسى


http://rivayat.com/ur/data/attachment/forum/201403/08/15033699xbj4b9l9ohobje.jpg


http://rivayat.com/ur/data/attachment/forum/201403/08/150534hb5vc52yl5518fn9.jpg


ئىشلىگۈچىلەر:
پىرسۇناژ لايىھىسى: پەخىردىن پەرھات
رەڭ لايىھىسى: ئېرپان يارمۇھەممەت
سۈرەتكە ئالغۇچى ۋە كىرىشتۈرگۈچى: ئېرپانجان ئەخمەت
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى: يارمۇھەممەت جامالىدىن
ئەسلى رەسىم: ئېرپان يارمۇھەممەت، پەخىردىن پەرھات، دىلشات ئابلا
تولۇقلىما ھەرىكەت: ئابدۇۋەلى مەمەت، راھىلە ئەركىن، مەۋلان غېنى، ئابدۇرۇسۇل ئابلىكىم
ئارقا كۆرنۈش ۋە دىكۇراتسىيە: مەردان ئۆمەر، پەخىرىدىن پەرھات، پەرھات ھەسەن
رەڭ بەرگۈچىلەر: مەۋلان غېنى، پەخىردىن پەرھات، ئەلقەم ئەكرەم، ئېرپان يارمۇھەممەت
ئۇسسۇل ھەرىكەت مودىلى: كۈندۈز ئارسىلان
ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى: ئابلىمىت قۇربان
سىنارىيىلەشتۈرگۈچى: ئايدىن ئابلىز، ئېرپان يارمۇھەممەت
كۆرۈنۈشكە بۆلگۈچى: ئېرپان يارمۇھەممەت
مۇزىكىسىنى ئاۋازغا ئالغۇچى: ئايتىكىن يارمۇھەممەت
رىژىسور: ئېرپان يارمۇھەممەت

UACG ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتۇن گۇرۇپپىسى ئىشلىدى.

http://rivayat.com/ur/forum.php?mod=viewthread&tid=1369

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:25:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 10:27  

ياخشى ياساپسىلەر!!!
يەتتە مىنۇتلىق نەرسىنى تەربىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بەش ئايدا پۈتتۈرگەن بولساڭلار ! سۈرئەتنى يەنىمۇ تىزلىتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ مەسلەن پىشقان 5 نەپەر ئادەم بىلەن 15 مىنۇتلىق مۇشۇ سەۋيەدىكى كارتۇننى قانچىلىق ۋاقىتتا پۈتۈرەلەيسىلەر؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:36:47

مەبلەغنى ھەقىقەتەن بەك ئۇرۇنسىز ،ئاخىرى يوق ئىشلارغا سېلىۋاتقانلار باركەن.سىلەرگە سالغان بولسىمۇ جىق سۈپەتلىك چىقاتتىكەن بەزى فىلىملەر . تېرىشىڭلار!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 13:19:30

رەھمەت تىرىشىڭلاردە ،غەلبەقىلىڭلار كارتون ساھەسىدە .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 13:22:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 15:35  

بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىسەڭلار بولمامدۇ؟

ئىزدىنىش مۇنبىرىدە كۆرۆش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىمەپسىلەرغۇ؟

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئىلان قىلىۋىتىڭلار.  بىزمۇ كۆرۆپ باقايلى.

خوتەن دىيارىدا ياڭيۇ تورىنىڭ ۋىدىئو قويۇش سۈرئىتى پىتتەك ئاستىكەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 13:24:38

چۈشۈرۈشكە مومكىن بۇلۇرمىكىن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:10:17

مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتونلار
http://www.anar.com.cn/old_site/show_flim.php?hid=33
http://www.anar.com.cn/old_site/show_flim.php?hid=61

President يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:49:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   President تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 14:51  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كارتون فىلىمگە ئامراقلىقىمدا، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ دېگەن تەشنالىقىمىزدا نەچچە قېتىم كۆرۈۋەتتىمغۇ ھاياجاندا...
كارتون ئوبرازىنىڭ لايىھىلىنىشىگە قاراپ، لايىھە ۋە تېخنىكىدا سۇ يوقلىقىنى ھىس قىلدىم، بەلكىم كۈچۈڭلار ۋە ۋاقتىڭلار قىس بولسا كېرەك، ئوبرازلارنىڭ كىچىك ھەرىكەتلىرى ۋە چىراي ئىپادىسىغا كۆپرەپ كۈچۈۋەتسەڭلار بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. ئىشقىلىپ قايىل بولدۇم، بىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتە يېتىشكەنلىرىمىز پەيدا بولغۇدەك ئىنشائاللاھ...{:112:}
تۈركلەرنىڭ «سەلتەنەتلىك تۈركلەر» دەيدىغان يۈرۈشلۈك كارتونلىرى بارتى، مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارمۇ چىقىدۇ ئىچىدە، ھەر بىر قىسىمى ئون نەچچە مىنۇت، بىر مەشھۇر تۈرك ئالىمىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇراتتى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مەبلەغ سالسا، شۇ كارتوننى بىر تەرجىمە قىلىپ قويۇپ بەرسە؛ ياكى سىلەردەك كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشسا، بىزدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى، تەربىيە-ئەھمىتى بار، مىللىي پۇراق كۈچلۈك بولغان كارتون فىلىملەر ئىشلەنسە دەپ خام خىيال قىلىپ يۈرىمەن. ھازىرچە خام-خىيال قىلىپ تۇراي داۋاملىق...

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:58:24

President يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 14:49 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
كارتون فىلىمگە ئامراقلىقىمدا، ئۇ ...

شۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادرېسى ياكى تۈركچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:09:15

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 14:58 static/image/common/back.gif
شۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادرېسى ياكى تۈركچە ئىسمىنى قالدۇر ...

تۆۋەندىكىسى «سەلتەنەتلىك تۈركلەر»دىكى «كاشىغەرلىك ماھمۇد»(مەھمۇد قەشقەرى) قىسمىنىڭ يوۋتۇبدىكى ئادرېسى:
http://www.youtube.com/watch?v=ejoKcSvaaUE

ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۆلۈمىنى تاپالمىدىم(يوق ئوخشايدۇ).
تۈركچە ئىسمى:
Muhteşem Türkler

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:23:31

مانا ...http://www.tudou.com/programs/view/jzD7SdDrSqQ/?resourceId=372441202_06_02_99

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:20:22

قونچاقنى كۆردۈم ، ۋەقەلىك ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك ئىكەن . ئويلىغانلېرىم
1. پېرسوناژلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە يۈزشەكلى 100ياپونيەنىڭ ئوسلۇبى ئىكەن.
    ئەقىللىق يىشۇدىكى چىراي ئىپادىلىرى كۆزئالدىمغا كېلۋالدى
2. بەزى ئۇيغۇرلاغا خاس خۇرۇچلار كۆپرەك گەۋدىلەنسە. مەسلەن قاپاق، چۆگۈن، دوپپا،سەللە، پىچاقلاردىكى نەقىش ياكى ئۆزگىچە خاسلىقلار ئىنىقراق ئەكىس ئەتسە.
3. مۇزىكا بولسا تېخىمۇ كۆرگىچىلەرنى جەلىپ قىلالسا

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 17:46:36

ياخشى چىقىپتۇ، سىز ئېرپان يارمۇھەممەتمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 22:26:53

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 17:23 static/image/common/back.gif
مانا ...http://www.tudou.com/programs/view/jzD7SdDrSqQ/?resourceId=372441202_06_02_99

ئۇكام بۇ، بەسەيچە نۇسقىسىكەنغۇ؟

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 10:58:57

ئېسل  !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:31:23

ماۋۇ كارتون بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ...رەسىملەرمۇ ياخشى سىزىلىپتۇ. ياپۇننىڭ كارتونلېرىنى جىق كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان بولساممۇ ئۆزىمىز ئىشلىگەن ماۋۇ كارتون بەك يارىدى ماڭا..

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:35:56

ياپونىيەدە ئوقۇغاچقىمىكىن، باللارنىڭ كارتون ئوبرازىدىكى كۆزنىڭ شەكلى ياپون كارتونلىرىنىڭكىدەككە

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 20:12:17

مۇشۇك _چاشقان ، سانخىلو ،،، دىگەنلەربىلەن  بۇكارتوننىڭ ئىشلىنشى جەھەتتە قاندا پەرىق بار ؟ كۆرسەم كۆرسەم  بەكلا ئاددى بىلىندى يا  ،،،،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 21:43:13

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 20:12 static/image/common/back.gif
مۇشۇك _چاشقان ، سانخىلو ،،، دىگەنلەربىلەن  بۇكارتوننىڭ ...

bhznhi توغرىسى بۇ باللارنىڭ كارتونچىلىق سىتاژىغا قاراڭ.
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرچە كارتون: ‹ ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان›