tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:05:33

قىزلارقولىقىنى تېشىپ قويۇش ئادىتى.

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قولىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ـ ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چۇقۇم ئۆتەشكە تىگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. « ... قىزلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ قولىقىنى تېشىشكە باشلايدۇ. ئەنئەنىۋىي قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشكە بىرەر پېشقەدەم موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تىشىدۇ – دە، ئىنچىكە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانچىپ قويىدۇ. ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قۇلىقىنىڭ بىرلا يېرىدىن تۆشۈك تىشىشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە قۇلىقىنى ئىككى يەردىن تەشمەيدۇ ھەم بۇرنىنىمۇ تەشمەيدۇ.ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلى تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن ئىككىنچى قېتم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. » ① قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ـ ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قولىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالقا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بىرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئانىسى بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قولىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا ـ چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قولاق تېشىش ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە قىلنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز – ئاياللارغا ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ – زىننەتلەرنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ھۈنەر تۈرى ـــ زەرگەرچىلىك مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ھەر خىل قولاق ئاسقۇلارنى « ھالقا، سۆكە، مونچاق، زىرە، سىرغا » قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار توي قىلىدىغاندا قولاق ئاسقۇلار تويلۇقنىڭ خېلى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنسانلاردا ناھايىتى بۇرۇنىقى دەۋىرلەردىلا شەكىللەنگەن.بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ قولىقىنى تەشتۈرىدىغان بۇ ئادەت باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقىلىپ ئۆزلەشمەكتە. گەرچە ئىسلام دىنىدا قىزلارنىڭ قولىقىنى تەشتۈرۈشى ۋە ھالقا ئېسىشى دىنىي مەجبۇرىيەت بولمىسىمۇ، ئاياللار ئاساسەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئېھتياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ. قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى ۋە زىبۇ– زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

________
ئىزاھاتلار :
① ئەنۋەر سەمەد قورغان: « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007- يىل 12- ئاي 1- نەشرى، 178- بەت.

مەنبە: « مىراس » ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2- سان

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 11:59:35

ياغلىقنى قۇلاقنىڭ كەينىدىن چىگىشنىڭ سەۋەبى

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 13:28:29

بىزئىنىمنىڭ قىمىزىنىڭ قۇلىقىنى يشىۈا توشماستىنلاتىشىپ قويدۇق ،ئالتۇن ھالقا سېلىۋالدى ، مانا خېلىلا چوڭ بۇلۇپ قالدى .قۇلاق تىشىش دېگەن بىرخىل ياخشى ئادەت .
بەت: [1]
: قىزلارقولىقىنى تېشىپ قويۇش ئادىتى.