parxat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:18:39

ئاندىرويىد يانفونلىرىدا ئىكراننى رەسىمگە تارتىش ئۇسۇللىرى

ئاندىرويىد ئابونتلىرى ئىچىدە يانفون ئىكرانىدىكى مەزمۇنلارنى رەسىم شەكلىدە ساقلىۋىلىش ئۇسۇلىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ بولسا كىرەك، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ دەسلەپ بۇنى بىلمەيتتىم. يانفوندىكى پاراڭلىشىش خاتىرىلىرى، ئويون كۆرۈنۈشلىرى …دىگەنگە ئوخشاش ھەرخىل ئۇچۇرلارنى رەسىم شەكلىدە ساقلىۋىلىپ، باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
ئاندىرويىد 4.0 سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە ئىكراننى رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، ئاۋاز كىچىكلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن يانفوننى تاقاش ۋە ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بېسىپ تۇرسىڭىز، رەسىمگە تارتىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، ھەمدە ئىكران يۈزىدە «ئىكران يۈزىنى رەسىمگە تارتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى » دىگەن ئەسكەرتىش پەيدا بولىدۇ.
ھالبۇكى، بەزى يانفونلاردا مەشغۇلات ئۇسۇلى يۇقارقىغا ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن، شىياۋمى يانفونىدا بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش ئۈچۈن، تېزىملىك كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز كىچىكلىتىش كۇنۇپكىسىنى قوشۇپ باسىسىز.
ئۇندىن باشقا، بۇ مەشغۇلاتنى قىلىشنى بىلمەيدىغانلار، يەنە مەخسۇس ئەپلەردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ئەپلەرنىڭ ئىقتىدارى ياخشى شۇنداقلا مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى، مەسىلەن، دىگەندەك. بۇ دېتالنى قاچىلىغاندىن كىيىن، يانفوننى سىلكىش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئىكران رەسىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۇ دېتالنى  بەيدۇدىن ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:
http://jingyan.baidu.com/article/bad08e1e80ec8509c9512169.html

0524 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 13:29:30

سامسۇڭ تېلفوندا توك مەنبە كونۇپكىسى بىلەن ئۆي كونۇپكىسىنى تەڭ باسىدۇ.
بەت: [1]
: ئاندىرويىد يانفونلىرىدا ئىكراننى رەسىمگە تارتىش ئۇسۇللىرى