harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 02:22:31

[كومېدىيە] ئىككى بايغا بىر مالاي(1980)

ئاپتورنى تونۇشتۇرۇش:
Carlo Goldoni كارلو گولدونى(1707-1793) ئىتالىيە دراماتورگى، كىچىكىدىن باشلاپ درامىغا ئىشتىياق باغلىغان، دەسلەپ ئادۋۇكات بولغان، كېيىن دراما ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۈتۈن ئۆمرىدە 100دىن ئارتۇق كومېدىيە يازغان، ئۇنىڭ دۇنياغا تارقالغان  ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن‹ ئىككى بايغا بىر مالاي› ‹ئايال سارايۋەن› قاتارلىقلار بار
‹ ئىككى بايغا بىر مالاي› گولدونىنىڭ 1745-يىلى  يازغان ئەسىرى بولۇپ، نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئوينالغان، بۇ قېتىم شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى 1980- يىلى تەرجىمە قىلىپ ئوينىغان نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز

قاتناشقۇچىلار؛
رېژىسور: ۋاڭ چىڭۋېن

روللاردا:

بادورون رولىدا: ئابدۇكېرىم باقى
كىرالىچ رولىدا: مەرىگۈل
روبالگى رولىدا:  تۇرسۇنجان زۇنۇن
سىرۋىيو رولىدا: تۇيغۇن ئەھمىدى
پىياتىرىچ راسپونى رولىدا:  پاتىخە مالىك
فىلورىندو ئالتوي رولىدا: نىجات ئەكبەر
بولگىرا رولىدا: مەمتىمىن نورۇز
ئىسمىرالتىننا:  تۇرسۇنئاي
تېلوفاتېنو رولىدا مەھمۇت ھامىت
ساراي خىزمەتكارى A رولىدا: ئوبۇلھەسەن
ساراي خىزمەتكارى B رولىدا: ئايىمنىسا
ھاممال رولىدا: ئابلىمىت ئابدۇرەھىم

سۈرەتكە  ئېلىشقا قاتناشقۇچىلار:
رېژىسور: مۇختەبەر مەخسۇت، يەن تاۋ
ئوپېراتورلار:
رۇستەم ئابلىز، مامۇت ياقۇپ
ئاۋاز ئالغۇچى: تېكچىك
چىراقچى: جاڭ فامىڭ
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى 1980-يىلى 4- ئايدا لېنتىغا ئالغان
قۇتيار كونا فىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن رەقەملەشتۈرۈلۈپ تورغا يوللاندى

ھۆججەت ئۇچۇرى:
ئىسمى: ئىككى بايغا بىر مالاي
رازمېرى:720x544
فورماتى: AVI
ئۇزۇنلۇقى: 182 مىنۇت
چوڭلۇقى:  2.74GB
سۈپەت دەرىجىسى: ناچار
لېنتا 30 يىللار بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن بولغاچقا، ماگىنىتى ئاجىزلاپ رەڭگى بۇزۇلۇپ كەتكەن
ھەم 1981- يىلىدىكى سىن ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ناچار بولغاچقا  ئېنىق ئالالمىغان بولۇشى مۇمكىن
شۇنداقتىمۇ  بىز   بۇ تارىخى مىراسنى  مۇكەممەل ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتۇق
كەسمە سۈرەتلەر:






ئەسكەرتىش: قۇتيار كونا فىلىملىرى قانداقتۇر پىلاستىنكا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىنىپ كېلنمىگەن، بۇ ئۇزۇن يىللىق بوشاشماي ئىزدەشنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەمگەك مېۋىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، فىلىم AVI  شەكلىدە پىرىسلانغان،چۈشۈرۈپ ساقلىغۇچىلارنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز،بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ بېكىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كېسىپ تاشلاپ چاپاقلاشتۇرۇپ  ئېلان قىستۇرۇپ ئۆز بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، فىلىم ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ   شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار كونا فىلىم گۇرۇپپىسى

شۈنلېي تور دېسكىسى چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://kuai.xunlei.com/d/K5QpEALuAAAJktlTa33

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:15:09

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:42:39

« مەسلىھەت چېيى» نىمۇ قىلامىز؟

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 10:59:28

ياخشى بولۇپتۇ.رەھمەت سىلەرگە! دەل مۇشۇ دىراممىنى ئىزلەپ يۇرەتتىم.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 12:20:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 12:21  

ئەينى يىللاردا خېلى يوقۇرى سەۋىيەلىك ئوينالغان دىراما بۇ. تىلىۋېزىيە ئىستانسسى شەنبە كۈنى كەچتە بېرىپ قويىتى. كىچىك ۋاقتىمغا قايتقاندەك تۇيغۇدا كۆرۈۋەتتىم بۇنى. رەھمەت سىلەرگە، جاپا چەكتىڭلار:) :)

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:07:49

باشقا ئىسىل كىنولارنىمۇ ،دىراممىلارنىمۇ يوللاپ قويساڭلاركەن ،خارۇنجان مۇ ھارۇنجانمۇ .
  ئاۋۇ باش سۆرەتتىكى شىن پىن  جى ( 身份证)غا چۈشكەن سۆرەتمىدى .بەك كېلىشەڭگۈكەن .{:92:}:lol

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 07:25:15

بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ،رەھمەت سىلەرگە بولسا مۇشۇنداق يوقاپ كەتكەن كلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يوللىساڭلار،،چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدە 14سۇڭلۇق رەڭسىز تېلۋىزوردا كۆرگەن ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىم:'(

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 19:39:28

99999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 10:15 static/image/common/back.gif
كىنو چىقمىغان بولسا ئارتىسلار مۇشۇنداق جاپا چېكىپ يۈر ...

كىنو چىققاندىن كىيىن تىياتېر ئەمەلدىن قالغان ئىش يوق.
ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە تىياتېرخانىلار بار، تىياتېرلار ئوينىلىپ تۇرىدۇ. تولىمۇ ئەپسىز، بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇرۇنقىدەك ئەمەس شۇ.
تىياتېر كىنونىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، كىنومۇ تىياتېرنىڭ.

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 20:00:57

بەت: [1]
: [كومېدىيە] ئىككى بايغا بىر مالاي(1980)