owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 01:08:19

پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 16:29  

پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى

ئاي تولغان كۈنى

دادام چالغان دۇتار ئاۋازى
ھويلىمىزدىن كەتمىدى تېخى
ھۇۋلايمەن سېنىڭ ئاۋازىڭدا ھەر ئاي تولغان كۈنى
دادام قازا قىلىپ كەتكەندىن بېرى.
سېپىللارغا تەنھا ھۇجۇم قوزغايمەن
ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي
تەلۋىلەرچە چىقىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ خىياللىرىدىن،
چۈنكى چاقىرىدۇ مېنى
باشقىلارغا شۇملۇق بولۇپ تۇيۇلغان سېنىڭ ئاۋازىڭ.

ئاي تولمىدى
تاشلاندۇق تۈگمەندىن چىققان مەشئۇم ئاۋازدەك
تېنىمىزگە قاراپ ئاقتى
ئۆزىنىڭ دۆتلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان قەدىمىي يىلان.
سۈرتىۋەتمەي تۇرۇپلا ئاغزىدىكى ئادەم قېنىنى
ئاشۇ يىلان دائىم ياۋايى دەپ ئاتايدۇ بىزنى.
ياۋايى ئەمەسلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن
جاراھەتلەر بىلەن زىننەتلىدىڭ يۈزلىرىڭنى سەن.

كېچىچە قۇرۇق دەريا قىنىدا ياتقان
ئەتىسى بىر گاچا تىلەمچى تەرىپىدىن بايقالغان
دادامنىڭ
ھېچكىم بىلمەيدۇ قاچان جان ئۈزگىنىنى.
ھازىرغىچە ئېقىپ توختىمىدى بەلكىم دادامنىڭ قېنى،
بەلكىم مەڭگۈ ئاي تولمايدۇ ئەمدى.
كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشقا ئادەتتىن تاشقىرى بېرىلگۈچىنىڭ
ئاجىزلىشىپ كەتكەن كۆزىدە كۆرۈنگەن
خىيالىي كۆرۈنۈشتۇر كۆكتىكى تولغان ئاي.
خىيالىي ئاۋاز ھەم ھۇۋلىغان ئاۋاز.

كىمنىڭ ئاۋازى ئۇ دالىلارغا
مۇزدەك سوغاق زوراۋاملىقلارنى بەخش ئەتكەن؟
نېمىنىڭ ئاۋازى ئۇ تاغدىن چۈشۈپ
بىر مىللەتنىڭ ھىدىنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن؟

ئۇ سېنىڭ ئاۋازىڭ ئېچىرقاپ ئۆلەي دەپ قالغان
پۇراش سېزىمى ئېشىپ كېتىپ
مەۋجۇت بولمىغان پۇراققىمۇ ئەگىشىپ
دالىلارنى كېزىپ ئۆتكەن.
ئۇ مېنىڭ ئاۋازىم
قانغا ئوخشاش خۇشبۇي پۇرىغان
زىمىننىڭ كۆپىيىشىگە قۇربانلىق قىلىنغان.

ئىككىمىز بىللە
باستۇرۇپ كىرىمىز
سوغاق ئۇيقۇدا ياتقان شەھەرلەرگە،
شەھۋەتتىن تولغىنىۋاتقان ھاۋزىلارغا،
قوغۇشۇندەك ئېغىرلاۋاتقان قىشلاقلارغا.

2011- يىل ئۆكتەبىر

مومىيا

چىرىمەي كەلدى مومىيالار نەچچە مىڭ يىللاپ
توختىماستىن ئىچىپ كەلگەچ مېنىڭ قېنىمنى
قەدىمىي قەبرىستانغا كىرگەن ئېكىسپىدىتسىيچى
ئېزىقتى سانسىز سىرلىق بەلگىلەرنىڭ ئارىلىرىدا
ھازىرقى دەۋردە پەقەتلا بەلگىلەربىز ھەممىمىز
ئېزىقىدۇ ئارىمىزدا ئەرۋاھلار
ئاۋانگارت شەپەرەڭلەر
يول باشلايدۇ چەكسىز  زۇلمەت ئىچىگە قاراپ
قالاق پەرۋانىلار
يول باشلايدۇ كۈيۈپ تۇرغان ئوتنىڭ ئىچىگە
ئۈچىنچى خىل تاللاش يوق
يول تاپالمايمىز ئوتتۇرىسىدىن يالقۇن بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ

بىز چوقۇنغان ئاسماننى توسۇۋالدى قاغىلار
تىتىرىدىم سايىسىدا ئۇلارنىڭ . جانلىقلار ئىچىدە
تارىخى ئەڭ ئۇزۇن جانىۋار چىۋىن
بىراق ئۇ تۇتىم بولۇپ باقمىغان . چىرقىرايدۇ
كېپىنەكلەر قىيامەتتىن بېرىپ بىشارەت
ئۇلار گۇمران سالاھىيەت ۋەسۋەسسىدىن
جىمجىتلىقتىن قورقىدۇ تاۋاپ قىلغۇچى
چۈنكى مەھرۇم بولىدۇ ئۇ بارچە تاللاش پۇرسەتلىرىدىن
بىراق مەن سەرسان مامكاپمەن ، شامال مېنى ئۇچىرار ھەريان
قارغىلىش ، ھاقارەتكە ئۇچراش ، سۈيقەست ۋە تەھدىت
بىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقىمىز مانا بۇلار ھەممىسى
شۇندا مومىيالار تىرىلىدۇ خۇددى ۋابادەك

توسىۋالدى كۆزلىرىمنى قاغىلارنىڭ سايىسى
كۆرەلمەيمەن قانسىراپ كەتكەن قۇياشنى
بەكمۇ ئازاپلىق ئەڭ ئاخىرقى تاللاش باسقۇچى
مومىيالار ئايان بولار شۇ چاغدا
ئىسسىق قانغا ئىگە ئىدى ئاشۇ تەنلەر ئىلگىرى
قاغىغىن مۇھەببەتنى ، نەزىر قىلىپ
ئېقىت ئىسسىق قېنىمنى . زەھەرلىك
قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى توقۇغۇچى ئۆمۈچۈكلەر

سەرسان مامكاپمەن ، شامال مېنى ئۇچىرار ھەريان
سەرگەردانمەن ئاسمان بىلەن ئارىسىدا زېمىننىڭ
خالىمايمەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولۇشنى
خالىمايمەن لاۋۇلدىغان ئوت ئىچىدە مەڭگۈ كۈيۈشنى
سەرگەردانمەن گۈلخان بىلەن ئارىسىدا زۇلمەتنىڭ
بىراق سەندەك قورقمايمەن قاراڭغۇلۇقتىن
قورقمايمەن سوغۇق تۇپراقتىن
شۇڭا مومىيا بولغۇم يوق ھەرگىز
پەقەت
پەقەت مەڭگۈ ئاخىرلاشماس تاللاشلار ئۈچۈن
2004- يىل 7- يانۋار
ئۈرۈمچى

باشلىقنىڭ ئايالى

كارۋىتىنىڭ بېشىدىكى تومپوچكا ئۈستىگە
لىقلا دورا تىزىۋالغان. ئوخشاپ قالغان خىياللىرىمۇ
دورا كومىلىچى ئەمەس چاشقان مايىقى تولغان كامارغا.
مۇھەببەتتەك ئاستا ئاستا ئېرىيدۇ ئۇلار
غەزەپ بىلەن لىق تولغان ئاشقازان كىسلاتاسىدا.
تەشنا ئۇ غۇۋالىشىشىغا قارا ئۆت سۇيۇقلىقى
ئېشىپ كېتىش پەيدا قىلغان تەپەككۈرىنىڭ.
ئادەملەر قىستاپ ھېس قىلدۇرغان يالغۇزلۇق
چىقارمايدۇ ئۇنى دائىم ياتاق ئۆيىدىن.
ئورنى يوق ئېرىگە نەپرەتلىنىشنىڭ
ھېچ سەۋەب يوق ئۆچ كۆرۈشكە خىزمەتكارىنى
لېكىن
ھېس قىلىدۇ بىرەر نەرسىگە غەزەپلىنىش لازىملىقىنى.
نېمىگە قارىتىشنى بىلەلمىگەن نەپرەت
خۇمار قىلىپ قويدى ئاخىرى ئۇنى دورىغا.
تۇراقسىز كەيپىياتى ھېس قىلدۇرماس ھەتتا
ئاشنىدارچىلىقنىڭ جىنايەتلىك لەزىتىنىمۇ
ئۇيقۇ دورىسى پەيدا قىلغان خېمىيىۋىي چۈش.
پايدىلىنىپ ئۇنىڭ شەھۋانىيىتىدىن باشقىلارنى خىزمەتكە
ئورۇنلاشتۇرۇپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ئەمدى.
شۇڭا پەقەت قاندۇرۇش كېرەك دۈشمەنلىشىش ھەۋىسىنىلا
دېرىزىدىن چۈشكەن ئېغىر گۇگۇمنىڭ بېسىپ كېلىشى
ئىتتىرىدۇ ئۇنى دائىم مەستلىك ئىچىگە
چاچلىرى چۇۋۇلغان يۈزلىرى قانسىز
بارماقلىرى ئارىسىدا تىترەيدۇ ئۆچۈپ قالغان تاماكا.
ئۇنىڭغا كېرىكى ئۆزىنى قەتئىي
قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش
ئەنسىرەيدۇ ئۇ، پۇشايمان قىلىپ
ئۆز قارارىدىن يېنىۋېلىشتىن. قورقىدۇ
نەرسىلەر قالايمىقان تاشلىنىپ ياتقان
دورىلارغا تولغان ئاشۇ ئۆيىدە ئۇيقۇدىن ئويغىنىشتىن.

2008- يىل 6- ئاپرېل

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:22:32

ئېسىل شېئىر .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:15:14

   مېنىڭ كومپتۇرتىرىمدا شۇنداق كۆرىنىۋاتامدۇ ، نىمانداق بىر چەتتە چىقىپ قالغان ؟ ئوڭشاپ قويشاڭلار بوپتىكەن . ئادەمنىڭ ئىشى پۈشۈپ كېتىدىكەن .....

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 22:22:54

پەرھات تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ شېئېرلىرىدا ناھايىتى زور، پىكىر تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بار. ئوقۇغۇچىغا يىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان سىر باردەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما  مەن ھىس قىلغان بىر كەمچىلىك ( بەلكىم كەمچىلىك ئەمەستۇ) شېئرنىڭ تىلى يەڭگىل، ئويناق ئەمەس. شېئېرنىڭ تىلى ئۇنداق ئېغىر بولماسلىقى كىرەك دەپ ئويلايمەن.

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 10:13:57

نوچى شېئىرلاركەن
بەت: [1]
: پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى