mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:28:56

مۇشۇ ھالىتىڭىز بىلەنلا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قالسىڭىز...

مۇشۇ ھالىتىڭىز بىلەنلا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قالسىڭىز قانداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟
ئالەم بوشلۇقى تەسۋىرلەنگەن كىنو ھىكايىلەردە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئۇچراپ تۇرىدۇ: ئالەم كىمىسىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەندە، بىر پىرسوناژ ھىچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى يوق ئەھۋالدا ئالەم كىمىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، دۈشمەنلەرنى بىپاياپ ئالەم بوشلۇقىغا يولغا سالىدۇ. ئۇنداقتا ئالەم كىيىمىنڭ قوغدىشى بولمىغان ئەھۋالدا، ۋە ياكى كومپيوتىر ئالدىدا ئولتۇرغان ھالىتىڭىز بىلەنلا ئالەم بوشلۇقىغا، ياكى ھاۋا بىسىمى نۆلگە يىقىنلىشىدىغان مۇھىتقا چىقىپ قالسىڭىز زادى قانداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟ مۇقەرەركى ئۇزۇن ۋاقىت ھايات قالغىلى بولمايدۇ.
ئۇنداقتا زادى نىمە ئىش يۈز بىرىدۇ؟ كۆزلىرىڭىز چاچراپ چىقامۇ؟ ياكى قانلىرىڭىز ۋاراقلاپ قايناپ ھورغا ئايلىنىپ كىتەمۇ؟ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىكى ھايۋانات تەجىربىلىرى ۋە ئالەم بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن مەلۇم بولدىكى، ئادەم ئالەم بوشلۇقىدا قالسا ھەرگىزمۇ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق قورقۇنۇچلۇق بولمايدۇ.
ئالەم بوشلۇقىدا قالسىڭىز ئەڭ ئالدىدا ھىس قىلىدىغىنىڭىز ئوكسىگىننىڭ كەملىكى، شۇنداقتىمۇ دەرھال ھوشىڭىزنى يوقىتىپ ئايلىنىپ كەتمەيسىز. بەدىنىڭىز داۋاملىق قىنىڭىزدىكى ئوكسىگىندىن پايدىلىنىۋىرىدۇ، بۇ تەخمىنەن 15 سىكىنۇت داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا سىز نەپەسلىنىشنى توختىتىپ قويمىسىڭىزلا يەنە تەخمىنەن 2 مىنۇت ياشىيالايسىز، مەڭگۈلۈك ئاسارەتمۇ قىپ قالمايدۇ.
ئەگەر نەپىسىڭىزنى قىسىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا پاجىئە يۈز بىرىدۇ. ھاۋا بىسىمى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۆپكىڭىزدىكى ھاۋا تىز سۈرئەتتە كىڭىيىپ ئۆپكىڭىزنى يىرتىۋىتىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنىىڭ ۋاكۇمدا ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز، تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىش دەرھال ئۆپكىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋىتىش.
ھىچقانداق ئامال قىلىغىلى بولمايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، بوشلۇقتا قىلىپ تەخمىنەن 10 سىكۇنۇتتىن كىيىن بەدىنىڭىزدىن توختىماي تەر چىقىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. سەۋەبى تۆۋەن بىسىم شارائىتىدا، بەدىنىڭىزدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھورلىنىشقا باشلىغانلىقىدا. ئادەم تىرىسىنىڭ چىدامچانلىقى يىتەرلىك كۈچلۈك بولغاچقا، شارغا ئوخشاش ۋاڭڭىدە ئېتىلىپ كەتمەيسىز. ئەگەر نورمال مۇھىتقا قايتىپ كەلسىڭىز، بەدىنىڭىز نورمال ھالەتكە قايتىپ كىلەلەيدۇ.
ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قالسىڭىز، شوك بوپ قالمىسىڭىزلا قان ئايلىنىشىڭىز نورمال داۋاملىشىۋىرىدۇ، چۈنكى قان ئايلىنىش سىستىمىڭىز يىتەرلىك قان بىسىمى بىلەن تەمىنلەپ قاننىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 1965- يىلىدىكى بىر قىتىملىق تەجىربىدە، جىم (宇航员Jim LeBlanc) دەيدىغان بىرسىنىڭ ئالەم كىيىمىدىن گاز قىچىپ، ۋاكۇم شارائىتقا كىرىپ قالغان. ۋەقەدە جىم بۇرادەر 14 سىكىنۇتقىچە ھوشىنى يوقىتىپ قويمىغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھوشىدىن كىتىشتىن ئاۋال ھىس قىلغىنى تىلىدىكى سۇنىڭ قايناپ كۆپۈكچىلەرنى ھاسىل قىلغانلىقى ئىكەن. تەجىربىگە قاتناشقان تەتقىقاتچىلار 15 سىكىنۇتتىن كىيىن نورمالسىزلىقنى بايقاپ، ۋاقتىدا ھاۋا بۆلمىسىگە ھاۋا تولدۇرۇپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
ئالەم كىمىسىنىڭ قوغدىشى بولمىغاچقا، مۇشۇ پىتى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قالسىڭىز ئالەم نۇرلىرى(宇宙射线) نىڭ ئاستىدا قىلىپ ئىغىر دەرىجىدە كۆيۇپ قىلىشىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن بىسىم كىسىلى(减压病) بولۇپ قىلىشىڭىز مومكىن. گەرچە ئالەم بوشلۇقىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن (نۆلدىن تۆۋەن 200 نەچچە سىلىتسىدىنمۇ تۆۋەن) بولسىمۇ، تۇنجۇقۇپ قىلىشتىن بۇرۇن مۇزلاپ قىتىپ قالمايسىز. چۈنكى ئىسسىقلىق ئالماستۇرىدىغان ھاۋا ئىقىمى ياكى جىسىم بولمىغاچقا ئىسسىقلىق دەرھال تارقىلىپ كەتمەيدۇ.
ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدا ئۆلۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ ئالەم بوشلۇقىدا ئوكسىگىن كەم بولغاچقا، جەسەت يەر شارىدىكى ئادەتتىكى جەسەتلەردەك چىرىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر جەسەت ئىسسىقلىققا يىقىن بولسا قۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا موميا بوپ قالىدۇ. ئالەم كىيىمىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالسا، كىيىم ئىچىدىكى ئوكسىگىن تۈگەپ قالغۇچە چىرىيدۇ. قانداق ئۆلۈشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، ھاۋا كەمچىل بولغاچقا جەسىدىڭىز پارچىلانماي، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا مىليون يىللاپ ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ.
(مەنبە: 百度)

دىمەك مۇكەممەل مۇداپىئە تەدبىرى بولمىسا ئالەم بوشلۇقىغا چىقمىغان ياخشىكەن. ئەمدى نەق گەپنى قىلساق، ئالەم بوشلۇقىدا ۋە ياكى مۇتلەق ۋاكۇمدا زادى تىمپىراتۇرا بولامدۇبولمامدۇ؟ مۇشۇنى پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەممەيمىنا.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 21:39:28

مىليون يىل ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ دىگەنگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن...ھاۋا بولمىسا جەسەتمۇ چىرىمايدۇ دە راست...
بەت: [1]
: مۇشۇ ھالىتىڭىز بىلەنلا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قالسىڭىز...