kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 20:29:23

كونا فىلىم - شادىمان دوستلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 20:31  



كۆپ قىسىملىق بالىلار چاتما تېلىۋېزىيە تىياتىرى:  شادىمان دوستلار : 5-قىسىم-يازلىق لاگېر
(تېمىدا پەقەت مۇشۇ بىرلا قىسىم بار)
ئاپتورى:رەنخوڭ
رېژىسسور: مۇختەبەر مەخسۇت
ئوپېراتور: جۈرئەت غالىپ
كومپوزىتۇر،مۇزىكا ئاكودلاشتۇرغۇچى: مەرھۇم ھېكىم ھەسەن
ناخشا تېكىستى ئاپتورى: مەرھۇم مۇھەممەدئېلى زۇنۇن تەشنائى
ئۈنئالغۇچى،تەقلىدىي ئاۋاز ئىشلىگۈچى:تېكىچىك
فىلىم ئىشلىگۈچى: مۇختەبەر مەخسۇت
سىۋىتچىك:ئۆركەش تۇرسۇن   ئىلىيار ھۈسەنجان
روللاردا:
ئالىمجان...........شەۋكەت ھاجى راخمان
جۈرئەت............مەخمۇتجان مەمتېلى
ۋەلى................ئابدۇۋەلى كېرەم
گۈلنار..............ئادىلە ئابدۇروسۇل
ئارزۇگۈل...........گۈلىستان توختى
راخمان..............دىلشات ئىبراھىم
گېئولوگ خادىمى....ياسىنجان توختى
يېتەكچى.............گۈلىستان مۇھەممەد
دوختۇر..............ئەيسا ناسىر
باشقا روللاردا:
نادىرە ئابدۇراخمان
قۇربانجان مېھمانجان
تەرجىمە قىلغۇچى:خېلىل كەنجى
ئاۋاز بەرگۈچىلەر:
تۇرغۇن ئىبراھىم
ئارزۇگۈل روزى
ئارزۇگۈل مۇھەممەد
گۈلپىيە تۆمۈر
پەرھات ئابدۇرىشىت
ئابدۇكېرەم ئابلىز
فىلىم چىقارغۇچى: شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسى

رەقەملەشتۈرگۈچى، ئۇچۇر رەتلىگۈچى، رىكلام لايىھە، كېيىنكى مۇنتاژ: يىلتىزىم تورى
يازما مەنبەسى: يىلتىزىم تورى
ئادرېسى:http://yiltizim.net/2014/08/01/%D8%B4%D8%A7%D8%AF%D9%89%D9%85%D8%A7%D9%86-%D8%AF%D9%88%D8%B3%D8%AA%D9%84%D8%A7%D8%B1/

ھۈججەت ئۇچۇرلىرى:
فورماتى:mkv
سىغىمى: 570MB
رازمېرى: 576*720

ئىزاھ:
   بۇ فىلىم كونا سىنئالغۇ لېنتىسىدىن رەقەملەشتۈرۈلدى، كۆرۈنۈش ھەم ئاۋاز سۈپىتى كۈچىمىز يەتكەن دائىرە ئىچىدە ئەڭ
سۈپەتلىك ھالەتتە ساقلاپ قېلىندى؛ مەنبەنىڭ تورلاردا  ئىگە-چاقىسىز يېتىمسىراپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تور بەت
تامغىسى فىلىمگە ئۇرۇلدى؛ فىلىم شۈنلېي بوشلۇقىغا يوللاندى، ئۇلىنىش ئادرېسى ھەر يەرلەردىكى ئوندىن ئوشۇق IPدا سىنالدى، ئەگەر يەنىلا ئۇلىنىشتا خاتالىق كۆرۈلسە، چېچىلىپ كەتمەي سىلىق ئىنكاس قىلساڭلار، بىز ئامالىنى قىلىمىز؛ فىلىم ئەسلىدىمۇ سۈزۈك بولمىغاچقا يوكۇ ياكى بەرەڭگە قاتارلىق سىن بەتلىرىگە يوللاپ تېخىمۇ چاپاقلاشتۇرۇشنى خالىمىدۇق،ياقتۇرسىڭىز چۈشۈرۈپ
شۇ پېتى ساقلاپ قويۇڭ،سىن تور بەتلىرىگە يوللاپ چاپاقلاشتۇرماڭ.

فىلىم ئاساسلىق ناخشىسىنى چۈشۈرۈش
تولۇق فىلىمنى چۈشۈرۈش

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:38:56

رەھمەت

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:23:51

بۇ كىين ئىشلگىنكەنغۇ، ھېلقى ھېسامكامنىڭ ئوغلى باش رول ئالغان دەسلەپكى نۇسقىسى يوقمۇ ، تۇنجى قېتىم ئىشلىگىندە يېزا باللرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىي ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ فىلىم بەك ياخشى ئشىلىنىپتىكەن. كېيىن ئشىلىگىنىنى پەقەت ياقتۇرمىغانتىم.

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:26:05

ھەراس ئۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىمۇ بەك ياخشى ئىشلىنىپتىكەن .   ئۇ ناخشىنىڭ ئسىمى شانلىق كارۋانغۇ دەيمەن. ئاشۇ فىلمنى تاپقىلى بولسا چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويسام دەيمەن،

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:36:07

turan83 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 09:23 static/image/common/back.gif
بۇ كىين ئىشلگىنكەنغۇ، ھېلقى ھېسامكامنىڭ ئوغلى باش رول  ...

سىز ھەممە قىسىمنى تولۇق كۆرۆپ باققانمۇ؟  ياكى يۇمۇر سۆزلەۋاتامسىز{:92:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:50:22

20 نەچچە مىنۇتلۇقلا بىر قىسىم چۈپتىغۇ ؟ كۆپ قىسىملىق دەۋاتىتى بۇنى ؟
نەدىن تولۇق چۈشۈرگىلى بولىدۇ ؟
يەنە مۇشىنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىك كىنو بولىدىغان ( كۆرۈك) مۇ ياكى ( ياغاچ كۆرۈك) مۇ ئىشقىلىپ ئىككىسىدىن بىرسى

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 14:55:05

بىزدە بارى پەقەت مۇشۇ بىرلا قىسىم. چاتما فىلىم بولغاچقا ھەر بىر قىسىمنىڭ مەزمۇنى مۇستەقىل.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:21:25

ئالىمجان، جۈرئەت يەنە بىر ئوماق قىز چىقىدىغان شادىمان دوسلار ناملىق بالىلار فىلىمى بۇ ئەمەسمۇ؟

نىمىشقا بۇرۇنقىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:23:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 17:24  

يىلتىزىم تورىدا بۇ كىنونىڭ كۆرۆش ۋىدىئوسى توختىتىلىپتۇ.

گۇمانىم بويىچە:  شادىمان دوسلار ناملىق بۇ كىنونىڭ، ناخشا تىكىستى ھۆكۆمەتكە ياقمىغان چىغى بار.  بولمىسا ۋىدىئونى چەكلەپ نىم قىلىدۇ؟

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:46:46

خوتەن دىيارىدا  چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە  ئامالسىزمەن   

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 17:53:08

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 15:23 static/image/common/back.gif
يىلتىزىم تورىدا بۇ كىنونىڭ كۆرۆش ۋىدىئوسى توختىتىلىپت ...

يىلتىزىم تورىدا بۇ كىنونىڭ كۆرۈش ۋىدىئوسى توختىتىلغىنى يوق. قويۇلمىغان بولسا تور كۆرگۈنىڭ ئىشى. تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 18:00:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 18:01  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 15:21 static/image/common/back.gif
ئالىمجان، جۈرئەت يەنە بىر ئوماق قىز چىقىدىغان شادىمان  ...

سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بەك ئۆزگىچىكەن، ھەمىشە ئويلاپ باقمىغان نۇقتىدىن چىقىپ پاراڭ قىلىدىكەنسىز. سىز چۈشەردىڭىزمۇ ما فىلىمنى؟ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىپ سۆزلەۋاتامسىز ياكى تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن سۆزلەۋاتامسىز؟ ئالىمجان ، جۈرئەتلەر چىقىدىغان ئاتالمىش «شادىمان دوستلار»دېگەن فىلىمدىن يەرشارى بويىچە پەقەت ۋە پەقەت بىرسىلا بار. ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ تېمىدىكى شۇ. فىلىم 92-يىلى ئىشلەنگەن،بىرلا قېتىمدا پۈتۈن قىسىملىرىنى بىراقلا ئىشلىۋەتكەن. بۇرۇن ئىشلىگەن ياكى كېيىن ئىشلىگەن دەپ ئىش يوق. يەنە كېلىپ ئاشۇ ئالىمجان ، ئاشۇ جۈرئەتلەر مۇشۇ 5-قىسىمىدىمۇ مەۋجۇت!
فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمى مۇستەقىل مەزمۇنغا ئىگە. بەلكىم سىز ماۋۇ قىسمىنى كۆرمىگەن بولسىڭىز،باشقا قىسىملىرىنى يادىڭىزغا كېلىپ ئەمەسكەن دەۋاتقانسىز. ئاشۇ ئالىمجان،جۈرئەتلەر چىقىدىغان،مۇختەبەر مەخسۇت رېژىسسورلۇق قىلغان رىۋايەتلەردىكى «شادىمان دوستلار»دەل مۇشۇ شۇ، مۇشۇ 5-قىسىم دەل ئەشۇ فىلىمنىڭ بىر قىسمى.

نېمىشقا بۇرۇنقىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ دېگەن گېپىڭىزگە كەلسەك، بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مېنىڭمۇ بەك بىلگۈم بار.ماڭا بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن پۈتۈن فىلىملەرنىڭ ھەننىۋاسى باردەك، بىز تاپالماي يۈرگەندەك بىلىنىدۇ. سىزگىمۇ شۇنداق بىلىنەمدۇ؟

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 18:25:39

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 18:00 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بەك ئۆزگىچىكەن، ھەمىشە  ...

ۋاي نىمانداق تۇۋىقى ئېچىلمىغان قازاندەك قايناپ كېتىسىز ، بۇ فىلىم دەسلەپتە ئىشلەنگەن قسىملىرىدا ئالىمجان رۇلىنى ھېسامكامنىڭ ئوغىلى ئالغان (لېكىن ئۇ بالىنىڭ ئىسىمنى ئۇقمايدىكەنمەن)، فىلىنىڭ نۇرغۇن كۆرۈنۈشلىرى غۇلجىنىڭ يېزىلىرىدا سۆرەتكە ئېلىنغان .لېكىن كىين ئشىلىگەنلىرىدە بولسا ئالمىجان رۇلىغا باشقا بىرسى چىقتى ئۇنىڭ ئۈستىگە فىلمنىڭ مەزمۇنىمۇ ئۆزگۈرۈپ يېزدىكى شادىمان باللاردىن شەھەردىكى شادىمان باللارغا ئۆزگۈرۈپ قالدى. قارىغاندا دەسلەپتە ئشىلىگەن قىسملىرىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغانلار جىق ئوخشايدۇ . 20يىلدىن بۇيان دەسلەپتە ئىشلەنگەن قىسىملىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 20:07:38

يالقۇن تاغدىن كەلگەن داپچى دىگەن فىلىممۇ بۇلىدۇ.باشلانغۇچتا بىر قىتىم كورگەن پىتى ھازىرغىچە كورۇپ باقماپتىمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 22:23:07

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 20:00 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز بەك ئۆزگىچىكەن، ھەمىشە  ...

بۇ فىلىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرسىڭىز، يىلتىزىم تورىغا چىقارغان يىڭى دەۋىر شادىمان دوسلارنى ھەرگىز كۆرمەيسىز.  

1995 - يىللىرى تىلىۋىزىيدە قويۇلغان ‹‹ شادىمان دوسلار ›› دىگەن ئۇ فىلىمنى سىز كۆرمىگەن ئوخشايسىز.  شۇڭا مىنىڭ ئىنكاسىم سىز ئويلىغان يەردىن چىقمىغان گەپ،  
يەنى سىزنىڭ : 1990 يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان ياشلار قاتارىدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم.  مەن 1981 - يىلى تۇغۇلغان.
5 ياش ۋاقتىمدا تۇنجى  بولۇپ، تىلىۋىزۇردا قويۇلغان كىنولارنى ئەسلىسەم، 81 - يىلدىكى غەربكە ساياھەت، يىچاقچى پالۋان-گۇجىن بىلەن يۇڭئىرنىڭ 80 يىلدىكىسىسنى قويوۋاتقان ئىكەندۇق. سىز بەلكىم كۆرۈپ  باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 22:25:05

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 19:53 static/image/common/back.gif
يىلتىزىم تورىدا بۇ كىنونىڭ كۆرۈش ۋىدىئوسى توختىتىلغى ...

تور كۆرگۈ ie11 نى، يىلتىزىم تورى قوللىمامدۇ؟
مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ۋىندوۋىس 7 ھەقىقىي نەشىرى،    سىزنىڭكىچۇ؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 23:08:07

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 22:25 static/image/common/back.gif
تور كۆرگۈ ie11 نى، يىلتىزىم تورى قوللىمامدۇ؟
مىنىڭ ئىش ...

مەن كرومنى ئىشلىتىمەن، IE  نى سىناپ باقمىدىم.  كرومدا نورمال ئېچىلىدۇ. سىناپ بېقىڭ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 23:14:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 23:17  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 22:23 static/image/common/back.gif
بۇ فىلىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرسىڭىز، يىلتىزىم تو ...

غەربكە ساياھەت 86-يىلى ئىشلەنگەن. مەنمۇ 84 تۇغۇلغان. بۇ فىلىم بەلكىم 20 قىسىم ئەتراپىدا بولسا كېرەك. مەخمۇت ھېسام چىقىدىغان قىسىملىرىنى مەنمۇ كۆرگەن. بۇ فىلىم 92-يىلى ئىشلەنگەن، بۇنچە تالىشىپ كەتكىدەك ئىشمۇ ئەمەستى بۇ.
بىزمۇ شۇ بىرلا قىسىمنى تاپالىدۇق، تاپقىنىمىز بىرلا قىسىم بولسىمۇ،تەڭ بەھرلىنىلى دەپ چىقاردۇق. ھەرگىز كۆرمەيسىز دەپسىز،
سىز شۇنداق ئويلىسىڭىز بوپتۇ. بۇ ئىشلار قانداقتۇر بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ياكى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقى بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار ئەمەس.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 23:25:50

turan83 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 18:25 static/image/common/back.gif
ۋاي نىمانداق تۇۋىقى ئېچىلمىغان قازاندەك قايناپ كېتىس ...

بالىلار چاتما تېلىۋېزىيە فىلىمى بولغانىكەن يېزىلىقمۇ شەھەرلىكمۇ بولىدۇ، مەزمۇنلىرى مۇستەقىل بولىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇن چېتىلىش دائىرىسى كەڭ. باشتىكى قىسىملىرىدا مەخمۇت ھېسام رول ئالغان. كېيىن رول ئالغۇچى ئالمىشىپ كەتكەن بىلەن فىلىم يەنىلا شۇ فىلىم،ئوبراز يەنىلا شۇ ئوبراز. شانلىق كارۋان دېگەن ناخشا مەن چىقارغان مۇشۇ قىسىمنىڭ خاتىمىسىدە بار،چۈنكى ئۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى. بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا تۇرغۇن ئىمىر،ئابدۇللا ئابدۇرېھىملارمۇ چىقىدۇ. مەزمۇنى ھەر قىسىمنىڭ مۇستەقىل بولغان بىلەن فىلىم يەنىلا شۇ فىلىم شۇ. فىلىمنىڭ ئىسمى باشتىن ئاخىر «شادىمان دوستلار»، قانداقتۇر «يېزىلىق باللار»ياكى «شەلىك باللا»دەپ قويۇلمىغان. فىلىم كۆرۈشكىمۇ ئاز-تولا ساۋات لازىم. ئۇھ.... ئەجەپ چارچاتتى ما تېما.
مانا تۇۋىقى ئېچىلغان قازاندەك تەمكىن جاۋاب بەردىم.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 07:31:13

ساقلاپ قويغۇدەك قىممەتلىك فىلىم،بولسا باشقا قىسىملىرىنىمۇ تاپقىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى،بالىلىقىمىزدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ بىرىدە بۇمۇ:)
بەت: [1] 2
: كونا فىلىم - شادىمان دوستلار