xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 20:02:17

ئاخىرقى نەپەس(شەھلا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 20:03  

ئاخىرقى نەپەس


گۇگۇم پەيتىدىكى قوياش، ئازاپلىق تولغۇنۇپ پاتقىلىۋاتقاندا، توزغۇپ تۇرغان توپىلىق يولدا ئالدىرىماي مېڭىپ كېلىۋاتقان بىرسى بارغانسىرى سۆرۈنلىشىۋاتقان ھاۋاغا قاراپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى، ئۇنىڭ چىرايىغا ماس كەلمىگەن ئاق چاچلىرى نامازشامنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدىمۇ ئېنىق كۆرىنەتتى.
ئۇنىڭ ئىسمىنى دىگىم يوق، ئىسىم نىمىگە كېرەك ئىدى، سىز ھېكايەمنى ئوقىۋاتقاندا ئۇنىڭغا خالىغان بىر ئىسىمنى قويىۋىلىڭدە، ئۇنى بىر دادا دەپ ئويلاۋىرىڭ!
چاچلىرى سۇۋار ئاقارغان، چىراي-تېرىلىرى قارامتۇل كەلگەن، بوي-بەستى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلاردىن پەرىقسىز بۇ ئادەم ئەنە ئاشۇنداق، قاراڭغۇ كېچىگە يېقىنلاشقان بىر گۇگۇمدا يالغۇز ئاياق يولدىن ئاستا مېڭىپ قاقاس كۆرىنىدىغان ئېتىزلىققا يېقىن مەھەللىدىكى ساناقلىقلا بىر قانچە ئۆينىڭ بىرسىگە كىرىپ كەتتى.
ياشلىقىدا قىسقا مەزگىل ھوسنىگە تولۇپ، ئاسانلا ئىسكەتىدىن كەتكەن ئايالى ئۇنى ساقلىغاچ ئوچاق بېشىدا بىر ئىشلارنى قېلىپ يۈرەتتى.
ئايال بەكلا بەردەم، بەردەم دىگەنلىكىم، ئۇنىڭ زور بەستىنى كۆز ئالدىڭلارغا ئەكىلىش ئۈچۈن، ئۇ شۇ بەردەملىكى بىلەن نۇرغۇن دەرتلەرنى كۆتۈرۈپ جاپاغا پۇچۇلماي بۇ كۈنگە ئۇلاشقان، لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ قوي كۆزلىرىگە قارىسىڭىز، ئادەم چۆكۈپ كەتكۈدەك تەشۋىشنى كۆرىسىز.
ئايال ئېرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوچاق بېشىدىكى چاي چەينىكىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى پىيالە بىلەن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلغان ئۈستەلگە ئېلىپ كەلدى، قازاندا سۇ قايناپ تۇراتتى، ئوچاققا يۈلەپ قويۇلغان يەنە بىر ئۈستەلدە،  لەغمەن پىلتىسى بېسىلغان لىگەن ھەم قورما ئۇسۇلغان كورا بار ئىدى.
ئەر ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۈستەلنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئايالىنىڭ چاي قۇيۇپ بېرىشىنى ساقىلىدى، ئاندىن پىيالىنى ئېلىپ ئىسسىق ھەم قېنىق چايدىن ئوتلىدى، چاي راھەتلەندۇردى بولغاي، تەشنالىقى قانغاندىن كېيىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى.
لېكىن ئاچچىقتىن تېخىمۇ قارداپ كەتكەن چىرايى ئېچىلمىدى، ئايالمۇ ئۇنىڭ مېمكىسىدىن ھەممىنى چۈشەندى، ئارتۇق گەپ قىلماي قازان بېشىغا كەتتى.
ئۆي ئىچى بەكلا ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، ئىككى ئېغىز ئۆيدىكى بار بىسات، ئىككى كىشلىك ھەم بىر كىشلىك ياغاچ كارۋات، پەردىلەرگە تارتىلغان 90-يىللاردا شەھەرلەردە مودا بولغان نىلۇن تور پەردە، خەيئېر ماركىلىك رەڭلىك تېلۋىزور، ئىچكىركى ئۆيدىكى ئۇيۇن ئوينىغىلى بولىدىغان تورسىز كومپىيۇتېر، ھەم كومپىيۇتېر قويۇلغان تارتمىلىق ئۈستەل، قازان بېشىدىكى بىر يۈرۈش قاچا-قۇچا، پىچاق ئاشتاختىلار. خېلى بەكلا كونىرىغان ئىككىنچى قول توڭلاتقۇ، مانا مۇشۇنچىلىك، بەلكىم ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرى ھەم كىرلىرىنى يۇيىدىغان كىر ئالغۇلىرىنى سۆزلىشىم كېرەكتۇر، بىراق قانچىلىك تەپسىلى يازساممۇ تۇرمۇشقا لازىم بولدىغان ئەڭ مۇھىم بىساتلاردىن باشقا ھەشەملىك ھېچنىمە يوق. ئايالدا بىر تال ئۈزۈك ھالقا چاغلىق ئېرىق مال يوق، ئەردە بولسا ئەڭ ئەرزان پەقەت سۆزلەشسىلا بولىدىغان يانفۇن بار.
ئىككىسى بارلىق گەپلىرىنى دەپ تۈگۈتۈپ بولغاندەك جىممىدە ئولتۇرۇپ تامىقىنى يېيىشتى، بىر كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاچلىق ھەم ئۇسسۇزلۇقتىن قىينالغان ئەرنىڭ چىرايى ئەمدى ئېچىلدى، ئۇنىڭ مىجەزى ئاشۇنداق، قورسىقى ئېچىپ كەتسە شۇنچىلىك تەرسا بولۇپ كېتىدۇ، قورسىقى تويسىلا مىڭ قويى تاققا چىقىدۇ، ئەگەر بېشىدا تاغدەك غەم بولمىغان بولسا ئىلگىركىدەك خۇشچاقچاق ھالىغا قايتالىغان بولار ئىدى، ئۇ ئۆلۈم پەتىلىرىدىمۇ ھەزىلچىلەردەك بىر خىل كەيپىياتتا يۈرىۋىرەتتى، بەزىدە قاملاشتۇرۇپ يۇمۇر ئېيتىشلىرىمۇ بار ئىدى، بىراق ھازىر ئۇنىڭغا ھېچنىمە خوشياقمايدۇ، ھارىدى، سوزۈلۈپ يېتىپ ئۇخلىۋالغۇسى بار، لېكىن كارۋاتقا چىقسا ئۇيقىسى كەلمەيدۇ، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئۇ قېرىپ باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدى. ئايالى ئىككىسى بىر بىرسىگە بەك ماس كېلەتتى، ئوغلى تۇغۇلغاندا ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى، گەپنىڭ قىسقىسى ھەممە ئادەملەردە بولىدىغان بەختىيار كۈنلەر ئۇلاردىمۇ بولۇپ باققان، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچىكىنى تېتىپ بېقىشقان، ئەر تېخى ئانچە –مۇنچە پۇل تاپقان، پۇل تاپقاندا ئايالىدىن چېنىپمۇ باققان، شۇ ۋاقىتلاردا ئايال ئاجايىپ بىر خىل سەۋرىچانلىق بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەن، ھەممىسى ئۆتمۈش بولۇپ، كۈنلىرى ئىزىغا چۈشكەندە ئوغلىنڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۈگىنىۋالغانلىقىنى بايقاشتى، ئۇلارغا ئوغلى ئۆزىنىڭ زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتتى، ھەم تاشلىغۇسى بارلىغىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى، ئوغۇلنىڭ يىغىسى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئۇلار بىر كېچە كىرپىك قېقىشماي تاڭغا ئۇلاشتى، ئۈمۈدسىزلىك چىرمىغان روھى شۇكېچىدە بەرباد بولدى، زەھەر تاشلىغان ئادەمنى ئاڭلىغانلار بار كۆرگەنلەر يوق دەپ ئويلايتتى ئۇلار، ئوغۇلمۇ زەھەرنى تاشلاشنى ئاتا-ئانىسىغا ھاۋالە قېلىپ، ئۆزى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قايسى كوچىدا زەھەر بولسا شۇ كوچىغا پاشچىلاپ كىرىپ كەتتى، پات-پات ئۇلارغا زەھەر تاشلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، باشتىكى لەۋزىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭچە بولسا ئاتا-ئانىسى ئامال قىلسىلار ئۇ زەھەر تاشلىيالايتتى.
ئەر يېتىپ قالغان ئوغلىغا قاراپ  پۇچۇلانغان ئاتا-ئانا ئۇنى زەھەر تاشلاش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىشتى، شۇنداق بۇ جەريانلار ھەممە ئادەمگە تونۇش، كىمدە كىم زەھەر چەككەن بىراۋلار توغۇرلۇق سۆزلىسە مۇشۇنداق سۆزلەيدۇ، بۇ كاساپەتكە ئاتالغان ھېكايىلەرنىڭ ئىككىنچى بىر خىل  ۋاريانتى يوق، باشتىن ئاخىرى بىر خىللا، ئۇلارمۇ مۇشۇ زېرىكىشلىك ھەم ئۈمۈدسىزلىككە تولغان ۋەقەلىك ئىچىدىن مېڭىپ چىقىپ، ئاخىرى شەھەردىكى ماكانىنى تاشلاپ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر يېزىغا كۆچۈپ كېلىشتى، بۇ ئەتىراپتا چەكسىز كەتكەن قۇملۇق ھەم كىچىككىنە يېشىللىقتىن باشقا ئاق ياكى قارا رەڭلىك نەرسىلەر يوق دەپ قاراشتى.
ئالدىنقى كۈنى ئوغۇل سەھەردە بىر چىقىپ كەتكەنچە ئۆيگە قايتىپ كىرمىدى، دادا بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئىزدىدى-ئىزدىدى تا ھازىغىچە ئىزدىدى، بارالىغان جايىغا بېرىپ باقتى، ئاۋازىنىڭ يېتىشىچە توۋلاپ باقتى، يوق...
باشتا ھاۋا بۇلۇتلۇنۇپ ئاينى كۆرگىلى بولماي قالدى، كېيىن بارا-بارا بۇلۇتلار تارقاپ ئاسماندا ئاي كۆرۈندى، يۇلتۇزلارغا قاش بولغان ھېلال ئاي جىمىجىت ئېسىلىپ تۇراتتى.
  يېزىدىكى قاراڭغۇ ئىسلاشقان ئۆيلەرنىڭ ئەكسىنچە ئاپپاق ئاقارتىلغان ئۆيدە ئەر-ئايال ئىككىسى تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئىشىككە قاراپ ئولتۇرۇشتى، تۈن نېسبىدىن ئاشقىچىمۇ ئۇيقىلىرى كەلمەي پاراڭلاشتى، يىراق شەھەردە قالغان ئادىمەتچىلىكلىرى، قوشنىلىرنىڭ بەزى ئىشلىرىنى  دىيىشتى، ۋەيران بولغان ئىدارىسىنىڭ كونىراپ قالغان خەۋەرلىرىنى قايتا ئەسلەشتى، يىل تارىخلىرىنى قايتۇرغاندا تارتقان ئۇۋالچىلىقلىرىنىمۇ دىيىشىپ باقتى. لېكىن ئىشىك ئېچىلمىدى.
ئايال ئاخىرى چىدىماي ئۈن سېلىپ يىغلىغىلى تۇردى، ئەر يەنە تاماكا چەكتى. يەنە چەكتى.
ھويلىغا چىقتى،
ئاسماندا ئاي بار ئىدى، يۇلتۇز بار ئىدى، ھاۋامۇ شۇنداق ياخشى، ئۇ قېنىپ بىر سۈمۈرگەنتى، ساپ ھاۋا دىماقلىرىدىن يامراپ كىرىپ ئوپكىسىدىن ياشناپ ئۆتۈپ قاتتىق تارتىشىپ تۇردىغان بىر يەرگە تاقىشىپ قاڭقىپ يېنىپ چىقتى، ھاۋانى مۇشۇنداق سۈمۈرۈش بەك راھەت بىلىندى، قايتا-قايتا بىر نەچچىنى شۇنداق راھەتلىنىپ نەپەسلىنىۋالدى، ئوغلىنىڭ ئاپپاق يۈزلىرى بەك چىرايلىق، كۆزلىرى ئۆنىڭ كۆزىگە ئوخشاش قاپ-قارا،  چاچلىرى بۇدۇر، بەستى ئۇنىڭدىن زور، مۇسكۇللىرى قاتقان ئىدى، يول ماڭسا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئىنتايىن كۆرەڭلىك بىلەن ماڭاتتى، ئوغلىنى ھەر كۆرگەندە ئىچ-ئىچىدىن شۇ قەدەر ئېرىيتىكى، ئوغلىغا بولغان ئامراقلىقىنى ئىپادىلەپ بولالماي ئۇگۇللۇنۇپ كېتەتتى.
ئۇ يالغۇز ئاياق توپىلىق يولدىن ئوغلىنىڭ ئۆي تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدى، ئوغلى كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۇ تولا كۇماندۇرۇپكىغا چىقاتتى، ھەر سەپەردىن يانغاندا ئۆيگە كىرىپلا ئوغلىنى چىڭ قۇچاقلاپ چىشلەپ، سۆيۈپ، مىجىقلاپ ئەركىلىتىپ كىتەتتى، (-كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ)، دەپ شالدامىلىرنى پۇراپ كېتەتتى، كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ ئۇنى پۇراپ ئۇخلايتتى، ئوغلىنىڭ ئاشۇ تۇنۇش پۇرىقى ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلغاندەك بولۇپ، بايىقى ساپ ھاۋا بىلەن قوشۇپ تەڭ ھېدلىغۇسى كېلىپ يەنە بىر چوڭقۇر نەپەس ئالغان ئىدى، ھاۋا بىراقلا ھېچيەرگە تاقاشماي كىندىكىگىچە چۈشۈپ كەتتى، ئاندىن شۇنچىلىك زەرىپ بىلەن ياندىكى كىندىكىدىن مۇجۇپ كەلگەن بىر ئاچچىق ئاغرىق كۆكرىكىنى قاتتىق قاماپ، ئىچ باغرىدىكى بارلىق ھاۋانى تۈگەل ھەيدىگىنىچە نەپەسلەر نەپەسلەرنى قوغلىغاندەك كەڭ بوشلۇققا تارىلىپ كەتتى.

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 20:41:11

ئىككىنجى قول دېگەندىن نىمكەش دېگەن تۈزۈك. ھېكايىڭىزگە رەھمەت.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:37:38

يەنەبىر بەخىتسىزلەرنى يېزىپسىز .ياخشى ھېكايە ،لىكىن ،مەن  بۇنداق ۋەقەلىكلەرنى ياقتۇرمايمەن .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:06:59

مەن بىر ھېكايە يازسام دەيمەن، ۋەقەلىكىنى ئاجايىپ زىچ قىلىپ ئەدەمنى قىززىقتۇرىدىغان، چۈشۈنۈشلۈك ،ئىخچام قىلىپ ، بىر بېتىنى ئوقۇسا يەنە بىر بېتىنى ئوقۇغۇسى كىلىدىغان قىلىپ، ھېكايە جەلىپكارلىقى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققاندا باش پېرسوناژنى ئۆلتۈرۈپ ھېكايىنى تۈگۈتىۋەتسەم.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:28:49

ئۇگۇللۇنۇپ كېتەتتى دېگەن نىمە گەپ شەھلا ئايلا؟ قەيەرنىڭ يەرلىك شىۋىسى؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:40:04

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:28 static/image/common/back.gif
ئۇگۇللۇنۇپ كېتەتتى دېگەن نىمە گەپ شەھلا ئايلا؟ قەيەرن ...

ئىچ ئاغرىقى تارتىش،  مەيۇسلىنىش دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلەتتىم، بىراق نەنىڭ شىۋىسى ئىكەنلىكىنى تازا بىلەلمىدىم، قومۇل تەرەپنىڭ بولىشى مۇمكىن، مەن قومۇللۇق بولغانكىن.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:48:23

گوللىنىپ كەتتى دېگەن گەپ ئالدىنىپ كەتتى دېگەن گەپ

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:49:33

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:48 static/image/common/back.gif
گوللىنىپ كەتتى دېگەن گەپ ئالدىنىپ كەتتى دېگەن گەپ

ھېكايەمدە شۇنداق گەپ بامىكەن؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:22:53

ئايالىمۇ ئۇنىڭ مېمكىسىدىن
دىگەن يەنى چىرايىدىن دەپ ئالسىڭىز تىخمۇ چۈشىنىشلىك بولاركەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:47:57

بۇ ھەۋەسكار ۋاقىتلىرىڭىزدا يازغىنىڭىزمۇ ياكى ...؟...تازا چوڭقۇر ئەمەسكەن...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 00:00:01

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 23:47 static/image/common/back.gif
بۇ ھەۋەسكار ۋاقىتلىرىڭىزدا يازغىنىڭىزمۇ ياكى ...؟...تاز ...

ئاخشام يازغان ئىدىم، باشقا بىر نىمىنى سىناق قىلىۋاتىمەن.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 00:22:29

سىناقلىرىڭىز توختىمىسۇن سىڭلىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 00:26:02

komsha يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 00:22 static/image/common/back.gif
سىناقلىرىڭىز توختىمىسۇن سىڭلىم.

رەخمەت. ئۆزەمچە، ئوقۇرمەنگە كۆرۈنمەيدىغان، لېكىن بايانچىغا ئايان بولغان نەرسىلەرنى قانداق يازدىغاندۇ دەپ يېزىپ باققان ئىدىم بۇ ھېكايىنى، بىراق مەغلۇپ بوپتىمەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 02:43:06

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 00:00 static/image/common/back.gif
ئاخشام يازغان ئىدىم، باشقا بىر نىمىنى سىناق قىلىۋاتى ...

بەكلا تىزغۇ ...

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 06:25:22

ھاي - ھاي، ئۇنداق ئاسان قول كۆتۈرىۋەتمەيدىغان. بىر كىم سىزگە «举起手来» دەپ ناگان تەڭلىمىگەندېكىن.

20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 12:21:13

ئۇۋۇلۇنۇپ كەتتى__چوڭ ئاناممۇ جىق ئىشلىتەتتى بۇگەپنى: بىزنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئۇۋۇلنۇپ كەتتى دىگندەك.

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:21:55

ياخىشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۇلمىسۈن

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 09:50:53

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 00:26 static/image/common/back.gif
رەخمەت. ئۆزەمچە، ئوقۇرمەنگە كۆرۈنمەيدىغان، لېكىن باي ...

   كىم دەيدۇ سىزنى مەغلۇپ بوپتۇ دەپ، مېنىڭچە بۇ ھىكايىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، ئارتۇقچە بايانلاردىن خالى، ئاشۇ ئىخچام بايانلاردا نۇرغۇن يۈرەككە تېگىدىغان ئىچكى بايانلار سىڭدۈرۈۋىتىلگەن. بايان ئاددىدەك تۇرغان بىلەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېزىدۇ ھەتتا يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدۇ.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 13:21:08

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:40 static/image/common/back.gif
ئىچ ئاغرىقى تارتىش،  مەيۇسلىنىش دىگەندەك مەنىلەردە ئ ...

« ئاسماندا ئاي بار ئىدى، يۇلتۇز بار ئىدى، ھاۋامۇ شۇنداق ياخشى، ئۇ قېنىپ بىر سۈمۈرگەنتى، ساپ ھاۋا دىماقلىرىدىن يامراپ كىرىپ ئوپكىسىدىن ياشناپ ئۆتۈپ قاتتىق تارتىشىپ تۇردىغان بىر يەرگە تاقىشىپ قاڭقىپ يېنىپ چىقتى، ھاۋانى مۇشۇنداق سۈمۈرۈش بەك راھەت بىلىندى، قايتا-قايتا بىر نەچچىنى شۇنداق راھەتلىنىپ نەپەسلىنىۋالدى، ئوغلىنىڭ ئاپپاق يۈزلىرى بەك چىرايلىق، كۆزلىرى ئۆنىڭ كۆزىگە ئوخشاش قاپ-قارا،  چاچلىرى بۇدۇر، بەستى ئۇنىڭدىن زور، مۇسكۇللىرى قاتقان ئىدى، يول ماڭسا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئىنتايىن كۆرەڭلىك بىلەن ماڭاتتى، ئوغلىنى ھەر كۆرگەندە ئىچ-ئىچىدىن شۇ قەدەر ئېرىيتىكى، ئوغلىغا بولغان ئامراقلىقىنى ئىپادىلەپ بولالماي ئۇگۇللۇنۇپ كېتەتتى.»

يۇقىرقى تەسۋىر ۋە بايانلاردىن تۆۋەندىكى ئىزاھاتىڭىز توغرا بولمىغانلىقى بىلىنىپ تۇرامدۇ قانداق؟


« ئىچ ئاغرىقى تارتىش،  مەيۇسلىنىش دىگەندەك مەنىلەردە ئىشلەتتىم، بىراق نەنىڭ شىۋىسى ئىكەنلىكىنى تازا بىلەلمىدىم، قومۇل تەرەپنىڭ بولىشى مۇمكىن، مەن قومۇللۇق بولغانكىن.»

يۇقىرىدى تەسۋىردە ئۈگۈللەنمەك- شاتلىق، بەخىت سائادەتنىڭ قاينام - تاشقىنى بايان قىلىنغان. ئۇ يەردە ئوغلىغا ئىچ ئاغىرتقان، مەيۈسلەنگەن بىز مەزمۇن يوققۇ! شەھلاخان ئايلا.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 20:04:09

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 13:21 static/image/common/back.gif
« ئاسماندا ئاي بار ئىدى، يۇلتۇز بار ئىدى، ھاۋامۇ شۇند ...

{:92:} راس خاتا چۈشەندۈرۈپ قويۇپتىمىنا.{:92:}
بەت: [1] 2
: ئاخىرقى نەپەس(شەھلا)