Aldostceo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 17:36:18

ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز دەرس


بىرىنچى سائەتلىك دەرس

ئاتا ئوغلىغا لايىق تېپىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى دەپتۇ. ئوغۇل لايىقنى ئۆزى تاپىدىغانلىقىنى دەپتۇ. «ئۇ بىل گەيتسنىڭ قىزى» دەپتۇ ئاتا، «ئۇنداق بولسا مەيلى»، دەپتۇ ئوغۇل.
ئاندىن كېيىن ئاتا بىل گەيتىسنى تېپىپ ئۇنىڭغا بىر كۈيئوغۇل تاپقانلىقىنى دەپتۇ. «ياق، قىزىم تېخى كىچىك» دەپتۇ بىل گەيتىس. «ئۇ دېگەن دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى» دەپتۇ ئاتا. «ھە ئۇنداق بولسا مەيلى» دەپتۇ بىل گەيتىس. ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا دۇنيا بانكىسىنىڭ دېرىكتورىنى تېپىپ ئۇنىڭغا بىر مۇئاۋىن دېرىكتور تۇنۇشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى دەپتۇ. «مۇئاۋىن دېرىكتو!؟ مېنىڭ نۇرغۇن مۇئاۋىن دېرىكتورۇم بار» دەپتۇ باش دېرىكتور. «ئۇ بالا بىل گەيتىسنىڭ كۈيئوغلى» دەپتۇ ئاتا. «ئۇنداق بولسا بولىدۇ» دەپتۇ باش دېرىكتور.
سودا دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ

ئىككىنچى سائەتلىك دەرس
بىر كىچىك قۇش جەنۇبقا بېرىپ قىش ئۆتكۈزۈپتۇ. ھاۋا ناھايتى سوغۇق بىر كۈنى ئۇ توڭلاپ كېتىپ بىر ئېتىزلىققا قونۇپتۇ شۇ يەردە ئۇخلاپ ياتسا بىر كالا كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تېزەكلەپ قويۇپتۇ. توڭۇپ كەتكەن قۇش كالا تېزىكى ئىچىدە يېىتپ ئۆزىنى ناھايتى ئىسسىق ھېس قىپتۇ. كالا تېزىكى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى ئىسسىتقان ئىدى.
قۇش كالا تېزىكى ئىچىدە يېتىپ خۇشاللىقىدىن ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بىر مۆشۈك قۇشنىڭ ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئاۋازنى بويلاپ كېلىپ قۇشنى تېپىۋېلىپ تېزەكتىن چىقىرىپ يەۋېتىپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن مۇنداق ئۈچ ھەقىقەتنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ:
1. سېنىڭ ئۈستۈڭگە تېزەكلەپ قويغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇشى ناتايىن.
2. سېنى تېزەك ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سېنىڭ دوستۇڭ بولۇشى ناتايىن.
3. تېزەككە چۆكۈپ كەتكىنىڭدە ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى يۇم.

ئۈچىنچى سائەتلىك دەرس
بىر قارچىغا ئېگىز دەرەختە ئارام  ئولتۇرسا بىر بۆجەن كېلىپ ئۇنىڭدىن :«مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرسام بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «بولىدۇ، نېمىشقا بولمايدىكەن» دەپتۇ قارچىغا. شۇنداق قىلىپ بۆجەن قارچىغىنىڭ ئاستىىدىكى يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئاپتۇ.  تۇيۇقسىز بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ بۆجەننى يەۋېتىپتۇ.

ئەگەر سەن ھېچ ئىش قىلماي بىكار ئولتۇرماقچى بولساڭ، چوقۇم ناھايتى ئېگىز جايدا ئولتۇرۇشۇڭ كېرەك.


تۆتىنچى سائەتلىك دەرس

بىر مال ساتقۇچى، ئىش بېجىرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ دېرىكتورى چۈشلۈك تاماققا پىيادە كېتىپ بېرىپ يولدا بىر كونا جىنچىراغنى بايقاپ قاپتۇ. ئۇلار چىراغنى سۈرتۈپتىكەن ئىچىدىن بىر شەيتان چىقىپ: «مەن ھەربىرىڭلارنىڭ بىردىن ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرىمەن» دەپتۇ.:«مەن باشتا دەي، مەن باشتا دەي» دەپتۇ ئىش بېجىرگۈچى،«مېنىڭ باھاما ئارىلىغا بارغۇم بار، سىرىتقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، كېمە ھەيدەپ بارىمەن،» شۇنداق دېيىشىگە ئۇ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. «نۆۋەت ماڭا كەلدى، نۆۋەت ماڭا كەلدى» دەپتۇ مال ساتقچى،«مېنىڭ ھاۋايغا بېرىپ دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقۇم بار، بەدەنلىرىمنى ئۇۋۇلايدىغان ئادىمىم بولسۇن، ھەرخىل ئىچىملىك، ھاراق- شاراب  بولسۇن، مېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادىمىم بولسۇن»، ئۇمۇ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. «نۆۋەت ساڭا كەلدى» دەپتۇ شەيتان دېرىكتورغا. «ئاۋۇ ئىككى ئەخمەقنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەر، دەرھال كېلىپ ئىشلىسۇن!» دەپتۇ دېرىكتور.
ئالدى بىلەن ئېغىز ئاچىدىغان پۇرسەتنى ھەرۋاقىت خوجايىنىڭىزغا بېرىڭ.

بەشىنچى سائەتلىك دەرس
بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇنماقچى بوپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنىپتۇ. ئايالى شۇ ھامان مۇنچىدىن بەدىنىنى لۆڭگە بىلەن ئورىغان پېتى چىقىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. ئىشىك ئالدىدا قوشنىسى تۇراتتى. ئايال ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن قوشنىسى ئېغىز ئېچىپ: «لۆڭگىنى تاشلىۋەتسىڭىز 800 دوللار بېرىمەن» دەپتۇ. بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ئايال لۆڭگىنى تاشلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ تۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن قوشنىسى ئۇنىڭغا 800 دوللارنى بېرىپ كېىتپ قاپتۇ. ئايال قايتىدىن لۆڭگىگە ئورۇنۇپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇ ئەمدىلا مۇنچىغا كىرىشىگە ئېرى ئۇنىڭدىن:
«كىم ئىكەن؟» دەپ سوراپتۇ.
«قوشنىمىزكەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايال.
«ھە...، ئۇ ماڭا قايتۇرىدىغان 800 دوللارنىڭ گېپىنى قىلمىدىمۇ؟» دەپتۇ ئېرى.
ھەمشېرىكىڭىزنى مۇھىم ئۇچۇرلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش سىزنى بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلايدۇ.

ئالتىنچى سائەتلىك دەرس

بۇرۇنقى زاماندا بىر راھىبنىڭ بىر قاساپ دوستى بار ئىكەن. راھىب ھەركۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىدىكەن، قاسساپ بولسا قاق سەھەردىن باشلاپ قاسساپلىق قىلدىكەن. بىر- بىرىنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇلار ھەركۈنى سەھەردە بىر- بىرىنى ئويغۇتۇپ قۇيۇشنى كېلىشىپتۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن  ھەرئىككىلىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. قاسساپ جەننەتكە، راھىب دوزاخقا كىرىپتۇ.
نېمىشقا؟
چۈنكى قاسساپ ھەركۈنى راھىبنى ئىبادەتكە ئويغىتىدىكەن، راھىب بولسا ھەركۈنى قاسساپنى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئويغىتىدىكەن.
سىز قىلىۋاتقان ئىش ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغاچقىلا توغرا بولۇشى ناتايىن.

يەتتىنچى سائەتلىك دەرس

قارا بوران چىقىپ يامغۇر ياغقان بىر كۈنى سىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ بارىسىز. بىر بېكەتتە ئۈچ ئادەم ناھايتى تىت- تىت بولغان ھالدا ماشىنا ساقلاپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى ئۆلەي دەپ قالغان بوۋاي بار، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. بىرسى دوختۇر، ئۇ بۇرۇن سىزنى قۇتۇلدۇرغان. سىز ھەمىشە ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىڭىز. يەنە بىر ئايال (ئەر) بار، ئۇ سىز كېچە- كۈندۈز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم. مۇشۇ قېتىم قولدىن كېتىپ قالسا مەڭگۈ قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.  ماشىنىڭىزغا پەقەت بىرلا ئادەم پاتىدۇ، ئۇنداقتا سىز كىمنى تاللايسىز؟
بۇ مەسلە ئارقىلىق سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزگە ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ- بولمامدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ تاللىىشنىڭ مۇۋاپىق ئاساسى بار.
بوۋاي ئۆلەي دەپ قالدى، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.
دوختۇرنى ماشىنىڭىزغا سېلىۋالغۇڭىز بار، چۈنكى ئۇ بۇرۇن سىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. بۇ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت.
يەنە تېخى سىز كېچە- كۈندۈز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم بار. سىز بۇنداق ئادەمنى مەڭگۈ ئۇچرىتالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرگەن 200 ئادەمنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ جاۋابى توغرا. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا شۇنداق تاللىغىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي مۇنداق دېگەن: «دوختۇرغا ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ ئۇنى بوۋاينى دوختۇرغا ئاپىرىشنى بۇيرۇپ، مەن مەشۇقۇمنىڭ يېنىدا قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماشىنا ساقلايمەن».
بەزىدە جاھىللىقىمىزنى،تار نەزەر دائىرىمىزنى ئۆزگەرتسەك، ۋە ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەۋزەللىكلەردىن ۋاز كەچسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

سەككىزىنچى سائەتلىك دەرس

ناھايتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىنسانلار تېخى يالاڭ ئاياغ يۈرەتتى. بىر پادىشاھ يىراق بىر يۇرتقا ساياھەتكە ئاتلىنىپتۇ، يول ئېگىز- پەس، تاش- شېغىللىق بولغاچقا ئۇنىڭ پۇتى شۇنداق ئاغرىپ كېتىپتۇ. قەسىرگە قايىتقاندىن كېيىن ئۇ دۆلىتىدىكى يوللارنىڭ ھەممىسىىگە بىر قەۋەت كالا تېرىسى يېيىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇ بۇنداق قىلسام ئۆزۈمگە ياخشى بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقنى باي قىلالايمەن، باشقىلارمۇ يول ماڭغاندا قىينالمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق دۆلىتىدىكى كالىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ تېرە يەتمىگەننىڭ ئۈستىگە چىقىم ناھايتى كۆپ بوپتۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن، ھەتتا بۇ قىلمىشنى ئەخمەقلىق دەپ قارىغان بولسىمۇ پادىشاھنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقالمىغان ئىكەن.
بىر ئەقىللق ئادەم يۈرەكلىك ھالدا پادىشاھقا مۇنداق پىكىر بېرىپتۇ: پادىشاھىم، نېمىشقا ئۇنداق كۆپ كالىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن چىقىپ قىلىپ يۈرۈيمىز؟ بىز پەقەت كىچىككىنە تېرە بىلەن پۇتىمىزنى ئورىۋالساقلا بولمىدىمۇ؟، دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ پىكىرنى قۇبۇل قىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغان بۇ ئاياغنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئىمىش.

دۇنيانى ئۆزگەرتمەك ناھايتى تەس، بىراق ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ناھايتى ئاسان. دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دېگەندىن كۆرە، ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن ياخشى.

«ئەلدوست»  ئۈندىدار سالونىدىن  ئېلىندى.

ئىزەش نۇمۇرى: aldostcom

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:12:53

http://bbs.izdinix.com/thread-52771-1-1.html
(ئەرتۈرك) 3 مىليون يۈەنلىك دەرس
بۇ تېمىنى ئەرتۈرك ئەپەندى يوللىغىنىدا ئوقىغىنىم ئىسىمدە قاپتىكەن

بۇ تمىنى ئۈچۈرمەسلىكىڭلەرنى، بولسا سازايى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
ئەلدوست ئۈندىدار سالونىنىمۇ قارا تىزىملىككە قوشامسىلەر ياكى تېمىلىرىنى بىر ياقتىن يۇقىرىغا مەلۇم قىلامسىلەر بىر نىمە قىلساڭلار بولاتتى ئىشقىلىپ..........
باشقىسىغا مەيلى ئىدى
ئىزدىنىشتىن كۈچۈرۈپ ئەچىقىپ كەتكەن تېمىنى يەنە ئىزدىنىشقا قايتۇرۇپ بەردى دىگەن قانداق گەپ بۇ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:25:43

بۇلاردىكى قېلىنلىققا گەپ توغرا كەلمەيدىكەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:44:10

مۇشۇبداق داۋاملىشىپ تۇرىدىغان ياخشى تىمىلارنى يوللاش ،تەستىقلاش  نىمانداق ئەۋجى ئالدىكىن .

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:03:53

ئوقۇپ بولدۇم ، ھاياتىمدا ھېچقانداق ئۆزگۇرۇش بولمىدىغۇ ؟:o

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:17:43

گەپ قىلىڭە{:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:27:00

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:17 static/image/common/back.gif
گەپ قىلىڭە

:lol نىمە دەيدۇ؟

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:33:19

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:27 static/image/common/back.gif
نىمە دەيدۇ؟

سىزگە دېگىلى بولمايدۇ {:237:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 22:40:24

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 22:03 static/image/common/back.gif
ئوقۇپ بولدۇم ، ھاياتىمدا ھېچقانداق ئۆزگۇرۇش بولمىدىغۇ ...

ئەگەشتىم

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 08:37:24

ھاي خالايىق بۇ تىمىنى مەن ئۆزۈم ئۈستىدە قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇزغان، تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇپ بېىقىپ سۆزلەڭلا، بولمىسا مەندىمۇ بار قارا تىزىملىك دىگەن {:87:}

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 08:41:23

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 21:12 static/image/common/back.gif
http://bbs.izdinix.com/thread-52771-1-1.html
(ئەرتۈرك) 3 مىليون يۈەنلىك دەرس ...

ئەر تۈرۈكنىڭ تىمىسى بىلەن بۇ تېىمىنىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ بېىقىپ سۆزلىسەڭمۇ سېنى گاچا دىىمەيتتىم، بۇ تېمىنى مەن ئۈستىدە قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇزغان، ئاۋۋال شۇنى ئوغۇرلىدىمۇ ۋە ياكى تەرجىمە قىلدىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ باقماي ھۆكۈم قىلىۋىتىپسەنغۇ :curse:

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:27:26

  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنداق قىلسىڭىز ئۆزگىرىسىز ، مۇنداق قىلسىڭىز مۇۋاپپىقەت قازىنىسىز،مانى ئوقىسىڭىز بېيىپ كېتىسىز  .....دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرگە خېلى ھاياجانلىنىپ يۈرۈپتىقكەن بىر چاغلاردا ......
   ئەمما بۇ مىساللارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ھەقىقەتەن يۇقۇرىكەن .

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 17:43:12

بىمەنە سەپسەتە

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 21:59:59

تاشنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.{:87:}
بەت: [1]
: ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز دەرس