Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 13:48:04

[تەرجىمە فىلىم] ئۇچقۇر ئوغرى 3 (ھەقسىز)


فىلىم نامى: ئۇچقۇر ئوغرى 3
ئىنگىلىزچە نامى: Dhoom 3
قويۇلغان ۋاقتى: 2013 - يىلى
تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى: 2014 - يىلى 7- ئاي   
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى      
دۆلىتى: ھىندىستان
ژانـىرى: ماھارەتلىك/فانتازىيە/ خەتەرلىك/جىنايەت
تــىــلى: ئىنگلىز تىلى/ھىندىچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلىقى:150 مىنۇت               
رازمـېــرى : 1280X720 (ھەقلىق نۇسخىسى 1920*1080 ۋە ئېلانسىز)
ئـۇلىنىــش: http://www.imdb.com/title/tt1833673/?ref_=fn_al_tt_1
نەتىجىسى: 7.6/10
سىـغـىــمى: 2.1GB
فــورمـاتى: MKV
رىژىسسور: Vijay Krishna Acharya
روللاردا:
Aditya Chopra
Aamir Khan
Abhishek

كەسمىسى:




قىسقىچە مەزمۇنى:
ئىقبال خان ھىندىستاننىڭ بىر داڭلىق سېھرىگەرچىسى ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدا مۇشۇ سېرىكچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھىندىستان سېھرىگەرلىكىنى نامايەن قىلىشنى نىشان قىلغانىدى، ئەپسۇس ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولماي قېلىپ ئامېرىكىدىكى بىر بانكىدىن قەرز ئېلىپ قەرزنى قايتۇرالمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئىقبال خان ئىككى ئوغلىنى يېتىم قىلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. چوڭ ئوغلى ساھىر ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، قوشگېزەك ئىنىسى سامار بىلەن ئۇ بانكىنى بۇلاپ پۇللارنى پۇقرالارغا بۆلۈپ بېرىپ بانكىنى ۋەيران قىلماقچى بولىدۇ. بۇلارنى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ساقچىلىرى تۇتالماي ھىندىستانىدىن داڭلىق بىر ساقچىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىدۇ. لېكىن بۇ ساقچى جەيمۇ ئۇنى دەسلەپتە تۇتالمايدۇ ۋە يۈزى چۈشۈپ قايتماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭغا ئەقىل ئۆگىتىپ ساھىرنىڭ نىقابىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولىدۇ. دەرۋەقە جەي بۇ ئىككى قوشگېزەكنىڭ ئىشلىرىنى بىلىۋالىدۇ ۋە ئۇلارنى قولغا ئېلىشقا ئاتلىنىدۇ. فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تېزدىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ.

تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر
تەرجىمان: ئەركان خوتەنى
مۇھەررىر: Kulke
مۇقاۋىدا: Koktekin, Kulke
مۇقاۋا خېتىدا: Koktekin
كىرىشتۈرگۈچى: Kulke

شۈنلېيدىن چۈشۈرۈش

بىزنى قوللاپ ئېلان بەرگەن قەشقەر ئۇدۇم توي فىلىم باغاقچىلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

ئەسكەرتىش:
قۇتيار تەرجىمە فىلىم بېكىتىمىزدىكى ھەرقانداق ھەقلىق ياكى ھەقسىز كىنولارنى باشقا كىنو بېكەتلىرى قالايمىقان ئۆز بېكىتىڭىزگە چىقارماڭ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 15:39:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 17:41  

2gb  لىق ھۆججەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ بولدۇڭلار؟

خوتەن دىيارىدا 3g  لىق كەڭ بەلباغ توردىمۇ، 21 سائەتتە چۈشۈرۈپ بولىدىغانلىق ئۇچۇرى چىقىدىكەن. قانداق دىگەن گەپ بۇ.

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:18:19

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 15:39 static/image/common/back.gif
2gb  لىق ھۆججەتنى قانچىلىك ۋاقىتتا چۈشۈرۈپ بولدۇڭلار؟

...

40مىنۇتتا چۈشۈرۈپ بولدۇم.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:19:51

چاقماق قويغۇچقا چاپلاپلا كۆرۈۋاتىمەنغۇ، ئازراق قېتىۋالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
قېتىۋالغاندا توختىتىپ قويۇپ، خىزمەت قىلىپ، بىردەم چارچىغاندا ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈپ، يەنە قىتىۋالسا خىزمەت قىلىپ...... دىگەندەك، خىزمەتكىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، :lol:lol:lol  خىزمەت بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈۋالدىمغۇ. {:87:}{:90:}

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:24:03

بۇ كىنونىڭ بىرىنچى ئىككىنچىلىرى قانداقراق ؟ ...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:24:28

كۈلكە بۇرادەر رىيو2نى قاچان چىقىرىسىلەر سىلەرنىڭكىنى ساقلاپ قالدىم...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:35:41

oylan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 18:18 static/image/common/back.gif
40مىنۇتتا چۈشۈرۈپ بولدۇم.

قايسى رايوندا............................................................................

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:42:07

http://kuai.xunlei.com/d/qovKAwLGFQAB6tRT390

مۇنۇ ئادرىستىن شۈنلىينى قوزغىتىپ تۇرۇپ چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى دەپ بىرىڭلار؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 18:48:09

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 16:42 static/image/common/back.gif
http://kuai.xunlei.com/d/qovKAwLGFQAB6tRT390

مۇنۇ ئادرىستىن شۈنلىينى قوزغ ...

كۆك كۇنۇپكىنى باسىسىز

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 19:01:31

قىززىق كىنو:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 19:50:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 21:53  

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 20:48 static/image/common/back.gif
كۆك كۇنۇپكىنى باسىسىز

普通下载 نى باسساق، كىنو ھۆججىتى چۈشمەي، شۈنلىينىڭ قاچىلاش ھۆججىتى چۈشىدىكەن. شۈنلىي قاچىلاغلىق بولغاندىكىن، نىمىشقا تونىمايدۇ؟
高速下载 نى باسساق، ھەقلىق ئەزالار ئىشلىتىش ئورنىكەن.

ئادرىسنى شۈنلىيگە چاپلاپ بۇيرۇق بەرسەم، تور بەتنى چۈشۈرۈپلا بولدى قىلدى.

كىنو  ھۆججىتىنى تاللاپ، مائۇس كونوپكىسىدىن 打开 بۇيرۇقىنى بەرسەم،  كىنو ھۆججىتى چۈشىدۇ، لىكىن بۈگۈن ھەقىقەتەن ئاستا.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 20:55:29

ئىككىنچىسىدە روسخان چىقىدۇ،،ئۇمۇ ئاجايىپ پىچەت

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:49:19

چۈشۈرەلمىدىم

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:49:35

:(:(:(:(:(:(:(:(:(

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:34:00

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 19:50 static/image/common/back.gif
普通下载 نى باسساق، كىنو ھۆججىتى چۈشمەي، شۈنلىينىڭ قاچىل ...

xunlei نىڭ نەشىرى تۆۋەن بولغاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ، قاچىلاڭلار دىگەن بولسا قاچىلاڭلار، ئاندىن چۈشۈرەلەيسىلەر. بولمىسا ئامال يوق.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:16:23

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 19:50 static/image/common/back.gif
普通下载 نى باسساق، كىنو ھۆججىتى چۈشمەي، شۈنلىينىڭ قاچىل ...

ئەمىسە كىنو ئىشمىغا ئوڭنى بېسىپ 复制链接地址 نى باسسىڭىز چاقماق چۈشۈرەمسەن؟ دەپ سەرايد، سورمىسا چاقماققا ئۆزڭىز چاپلاپ بىقىڭ.  

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 12:16:11

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 01:34 static/image/common/back.gif
xunlei نىڭ نەشىرى تۆۋەن بولغاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ، قاچى ...

شۈنلىينىڭ قوشومچە يۇمشاق دىتاللىرىنى قاچىلىمىغانتىم، بىرەر شەرتى بار ئوخشىمامدۇ؟  شۈنلىينىڭ نەشىرى دىگەن ئەڭ يىڭىسى ئىدى.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 12:24:22

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 12:16 static/image/common/back.gif
شۈنلىينىڭ قوشومچە يۇمشاق دىتاللىرىنى قاچىلىمىغانتىم ...

يۇقۇرى دەرجىلىك تور كۆرگۈچتە چۈشۈرۈش بېتىنى ئاچماي سەل تۆۋەنرەك تور كۆرگۈچتە ئېچىپ چۈرۈش دېگەن كۆنۇپكىنى بېسىڭ!
ئاندىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 12:32:53

كىنونى كۆرۈپ بولدۇم .
ئامىرقاخان رول ئالغان كىنو باشقا كىنولارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ. كىنو كۆرەۋاتقان ئادەمگە بىر تېپىشماق قالدۇرىدۇ. ئاخىرىدا نېمە بولدىغانلىقنى بىلىگىلى بولمايدۇ  ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا كىنو ئىشلەيدۇ . بۇ كىنودىمۇ  ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار يۇز بېرىدىكەن نېمە ئىش بولغىنى بىلمەيلا قالدىكەنمىز.  بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان قۇتيار تەرجىمە  فىلىم تورىغا قۇرۇق بولسىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەققەتەن ياخشى كىنولارنى تەرجىمە قىلىۋاتىسلەر بۇ ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بەت: [1] 2
: [تەرجىمە فىلىم] ئۇچقۇر ئوغرى 3 (ھەقسىز)