tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 09:53:24

بىنادىن سەكرەش ماھىرى

     ياقا يۇرىتلۇق ئادەم مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن چىقىشىغا ئاسفالىت يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئېگىز بىنانىڭ ئۈستىدە بىر ئەرنىڭ خۇددى مودا كىيىم مودېلى سەھنىدە مېڭىۋاتقاندەك ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ياقا يۇرتلۇق ئادەم مودېلنىڭ بىنائۆگزىسىدە ماڭغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ھەم ئەجەبلەندى ھەم يېڭىلىق ھېس قىلدى-دە، ئاسفالىت يولدىن ئۆتۈپ تاماشا كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قاتارىغا قىستىلىپ كىردى.
ياقا يۇرتلۇق ئادەم ئاسمانغا قاراپ بىردەم تۇرغاندن كېيىن بۇ مودا كىيىم مودىلىنىڭ ھەركىتى بولمىسا كېرەك دەپ ھېس قىلدى، ئەمما ئۇئەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ يېنىدا دۇربۇن كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىرئەردىن سورىدى:
-ئەپەندىم،ئۇ ئادەم نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
-ئۇقمايمەن،-دېدى ئۇئادەم.
-مودا كىيىم كۆرسىتىۋاتامدۇ-يە؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-تاڭەي،-دېدى ئۇئادەم.
ياقا يۇرتلۇق بىر سېمىزئايالنىڭقېشىغا قىستىلىپ بېرىپ:
-خانقىز ئۇ ئادەم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟-دەپ سورىدى.
-تاڭەي!-دېدى سېمىزغىنە كەلگەن ئايال.
-ئۇ مودا كىيىم كۆرسىتىۋاتامدۇ؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
"-تاڭەي!-دېدى سېمىز ئايال،ئاندىن ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بېگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرابارمىقىدا"
شەكلىنى چىقىرىپ ۋارقىرىدى-سەكرەڭ!سەكراڭا!
-نىمىشقا ئۇنى سەكرەڭ دەيسىز؟-دەپ سورىدى ھەيران بولغان ياقا يۇرتلۇق.
-ئاكا،ئۇئادەم نېمە قىلىۋاتىدۇ؟-دەپ سورىدى ياقا يۇرتلۇق قىستىلىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىر بوۋايدىن.
-تاڭ،-دېدى بوۋاي.
ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچىمۇ نېمە؟-دەپ سورىدى ياقا يۇرتلۇق يەنە.
-تاڭەي،-دېدى بوۋاي.
          ياقا يۇرتلۇق ھېلىقى سېرىق بىنانىڭ شەرقىدە دۆۋلىشىپ تۇرغان بىر توپ ئادەمنى كۆردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىزىل شەپكىلىك بىر ئەر بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئەرگە ھەدەپ قول ئىشارىسى قىلىۋاتاتتى. ياقا يۇرتلۇق ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ قىزىل شەپكىلىك ئادەمدىن:
-ئەپەندىم،ئۇ ئادەم نېمە قىلىۋاتىدۇ؟-دەپ سورىدى.
-ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلماقچى،-دەپپ جاۋاب بەردى ھېلىقى ئادەم.
-ئىش ھەققىنى ئالماقچى؟ نېمىشقا بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپتۇرۇپ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق ھەيران بولۇپ.
-سىز ھەيران بولۇۋاتقان ئوخشايسىز،-دېدى ئۇ ئادەم،-بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئالمىسا قانداق ئالىدۇ ئەمىسە؟
-راستىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن،-دېدى ياقا يۇرتلۇق،-مەن ياقا-يۇرتلۇق بولىمەن، نېمىشقا بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ ئىش ھەققى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.
        بىزمۇ بۇلتۇر7-ئايدا كەلگەن،-دېدى ھېلىقى ئادەم،-ئىش ھەققىمىزنى تېخىچە ئالالمايۋاتىمىز، ھەرقانچە تەلەپ قىلساقمۇ بەرمەيۋاتىدۇ، بىزدىمۇ باشقا ئامال قالمىدى، بىنادىن سەكرەشكە توغرا كېلىدىغان بولدى. بىنادىن سەكرىگەندىلا ئاندىن بېرىشىدۇ.
-ھە، مۇنداق ئىشكەندە، ئۇلار نىمىشقا ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەيدۇ؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
بۇنى ئۇلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ،-دېدى ھېلىقى ئادەم،-ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىمىزنى كېچىكتۈرۈپ بېرىشىگە ماقۇل بولغان ئىدۇق، ئەمما بۇنچىۋالا سۆرەپ كەينىگە تارتىۋېتىشنى بىلەلمەپتىمىز.
ئەينى ۋاقىتتا ئىش ھەققىڭلارنى كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە نىمىشقا قوشۇلغانتىڭلار؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىمىزنى كېچىكتۈرۈپ بېرىشىگە قوشۇلمىساق، نەگە بېرىپ ئىش تاپاتتۇق؟كىم بىزگە ئىش بېرىدۇ؟-دېدى ھېلىقى ئادەم.
-نېمىشقا جەزمەن بىنادىن سەكرىگەندە ئىش ھەققىنى بېرىدىكەن؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-بىلمىدۇق، باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىنى كۆرۈپ بىزمۇ شۇنداق قىلماقچى بولدۇق،-دېدى ئۇ ئادەم.
-ئالالىدىڭلارمۇ؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-بىنا ئۈستىگە چىققىلى بىر سائەتتەك بولۇپ قالدى،-دېدى ھېلىقى ئادەم،-قارشى تەرەپتىن ھېلىغىچە خەۋەر بولمايۋاتىدىغۇ.
-نېمىشقا؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-قارشى تەرەپ ئۇنىڭ راستىنلا سەكرەيدىغان خىيالى يوقلۇقىنى، قورىۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغان چېغى،-دېدى ئۇ ئادەم.
-جەزمەن سەكرىشى كېرەكمۇ؟-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-بۇلتۇر بىزنىڭ بىر كىچىك قېرىندىشىمىز ئۆلۈمدىن قورىقماي بېبادىن سەكرىمەكچى بولغانىدى، ئىككى مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا قارشى تەرەپ ئىش ھەققىمىزنى بەردى، كېيىن ھېلىقى كىچىك قېرىندىشىمىزنى باشقا قۇرۇلۇش ئەترەتلىرى تارتىپ ئىپكەتتى. ھازىرقى ماۋۇ قېرىندىشىمىز بىناغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قەيسەر قەھرىماندەك قىياپاتتە تۇراتتى، بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپلا ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغىلى تۇردى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ يالغاندىن سەكرىمەكچى بولغىنىنى بىلىپ قالدى بولغاي، شۇڭا ھېلىغىچە ھېچقانداق ئىنقاس بولمايۋاتىدۇ.
-مەن چىقاي، مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن،-دېدى ياقا يۇرتلۇق،-تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ، باشقىلرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگىنى قانداق ئىش بۇ؟-ياقا يۇرتلۇق قۇرۇلۇش جازىسىغا چىقماقچى بولدى.
-راستىنلا شۇنداق قىلامسىز؟ئۇنداق قىلسىڭىز بەك خەتەرلىك،-دېدى ھېلىقى ئادەم.
-ياق، قورقمايمەن!-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
-چىقسىڭىز چىقىڭ،-دېدى ھېلىقى ئادەم،-ئەمما بىزنىڭ ئىش كىيىمىمىزنى كىيىۋېلىڭ، ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن قولىڭىزنى پۇللاڭلىتىپ تۇرۇپ: ئىش ھەققىمىزنى بەرمىسەڭلا بىنادىن سەكرەيمەن، دەپ ۋارقىراڭ. مېنىڭ قىزىل شەپكەمنى بوشلۇقتا پۇلاڭلاتقىنىمنى كۆرسىڭىزمۇۋاپىقىيەت قازانغان بولىسىز.
-ماقۇل،-دېدى ياقا يۇرتلۇق.
         ياقا يۇرتلۇق ئادەم ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنى لاپىسىغا كىرىپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋالغاندىن كېيىن بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ قولىنى پۇللاڭلىتىپ تۇرۇپ:
-ئەگەر ئىش ھەققىمىزنى ئەمدى بەرمەيدىغان بولساڭلار، بىنادىن سەكرەيمەن،-دېدى. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ بىر پۇتىنى ئاسمان بوشلۇقىدا ئايلاندۇرۇپ بىر قولى بىلەن مۇنارسىمان كىراننى تۇتۇپ، بەدىنىنى بوشلۇققا ساڭگىلاتتى. بۇ چاغدا كىشىلەر دەرھاللا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. بىر ئەر دەرھال يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن  ۋارقىراشقا باشلىدى:
-بۇرادەر،ھوي بۇرادەر، سەكرىمەڭ، بولدى سەكرىمەڭ، مانا ھازىرلا ئىش ھەققىڭلارنى بېرىمىز.
قىزىل كاستۇم كىيگەن بىر ئەر مەخپى نومۇرلۇق چاماداننى كۆتۈرۈپ ئىش ئورنىدىكى لاپاسقا كىرىپ كەتتى.
ياقا يۇرتلۇق ھېلقى قىزىل شەپكىلىك ئادەمنىڭ شەپكىسىنى بوشلۇقتا بىرقانچە قېتىم ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ لىككىدە سەكرەپ قۇرۇلۇش جازىسىغا چۈشۈۋالدى.
     ياقا يۇرتلۇق پەسكە چۈشكەندىن كېيىن شېكەر سېلىنغان بىر قاچا چاي ئىچىۋېلىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا شامالللىق كىيىم كىيگن بىرئەرلاپاسقا كىرىپ ئىسىم كارتىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ دېدى:
-مەن ئەيجيا مودا كىيىم مودېللىرى ۋاستىچى شىركىتىدىن بولىمەن، سىزنى شىركىتىمىزنىڭ بىنادىن سەكرەش ماھىرى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغىلى كەلدىم. مەخسۇس ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىشكە ياردەملىشىسىز!
-بىنادىن سەكرەش ماھىرى؟مەخسۇس بىنادىن سەكرەيمەنما؟ ياق، ئۇنداق قىلمايمەن!-دېدى ياقا يۇرتلۇق.

(<<مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما>>ژۇرنىلىنىڭ 2004يىللىق21-سانىدىن)  

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:09:22

ياخشى مىكرو ھېكايىكەن .... ياقا يۇرتلۇق ئادەم دېگەننى مۇساپىر دەپ ئالسىمۇ بولامدۇ ؟{:87:}{:87:}

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:48:47

يامان مۇساپىركەن  ئاۋۇ...................

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 12:30:30

يامان يىتىمكەن دەپ قويىلى بولمىسا.......

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 14:36:22

ئەگەر بىرى سەكرەش ئۈچۈن بىنا ئۈستىگە چىقىۋالسا تاماشا كۆرىدىغانلار يېغىلىپ تاماشا كۆرىدىكەن . ئەگەر ئۇ قۇتقۇزۇۋېلىنسا باشقىلارنىڭ خۇددى باشقىلار قاچىسىدىكى تاماقنى تارتىۋالغاندەك، ياكى شىر ئۆزىنىڭ ئولجىسىنى تارتقۇزۇپ قويغاندەك ناھايتى بىئارام ھىسىياتتا تارقىلىشىدىكەن ( شۇ خىل كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىكى خىيالىم .......)

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:54:43

بىزنىڭ ماۋۇيەردە ئىش ھەققى ئالالمايدىغانلار بارمىدۇ .مىنىڭچە يوققۇ دەيمەن .
  ئىش چېڭىغا چىقمىسا زادى بولمامدۇ .
بەت: [1]
: بىنادىن سەكرەش ماھىرى