ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 09:43:10

(ئۆزھال) ئۆزىگە يىقىنلاشقۇچى - پەرھات خالىق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-2 09:50

ئۆزىگە يىقىنلاشقۇچى - پەرھات خالىق

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

               مەن پەرھات خالىققا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىلدىن ئاشتى . ئۇ مىنىڭ دىققىتىمنى تارىتقان چىغى بەلكىم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى چاغلىرىدا بىر پىلاستىنكىدا ئىيتقان بىر ناخشىسى بولسا كىرەك . مۇشۇ ئون نەچچە يىل ئىچىدە مەن ئىزچىل ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ، كۆزۈتۈپ كىلىۋاتىمەن . چۈنكى بىر ئادەمنىڭ پىشىپ يىتىلىش جەريانىغا ئىزچىللىق بىلەن دىققەت قىلسڭىز ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىش تىخىمۇ چۇڭقۇرلايدۇ . بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە بولغان چۈشەنچە ئەمەس بەلكى ئۈزىنى يىڭىلاش ، ھايات ئۇقۇملىرىنى فورماتلاش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ھايات تەجىرىبىلىرىنى ئۆزىنىڭ سەنئىتىگە جۇغلاپ بايان قىلىۋاتقان بىر سەنئەتكارغا بولغان كۈزىتىش ۋە چۈشەنچە سەنئەتكار بىلەن تەڭ ئالغا ئىنتىلىدۇ ، ئۈزىنى تونۇيدۇ . ئۈزىنىڭ ھايات چۈشەنچىلىرىنى مىسرالارغا تىزىپ گىتارنىڭ ھەر بىر پەدىسىگە قونۇپ بايان قىلىنىۋاتقىنى پەرھاتنىڭ ئىچكى تۇيغۇسى بۇلۇپ ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن « بىر قاراپ باھا بىرىش » يىتەرلىك بولمىسا كىرەك
                مەن نىمىشقا پەرھاتقا دىققەت قىلىمەن ؟ پەرھات ئالدى بىلەن ئۈزىنى توغرا ئۇسۇلدا بايقىغۇچى . ئۇ ئالدى بىلەن ئۈزىنى توغرا بايقاپ ناخشىنى گال بىلەن ئەمەس كاللا بىلەن ئىيتقۇچى بۇلۇپ كەم ئۇچرايدىغان ئاۋاز رەڭگى بىلەن ئۆز سەنئىتىگە چۇڭقۇر چۆككەن بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى بولسا كىرەك ،بۇ بىرىنچى ئامىل ، ئۇنىڭ ئۈزىنى تونۇشى ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئۈزىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن كەلگۈسى پەللىسىنى بايقاپ ( بۇ ئاۋاز دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس ) ئۈزىنىڭ ئۆتمۇشى بىلەن كەلگۈسىنى چېقىشتۇرۇش ئارقىلىق بۈگۈننىڭ ئۈزىنى نۇرلۇق بىر سەھىپىگە ئىگە قىلغىنى دەل ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىدۇر . بۇ يەردىكى پەللە دىگىنىمىز نىمە ؟ ئادەمنىڭ مەلۇم چەك ئىچىدە يارىتالايدىغان پەللىسى بۇلىدۇ . مەيلى تىز يۈگۈرۈش بولسۇن مەيلى ئىگىزلىككە سەكرەش بولسۇن . مەيلى يىراققا سەكرەش بولسۇن مەلۇم دائىرە ئىچىدە چەكلىنىدۇ . ئىنسان ئۈچۈن چەكسىز قۇۋەت ۋە كۈچ قۇدىرەت مەۋجۇت ئەمەس .
               مەسىلەن : يىراققا سەكرەشتە بىر ئادەم 8-10 مىتىرغا سەكرىشى مۈمكىن ، لىكىن 100 مىتىرغا سەكىرىيەلىشى مۈمكىن ئەمەس . ئىگىزلىككە قاڭقىشىتىمۇ بەش ئالتە مىتىرغا قاڭقىيالىشى مۈمكىن ئەمما 50 مىتىرغا قاڭقىپ چىقىپ كىتەلىشى ياكى قۇشقا ئوخشاش ئۇچۇپ كىتەلىشى مۈمكىن ئەمەس . پەرھات ئۈزىنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسنى توغرا بولغان ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ئۈزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ناخشىسىنى بىرلەشتۇرۇش جەھەتتە قەتئىلىك ، جاھىللىق ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ قاراشلىرى يۈكلەنگەن سەنئەت ئۇقۇمىنى ئەمەس پەقەت ئۈزىگە كىرەك بولغان ھىسيات تۈگۈنىنى قەدىرلەپ ئۈزىگە تالىق بولغان تۇيغۇنى مەھكەم تۇتىۋالغۇچى بۇلۇشى سۈپىتى بىلەن باشقا ئىدىيەلەرنىڭ قورشاۋىدا خىلمۇ خىل موزىكا ئىقىملىرى ئىچىدە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر سەنئەتكارنىڭ ئىسەنكىرىگەن، ئىككىلەنگەن ، گاڭگىرىغان ، ھەسرەتلىك تۇيغۇلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر يول بىلەن مۇجەسسەم قىلىش ئارقىلىق ئۆز يولىدا سەمىمى ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدەنگۈچى بۇلۇپ كەلدى . ئادەتتە كۆپ تىلغا ئىلىنىدىغان ۋە كىشىلەر ئىشلىتىشكە ئامراقبولغان « مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش » دىگەن سۆزنى ئىشلەتسەك بۇ سۆز تولىمۇ كۆلكىلىك بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ . چۈنكى پەرھات بۇنداق سەپسەتىنىڭ ئىزىقتۇرىشىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان بولسا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولمىغان ۋە خاس بىر يولنى يارىتىپ بۇلالمايتتى . بۇ ئىككىنچى ئامىل ،دۇنيادا ئىككى خىل ناخشىچى بار . بىرى بىر ئۆمۈر ناخشا تەرىپىدىن ئىيتىلىپ قىينىلىش ئارقىلىق ئۈزىنى قىينىغاننى ئاز دەپ تاماششبىننى قىينايدۇ .يەنە بىرى ناخشا ئىيتىدۇ . ناخشا ئۇنىڭ ھىس تۇيغۇسىدا ئىيتىلىدۇ ، ناخشىچى ناخشا ئىيتىۋاتقان چىغىدا ئۈزى ئۇنتۇلغان بۇلىدۇ . بۇ چاغدا ناخشا مەۋجۇت ناخشىچى مەۋجۇت ئەمەس . ئالدىنقىسىدا بولسا ناخشىچى مەۋجۇت ناخشا مەۋجۇت ئەمەس . كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنى ناخشىچى يا ناخشىچى ئۈزىنى ئۇنتۇمايدۇ يا تاماششبىن ئۈزىنى ئۇنتۇمايدۇ . ناخشىنىڭ ھىسياتىغا چۆككۈچى ھەر قانداق بىر ناخشىنى ئۈزىنىڭ يۈرەك ساداسى سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ . بۇ چاغدا ھەر قانداق بىر ناخشا ئۇنىڭ تەۋەلىگىدە ناخشىچىغا قۇل بۇلىدۇ . پەرھات ئەنە شۇنداق ناخشىچىلارنىڭ بىرى . گىتتارنىڭ سىمىدىن تاراۋاتقان ھەر بىر سادا ئۇنىڭ تومۇردىكى قانغا ئوخشاش ئۆركەشلەپ ئاقسا گىتتار ئۇنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ .
                مەن ئۇنىڭ نەخ مەيدان ئىيتقان دولان مۇقاملىرىنى ئاڭلىغان ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىنتىلىپ تۇرغان « جەڭچى» ھالىتىدىكى سىماسى بىلەن مىكرافۇنغا ئىتىلىپ تۇرۇپ ئىيتىۋاتقان ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ئەگەر بىر ناخشىچى ئۈزىگە ئىشەنىچ بىلەن بىر ناخشىنى ئىيتسا ئاۋازنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگى مەسىلە ئەمەس ئىكەن دىگەن ھىسياتقا كەلگىنىم ئېسىمدە . ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ ئاڭلايدىغىنى ئاۋاز ئەمەس ھىسيات، ھىسياتنىڭ ناخشىغا بىرىدىغان رەڭگى ۋە كەيپىياتى ئاۋازنى تىخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىدۇ . پەرھات ئەقىللىق سەنئەتكار . ئۈزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى بىلەن ئاۋاز دائىرسىدىن ناھايىتى مۇۋاپىق پايدىلانغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ سەنئەت مەكتىۋىدە رەسىم كەسىپىدە ئوقۇپ گۈزەللىك ئوقۇمنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ ، ھىسياتنى چەمبەر ئىچىگە ئەكىرىپ تۇرۇپ ئىپادە قىلىدىغان كەسپىدىن ئاخىرىدا باللىقىغا ھەمرا بولغان گىتتار چىلىش ۋە ناخشا ئوقۇش كەسپىنى تاللىشىدىن ئۇنىڭ ھاياتقا نەقەدەر سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان سەمىمىلىگىنى ھىس قىلىپ يەتكىلى بۇلىدۇ .
                  ھازىرقى جەمىيەتتە ياتلىشىش توغۇرسىدىكى بەزى گەپلەرنى ماقالە قىلىپ يىزىش مودا بۇلىۋاتىدۇ . لىكىن ھىچكىم تىخى ئىنساننىڭ ئۈزى بىلەن ئۈزىنىڭ ئارلىغىنىڭ يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىغىدەك ماھىيەتلىك مەسىللەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ باققىنى يوق . مىنىڭ قارىشىمىدا ئادەملەرنىڭ ئۈزى بىلەن بولغان ئارلىغى يىراقلاپ كىتىۋاتىدۇ . ئىنسان ئۈچۈن قورقۇنۇچلىغى باشقىلار بىلەن ئارلىغىنىڭ يىراقلاپ كېتىشى ئەمەس ئۈزى بىلەن ئۈزىنىڭ يىراقلاپ كىتىشى بۇلۇپ پەرھات مىنىڭچە ئالدى بىلەن ئۈزىنى بايقىغۇچىلا ئەمەس ئۈزىگە يىقىنلاشقۇچىدۇر . ئۈزىگە يىقىنلىشىش ، ئۆزى بىلەن سىردىشىش، ئۈزىگە بىكىنىش ئارقىلىق تەپەككۈر قىلىش ، قەلبىنىڭ ئىنتىلىشلىرى ۋە پىغانلىرىغا قۇلاق سىلىپ ئويلىنىش ئىچىدە مەۋجۇت بۇلۇش بىلەن بىرگە يۈرەك ساداسىنى ئاۋازىنىڭ ھەر بىر تاۋۇشلىرىغا سىڭدۇرۇش پەرھاتنىڭ ھاياتىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولسا كىرەك . ئۆزىنى تونۇش ھاياتتا ناھايىتى موھىم بۇلۇپ بىزدە ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇپتۇ دىگەن سۆز بىكارغا ئىيتىلمىغان بولسا كىرەك . پەرھات يەنە بىر تەرەپتىن « بويسۇندۇرغۇچى » بۇلۇپ ھەر قانداق ناخشىنىڭ ھىسياتىنى پۇختا ئىگەللەپ ئاندىن ئۇنى ئىيتقاندا بىز ئۇنىڭ خەلىق ناخشىسى ياكى ئىيتىلىپ كىلىۋاتقان ناخشا ئەمەس بەلكى پەرھاتنىڭ ئۈزىنىڭ ئىجادى ناخشىسىدەكلا ھىس قىلىمىز .
                      مەسىلەن : بىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن باشقا « ئادارگۈل » « دولان جۇلا مۇقامى » « تارىم ناخشىسى » « سىنى ئەسلەيمەن »«ئايدىڭ كەچلەردە » « ھەسرەت چەكتىم » قاتارلىق ناخشىلارنى ئاڭلىغان چىغىمىزدا پەرھات غايىپ بۇلۇپ بىزگە تەسىر قىلىۋاتقان ئۇنىڭ گۈزەل ۋە مۇڭلۇق ، تەسىرلىك ، مىلودىيسىلا قالىدۇ . پەرھات ئەسىرلەردىن بىرى ئىيتىلىپ كىلىۋاتقان ناخشىلارنى تامامەن ئۈزىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ باشقا بىر يولىنى بىزگە نامايەن قىلىپ بەردى . ئادەتتە خەلىق ناخشىلىرىنى ئىيتىش ئارقىلىق مودىغا ئايلاندۇرۇش ھەممىلا ناخشىچىنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس . پەرھات ئايالى پەزىلەت بىلەن ئىيتقان « تارىم ناخشىسى » بۇ سۆزىمىزگە گۇۋاھ بۇلۇپ تۇرۇپتۇ . ھازىرقى توي ۋە كەچلىك كۈلۈپلاردا ناخشا موزىكىنى پەقەت « سۆرەن - شاۋقۇن » پەيدا قىلىش ئارقىلىق پۇخادىن چىقىش دىگەن چۈشەنچىگە كىلىپ قالغان شارائىتتا بىزگە ھەقىقى ناخشىنىڭ نىمىلىگىنى ھىس قىلدۇردى . ئاممىباب ناخشىنىڭ كىلىپ چىقىش مەخسىدى بولغان شەھەر ھاياتىدىكى « ناخشا موزىكا ئارقىلىق ھىسيات ئالماشتۇرۇش ۋە دىئالوگلىشىش » ئەمەلىيىتگە ئۇيغۇنلاشقان ناخشا ئىيتىش ئۇسۇلى پەرھاتنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىدى . شۇڭلاشقا ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئەمەس « ئىنسان » لار توپى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى چەتئەللىك بولسۇن « ناخشا موزىكا»لىرىنىئىنسانلا بولسا ياقتۇرىدىغان ھالەتكە كەلدى ، بۇ يەردىكى مەسىلە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشمىزدىكى « كىمنىڭ ئاۋازى بەك چىقسا شۇ ياخشى ناخشىچى » دىگەن كۆز قاراشلار پەرھاتنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىنكار قىلغانلىغىدا ئىپادىلەندى . ناخشا كەسپى قىينچىلىق دەرىجىسى بىر قەدەر قىين كەسىپ بۇلۇپ ھەممە ھىسياتنى ئاۋاز بىلەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىش جەھەتتە « تالانىتلىقلار ماكانى » بولغان دىيارىمىزدا ئۈزىگە خاس يول بىلەن نام چىقىرىش تولىمۇ قىين . چۈنكى ناخشىچىلار بىزدە كۆپ بۇلۇپ خىلمۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن ناخشا ئورۇندايدىغان ناخشىچىلار كۆپ بولغاچقا شۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارىتقىدەك ناخشىچى بۇلۇش ئاسان ئەمەس ، مىنىڭچە پەرھاتنىڭ سەنئەتنىڭ يولىنى تۇتۇشى بىلەن نام چىقىرىشنىڭ قىلچىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئويلانغان ئەمەس دەپ پەرەز قىلىمەن . ئۈزىنى تونۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان . ئۆزىگە يىقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىش - قىلماسلىغىنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق . ئۈزىنىڭ قىممىتىنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا تاپشۇرۇپ ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ، ئابرۇيپەرەس . ماختانچاق . ئۈزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان بىچارە ئادەملەرلا شان شۆھرەت قايغۇسى بىلەن قىلىپ ، قىلغان ئەمگەكلىرىدىن كۆپرەك شۆھرەت تاماغا كۆپرەك ۋاقىتىنى سەرىپ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ئۆزىدىن ئۆزى ئۆزىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كىتىدۇ . يەنە بەزى ناخشىچىلار ئاۋازدىكى ھىسيات ۋە مۇڭغا ئىتىبار بىرىشتىن بەكرەك ئاۋازنى كۈچەپ تىخىمۇ يۇقۇرراق چىقىرىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ . ھەتتاكى ئۈزىنىڭ ئاۋاز دائىرسىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلمەي كىمنىڭ ناخشىسى مودا بولسا شۇنى دوراش ئارقىلىق سەنئەت كوچىسىدا بىر ئۆمۈر « تىلەمچى» بۇلۇپ ياشايدۇ . ئاۋاز چىقىرىش ۋە ناخشا ئىيتىش ئادەمنىڭ پۇل خەجلىشىگە ئوخشايدۇ . يىنىمىزدا 100 سوم پۇل بولسا بىز شۇ پۇلنى خەجلەش ئۈچۈن ئايلىق مائاشىمىزنى ۋە چىقىملىرىمىزنى بىر دەڭسەپ باققاندىن كىين بۈگۈن ھەممىنى خەجلىۋەتسەك ئەتە ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ يوق دەپ ئويلانغاندىن كىين ئاندىن خەجلەيمىز . ھىچ بولمىسا ئەتىلىككە پۇل بار دىگەن ھالەتتىمۇ 90 سومغا تاماق يەپ ئاخىرقى 10 سوم پۇلنى ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن تاكسىغا ئىلىپ قۇيۇشىمىز كىرەك . ئەگەر يولنىڭ ئۇزۇن قىسقلىغىنى مۆلچەرلىسەك 20 سوم قالسا 10 سومدىن ھالقىغان چىقىملارغا خاتىرجەم يۈزلىنىشىمىز مۈمكىن . تۇرمۇشتا شۇنداق ئادەملەر بار ئۈزىنىڭ تاپماقچى بولغان پۇلىنى خىيال قىلىپلا ئۇنى تاپتىم دەپ ئويلاپ تاپمىغان پۇلنى كەڭ كۇشادە خەجلەپ ياشايدۇ . لىكىن پاراسەت ئىگىلىرى ئۆزىنى دەڭسەشنى بىلىدۇ . ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ باشقىلارنى دوراش خۇددى تاپمىغان پۇلنى خەجلىگەنگە ئوخشاش ئىش بۇلۇپ بىز بۇنى يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش دەپ ئاتايمىز .
               بىراۋنىڭ قولىدا 100 تال قوناق بولسا ئۇ بەش تالدىن تاشلىسا . بىزنىڭ قولىمىزدا 10 تال قوناق بولسا بىز بىر تالدىن تاشلىساقمۇ يەنە بىزنىڭ قولىمىزدىكى قوناق تۈگەپ كىتىپ ئۇنىڭ قولىدىكى قوناق ئېشىپ قالىدۇ . ھەممىلا ئادەم ئوسمان ئەمەت بىلەن تەڭ يۇقۇرى ئاۋازدا ناخشا ئىيتىمەن دىسە قاملاشمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاۋاز دائىرىسىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئاۋازىنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلۇق . ئەڭ تاتلىق يىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەش ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئىشى بۇلۇپ ئاۋازنى ئۈزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش ئاسان ئەمەس . ناخشا ئىيتشتا « زاپاس كۈچنى ساقلاپ قىلىش » ئارقىلىق ئاخىرىدا ئۈزىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى نامايەن قىلىش دەل ناخشىچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈزۇرىدۇر ، ئىنسانىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ بەدەن تۈزۈلۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئەر ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئۈچ تۆرگە بۆلگەن . يۇقۇرى ئاۋاز ، ئوتتۇرا ئاۋاز ، تۆۋەن ئاۋاز ، دۇنيادىكى ئىنسانلا بۇلىدىكەن بۇ ئۈچ خىل ئۆلچەمنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتەلمەيدۇ . ئەمما ھىسياتقا تىخى ھىچكىم ئۆلچەم بىكىتەلىگىنى يوق . چۈنكى ھىسيات دىگەن يۈرەك دولقۇنى . قەلىبنىڭ سىزىشى ۋە سەزگىنىنى سىرىتقا چىقىرىش ئارقىلىق ئىپادىلەش بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىكىتىشنىڭ ئۆزى ئەخمىقانلىق . بىزنىڭ سەنئىتىمىزدە يالغۇز خۇشاللىقلا ئەمەس بەلكى قايغۇ ھەسرەت بار . شامالدەك يەڭگىللىككە پار كەلگەن تاغدەك تەمكىنلىك ۋە توغراقتە بەستى قامەت بار . ھەممە ھىسياتنى بىر خىل چىقىراق ۋە يۇقۇرى ئاۋازدا بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن تەمكىنلىك ، سالماقلىق ، ئوي پىكىر ئىچىدە تەپەككۇر قىلغۇچىنىڭ شۇ دەقىقىدىكى ھىسيات سىزىمى بىزگە لەھەتنىڭ ئاستىدىن كىلىۋاتقان ساداغا ئوخشاش ۋەھىمىلىك ھىسياتنىمۇ ئاتا قىلىشى كىرەك . پىغاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىكى كۆكنىڭ قەھرىدە ئەمەس يەرنىڭ ئاستىدىن كىلىپ بىزنىڭ روھىمىزنى لەرزىگە سالىدۇ . پەرھاتنىڭ ئاۋاز ساداسىنىڭ مۇڭلىرىدا . تەكلىماكاننىڭ پايانسىز قۇملۇقلىرى . يىشىل ۋادىلار . تال باراڭلىق ھويلىلار . تارىمنىڭ مۇڭغا چۈمگەن سۈكۈتلىرى ، ئۆمىت ئارزۇغا تولغان ئۇيغۇر خەلىقنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن ئۆمىتسىزلىك ئارلىشپ كەتكەن تۇيغۇلىرى سوزۇلۇپ ياتىدۇ ،ئۇنىڭدا ئارمان بار . ئۆمىت ۋە ئۆمىتسىزلىك بار . ۋەھىمە ۋە خۇشاللىق بار .تەمكىنلىك ۋە قەھرى غەزەپ ، چىڭقىلىش ۋە قىنىشقا ئىرىشىشىنى ئىزدەۋاتقان ئىزدەش ، ئىزدىنىش ، جۇدالىق ئازابىغا تولغان ئۆركەشلىك بىر قەلىب بىلەن ۋىسالنىڭ بەھرىدە ھايات ساداسىغا قانماسلىق بىلەن ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان ئەقىدە ۋە ساداقەتلىك كۈتۈش بار .
                  پەرھات خالىق تولىمۇ ھەسرەتلىك ناخشىچى . خۇشال بولغىدەك ئىشنى تاپالماي پىتىراپ يۈرگەن جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ روھى ھالىتى پەرھاتنىڭ ناخشلىرى بولسا ئۇنىڭ تۇرقىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇڭدا بولسۇن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە مەن بىلىدىغان ئىككى ئادەمگە كۈلكە ياراشمايدۇ . بىرى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن . يەنە بىرى پەرھات خالىق . بۇلار تىنىمسىز ئۈزىنى يىڭىلاش . تۈنۈگۈنكى ئۈزىگە بۈگۈن جەڭ ئىلان قىلىش . ئۆتكەن يىلدىكى ئۈزىگە بۇ يىل جەڭ ئىلان قىلىش ۋە روھىيىتىدىكى ئۆزى ھەل قىلالمايدىغان مەسىللەردىن يا قۇتۇلالماي يا ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەي تىتما تالاڭ بۇلۇڭ بۇلۇش ئىلكىدە يۈرەكتىكى ھەسرەتلىرى چىھرىدە ئەكىس ئەتكەن بۇ سەنئەتكارنىڭ ھەسرىتى ۋە ئويلىنىشلىرىنى بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ھىچكىمگە سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بۈيۈك ئىجادىيەتلىرىدىن ۋە ناخشىلىرىدىن ھىس قىلىمىز . پەرھات ئۈزىنىڭ ئاتىسىغا ئاتاپ ئىيتقان ناخشىسىنى خانسارايدىكى دەۋىر كۈلۈبىدا تۇنجى قىتىم ئاڭلىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى گەپنى ناخشىغا ئايلاندۇرۇپ دەبدەبىلىك مىسرالار يوق بولغان ئاددى ئەمما ئادەمگە تەسىر قىلىدىغان مىسرالار لىققىدە ھىسيات بىلەن ئىيتىلىپ ماڭا تەسىر قىلغاندى . دادا . ۋىلىپىسىىتڭنىڭ ئالدىغا مىنىپ باغچىلارغا بارغۇم كىلىدۇ .سەن دىگەندەك ئادەممۇ بولدۇم. خوتۇنمۇ ئالدىم ، ئىككى بالاممۇ بولدى . دادا سىنى سىغىنىمەن . مانا بۇ ئۇنىڭ ئاتا ھەققىدە ئىيتقان ناخشىسى . بۇ ناخشىدا ناخشا تېكىسىتى ۋە شېئىر تەلەپ قىلىدىغان ھىچقانداق دىتال يوقتەك كۆرىنىدۇ لىكىن سەمىمى يۈرەك سادالىرى ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ . ئاخشام جۇڭگۇ ياخشى ئاۋازنى كۆردۇم . ئەسلى مەن بۇ ماقالىنى بۇرۇنراق ئىلان قىلىشىم كىرەك ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ سەھنىلەردە ھۇدۇقۇپ قالمايدىغانلىغىنى ۋە ئۆزلىگىنى ھەر قانداق بىر يەردە مەردانە تۇرۇپ نامايەن قىلالايدىغانلىغى ماڭا ئايان ئىدى . بىراق يەنىلا كۆردۇم . تۆت باھالىغۇچى بىلەن تەڭلا زىلىزىلىگە كەلدىم . پەرھاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن جاۋابى ۋە ئىنسانى ھىس تۇيغۇسى ناخشىسىدىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ خاسلىققا ئىگە كۆز قاراشلىرى باھالىغۇچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرىنىمۇ بىر قۇر يىڭىلىغاندەك بولدى . نىمە ئارزۇيۇڭ بار ؟ بۇ بەك يىقىملىق سۇئال ھەم جاۋاپ بىرىدىغانلارنىڭمۇ جاۋابى بىر خىل بۇلاتتى لىكىن پەرھات باشقا بىر نوقتىدىن چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى . ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن تارتىپ كۆز قاراشلىرى باھالىغۇچىلارنىڭ توخو ئىتىنى ئۆرلىتىۋەتتى . ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغانلار ئۈزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى . ۋاكۇمدا تۇرۇپ ئۈزىنىڭ بىر كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا تاشلاپ قويماي پەقەت ھايات سەپىرىنى داۋام ئىتىۋاتقان پەرھات غەلبە قىلغاندى . بۇ يەردىكى ھىسيات بىرلىگى تىل چىگىراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان دىل بىرلىكنى تاپقاندى .      
   

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:03:51

كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلايدىغان سېغىنسۇن دەمسەن ، بۇلاقتىكى ئاي دىگەن ناخشىلىرىنى شۇنداق ياقتۇراتتىم،   بىر يەرلىرىمدىن ئامراقلىق قايىللىق كەلدى،ئاتا ئانا دىگەن ناخشىنىسىنىڭ تېكىستى بىر خىل چىقىپتۇ
چەتتنىڭ ناخشا تىكىستىنى تەرجىمە قىلغاندەك
ئۇتۇقلار يار بولسۇن، بىر تۇققان قېرىنداشلىرىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:14:36

مۇشۇ پەرھات خالىقنىڭ «سىغىنسۇن دەمسەن » «قۇربان ھىيت » دىگەن ناخشىسى بار لويۇڭ دىيىنى 98- يىللىرى ئالغان.
ئەمىلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئۇن لىنتىسىنى ئىلىشنى توختاتقىنىمغا خىلى يىللار بولغان ئىدى .
پەرھات خالىقنىڭ ناخشىللىرىنى مەنلا ئاڭلاپ قويۇرمەنمىكى دىسەم، ئۆزھال ئەپەندىمۇ دىققەت قىلىپ كەپتىكەندە .{:90:}{:90:}

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:29:34

بىر تەرەققى قىلغان ناخشچى بۇ ! باشقىلىرمۇ ئېتسا مۇشۇنداق ئېتسا بۇلدۇ بولمىسا سەھنىدىن چۇشسە بۇلدۇ!

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:01:51

پەرھات خالىقنىڭ«سىغىنسۇن دەمسەن » دەمسەن دىگەن ناخشىسىنى مەنمۇ ھازىرغىچە ئاڭلاپ كىلۋاتىمەن ...

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:16:18

مەنمۇ ئىزچىل بۇ ناخشىچىمىزغا قىزىقىپكېلىۋاتىمەن. بولسا ئۇنىڭ ناخشىلىرى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار. ھازىر ئۇنىڭ پىلاستىنكىسىنى تاقىلى بولمايدىكەن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:27:42

پەرھاد خالىقنى «جۇڭگو ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىدا خەنزۇچە بىر ناخشا ئېيتىپ ئۇلارنى يىغلىتىۋەتتى دەيدۇ. ئاڭلاپ باققانلار شۇ ناخشىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:35:17

http://v.qq.com/cover/f/fql2a8u30ashzo5/q0014prbu2t.html

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 14:10:07

مەن تارىم بويىدا دەپ ئادەمنى قۇملارغا غەرق قىلىۋىتىدۇ ئۇ ناخشا ..بەك ئېسىل

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 14:54:02

خەنچە ئېيتقىنى ئۇيغۇرچە ئېيتقىنىنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەممەيدىكەن،،،شۇنداق بولسىمۇ كۆرۈپ قويدۇم،،،لىكىن پەرھات خالىق ئاكىمىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تۈبۈگۈنكى پىروگراممىدىن بىلىپتىمەن

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 15:53:21

ئۆزھال يوللىغان ئادرېسقا نەچچە قېتىم سىناپمۇ كىرەلمەي ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان، ھازىر ئۇ ناخشىنى تېلېۋىزوردا قايتا كۆرسەتتى... باھالىغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى... يىغلاپ كىتىشتى... مەنمۇ تەكرار ئېيتسىكەن دەپ قالدىم...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:29:00

بۇقېتىم چىققان ئىككىنچى ئۇيغۇر ... باشتا چىققا تۇرغۇنجان دېگەن بالا تازا ياخشى ئېيتالمايدىكەن..يىراققا بارالماسلىقى مۇمكىن...پەرھاتتا ئۈمىد زور...ۋاڭفىڭنىڭ گۇرۇپپىسىدىن تۆت كۈچلۈككە كىرىشى مۇمكىن..قالغىنىغا داۋاملىق نەزەر تاشلايمىز ...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 17:32:34

ئىككىنجى ناخشىسىدىكى تېكىست كارامەتكەن. ;P

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 17:32:58

تۇلۇق كۇرۇشكە بولماسمۇ تۇققانلا

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 19:09:32

ھىم
ئىككىنچى ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى ئىزدىنىشتا بىر مەزگىل مودا بولغان ئىنكاسلاردىن كۈچۈرگەندەك قىلىدۇ:lol

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 20:51:03

تارىم ناخشىسى ۋەھشىيدە.......

kazgin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:34:26

ئىزدىنىشقا نىمىشقا ئامراق دىسەم،مەن قىزىققان ئىشلاردا مەندىن بەك قىزىقىدىغانلار بار.گەرچە مەن كەسپ ئەھلى بولمىساممۇ پەرھات خالق ناخشىلىرىدا بىر كۈچ-قۇۋەتتىنى ھىس قىلاتتىم.‹دادام ياقتۇرىدۇ ئەرلەر ئاۋازىنى›.مىنىڭچە پەرھات خالقتا تورداشلار دىگندەك ئۈمد زور.ئۆتكەندە قازاقلاردىن تاسكىن دەپ بىرى چىققان شۇ سەھنىدە بۇيىل پەرھات خالق ھەيران قالدۇردى.ۋاڭ فىڭ ئادەتتە ئالدىراپ ئادەم تاللاشقا ئالدىرمايتتى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:43:09

ۋاڭفىڭنى تاللىغىنىمۇ ياخشى بولدى...تازا تېپىشتى...بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ھەل قىلغۇچتا 吉克隽逸ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا بىر ناخشا ئوقۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ... بىزمۇ ھەل قىلغۇچ كېچىلىكىدە دولان مۇقامىنى ئاڭلاپ كەتسەك ...

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 01:20:27

ما ئىككى كۈن جىمى ئۈندىدار پەرھات خالىق بولۇپ كەتتى ھە

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 04:24:27

ۋاڭ فېڭنىڭ تۇتقان يولىمۇ پەرھاتقائوخشاپ قالىدۇ،نۇرغۇن جۇڭگۇلۇق روك مەستانىلىرىنىڭ نەزەرىدە پەقەتلاۋاڭ فېڭ رەسمىي بىر روك ناخشىچىسى .ۋاڭ فېڭنىڭ روك ئېيتىشقاماس كېلىدىغان بوغۇق ئاۋازىمۇ خەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدۇ. ئىشقىلىپ پەرھات ۋاڭ فېڭنى تاللاپ توغرا قىلدى .
سېغىنسۇن دەمسەن دېگەن ناخشا ھازىرمۇ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىمنىڭ بىرى .
شۇ ناملىق لېنتىغا چۈشكەن مۇقاۋا سۈرىتىمۇ بەك ئاقسا ئىدى ،ھازىر كۆرسەكمۇ شۇنداق مودىغا ماس {:112:}
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: (ئۆزھال) ئۆزىگە يىقىنلاشقۇچى - پەرھات خالىق