yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 19:30:07

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىلىرى

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىلىرى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىلىرى دېسەم بەلكى پەيغەمبىرىمىزنى قانچە ئايال تۇغقان؟ بۇ قانداق مەنتىقىسىز تېما؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، مەن بۇ سۇئالىڭىزغا قىسقىغىنە قىلىپ جاۋابىنى بەرمەكچى: توغرا ھەر بىر ئىنساننىڭ تۇغقان ئانىسى بىرلا بولىدۇ، ئەمما ئۆز ئانىسىدىن باشقا تەربىلىگەن ئانىسى، سۈت بەرگەن ئانىسىمۇ بار ئەلۋەتتە. نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلدىڭىزغو دەيمەن. 1‏- ئامىنە ئامىنە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ زۇھرە جەمەتىگە مەنسۇپ ۋەھبنىڭ قىزى ئدى. جاھىلىيەت ئاياللىرى قىزلارنى تېرىك كۆمۋىتى، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ مىراسقا ئوخشاش تەقسىم بولىشى قاتارلىق ھەرخىل خارلاش، ئېزىش كەمسىتىشكە، ئۇچراپ كەلگەن بىر مەزگىلدە ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۆز ئانىسى ئامىنە بىلەن پەخىرلىنەتتى.ئامىنە مەككىدە ئاتىسىنىڭ يۈز ئابرويى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسىل ئەخلاقى، ھۆسن جامالى بىلەن قۇرەيشنىڭ گۈلى دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى. ئابدۇلمۇتەللىپ ئوغلى ئابدۇللاھقا لايىق تاللىغان ۋاقىتتا قۇرەيشنىڭ گۈلىنى تاللىدى، ئامىنەنىڭ ئائىلىسىمۇ قۇرەيشنىڭ قەھرىمان، باتۇر، كېلىشكەن، زىرەك ئوغلانى ئابدۇللاھنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئامىنە ئابدۇللاھقا ياتلىق بولۇپ، ئىككى ئاي ئۆتەر-ئۆتمەس ئابدۇللاھ سۆيۈملۈك مەھبۇبىنى تاشلاپ، سۈرىيەگە تىجارەتكە ماڭدى، ئەپسۇس مەككىگە قايتاشىدا مەدىنىدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆتۈش ئۈچۈن تاغىلىرىنىڭ يىنىغا كېلىپ، ئىشلىرىنى تۈگىتىپ مەككىگە مىڭىشتىن بۇرۇن مەدىنىدە ۋاپات بولدى، ۋە قۇرەيشنىڭ گۈلى تۇل قالدى. ئەمما ئامىنە بۇ تۇللققا رازى ئىدى. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئابدۇللاھنىڭ بالىسىنى تۇغىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى، كائىناتنىڭ پەخرى ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى دۇنياغا ئاپرىدە قىلدى. ئابدۇللاھنىڭ ۋاپاتى ئامىنىگە بەكلا ئېغىر كىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بۇ پىكىردىن تېزلا يالتايدى. چۈنكى ئۇ قورسىقىدىكى ئابدۇللاھنىڭ ئوغلىنى ئويلىغان ئىدى. ئامىنەنىڭ ئاي كۈنلىرى يىقىنلىشىپ قالدى، ئەمما ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن. ئۇنىڭدىن تولغاق ئازابى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا ناھايىتى ئاسانلا ئاپرىدە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئامىنە يەڭگىدى، ئەمما يەڭگىشتىن ئىلگىرىكى يالغۇزۇق ئاسارىتىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى.ئامىنە ئوغلىنى تۇغقاندىن كېيىن كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، خوشال بولدى، ۋە بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆيۈنچە ئىلىش ئۈچۈن ئابدۇلمۇتەللىپكە بىرىنى يوللىدى، ئابدۇلمۇتەللىپ بوۋاقنى كۆرۈپ ئالەمچە خوشال بولۇپ كەتتى. ئابۇلمۇتەللىپ نەۋرىسىگە مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى، بۇ ئىسىم ئەرەپلەردە بەك تارقالغان ئىسىم بولمىسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئابدۇلمۇتەللىپ نەۋرىسىگە بۇ ئىسىمنى تاللىغان ئىدى. ئامىنە ئوغلى تەربىيىلەپ، يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى ئايىمىدى، ئەپسۇس شۇم ئەجەل مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن جانجىگەر، مېھرىبان ئانىسىنى ئېلىپ كەتتى. ئامىنە پەيغەمبىرىمىز ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىزنى ۋە خىزمەتچىسى ئۇممۇ ئەيمەننى ئېلىپ يولدىشىنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى، ئەمما مەدىنىدىن قايتىش يولدا ئەبۋا دېگەن يەردە كىسەل سەۋەبى بىلەن دۇنيادىن ئۆتتى.2‏- سۇۋەيبەسۇۋايبە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ چۆرىسى بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزگە ئانىسىدىن كېيىن تۈنجى قېتىم سۈت بەرگەن ئايال ئىدى.سۇۋەيبە ئەبۇ لەھەبگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خەۋەر بەرگەندە ئەبۇ لەھەب خوشال بولۇپ سۇۋەيبەنى ئازات قىلۋاتقان ئىدى. سۇۋەيبە پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەمزەنىمۇ ئېمىتكەن ئىدى.سۇۋەيبەنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئارانلا 4 ئاي سۈت بەرگىنى مەلۇم.سۇۋەيبە مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ پەيغەمبىرىمىز سۇۋەيبەنى ھۆرمەتلەت، قولىدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلىپ تۇرىدى. تارىخچىلارنىڭ ئېتىشىچە: پەيغەمبىرىمىز سۇۋەيبەگە بىر نەچچە قېتىم پۇل-مال، كېيىم كېچەك ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن.سۇۋەيبە ھىجرىيە 7‏- يىلى، مىلادىيە 631‏- يىلى، مەككىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.3‏- ھەزىرىتى ھەلىمەھەزىرىتى ھەلىمە مەككىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان سەئد قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ قىزى ئىدى. ھەزىرىتى ھەلىمە ھارىس ئىسىملىك بىر ئادەم بىلەن توي قىكغان بولۇپ ھارستىن : كەبشە، ئەنىسە، شەيما، ئاتلىق ئۈچ بالىسى بولغان ئىدى. ھەزىرىتى ھەلىمە ئادەتتە ئېنىكئانىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، شۇڭا ھەر يىلى دېگۈدەك مەككىگە كېلىپ سۈت ئېمىدىغان ۋە تەربىيەگە مۇھتاچ بوۋاقلارنى ئېلىپ كىتەتتى.ھەزىرىتى ھەلىمە تونۇشلىرىدىن بىر نەچچىسى بىلەن مەككىگە كەلدى، ۋە ھەر بىرى بىردىن بالا ئېلىپ ماڭدى، ھەزىرىتى ھەلىمەگە يېتىم دېگەن نامنى ئالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن باشقا بالا قالمىغان ئىدى. ھەزىرىتى ھەلىمە بۇ «شور پېشانە» بالىنى ئېلىپ مىڭىشقا مەجبۇر بولدى، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى يېزىسىغا ئېلىپ كەتتى. ئەمما بۇ «شور پېشانە» بالا ھەزىرىتى ھەلىمەنىڭ ئائىلىسىگە باياشات تۇرمۇش، مول ھوسۇل ئېلىشقا سەۋەپ بولدى. پەيغەمبىرىمىز سۈتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ھەزىرىتى ھەلىمە پەيغەمبىرىمىزنى مەككىگە ئېلىپ كەلدى، ۋە ئانىسى ئامىنەگە ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى قايتا ئېلىپ كىتىش توغرىسىدا يىلىنىپ تۇرۇپ: مەن ئۇنىڭغا مەككىنىڭ كېسەللىرىنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن قورقىمەن. دېدى، ئامىنە ھەزىرىتى ھەلىمەنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى، پەيغەمبىرىمىز يەنە يىزىغا چىقىپ كەتتى. ئەمما بىر نەچچە ئاي ئۆتەر-ئۆتمەس پەيغەمبىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. پەيغەمبىرىمىز خەدىجە ئانىمىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ھەزىرىتى ھەلىمە مەككىگە كىلىپ ئوغلى ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پەيغەمبىرىمىز ئېنىكئانىسىغا قىرىق قوي ۋە بىر تۆگە بەرگەن ئىدى.ھەزىرىتى ھەلىمە مەدىنىدە ۋاپات بولغان ئىدى.4‏- ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەنھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دادىسىدىن قالغان چۆرىسى ۋە ئانىسىدىن كېيىنكى مۇرەببىيەسى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەننى ئازات قىلىۋەتكەن ئىدى.ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەن ئۇبەيدە ئىسىملىك بىر ساھابە بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەن ئىسىملىك بىر ئوغلى بولغاندىن كېيىن چىقىشالماي ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى. ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەن يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خىزمەتچىسى ھەزىرىتى زەيد بىن ھارىسە بىلەن توي قىلدى. ۋە زەيدتىن ئۇسامە ئىسىملىق بىر ئوغلى بولدى، ئەمما يولدىشى ھىجرىيە 8‏- يىلى، مىلادىيە 632‏- يىلى مۇئتە ئۇرۇشىدا شېھىت بولدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەننى ھۆرمەتلەپ : ئۇ مىنىڭ ئانامدىن قالسا ئىككىنچى ئانام، دەيتتى. ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى باشلىغاندا تۈنجى بولۇپ ئىمان ئېيىتقانلارنىڭ بىرى ئىدى. ھەزىرىتى ئۇممۇ ئەيمەن ھىجرىيە 25‏- يىلى 649‏- يىلى مەدىنىدەۋاپات بولدى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاممىلىرى1‏- ئەرۋا بىنتى ئابدۇلمۇتەللىپھەزىرىتى ئەرۋا پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان ئىدى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرەيش ئاياللىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىدى، ئىنىسىنىڭ ئوغلى ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى، ھەق دىندىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ بولسا جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.ھەزىرىتى ئەرۋا راسچىللىق، ئەمىنلىك بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىدى. ھەزىرىتى ئەرۋا قۇرەيش قەبىلىسىدە تونۇلغان شائىرە ئىدى. ئەبۇ لەھەب پەيغەمبىرىمىزگە ئەزىيەت بەرگىلى ئۇرۇنغاندا ھەزىرىتى ئەرۋا قاتتىق قارشىلىق قىلغان ۋە پەيغەمبىرىمىزنى قوغداپ قالغان ئىدى.2‏- ھەزىرىتى سەفىيەھەزىرىتى سەفىيە پەيغەمبىرىمىز ئاياللارغا ئىسلام دىنى تونۇشتۇرغاندا تۈنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئاياللارنىڭ بىرى ئىدى. ھەزىرىتى سەفىيە قۇرەيش قەبىلىسىدە تونۇلغان ئەدىبە ئىدى.ئىسلام دىنى ئاياللارغا جىھادنى پەرز قىلمىغان بولسىمۇ ھەزىرىتى سەفىيە پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان بەزى ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ۋە بۇ جەڭلەردە زور تۆھپە كۆرسەتكەن ئىدى، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ئۇھۇد ئۇرۇشى يەنە بىرى بولسا خەندەك ئۇرۇشى ئىدى.ھەزىرىتى سەفىيە ئىسلام تارىخىدا باتۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ شۆھرەت قازانغان، جەننەت بىلەن خوش بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى بولغان ھەزىرىتى زۇبەيىرنىڭ ئانىسى ئىدى. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا قېرىندىشى ھەمزىنىڭ شەھىد بولغىنىنى ئاڭلىغان ھەزىرىتى سەفىيە ئۈنسىز يىغلاپلا قالغان ئىدى.ھەزىرىتى سەفىيە ھەزىرىتى ئۆمارنىڭ زامانىدا، يەنى ھىجرىيە 20‏- يىلى مىلادىيە 634‏- يىلى، 73‏- يىشىدا دۇنيادىن ئۆتكەن ئىدى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقارىدىكى ئىككى ھاممىسىدىن باشقا ئۇممۇ ھەكىم، بەررە، ئاتىكە، ۋە ئۇمەيمە ئىدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچ بىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھاياتى توغۇرلۇق تارىخ كىتاپلىرىدا ئوچۇق بايانات ئۇچراتمىدىم.مۆئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى1‏- ئانىمىز خەدىجەخەدىجە ئانىمىز مىلادىيە 556‏- يىلى يۈز ئابرويلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. خەدىجە ئانىمىز قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەسەد جەمەتىدىن ئىدى، خەدىجە ئانىمىز . ئەدەپ-ئەخلاقلىق چوڭ بولغان ئىدى، ئىپپەتلىك، ئەقىل-پاراسەتتلىك، كەسكىن ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ياش ۋاقتىدىلا پاك ئايال دېگەن نامىنى ئالغان ئىدى. خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبرىمىز بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باي بىر سودىگەر ئىدى، مەككىدىكى تىجارەت ئاساسەن يەمەن ۋە سۈرىيە بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن دائىم سەپەرگە چىقىشقا يارايدىغان ئەرلەرنى ئىشىغا سالاتتى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ راسچىل ۋە ئىشەنچىلىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزنى ئادەتتىكى ئىشچىلارغا بىرىدىغان مائاشنىڭ بىر نەچچە ھەسسىسىنى بىرىپ ئۆز تىجارىتى بىلەن سۈرىيەگە يوللىدى، خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزگە سادىق قۇللىرىدىن مەيسەرە ئاتلىق بىرىنى خىزمەتچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىز سۈرىيە سەپىرىدىن خەدىجە ئانىمىزنىڭ تىجارەت تارىخىدا كۆرۈپ باقمىغان بىر پايدا بىلەن قايتىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ قەدەر كۆپ پايدا بىلەن قايتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى، خەدىجە ئانىمىز قۇلى مەيسەرەدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن پەيغەمبىرىىمىز بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كەلدى. پەيغەبىرىمىز خەدىجە ئانىمىز بىلەن توي قىلغان ۋاقىتتا پەيغەمبىرىىمز 25 ياشتا، خەدىجە ئانىمىز بولسا 40 ياشتا ئىدى. خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم ياتلىق بولغان ئىدى. خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا دەۋەتنى باشلىغاندا تۈنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان ئايال ئىدى.خەدىجە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز خەدىجە ئانىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن خەدىجە ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلمىغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا باللىرىنىڭ ھەممىسى خەدىجە ئانىمىزدىن بولغان ئىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ باللىرى : قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەپ، ئۇممۇ گۇلسۇم، رۇقىيە، پاتىمە. پەيغەمبىرىمىز خەدىجە ئانىمىزنى جەننەت بىلەن خوش بېشارەت بەرگەن ئىدى. خەدىجە ئانىمىز ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ پەيغەمبىرىمىز خەدىجە ئانىمىزنى دائىم دېگۈدەك ئەسلەپ تۈراتتى. خەدىجە ئانىمىز ھىجرەتتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى « مىلادىيە616‏- يىلى» 65 يىشىدا مەككىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.2‏- ئانىمىز سەۋدەخەدىجە ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغان تۈنجى ئايال. خەدىجە ئانىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۆيىنى پاكىزە، رەتلىك تۇتۇدىغان بىر ئايالغا ئىھتىياچ چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز يولدىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپ تۇل قالغان سەۋدە ئانىمىز بىلەن توي قىلدى. سەۋدە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى سەكران بىن ئەمر ئىسىملىك بىرى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئادەم ئالتە بالىسى بار ئىدى، سەۋدە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن مىلادىيە 616‏- يىلى رامزان ئېيىدا توي قىلغان ئىدى. سەۋدە ئانىمىز پەيغەمبىرلىكنىڭ 1‏- يىلى ئىمان ئېيىتىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى. ۋە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان ئىدى. سەۋدە ئانىمىز تەقۋادارلىق ۋە مەرتلىك بىلەن تونۇلغان ئىدى، سەۋدە ئانىمىز ھىجرىيە 54‏- يىلى مىلادىيە678‏- يىلى ۋاپات بولغان.3‏- ئانىمىز ئائىشەئائىشە ئانىمىز ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى ھەزىرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ ئىكىنچى قىزى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئائىشە ئانىمىز بىلەن ھىجرەتنىڭ 1‏- يىلى مىلادىيە624‏‏-يىلى توي قىلغان ئىدى، ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغاندا ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن ئىدى، پەيغەمبىرىمىز بولسا 53ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىشە ئانىمىز بىلەن توي قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەزىرىتى ئەبۇبەكىر سىددىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىدى، ئائىشە ئانىمىز ئاساسەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلمىنى بىزگە يەتكۈزىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ئائىشە ئانىمىزنىڭ پەيغەمبىتىمىزدىن ئاڭلاپ بىزگە يەتكۈزگەن ھەدىسنىڭ سانى 2210. ئائىشە ئانىمىزنى دۇنيا تارىخىدىكى ساناقلىق ئالىمەلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئائىشە ئانىىمىز ھەدىس ئىلمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنگىدەك گىراماتىكا، مورفولوگىيە، ئەدەبىيات، ئىسلام قانۇنچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ يېتىشكەن ئالىمە ئىدى. ئائىشە ئانىمىز ئىلمنى پەيغەمبىرىمىزدىن پەيغەمبىرىمىز بولسا ئاللاھتىن قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئىلمىدە ئىەلچە شەك-شۈبھە يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەر بىلەلمىگەن ئىلمى مەسىلىلەرنى ئائىشە ئانىمىزدىن سوراپ ئۆگىنەتتى، ئەبۇ مۇسا مۇنداق دەيدۇ:«بىز «پەيغەمبەر ئالايھىسالامنىڭ سابىلىرى» بىرەر نەسىلىنى چۈشىنەلمەي قالساق دەرھال ئائىشە ئانىمىزدىن سورايتتۇق، ئائىشە ئانىمىز تەمتىرىمەي جاۋاپ بېرەتتى،»ئائىشە ئانىمىزنىڭ بۇنىڭچىلىك كاتتا ئالىمە بۇلىشىنىڭ سەۋەپلىرى:1‏- ئەقىل، پاراسەتلىك، زېرەك بولۇشى.2‏- پەيغەمبىرىمىز بىلەن ياش توي قىلىشى پەيغەمبىرىمىزدىن ئالغان بىلىملەرنى ئىسىدە تۇتۇپ قىلىشقا تۈرۈتكە بولغان.3‏- ئائىشە ئانىمىزنىڭ ياتىقىدا چۈشكەن ۋەھىينىڭ باشقا ئانىلىرىمىزنىڭ ياتىقىدا چۈشكەنلىرىدىنن كۆپ بولۇشى.4‏- ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان ئوتتەك ھەۋىسى.ئىلىم-مەرىپەت، تەقۋادارلىق بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئائىشە ئانىمىز ھىجرىيە 57‏- يىلى، مىلادىيە 681- يىلى مەدىنەدە ئالەمدىن ئۆتتى.4‏- ئانىمىز ھەفسەھەفسە ئانىمىز ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى ۋە ئىسلام تارىخىدا ئادالەت بىلەن تونۇلغان ھەىزىرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى بولۇپ مىلادىيە 596‏- يىلى دۇنياغا كەلگەن. ھەفسە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى خۇنەيس بىن ھۇزافە ئىسىملىك بىرى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، يولدىشى بىلەن بىرگە ئىسلامغا كىرگەن ۋە ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان، ئەپسۇس يولدىشى بەدر ئۇرۇشىدىن كېيىن مەدىنىدە ۋاپات بولغان، يولدىشى ۋاپات بولغاندا ھەفسە ئانىمىز ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىدى. ھەفسە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھىجرىيە3‏- يىلى مىلادىيە 627- يىلى مەدىنىدە توي قىلدى. ھەفسە ئانىمىزنى جىبرىل ئەلەيھىسالام كېچىلىرى ناماز ئوقۇش ۋە كۈندۈزلىرى دائىم دېگۈدەك زورا تۇتۇش بىلەن ماختىغان ئىدى. ھەفسە ئانىمىز ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تونۇلغان ساھابىلەرنىڭ بىرى.ھەفسە ئانىمىز ھىجرىيە 45‏- مىلادىيە 669‏- يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان. 5‏- ئانىمىز زەينەپ بىنتى خۇزەيمەزەينەپ ئانىمىز ئىسلامنىڭ باشلىنىشىدا ئىمان ئېيتقان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ئۇبەيدە بىن ھارىس ئىسىملىك بىر ساھابە بىلەن توي قىلغان ئىدى. يولدىشى بەدر ئۈرۈشىدا شەھىد بولغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز زەينەپ ئانىمىز بىلەن ھىجرىيە 3‏- يىلى مىلادىيە627‏- يىلى توي قىلغان ئىدى. زەينەپ ئانىمىز پىقىرلارنىڭ ئانىسى دىگەن مۇبارەك نامغا ئېرىشكەن سېخى، مەرت بىر ئايال ئىدى.زەينەپ ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن يەنى ھىجرىيە4‏-يىلى مىلادىيە628‏- يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان، نامىزىنى بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۆزى چۈشۈرگەن ئىدى.6‏- ئانىمىز ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ئۇممۇسەلەمە پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئەبۇ سەلەمە ئىسىملىك ساھابىلە بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇ ساھابىدىن ئىككى ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن ئىدى. يولدىشى ئەبۇ سەلەمە ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن بىر مەزگىل كېيىن ھىجرىيەنىڭ 4‏- يىلى، مىلادىيە 628‏- يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان ئىدى. يولدىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىگە چاقىسىز قالغان ئانىمىز ئۇممۇ سەلەمەن پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھىجرىيە 4‏- يىلى، مىلادىيە 628‏- يىلى توي قىلدى، ۋە بالىلىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ قىلدى. ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ئىرپاندا ئۆز زامانىسىنىڭ داڭلىق كىشىلىرىدىن بىرى سانىلاتتى، شۇنىڭدەك ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز دانا پىكىرلىرى بىلەن باشقا ئانىلىرىمىزدىن ئالاھىدە بىر ئورۇندا تۇراتتى. ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىنىڭ سانى 878 ھەدىس. ئانىمىز ئۇممۇ سەلەمە ئىلىم-مەرىپەت، تەقۋادارلىق بىلەن تولغان ھاياتتىن كېيىن ھىجرىيە 62‏- يىلى، مىلادىيە 686- يىلى، 90 يىشىدا مەدىنىدە ۋاپات بولدى.7‏-ئانىمىز زەينەپ بىنتى جەھشزەينەپ ئانىمىز تەقۋادارلىق، سېخىلىق، مەرتلىك ۋە ئىسىل ئەخلاقلار بىلەن تونۇلغان سەۋېرچان، كۆڭلى-كۆكسى كەڭرى بىر ئايال ئىدى.زەينەپ ئانىمىز ئىسلامنىڭ باشنىشىتا تۈنجى بولۇپ ئىمەن ئېيتقان ئاياللارنىڭ بىرى ئىدى. زەينەپ ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى ئىدى، پەيغەمبىرىمىز زەينەپ ئانىمىزنى ئازاد گەردىسى زەيد بىن ھارىسەگە ئېلىپ بەرگەن ئىدى، زەيىد بىلەن كىلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھىجرىيە 5‏- يىلى، مىلادىيە 629- يىلى توي قىلغان ئىدى، زەينەپ ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزدىن كۆپلىگەن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئالىمە ئايال ئىدى. زەينەپ ئانىمىز ھىجرىيە 25‏- يىلى، مىلادىيە 649‏- يىلى مدەىنىدە ۋاپات بولغان ئىدى.8‏- ئانىمىز جۇۋەيرىيە جۇۋەيرىيە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسافىئ ئاتلىق بىرى بىلەن توي قىلغان ئىدى، جۇۋەيرىيە ئانىمىز مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ھارىسنىڭ قىزى ئىدە. مۇستەلەق قەبىلىسى كۆرەڭلەپ، ئۆزىنى بىلەلمەي، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى، ئەمما بۇلارنىڭ شۇم پىلانى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇستەلەق قەبىلىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئاياللىرىنى ئەسىر ئىلىپ، ماللىرىنى غەنىمەت ئىلىپ قايتتى، ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللارنىڭ ئىچىدە قەبىلە باشلىقىنى قىزى جۇۋەيرىيەمۇ بار ئىدى.مۇستەلەق قەبىلىسى ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە ئىززەت-ئابرويغا ئىگە بىر قەبىلە ئىدى، جۇۋەيرىيە ئانىمىز ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەقەتلا تەن ئالغۇسى كەلمەيتتى، ئەمما رىئاللىق شۇ ئىدى، جۇۋەيرىە ئانىمىز بۇ خورلۇققا چىدىماي، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا ئۆزىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن كەلدى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇستەلەق قەبىلىسى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئالاقە ئورنىتىش ئىستىكى بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز جۇۋەيرىيە ئانىمىزغا ئۆزى بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلدى، جۇۋەيرىيە ئانىمىز خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى، ۋە پەيغەمبىرىمىز جۇۋەيرىيە ئانىمىز بىلەن ھىجرىيە 6‏- يىلى، مىلادىيە 630- يىلى توي قىلدى. جۇۋەيرىيە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ھاياتىنى ئەمەل-ئىبادەتكە ئاتىۋەتكەن ئىدى.جۇۋەيرىيە ئانىمىز ساخاۋەت، تەقۋادارلىق ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تونۇلغان ئىدى. جۇۋەيرىيە ئانىمىز ھىجرىيە 50‏- يىلى، مىلادىيە 674‏- يىلى مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. 9‏- ئانىمىز سەفىيە سەفىيە ئانىمىز مەدىنىدە ياشايدىغان يەھۇدى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان نەدىر قەبىلىسىنىڭ كاتېۋىشى ھۇيەينىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدى، نەدىر قەبىلىسى ھىجرىيە3‏- مىلادىيە 627- يىلى مەدىنىدىن قوغلانغاندىن كېيىن خەيبەرگە بىرىپ ياشىغان ۋە خەيبەردە بۇرۇن سالام بىن مىشكەم كېيىن كىنانە بىن رەبىئ بىلەن توي قىلغان ئىدى. سەفىيە ئانىمىز ھىجرىيە 7‏- يىلى، مىلادىيە 631- يىلى خەيبەر ئۈرۈشىدا يولدىشى كىنانەدىن ئايرىلىپ قالدى، ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشتى، پەيغەمبىرىمىز سەفىيە ئانىمىزغا توي قىلىش تەكلىۋىنى بەردى، سەفىيە ئانىمىز خوشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بەردى، شۇنىڭ بىلەن سەفىيە ئانىمىز ھىجرىيە 7‏- يىلى، مىلادىيە 631- يىلى پەيغەمبىرىمىز بىلەن مەدىنىدە توي قىلدى. سەفىيە ئانىمىز تەقۋادارلىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ئىربان بىلەن تونۇلغان ئىدى. سەفيىە ئانىمىز ھىجرىيە50‏- يىلى، مىلادىيە674- يىلى مەدىنىدە ۋاپات بلدى. 10‏- ئانىمىز ئۇممۇ ھەبىبەئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ كاتتېۋىشى ئەبۇ سۇفياننىڭ قىزى ئىدى.ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ئۇبەيدۇللاھ بىن جەھش ئاتلىق بىرى بىلەن توي قىلغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى باشلىغاندا ئۇممۇ ھەبىبە يولدىشى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولدى. مۇسۇلمانلار ئىككىنچى قېتىم ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان ۋاقىتتا ئۇممۇ ھەبىبە يولدىشى بىلەن ھىجرەت قىلدى، ئەپسۇس يولدىشى ھەبەشىستانغا بارغاندا ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ خىرىستىيان بوپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە يولدىشىدىن ئايرىلىپ كەتتى. ھىجرىيە 7‏- يىلىىغا قەدەر ھەبەشىستاندا غۇربەتتە يالغۇز ياشىدى. ھەبەشىستاندىكى مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايىتقاندا ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە قايتتى. ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز مەدىنىگە قايىتقاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئەلچى كىرگۈزۈپ ھىجرىيە 7‏- يىلى، مىلادىيە 631‏- يىلى توي قىلدى. ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، تەقۋادارلىق بىلەن تونۇلغان ئىدى.ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىز ھىجرىيە 44‏- يىلى، مىلادىيە 668‏- يىلى مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتتى.11‏- ئانىمىز مەيمۇنەمەيمۇنە ئانىمىز ئىسلامدىن ئىلگىرى مەسئۇد ئىسىملىك بىرى بىلەن توي قىلغان، ئەمما يولدىشى بىلەن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى. مەيمۇنە ئانىمىز ئىسلامنىڭ باشلىنىشىدا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى. مەيمۇنە ئانىمىز ھىجرىيە 7‏- يىلى پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغان ئىدى. مەيۇنە ئانىمىز تەقۋادارلىق، ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تونۇلغان ئىدى. مەيمۇنە ئانىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئەمرىگە ئالغان ئايالى ئىدى.مەيمۇنە ئانىمىز ھىجرىيە 51‏- يىلى، مىلادىيە 675‏- يىلى 80 يىشىدا مەككىدە ۋاپات بولغان.پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزلىرى1‏- ھەزىرىتى زەينەپھەزىرىتى زەينەپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ قىزى بولۇپ مىلادىيە 601‏- يىلى مەككىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەزىرىتى زەينەپ دۇنياغا كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز ئالەمچە خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خوشال بولغىنىنى كۆرگەن خەدىجە ئانىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق خوشال بولغان ئىدى. ھەزىرىتى زەينەپ ئالەملەرگە رەھمەت ئېلىپ كەلگەن كائىناتنىڭ پەخرى ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ سالامىغا مۇيەسسەر بولغان بىردىن بىر ئايال ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىزنىڭ تەرىبىيسىدە ئەدەپ-ئەخلاقلىق، شەرمى-ھايالىق، بىر قىز بولۇپ چوڭ بولدى. ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىزنىڭ قېرىندىشى ۋە بىر تۇغقىنى ھالەنىڭ خەدىجە ئانىمىز بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق ئىدى، دائېم دېگۈدەك بىر بىرىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كىلىشەتتى، ۋە بۇ زىيارەتلەرگە ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىز ئارزۇلۇق قىزى زەينەپنى، ھالە بولسا زېرەك ئوغلى ئەبۇ ئاسنى دائىم دېگۈدەك بىللە ئېلىپ كىلەتتى، بالىلار ئۆز ئارا ئوينىشىپ-كۈلىشىپ چوڭ بولغان ئىدى.بىر كۈن ھالە قىرىندىشى ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىزنىڭ يېنىغا كىلىپ: قىزىنى ئۆزىنىڭ تەك ئوغلى ئەبۇ ئاسقا تەلەپ قىلدى. خەدىجە ئانىمىز ھەمشىرىسىنىڭ تەلەپىنى ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا يەتكۈزدى، پەيغەمبىرىمىز خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياشنىڭ تويى بولدى. بۇ بەخىتلىك توينىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە ھەزىرىتى زەينەپ ئەبۇ ئاسقا بىر ئەلى ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئۇمامە ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى. ئەلى بولسا كىچىك ۋاقتىدىلا ۋاپات بولدى، ئۇمامەنى ھەزىرىتى ئالى ھەزىرىتى پاتىمەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمرىگە ئالغان ئىدى.ئەبۇ ئاسنىڭ تېرىكچىلىكى سىرتقى تىجارتە بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئايالى زەينەپنى ئانىسى ھالەنىڭ يىنىدا ئەكىلېپ قويۇپ ئۇزاقلارغا سەپەرگە چىقىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ قېتىممۇ ئەبۇ ئاس سۆيۈملۈك ئايالى ھەزىرىتى زەينەپنى ئانىسىنى يىنىغا ئەكىلىپ قويۇپ سۈرىيە تەرەپكە تىجارەت سەپىرىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى، سەپەردىن قايىتقاندا پەيغەمبىرىمىز ئەبۇ ئاسنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى، ئەمما ئابۇ ئاس پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋىتىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. قىزى زەينەپ بولسا تۈنجى مۇسۇلمان بولغان ئاياللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئەپسۇس يولدىشى ئەبۇ ئاس ئىسلام دىنىغا بەكلا كېچىكىپ كىرگەن ئىدى.پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ھەزىرىتى زەينەپ يولدىشى ئەبۇ ئاسنىڭ يىنىدا قىپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. ھىجرىيە 3‏- يىلى بەدر ئۇرۇشىدا ئەبۇ ئاس ئەسىرگە چۈشتى، ۋە پەيغەمبىرىمىز ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن جەرىمانە ئىلىپ ئاندىن يولغا ساپ قويۇش قانۇنىنى چىقارغان ئىدى، بۇنى ئاڭلىغان ھەزىرىتى زەينەپ ئانىسى ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىزدىن قالغان بىر زەنجىرنى يولدىشىغا پىدا قىلش ئۈچۈن ئەۋەتتى، زەنجىرنى كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز سۆيۈملۈك ئايالى خەدىجە ئانىمىزنى ئەسلەپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى، ۋە مۇسۇلمانلارغا مەسلەھەت سېلىپ:- ئەگەر خالىساڭلار ئەبۇ ئاسنى قويۇپ بېرەيلى ۋە زەنجىرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرەيلى، خالىمىساڭلار بۇ زەنجىر دۆلەتنىڭ مالىيەسىگە ئېلىنسا بولىدۇ، دېدى. بۇنچىلىك ئالېجاناپلىقنى كۆرگەن ساھابىلەر:- بولدى بىز بىر زەنجىرنىڭ مېھرىدىن كەچتۇق. دېدى.ئەبۇ ئاس مەككىگە قايتىپ بېرىپ ھەزىرىتى زەينەپنى مەدىنىگە يولغا سىلىپ قويدى. ھەزىرىتى زەينەپ مەدىنىدە دادىسىنىڭ يىنىدا ھىجرىيە 7‏- يىلىغىچە ئېرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ ئولتۇردى.مەككە فەتىھ بولۇشتىن ئىلگىرى ئەبۇ ئاسنىڭ سۈرىيەدىن مەككىگە ئېلىپ ماڭغان ماللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى، ئەبۇ ئاس بولسا ئايالى ھەزىرىتى زەينەپتىن پاناھ تىلەپ مەدىنىگە كەلدى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە:- سىلەر ئەبۇ ئاسنىڭ مەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بىلىسىلەر، ئەگەر خالىساڭلار مىلىنى قايتۇرۇپ بەرسەك، دېدى. ساھابىلەرمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بېلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ئاسقا ماللىرى قايتۇرۇپ بېرىلدى، ئەبۇ ئاسقا ماللارنى مەككىگە ئېلىپ كىلىپ قەرىزلىرىنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ مەدىنىگە كېلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەر-ئايال جەملىشىپ بىر يىل ئۆتكەندە يەنى ھىجرىيە 8‏- يىلى مىلادىيە 632‏- يىلى ھەزىرىتى زەينەپ كىسەل سەۋەبى بىلەن مەدنىدە ۋاپات بولدى. ئايالىنىڭ ۋاپاتىدىن 4 يىل كېيىن ئەبۇ ئاسمۇ دۇنيادىن ئۆتتى.2‏- ھەزىرىتى رۇقىيەھەزىرىتى رۇقىيە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككىنچى قىزى بولۇپ، ھەزىرىتى زەينەپتىن بىر نەچچە ياش كىچىك ئىدى، ھەزىرىتى رۇقىيە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىگە يىڭىدىن خوشاللىق ئىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەزىرىتى رۇقىيە تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئوغلى بولغان ئۇتبە بىلەن توي قىلدى، بۇ تويغا ھەزىرىتى خەدىجە ئانىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، چۈنكى ئۇتبەنىڭ ئانىسى ئۇممۇ جەمىل قۇرەيش قەبىلىسىدە ئۇچىغا چىققان تاش يۈرەك، قاتتىق قول، زەھەرخەندە ئايال ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىدە توي قىلغان ئادەم ئاۋۋال نىكاھ قىلىپ ئەڭ ئازبىر نەچچە كۈن بولمىسا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن قىز يىگىت بىر ئۆيگە كىرەتتى‏.ھەزىرىتى رۇقىيە ئۇتبە بىلەن توي قىلىپ ئۇزاققا بارماي پەيغەمبىرىمىز ئىسلام دىنىغا دەۋەتنى باشلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن تاغىسى ئەبۇ لەھەب پەيغەمبىرىمىزگە بولغان دوستلىقىنى دۈشمەنلىكككە ئۆزگەرتتى، پەيغەمبىرىمىزگە بەرگەن ئەزىيەتلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى مەسەد سۈرىسىنى چۈشۈردى. مەسەد سۈرىسى « ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال - مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ» مەسەد سۈرىسى1‏-5‏- ئايەت. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇلەھەبنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، ۋە ئوغلى ئۇتبىنى چاقىرىپ: سەن مۇھەممەد «ئەلەيھىسالام»نىڭ قىزى تالاق قىلمىساڭ، مىنىڭ سەندەك بالام يوق، دېدى. ئۇتبە ئامالسىز بىر ئۆيگە كىرىپ بىر تەكىگە باش قويمىغان ئايالى رۇقىيەنى قويۇپ بەردى.خەدىجە ئانىمىزمۇ بۇ تاش يۈرەك قۇدىدىن قۇتۇلدى.ھەزىرىتى رۇقىيە ئۇتبەدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي قۇرەيشنىڭ كاتتا بايلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەزىرىتى ئوسمان بىلەن توي قىلدى، ھەزىرىتى ئوسمان ھەزىرىتى رۇقىيە بىلەن توي قىلغاندا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ بولغان ئىدى. ھەزىرىتى رۇقىيە ھەزىرىتى ئوسمانغا ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن ئىدى. ھەزىرىتى ئوسمان كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، ئەمما قۇرەيش بۇلارنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا يول قويمايدىغاندەك قىلاتتى. ھەزىرىتى ئوسمان قۇرەيشنىڭ ئازاپ، ئۇقۇبەتلىرىگە، قېيىن قىستاقلىرىغا چىدىماي، پەيغەمبىرىمىزنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۆيۈملۈك ئايالى رۇقىيەنى ئېلىپ قىزىل دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ ھەبەشىستانغا كېتىپ قالدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش باشلانغاندا ھەزىرىتى ئوسمان سۆيۈلۈك ئايالى ھەزىرىتى رۇقىيە ئېلىپ ھەبەشىستاندىن مەدىنىگە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلدى.مەدىنىدە ئەمدى باشلانغا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشنى ئادەم بىشىغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولغان بىر مۇسىبەت يەنى ئوغلىنىڭ ۋاپاتى خانۇۋەيران قىلىۋەتتى. ھەزىرىتى ئوسمان بىلەن ھەزىرىتى رۇقىيە بۇ ئەلەملىك مۇسىبەتنى بەك تەستە باشتىن كەچۈردى.ھەزىرىتى ئوسمان بىلەن ھەزىرىتى رۇقىيە ئوغلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى يىلغا يېقىن خاتىرجەم ياشىدى.ھەزىرىتى رۇقىيە ھىجرىيە 3‏- يىلى، مىلادىيە 627‏- يىلى بەدر ئۇرۇشى باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى، بەدر ئۇرۇشى باشلانغاندا ئەەزىرىتى ئوسمان ئايالىنى ياخشى كۈتۈش ئۈچۈن مەدىنىدە قىپ قالدى.ئۇرۇشنى غەلبە بىلەن ئاياقلاشتۇرۇپ مەدىنىگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ھەزىرىتى رۇقىيەنىڭ جىنازە نامىزىغىمۇ ئۈلگىرەلمىدى. ھەزىرىتى رۇقىيەنى يەرلىكتە قويغان ھەزىرىتى ئوسمان بىر نەچچە كۈن كۆز يېشى قىلدى.3‏- ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇمھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇم ھەزىرىتى رۇقىيەدىن بىر نەچچە يىل كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا دەۋەتنى باشلىغاندا تۈنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئاياللارنىڭ بىرى بولدى.ھەزىرىتى رۇقىيەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئۇتبە بىلەن توي بولغاندا، ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇمنىڭمۇ تاغىسىنى كىچىك ئوغلى ئۇتەيبە بىلەن توي بولغان ئىدى. ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇممۇ ھەزىرىتى رۇقىيەگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولدى. ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇم يولدىشى ئۇتەيبەدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئۆيىدە ئەمەل-ئىبادەت بىلەن ياشاپ قالدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇممۇ ئۇلار بىلەن بىللە ھىجرەت قىلدى. ھەزىرىتى رۇقىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۈچىنچى قىزى ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇمنىمۇ ھەزىرىتى ئوسمانغا ياتلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزىرىتى ئوسمان دۇنيا تارىخىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىككى قىزى بىلەن توي قىلغان بىردىن بىر شەخس بوپ قالدى. ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇم ھەزىرىتى ئوسمان بىلەن 6 يىل بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، بالىلىق بولالمىدى.ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇم ھەزىرىتى ئوسمان بىلەن 6 يىل بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن ھىجرىيە 9‏- يىلى، مىلادىيە 633‏- يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولدى.4‏- ھەزىرىتى پاتىمەھەزىرىتى پاتىمە مىلادىيە 606‏- يىلى مەككىكەدە دۇنياغا كەلگەن، ھەزىرىتى پاتىمە ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى كېلىشكە باشلىدى، كىچىك پاتىمەمۇ دادىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بۇ دىنغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى. ھەزىرىتى پاتىمە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەپ-ئەخلاقلىق، خوش پېئىل، ئىپپەتلىك ۋە ئەركىن ئازادە چوڭ بولغان ئىدى. ھەزىرىتى پاتىمە پەيغەمبىرىمىز چەككەن دەرد-ئەلەملەردە پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىدى. قۇرەيش پەيغەمبىرىمىزنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاغدا ھەزىرىتى پاتىمە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىدا ئىدى. ئۈچ يىل داۋام ئەتكەن بۇ ئىمبارگونىڭ نەتىجىسىدە ھەزىرىتى پاتىمەنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئىمانى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن ئىدى. بۇ شۇم ئۈچ يىل ئاخىرلىشىپ پەيغەمبىرىمىز ئەمدى ئەركىنلىككە چىققاندا ھەزىرىتى پاتىمە مېھرىبان، كۆيۈمچان ئانىسى ھەزىرىتى خەدىجىدىن ئايرىلىپ قالدى، بۇ ئايرىلىش ئازابىغا چىدىمىغان ھەزىرىتى پاتىمەنىڭ كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاققاندا پەيغەمبىرىمىز سۆيۈملۈك قىزىغا تەسەللى بېرىپ ئاران تەستە توختاتقان ئىدى.بۇ ئايرىلىشتىن بىر نەچچە يىل كېيىن ھەزىرىتى پاتىمە ئانا ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ھەزىرىتى پاتىمە مەدىنىدە ئۈچ يىلغا يېقىن كۆيۈمچان دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بولغاندىن كېيىن ھىجرىيە 2‏- يىلى، مىلادىيە 626‏- يىلى، تاغىسى ئابۇ تالىپنىڭ كەنجى ئوغلى ھەزىرىتى ئەلى بىلەن توي قىلدى.ھەزىرىتى پاتىمەنىڭ تۇرمۇشى غېرىپلىك، يوقسۇللۇق ئۈستىگە قۇرۇلدى، لېكىن ھەزىرىتى پاتىمە بۇ تۇرمۇشتىن قېلچە ئېرىنمىدى، شىكايەت قىلمىدى. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىىسىيىنىڭ مېۋىسى ئىدى.توي قىلىپ بىر يىل كېيىن يەنى ھىجرىيە 3‏- يىلى، مىلادىيە 627 ‏-بەدر ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەزىرىتى پاتىمە تۈنجى ئوغلى ھەزىرىتى ھەسەننى تۇغدى. ھەزىرىتى ھەسەن بىر ياشقا كىرەر-كىرمەس، يەنى ھىجرىيە 4‏- يىلى، مىلادىيە 628‏- يىلى ھەزىرىتى پاتىمەنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھەزىرىتى ھۇسەيىن دۇنياغا كەلدى. ھەزىرىتى ھۇسەيىن تۇغۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن يەنى ھىجرىيە 5‏- يىلى، مىلادىيە 629‏- يىلى ھەزىرىتى پاتىمە تۈنجى قىزىنى تۇغدى، پەيغەمبىرىمىز بۇ نەۋرىسىگە زەينەپ دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى. ھەزىرىتى زەينەپ تۇغۇلۇپ ئىككى يىل كېيىن يەنى مىلادىيە 7‏- يىلى، مىلادىيە 631‏- يىلى ھەزىرىتى پاتىمە ئىككىنچى قىزى ھەزىرىتى ئۇممۇ گۇلسۇمنى تۇغدى. ھەزىرىتى پاتىمە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىنىڭ 6‏- ئېيىدا يەنى ھىجرىيە 11‏- رامزان ئېيىدا 29 يىشىدا ھەزىرىتى پاتىمە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ دادىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام يېنىغا كەتتى.
مەنبە : تور    دۇنياسى(يازما   ئەسلى  ئاپتۇرغا  تەۋە  )
بەت: [1]
: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىلىرى