wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:08:16

ئەلۋىدا ئۆچىرەت Wapadarim912

                   ئەلۋىدا ”ئۆچىرەت “

سالام سىزگە ئەي ئەقىللىق ئوقۇرمەن ,
سىلەر ئۈچۈن بىر  چۈشۈم  بار ئۆرۈيمەن .
بۇ چۈشۈمنى كۆرۈپ ئونكۈن  مۇقەددەم ,
شۇندىن بۇيان كۈندە ھەمرا ماڭا غەم .
ئېغىر كېسەل  يامان دەيدۇ  ئۆلگەندىن ,
بولغىنىدەك كۆنگەن يامان كۆيگەندىن .
بۇ ئەبجەشلەر ئانا تىلنىڭ قىسمىتى ,
بولۇپ كەتتى شۇڭا *جىق سۆز  *رەھمىتى .
ئەبجەش سۆزلەش ئايان قىلدى *شۆھرەت*نى,
بۇ ئىنسانلار پەيدۈي دېدى ئۆچىرەتنى .
شۇڭا ئۇنىڭ  يۈرەكىن تىغ تىلغاندەك ,
ئاشنا ئۆيدە خوتۇن چەتتە قالغاندەك .
بىنەزەرلىك ئۆتۈپ كەتكەچ جېنىدىن ,
بوغۇپتىمىش  ئۆچىرەت *پەيدۈي*گېلىدىن .
ياق سەن ئەمەس  مەن ئۇلارنىڭ سۆزىمەن ,
ئۆچىرەت دەپ ئۇيغۇرچىنىڭ ئۆزىمەن .
بۇنى ئاڭلاپ *پەيدۈي *كۈلۈپ  كېتىپتۇ ,
نەشتىرىنى ئۆچىرەتكە تىقىپتۇ .
~يوقال نېرق كۆزلىرىمدىن يۈتكىنە ,
قوۋرۇغامنى ئەگمەي چەتكە ئۆتكىنە ,
ياشلار تۆكۈپ دەپتۇ  ئۆچىرەت -  خالايىق ,
سىلەر دەڭلار بۇ *شەرەپ*كە  كىم لايىق ؟
ئەسلى سۆز مەن ماڭا  گۇۋاھ بولۇڭلار ,
شالغۇت سۆزنى ئېغىزلاردىن يۇيۇڭلار .
باش چايقىشىپ كىشلەر دەپتۇ بىلمىدۇق .
پەيدۈي بىزنىڭ ,ئۆچىرەت سېنى تونۇمىدۇق .
ئۆچىرەت يىغلاپ ھالى خاراپ قايغۇلۇق ,
بىرمۇ ئىنسان بېرەلمەپتۇ تونۇشلۇق .
ھەننىۋاسى  بىر يەرلىرىڭ  تونۇش دەر ,
ئەسلىرىگە ئالالماپتۇ ئەلھەزەر !
ئىگىسىنىڭ تانغىنىغا ئۆزىدىن ,
ئۆچىرەت يىغلاپ كېتىپ قاپتۇ كۆزىدىن .
ياشاپتۇلەر   ئۈمىد ئۈزۈپ ھاياتتىن ,
ئايرىلغاندەك ئالغۇر بۈركۈت قاناتتىن .
جاھان تۇتۇپ  يىراقتىكى ئورماندا ,
ئۇلار بىركۈن كەلگۈسى دەپ پۇشماندا.
نە دە كېلىش   ئاي يىللارنى قوغلىشىپ ,
بۇ ئادەملەر بارغانسىرى مازلىشىپ .
پاناھ تارتىپ  كەپتۇ ئۈستەل  ,ئاش سۈيى,
جوزا ,مەنتەڭ ئالغىنىچۈن ئورنىنى .
توكلۇق مېڭىنى كومپىيوتىر  دەيدىكەن ,
قارا مېھماننى ئۇلار خاككىر دەيدىكەن .
يېتىپ كەلگەن غەمكىنلەرنىڭ سانى يوق ,
كۆزلىرى ياش ,نىمجان ئىمىش جانى يوق .
ئەرەپ پارس خەنزۇچەيۇ ئېنگىلىز ,
تىللىرىدىن كىرىپ كەپتۇ سۆز سانسىز .
ئۇيغۇر تىلى شالغۇتلىشىپ ئاخىرى ,
يوقالغانمىش  *ۋە  **بىلەن *دىن باشقىسى .
كۆنۈپ قاپتۇق دەرمىش ئاڭا سورىسا ,
كۆنگەن يامان بىلەر ئىدى ئويلىسا ؟
ياۋسەنبا دەپ ئاتىغاچقا  ساناقنى,
ئالدى ئۆز تىل سانى  يوق دەپ ئاتاقنى .
بۇ مىللەتنىڭ ئىسمى جىسمى ئەرەپچە ,
ئوي خىيالى پىكىرلىرى غەرپچە .
كالدۇر كالدۇر سۆزلەپ كەتسە بىلمەيسەن ,
تىلى شالغۇت بىر ئۇيغۇرچە خەنزۇچە .
چۈشلىرىمدە ئەتىراپىمغا ئولىشىپ ,
گۇناھ سەندە ,قۇتقازغىن دەپ توۋلىشىپ .
ئاچچىغىدا ئۆچىرەت مېنى بوغقۇدەك ,
مەنتەڭ مېنى ئىككى كاچات سالغۇدەك .
جوزا  مېنى توبا بىلەن ئۆلتۈرۈپ ,
جەسىتىمنى بىر گۈيزىگە كۆمتۈرۈپ .
كۆيدۈرگىلى ئوت يېقىپتۇ  چېچىمدىن ,
قاتتىق چۆچۈپ مەن ئويغاندىم چۈشۈمدىن ……
جىق دەپ كەتتىم  كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش
ئۇ مىللەتكە ئېلىپ كېلۇر يۈكسىلىش .
ئانا تىلغا قىلماق لېكىن خىيانەت ,
بىلسەك  دوستۇم بۇ خىيانەت~جىنايەت .
ئانا تىلغا بىز ھەممىمىز  كۆيەيلى ,
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى .
ئانا تىلىم  شۆھرىتىمسەن  شاھانە ,
سەن تاجىمسەن ,سەن بەختىمسەن يىگانە ,
شالغۇت تىلنى تۈزەت باشلاپ ئۆزۈڭدىن ,
ئوسۇرغاققا ئارپا ئۇنى باھانە !
يىغلىماقتا بى ئېتىبار سۆزلىرىم ,
قىزىرىشتىن يىراق لېكىن يۈزلىرىم .
قېنى دوستۇم تۇتۇپ  باققىن يۈرەكنى ,
پەيدۈي دەمسەن ئەمدى يەنە ئۆچىرەتنى ……
Wapadarim912قەلىمى
2014~يىل 1~ئاۋغۇسۇت شەھرى ئۈرۈمچى





Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:22:14

ماۋۇ مىسرالار بەك  يارىدى
ئانا تىلغا بىز ھەممىمىز كۇيەيلى
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۇلەيلى

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:26:01

ئىلھام دېگەن قالتىس كېپ قويىدىكىن ھە؟
قەلىمىڭىزگە ئاپىرېن قېرىندىشىم!

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:30:00

بىر خىزمەتسىشىم ماڭا ئويغۇرلاردا سان يوقما دەيدۇ ،چۈشەنمەي بۇ نىمە گەپ دىسەم،
نىمىشقا ئۇيغۇرچە گەپلىشۋىتىپ ياۋسەنبا لىڭ جىيۇ جىيۇ ياۋ دەيسەن دىمەسما.......
مىنىڭ تەشەببۇسۇم يەنىلا باللارنى ئويغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتايلى......

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:30:28

تېما يارىغان بولسا  birsompilaniنى دېگەن سالوننى قانداق قىلىمىز ؟ قاتىمىز ,ھەم باشقىلارغاتەۋسىيە قىلىمىز

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 19:01:05

توكلۇق مېڭىنى كومپىيوتىر  دەيدىكەن
ئالدراپلا يازغانما؟

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 19:01:33

2004 يازغاندەك بىلىندى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 19:43:03

ياق بىر كۈن بولدى .:)

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 22:02:37

مۇشۇ  بالا  يازمايدۇ يازسا يۈرەككە تەككۈدەك يازىدۇ  قايىلمەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 23:12:42

ئەلا

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 17:44:02

{:112:}

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 18:39:03

بۇدا كۇپلىتنى ئارىمايلا يازدۇقما؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 16:49:03

غەزەلدەك  چىقىپتى ئايرىمىدىم .

ABDILKERIM يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 17:32:14

جىق  گەپ قىلماي  ئەلا دىۋىتەي ..........

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 22:21:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   suzuksu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 22:25  

ۋاي ۋاي يېزىپسىلەر ئاجايىپ يېزىپسىلەر...كەمىنە سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا دېگەن شېئىرڭىزغا زەپ كۆيەتتىم...ئۇ شېئىرڭىزنى خاتىرەمگە ئالاھىدە كۆچۈرۋالغان.ئۇ ۋاقىتلاردا شېئىرغا ئالاھىدە ھەۋسىم بولغاچ،قەغەزگە باسقۇزۇپ ئۆيۈمنىڭ ئىشىكتىن كىرىدىغان يېرىگىلام،دۇكىنىمنىڭ ئۇدۇل تېمىغىلام چاپلىۋالغان ئىدىم.....
ئۆيدىكى ھېلىھەم تۇرۇپتۇ...دۇكاندىكىنى ئاغۇزۋەتتى..
قوش تىل بىلىش شەرەپ ئىش دەپ ئاسساڭ مەيلى دەپ.....
ھەي خەير.....

ئۇتۇق تىلەيمەن.
بەت: [1]
: ئەلۋىدا ئۆچىرەت Wapadarim912