mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:01:01

پەرزەنىتلىرىمىز يانفون بېقىندىللىرىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 18:02  

پەرزەنىتلىرىمىز يانفون بېقىندىللىرىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن !
    قىشلىق تەتىلگە ئاز قالغاندا ئىچكىردىكى مەلۈم تۇلۇق ئوتتىرىدا ئوقىۋاتقان ئوغلۇم ساقسىز بولۇپ قېلىپ قايتىپ كەلدى . دادىسى ئىككىمىز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ پايپېتەك بولۇشقا باشلىدۇق . بىراق ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا (تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققۇچە يانفون ئېلىپ بەرمىگەن ئىدۇق )ئېلىپ بەرگەن يانفونىمىز  قىسقىغىنە تۆت ئاي جەريانىدا ئۇنى باشقىچە بىر بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى . ئادەتتە ئۇ ئىنتايىن يۇمۇرىستىك ، چىقىشقاق بولۇپ ئىككىمىز خۇددى يېقىن  دوسىتلاردەك مۇڭدىشالايتۇق ، تاماق ئېتۋاتقان بولسام مەكتەپتىن كېلىپلا يېنىمغا كىرىپ مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى .ئەمدى بولسا ئۇ كەمسۆز ، ئېغىر – بېسىق ، قاچانلا قارىسا يانفونغا  تىكىلىپلا ئولتۇرىدىغان بالىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ كېلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى يەنى نەۋرە ھەدەمنىڭ ئوغلى ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ . تاماق تەييار بولغاندا ئۇلارنى چاقىرغىلى ئۇغلۇمنىڭ خانىسىگە كىرىپ ھەيران قالدىم . ئۇلار نەچچە ئاي كۆرۈشمىدى ،چوقۇم قىزغىن پاراڭلىشۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ، ئەمما ئۇلار بىر – بىرى بىلەن كارى يوق تەتۈر قارىشىپ يانفون ئويناۋىتىپتۇ . شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە بالىلارنى توڭلاپ قالمىسۇن دەپ پارۋايغا كۆمۈر سالغىلى قوپۇپ بالىلىرىمنىڭ خانىسىدىن چىقۋاتقان ئاجىز يۇرۇقنى بايقاپ قالدىم ، كىرىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،  ئۈچ بالا (كىچىك ئوغلۇم دادىسىنىڭ يانفوننى  ئويناۋىتىپتۇ ) ئويۇنغا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتكەنكى ،ھەتتا مېنىڭ كىرگىنىمنىمۇ تۇيمىدى.مەن پەقەت توكنى ياندۇرغاندىلا ئۇلار ھاپلا- شاپلا  يانفوننى يىغىشتۇرۇپ يوتقانغا كىرۋىلىشتى . ئەتىسى ئوغلۇمنىڭ يانفونىنى «مۇسادىرە» قىلدۇق . ئۇ يانفوندىن ئايرىلغاندىن كىيىن سەل ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى . يەنى ئۆزىنى يوخلاپ كىرگەن چوڭلار بىلەن چىرايلىق سالاملىشىدىغان ، ئىچكىردىكى ئۆزگىچىكلىكلەر  توغىرسىدا پاراڭلىشىدىغان ۋە ئۇلارنى دەرۋازا سىرتىغچە ئۇزتىپ چىقىدىغان بولدى . شۇندىلا ئەر – ئايال ئىككىمىز «ئۇھ»دېدۇق . ئوغلۇم مەكتەپكە مېڭىشتىن بىر  كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ھاياتلىق ، ياشلىق ، ئىجادىيەت ۋە ۋاقىت توغىرسىدا پاراڭلاشتىم . مەن ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئافىرىقىدىكى بۆكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغىنىپلا ئۆزلىرىنىڭ شىردىن تېز يۈگۈرمىسە ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىرلارمۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئويغنىپلا ئۆزلىرىنىڭ  بۆكەندىن تېز يۈگۈرمىسە ئاچلىقتىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئەسكە ئالدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم ، يەنە ئۇنىڭ باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدىكى ۋاقتىدا «پەرۋاز ژورنىلى» دا ئېلان قىلدۇرغان ئۈچ پارچە ماقالىسىنى كۆرسەتتىم . مەن يەنە  ئەينى چاغدىكى داڭلىق كىشلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتا قانداق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يەنى تاگورنىڭ 15 يېشىدا دىرامما يازغانلىقىنى ، 20 يېشىدا تۇنجى شېئىرىلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى ، ئاندىرسوننىڭ 17 يېشىدا تۇنجى دىراممىسى «ئارىفوسور » نى ئېلان قىلغانلىقىنى ،چېرنىشۋىسكىنىڭ 16 يېشىدا 7 خىل چەتئەل تىلنى ئۈگەنگەنلىكىنى ، ئەگەر بۇلارنى ئۆتكەن زاماندىكى كىشلەر دەپ قارىسا ، ئۇنداقتا ھازىر جياڭسۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقۋاتقان 24 ياشلىق خوتەنلىك يىگىت  مۇھەممەدئىمىن ئابلىزنىڭ 22- يېشىدا  خەنزۇ تىلدا يېزىلغان «قايتىش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى ئۇنىڭ ھازىر جوڭگۇ شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى  ئىكەنلىكىنى ئېرىنمەي سۆزلەپ بەردىم .  ئەتىسى يېڭى كارتا سېلىنغان يانفوننى  (ئەلۋەتتە يانفون ئىشلىتىشتىكى «يېڭى تۈزۈم »نىمۇ تۈزدۈق) قولىغا تۇتقۇزدۇم . ھەر ھالدا بۇ نەسھەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى ، شۇنىڭدىن ئېتبارەن، ئۇ ھەر كۈنى كەچلىك تەكراردىن كىيىنلا تېلىفونىنى ئېچىپ (مەكتەپتىمۇ تېلىفون ئىشلىتىش مەنئى قىلنغان ئىكەن ) بىز ۋە ساۋاقتاشلىرىغا تېلىفون قىلدىغان ۋە ئۆزى قىلۋاتقان ئىشلىرى شۇنداقلا ئوقىغان كىتاپلىرى توغىرىسىدا پارڭلىشىدىغان ، يانفوننىڭ ئايلىق خىراجىتىمۇ 30 يۈەندىن ئاشمايدىغان بولدى .
ھازىر قارايدىغان بولساق ، مەكتەپتىن كېلىپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ  تاماق
پىشقۇچە  ۋاللەي ، تەپكۈچ ،   ئاق تىرەك – كۆك تىرەك ، قارا – قارا قۇشلارىم ، چېلىشىش ، چۆچۈرە قايناق ، ياغلىق تاشلاش ، تاش تەرمەك ، ئارغامچا ئاتلاش ۋە تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناپ ، چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈپ چاقىرمىغۇچە ئۆيگە كىرمەيدىغان باللىرىمىزنىڭ كۆپ سانلىقى ھازىر ئۆي مۈشۈكى بولۇپ قالدى ، يەنى يانفون ۋە كومپيوتوردىكى  ئويۇنلارغا مەستانە  بولدى  . بىز ئاتا – ئانىلارمۇ ئازىراق چەكلەپ بېقىپ ئۇلارنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىكى  «يېرىم سائەت ئوينايچۇ » دىگەن ئىلتىجالىرىغا ئامالسىز تەسلىم بولدۇق . ئەلۋەتتە ، بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ بالىلارنىڭ زېھنىنى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى ئېچىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى چەتكە قاقمايمىز . چۈنكى بالىلارنىڭ قىزىقىش ئىستىكى چوڭلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . مۇنداق بىر ھېكايە بار .بىر ئوغول بالا تۆت ياش ۋاقتىدائاپىسى بىلەن دوسىتلىرىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بېرىپتۇ .دوسىتلىرىنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ھەسەل ھەرىللىرى ئۇياقتىن – بۇياققا ئۇچۇپ شىرنە يىغۋاتقۇدەك . بۇ چاغدا ئوغۇل بالا «ھەسەل ھەرىللىرى ھەسەلنى زادى قانداق ياسايدىغاندۇ » دىگەن قىزىقىش ئىستىكىنىڭ تۈرىتكىسىدە قولىغا بىر تال بامبوك تاياقچىنى ئېلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ، ياغاچنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىشىغىلا ھەرىلەر ئۇنى دۈشمەن دەپ قاراپ ئۇچقان پېتى كېلىپ چېىقۋاپتۇ . پىلاتون :«قىزىققۇچىلار ئىلىم دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا »دېگەنىدى . ئەگەر بالىلاردا قىزىقىش ئىستىكى بولمىسا تەبئەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ . شۇڭا قىزىقىش ئىستىكى بالىنىڭ بىلىمگە ئېرىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم يولدۇر . بىراق يۇقۇرىدا دىيىلگەن ھېكايىدەك بالىلار ھەسەل ھەرىللىرىنىڭ ھەسەلنى قانداق يىغىدىغانلىقىغىلا قىزىقىپ ھەرىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق خەۋىپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى   ھېس قىلىپ يەتمەيدۇ . يانفون بېقىندىللىرىغا ئايلىنىپ قېلىش  خەۋپىدە تۇرغان پەرزەنىتلىرىمىزگە بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ قانچىلىك زىيىنى بارلىقىنى  بىلدۈرۈش ھەربىر ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارىتماس بۇرچىدۇر . تەرمىلەر ژورنىلنىڭ 2014 – يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان ۋاڭ شىجۇننىڭ «تېلىفون بېقىندىللىرى نىمىلەرنى يوقاتتى »ناملىق ماقالىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى :  «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفوننىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۇمۇملىشىشى بىلەن مېتىرو ، ئاممىۋى ئاپتوبوس ، يېغىن زالى ،دەرىسخانا ، تاماق ئۈستىلى ،ئۆچىرەتتە تۇرغانلار ، ھەتتا ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ....ئىشقىلىپ ھەممە يەر بېشىنى تۆۋەن سالغان بارمىقى تېلىفون ئېكىراننىڭ ئۈستۈدە ھەركەتلىنۋاتقان ، ئەتىراپتىكى دۇنيانى تامامەن ئۇنتۇغان ھالدا بارلىق زېھنىنى تېلىفون ئېكىرانىغا مەركەزلەشتۈرگەن كىشلەر توپىغا ئايلاندى . مانا بۇلار ئاتالمىش «تېلىفون بېقىندىللىردۇر  » زور كوپچىلىك تېلىفون بېقىندىللىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولمىسىمۇ ،ئەمما بۇ خىل مەقسەتسىز ھەرىكەت نۇرغۇن بەخىتسىزلىكلەرنى ئەكىلۋاتىدۇ . ھەددىدىن زىيادە يانفونغا بېرلىپ كېتىشتىن چىققان ئاۋارىيەلەر ھازىر يېڭى خەۋەر بولماي قالدى . ئۆتكەن ئايدا سان – فىرانسىسكودىكى مېتىرودا كۈپكۈندۈزدە قاتىل مېتىرودىكى ئەزەلدىن تونىمايدىغان بىل ئالىي ،مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئېتىپ تاشلىغان . ئەپسۇسكى ئەتىراپتىكى يۇلۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلىفون ئېكىرانىغا كىرىپ كەتكەچكە يېنىدىكى خەتەردىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر قالغان . جۇڭگودىكى تېلىفون بېقىندىللىرى ئارىسىدا يۈزبەرگەن پاجئەلەرمۇ ئاز ئەمەس . يېقىندىلا 17 ياشلىق قىز ھەمىراھى بىلەن دالا تامىقى يېگىلى چىقىپ تېلىفون ئويناش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، يولغا قارىماي 15 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن . نەنجىڭدىكى پويىز يول ئېغىزىدا بىر بالا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلىفونغا بېرىلگەچكە ھەتتا گۈدۈك ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان ، ئۇچقاندەك كېلۋاتقان پويىز بالا بىلەن سۈركىلىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتكەن . بالا تەلىيىگە يارلانمىغان بولسىمۇ شۇ قېتىملىق ۋەقە پويىزنىڭ مەجبۇرى توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئۇزاق ۋاقىت  ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكەندە ، كۆزنىڭ بىرىكتگۈچى پەردىسىگە قان تولۇپ ، كۆزنىڭ سانجىلىپ ئاغىرىشى ، كۆزدىن ياش ئېقىش ، نۇردىن قورقۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ، ئۇزاق مۇددەت ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ تېلفون بىلەن ئەپىلىشىش ئېغىر دەرىجىدىكى ئومۇرۇتقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ . يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئېڭىشىپ ئولتۇرۇش ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتىلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشى ، سۆڭەك ئۆسۈش ، قان – تۇمۇر ياكى نېرىپنى بېسىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق مۇددەت يانفون ئويناش ئۇيقۇسسىزلىق ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ، قول –بارماق مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يانفون ئويۇنى تېلىفون بېقىندىللىرنىڭ كۆپىيىشى ئاددىيلا بىر ئىجتىمائى ھادىسە بولماستىن ، بەلكى بىزنىڭ قانداق قىلىپ پەن – تېخنىكا بىلەن ئىنسانىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش مەسلىمىز بولۇشى مۈمكىن . گەرچە يانفون ھەزىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىرقىسمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى كونتىرول قىلىنمىسا ، تۇرمۇشىمىزغا ئاز بولمىغان ئاۋارىگەرچىلىك ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر . ھەتتا كىشلىك مۇناسۋەتلەرنى چېكىندۈرۈپ ، ھېسيات بوھرانلىرىنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن . پىسخولوگلار كىشلەرگە يانفون ۋە كومپيوتور ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئىمكان بار ئازايتىپ ، تاشقى مۇھىتنى كۈزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، ئەھميەتلىك پائالىيەتلەرگە كۆپىرەك قاتنىشىشنى تەۋسيە قىلىدۇ . يانفون ئويۇنلىرى ۋە تور بەتلىرى ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن باللىرىمىزنى ئاسانلا ئۆزىگە مەپتۈن قىلىۋالىدۇ . بالىلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچۇرشىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋېىتىدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئېلىكتونلۇق ئۈسكۈنلەردىن مۇۋاپىق رەۋىشتە پايدىلنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى ، بالىلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن كۆپىرەك ئۇچىرشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك . تېلىفون بېقىندىچىللىرىنىڭ پەيدا ىبولۇشى بەلكىم ئىنسانىيەت پەن – تېخنىكىسى بىلەن مەدەنيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆتكۈنچى ھادىسە بولۇشى مۈمكىن . ئىشنىمىزكى ، ئىنسانلار چوقۇم كۆچمە تېرمىنال ئىچىدىكى مەۋھۇم دۇنيا قانچىلىك ئېسىل بولۇپ كەتسۇن ، يەنىلا رېئال دۇنيانىڭ گۈزەللىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ » دەيدۇ .
كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق يەنىلا رېئال دۇنيادا . تېلفون بېقىندىلىقى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، روھى دۇنياسىغىمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى . يەنى ئۇرۇق – تۇققان ، دوسىت – بۇرادەر ، خىزمەتتاشلاردىن ياتلاشتۇرۋەتتى . ئۆتكەن يىلى نەۋرە ھەدەمنىڭ ئايرىلغىنىغا 23 يىل بولغان ئايال ساۋاقتاشلىرى ئىزدەپ كەپتۇ . مۇڭداشقۇ  ۋە ئۈندىدارنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ، مېھماندوس ، تىرىشچان  ھەدەم ماڭا رەنجىگەن ھالدا : توۋا ئۇلارغا قاراپ ھەيران قالدىم . قولىدا ھەر – ھەر قىممەت باھالىق تېلىفون ،  ئالىي مەكتەپتىكى شوخ ، پاراڭچى ساۋاقتاشلىرىمنى تېلىفون يەپ كېتىپتۇ  . ئۇلار شۇ  تۇرقىدا ئۆينىمۇ تۇتۇپ ، بالىنىمۇ بېقىپ بولغان ئوخشايدۇ دىگەن ئىدى . «مەكتەپ ۋە جەميەت توغرا پەرۋىش قىلنغان مايىسنى تېخىمۇ كۆكلىتەلەيدۇكى ، باغۋەننىڭ ئەجىرسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۆچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىگە كىرگۈزەلمەيدۇ ». چوڭقۇر پەلسەپەۋى ھېكمەت چاقناپ تۇرغان شئېرىللىرى بىلەن قەلىبلەردىن ئورۇن ئالغان شائىر ھافىز ئىبىراھىم پەرزەنىت تەربىيىلەشتە ئانىلارنىڭ رولىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن : «ئانا بىر ئۇلۇغ مەكتەپ ، ئەتىراپلىق تەربىيەلەنگەن ، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭ . ئانا بىر باغچە ئەگەر ئۇنى پەرۋىش قىلىپ سۇغارساڭ ، ئۇنىڭ ياپىراقلىرىنىڭ سايىسى نە – نەلەرگە يېتىدۇ . ئانا ئۇستازلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ، ئۇنىڭ ئىزلىرىنى سەن ھەتتا ئۇپۇقتىنمۇ كۆرەلەيسەن ». ئانىلار كومپيوتور ۋە تېلىفون بىلەن ئالدىراش بولسا بالىنىڭ قەلىب چوڭقۇرلىرىغا ئانا باغرىنىڭ ھارارىتى ، ئىنسانىي ھېس تۇيغۇ ۋە روھىنىڭ نۇرى يېتىپ بارالمايدۇ –دە، بالا قۇپقۇرۇق چوڭ بولىدۇ . .كىشىنى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالىدىغىنى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە بالىلارنىڭ مېڭىسى داۋاملىق يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغانلىقتىن ھەمدە  باش سۆڭىكى يۇمىران ھەم نىپىز بولغانلىقتىن رادىياتسىيىنى چوڭلارغا قارىغاندا تېز ھەم كۆپ قۇبۇل قىلىدىكەن .  شۇنداقلا  ئاتا – ئانا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ، پاراڭلىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن ئايرىپ بالا ئىچ مىجەز ، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ، خامۇش بولۇپ قالىدىكەن  .ئاتا – ئانىلاردا ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسىراپچىلىقى بولىدىكەن تەبئى ھالدا بۇ خىل ناچار ئادەت بالىلارغىمۇ كۆچىدۇ . ۋاقىت خۇددى بۇلۇتتىكى سۇغا ئوخشايدۇ ، ئۇنى سىقىپ چىقىرىشنى ئويلىساقلا سۇ چىققاندەك ، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلنىش  بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشتا غەلبە قازىنىشمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار «چوڭ كۆرگەننى سورايدۇ ، كىچىك كۆرگەننى دورايدۇ » گېپىمىزگە كەلسەك ، بالىلار يانفون ئويناشنى ئاتا – ئانىسىدىن ۋە ئەتىراپىدىكى كىشلەردىن ئۈگىنىدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ يانفون بېقىندىللىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا قانىچلىك مەسۈليىتى بارلىقى ئۈستۈدە ئۆزلىرىنى تەلتۈكۈس «ئوپىراتسيە » قىلىپ، پەرزەنىتلىرىنىڭ قانداق كىشلەر بىلەن باردى  - كەلدى قىلىشىغا دىققەت قىلىشى، ئۇلارنى پايدىلىق ئويۇنلارغا يېتەكلىشى، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى شۇ ئارقىلىق  ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ «يانفون بېقىندىچىلىق»دىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك «ئۆسمە» نىڭ بالىلارنىڭ قەلىب ئېتىزىدا  يىلتىز تارتىشىغا يول قويماسلىقى لازىم .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 15:11:33

ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنى بارلارنىڭ ھەممىسىگە يۇقتى بۇ كىسەل.
تېما ئىگىسىنىڭ پىكىرنى قوللايمەن.
بەت: [1]
: پەرزەنىتلىرىمىز يانفون بېقىندىللىرىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن !