tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 17:40:59

كۈچنى چېچىۋەتكەن شىنجاڭ تىلۋۇزىيەسى

1. شىنجاڭ خەلق تىلۋۇزىيە ئسىتانىسىغا پىكىر بىرىش خىيالىغا كىلىپ قالدىم .نىمىلا دىمىگەن بىلەن مەنمۇ باج تاپشۇرۋاتقىلى ئوننەچچە يىلدىن ئاشقان ، شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئسىتانىسىنىڭ ناھايىتى يۇۋاش بىر ئىستىمالچىسى ئەمەسمۇ ؟ ئىشقىلىپ پىكىر بەرمىسەم ئۆزەمنىڭ خەلقنى تەشكىل تاپقۇچى بىر بىرلىك ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ باش ئايىغى يوق تۇرمۇش قاينىمىدا پالتا كەكەمنى قاقتۇرۇپ يۇرۇۋىرىدىكەنمەن . شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئسىتانىسى خەلقنىڭ ، مەنمۇ خەلقنىڭ دىمەك تېلۋۇزىيە ئسىتانىسىغا كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى قىلغۇم كەپ قالدى .

2.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەنمۇ پەقەت باشقىلاردىن ئاڭلىدىم شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە بۆلۇمنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەسمىش . ئۇسكۇنە ۋە باشقا ئىقتىسادى شەرت شارائىتلار خەنسوچە بۆلۇمدىن ئاشقان تاشقانلارنى ئىشلىتەرمىش .  بۇ گەپلەرگىغۇ بىزەمۇ ئىشەنمىدىم ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى  شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئىستانىسى ئۆزىنىڭ ئەمەلى كۇچىنى مەيلى قانداق قىلسۇن ھەر قايىسى خەنسوچە ، ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ۋە باشقا مىللەت بۆلۇملىرى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ .
ئۇنداقتا بۇ ئەمەلى كۇچنى تەقسىملەشتە كۇچنى چېچىۋىتىش مەۋجۇت دەپ قارىشىمنىڭ  سەۋەبى نىمە ؟

3. شۇنداق مەن شۇنداق دىمەكچى ئەسلىدە بۇ شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئسىتانىسىنىڭ ئەمەلى كۇچىنىڭ 60،70 پىرسەنت كۈچى ئۇيغۇر بۆلىمىگە سېلىنىشى كېرەك . بۇنىڭدا ئۆزەم ئىلىمى دەپ قارىغان ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە .

4. كۆپچىلىكنىڭ ئىسدە بارمىكىن سۇنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرىدا شۇنداق بىر ئات مۇسابىقىسى بولغان ، بۇنىڭدا پادىشاھنىڭ ئۇچ ئېتى ۋەزىرنىڭ ئۇچ ئېتى بولغان ،  پادىشاھنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئېتى ۋەزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئېتىنى يېڭىۋېتىدۇ ، پادىشاھنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېتى ۋەزىرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېتىنى يېڭىۋېتىدۇ، پادىشاھنىڭ ئۇچۇنچى دەرىجىلىك ئېتى ۋەزىرنىڭ ئۇچۇنچى دەرىجىلىك ئېتىنى يېڭىۋېتىدۇ . ئەمىليەت موشۇنداق ، بۇ چاغدا ۋەزىنىڭ بېقىندى مېھمىنى ئەقىل كۆرسىتىپ پادىشاھنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئېتىغا ۋەزىرنىڭ ئۇچۇنچى دەرىجىلىك ئېتى بىلەن مۇسابىقىگە سېلىشنى ,。پادىشاھنىڭ ئىككىنىچى دەرىجىلىك ئېتىغا ۋەزىنىڭ بىرىنىچى دەرىجىلىك ئېتىنى مۇسابىقىلەشتۇرۇشنى ، ئاخىرىدا پادىشاھنىڭ ئۇچۇنچى دەرىجىلىك ئېتىغا ۋەزىرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېتىنى مۇسابىقىگە سېلىشنى بۇيرۇپتۇ ، شۇنداق قىلىپ پادىشا بىر نۆۋەت ئۇتقان بولسىمۇ ئىككى نۆۋەت ئۇتتۇرۇپتۇ. بۇ ھىكايىدىن ئەمەلىي ئەھۋالغا نەزەر تاشلىساق شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئسىتانىسى خەنسوچە بۆلىمى پۇتۇن مەملىكەتتىكى ئەللىك ئاتمىشتىن ئارتۇق تېلۋۇزىيە ئسىتانىلىرى ئارسىدىكى ئادەتتىكىچە بىر ئات ، ئەمما شىنجاڭ تىلۋۇزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە بۆلىمى بولسا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئۆزىگە  خاس يوشۇرۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بىر ئاتتۇر.

5.ئاساسى كۇچنى ئۇيغۇربۆلىمىگە سېلىشنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئەمەلىي پايدىسى بار ، بىرنەنچىدىن يوقۇردىكى ئات مىسالىغا ئوخشاش مەبلەغ سېلىنغان ھامان ناھايىتى تىزلا كۆزگە كۆرىنىدۇ . ئۈزۇپ چىقىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىغا ياخشى مەلھەم بولۇپ جەميەتتىكى غەيرى نورمال ئاشقۇن كەيپىياتنى جۇشقۇن كەيپىياتقا ئالماشتۇرۇشقا  پايدىسى بار . يەنە ئەمەلى كۇچنى مەركەزلەشتۇرۇشتىن ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ۋە كارتۇنچىلىقىغا ھاياتى كۇچ ئېلىپ كىلىپ ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى يەنە بىر قانچە بالداق يوقۇرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ . بۇنىڭدا ئەلۋەتتە نوقۇل ناخشا ئۇسۇل دىگەندەك كونا پەدىلەرگە مايىل بولۇشتىن توختاپ ئەل ئىچى كىنوچىلىقى ۋە ئەل ئىچى كارتون شېركەتلىرىگە يۇزلىنىپ ياخشى سۇپەتلىك ئايلانما پەيدا قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنۇم ھاسىل قىلغىلى بولۇدۇ .

6. ئىككىنەنچىدىن ھەقايسىلىرىنىڭ ئىسىدە بارمىكىن ، تۇركىيە ئالاقە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولغاندا ھېلقى سۇمرۇغ تورىدىكى تاقىرباشنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار جۇڭگو تۇركىيە مۇناسىۋىتىدىكى كۆرۇك دەپ كۆرسەتتى . شۇنداق ئۇيغۇرلار جۇڭگو تۇركىيە مۇناسىۋىتىدىكى كۆرۇك بولۇپلا قالماي دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇركى تىللىق دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئوخشاشلا كۆرۇكلۇك رولىنى جارى قىلىدۇرىدۇ.
ھازىر ئەللەر دوستانىلىقنى كۆرۇكنى مەدىنيەت ئېكىسپورتىدىن باشلاۋىتىدۇ ، ئاساسى كۇچنى ئۇيغۇر بۆلىمىگە سالغاندا بىر قاتار ئىنتايىن ئىسل ئۇيغۇر مەدىنيىتى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان كىنولارنى بارلىققا كەلتۇرۇپ تۇركىيەگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەرجىمىلىك ۋە تەرجىمىسىز ھالدا چىقىرىپ دۆلىتىمىزنىڭ دوستانە ئوبرازىنى بىر قانچە بالداق يوقۇرى كۆتۇرۇش مەقستىگە يىتەلەيمىز ،بىزمۇ تۇركىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆردۇق يېققىندا سەلتەنەتلىك يۇز يىلنىڭ ئەللىك قىسمى خەنسوچىغا تەرجىمە قىلىنماقچى ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ سۇپەتلىك ئىشلەنگەن كىنولىرىمىزنى كۆرۇپ ھوزۇرلانسا ئورتاق ھەمبەھىرلەنسەك بۇنىڭدىنمۇ كاتتا ئىش بولامدۇ ، يەنە كارتۇن ساھاسىدىمۇ ئۇيغۇر كارتونچىلىقى ئاللىقاچان خەلقئارا يوقۇرى سەۋيەگە يىتپ بولدى ، پەقەت كام بولىۋاتقىنى ئىقتسات شۇ .

7.كۇچنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ۋەئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغاندا ئۇيغۇر مەدىنيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ تېلۋۇزىيەنىڭ ھازىرقى قاتمال تۇرغۇن ھالىتىنى يېڭى بىرتەرەققىيات بوشلىقىغا ئېلىپ كىرەلەيمىز .  

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:41:53

1.توختۇر ئەپەندىنىڭ ماۋۇ ھول تامغا ئىشەك تەپكەندەك چىققان يازمىسىغا ھىچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ ؟
2.ئەمىلىيەتتىمۇ پۇل تاپاي دىسە ،ئاۋال چىقىمنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىپ، پايدىلىق ئامىللاردىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلانغان ئاقىلانىلىق ھىساپلىنىدۇ .
3. مىنىڭچىمۇ ھىچكىم كۆرمەيدىغان( بۇ يەردە مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن خەنزۇچە قاناللىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسسىپ قالغان ئەھۋالنى كۆزدە تۇتتۇم ) شىنجاڭ تىلۋىزىرىيە ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇچە قاناللىرىغا كەتكەن مەبلەغنى ئۇيغۇرچە ،قازاقچە،قىرغىزچە قاناللارغا سىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا يۇزلەندۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ .
4. ئەگەر جەلىپ قىلارلىق مەزمۇنلارنى ئىجات قىلالىسا بۇ چوڭ بازاردىن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ پايدىغا ئىرشىدۇ .
6.......................
7.........................
8................

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:52:03

ئۇلاردىن ئۈمۇد كۇتۇش مۈشۇكتىن پەيشەنبىلىك تىلىگەنلىك،  نەچچە ئون يىللاردىن بىرى كىشىلەر مۇشۇنداق خىيال سۇرگەن، سىز تېخىچە چۈشىڭىزدە قاپسىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 10:58:21

توخوتوركا:

ھوقوق مەسىلىسى پۇل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى چەكلەپ قويىدىغان 1 - ئامىل بولىۋاتىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:03:15

بوزقىر تورى ئىچىلمىدىغۇ؟ يەنە ھۆكۆمەت چەكلەپ قويغاندەك قىلامدۇ نىمە؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 11:16:06

راسىت پۇلغا يارايدىغان ماۋزوكەن، جانغا ئەسقاتىدىغان پىرۇگگىراممىنىڭ تايىنى يوق، يا خەنزوچە قاناللاردىكىنى تەرجىمە قىپ بەرسىمۇ بۇلاتتى. سەل تۇرۇپ قايتىپ كىلىپ ئۇقۇيمەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-7 19:11):
ئۇ يەردىكىلەر ئىقتىسادتا ئۇقۇمىغان، سەنئەتچىلەر، تۈزۈك ئۇقۇمىغان ئادەم قانداق يىڭىلىق يارىتىدۇ؟...

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 13:35:18

ۋاي تەرجىمىنىڭ گېپىنى قىمماڭلا، ياخشى ئاۋازنى تەرجىمە قىپتۇ، ئىشقىلىپ ساراڭمۇ بۇلا دەپ ھەيران قالمىغان ئادەمنى كۆرمىدىم.

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 14:04:14

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسلىق رولى پارتىيىنىڭ ساداسىنى كەڭ ھەرمىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزۈش، شۇڭا ئۇلاردىن ئارتۇقچە ئۈمۈد كۈتۈپ ھاياجانلىنىش بىھاجەت!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 15:27:48

2- گەپكە شەرتسىز ئىشىنىڭ
خەنزۇچە بۆلۈمدىن ئاشقان لېنتا، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە، ھازىر ئىستانسىلار  كومپىيۇتېر، مۇلازىمىتىر دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بېرى بۇ پەرق كىچىكلەپ يوقىلىشقا باشلىدى، بۇرۇن ماگېنىت لېنتا ، تەقلىدىي تېلېۋىزىيە دەۋرىدە بۇ ئىش ئېغىر ئىدى

3- تەكىلىپىڭىز ئىنتايىن ئېسىل تەكلىپ بوپتۇ،10 يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 8- قانىلى كۈنلۈكى 2 سائەت ئەتراپىدا قىرغىزىستانغا قىرغىزچە، ئۆزبېكىستانغا ئۇيغۇرچە  پىروگراما تارقىتىۋاتقان، ئىدى بۇ پروگىرامىلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خېلى ئالقىشلىنىپتىكەن، تەشۋىقات تارماقلىرى ئەھمىيەت بەرمىدىمۇ تاڭ، پروگرامىلارنى كۆپەيتىپ مەزمۇنلار موللاشمىدى، ئەگەر بىرەر خەلقئارالىق ئۇيغۇرچە ئىقتىساد  قانال  قۇرۇلغان بولسا، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، ۋە كىچىك ئاسىيادىكى  تۈركىي مىللەتلەرنى جەلپ قىلغان بولاتتى،

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 16:39:30

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 13:35 static/image/common/back.gif
ۋاي تەرجىمىنىڭ گېپىنى قىمماڭلا، ياخشى ئاۋازنى تەرجىمە ...

ياخشى ئاۋازغا ئوخشىتىپ بىر پىروگرامما ئىشلىمەكچى بۇلار ... ئابدۇللا، ئەركىنلەر باھالىغۇچى بولىدىكەن ...پىقىرايدىغان ئورۇندۇقتىن تۆتنى تەييار قىلىپ بولدى دەيدۇ... شۇ باشلىنىشتىن بۇرۇن ئويۇن قائىدىسىنى چۈشىنىۋالسۇن دەپ تەرجىمە قىلغاندەك تۇرىدۇ ... ... ...

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 17:13:43

تەكلىپىڭىزغۇ بەكلا ئۇرۇنلۇق  ئەمما شەخسىيەتچى  كىشىلەرنىڭ قۇلىدىن ئۇنداق ياخشى ئشلانىڭ كىلىشى  ناتايىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:41:26

RE: كۈچنى چېچىۋەتكەن شىنجاڭ تىلۋۇزىيەسى

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 16:39 static/image/common/back.gif
ياخشى ئاۋازغا ئوخشىتىپ بىر پىروگرامما ئىشلىمەكچى بۇل ...

لىكىن ئاۋۇ پىقىرايدىغان ئورۇندۇق بەك قىممەتمىشقۇ،،بىرىنىڭ 90-000توقسان مىڭ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك قىغان

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 21:44:41

RE: كۈچنى چېچىۋەتكەن شىنجاڭ تىلۋۇزىيەسى

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 21:41 static/image/common/back.gif
لىكىن ئاۋۇ پىقىرايدىغان ئورۇندۇق بەك قىممەتمىشقۇ،،ب ...

بەيدۇلاپ باقسام 800،000سەككىز يۈز مىڭنىڭۈگىپىنى قىلىدۇ تېخى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 23:29:09

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 21:44 static/image/common/back.gif
بەيدۇلاپ باقسام 800،000سەككىز يۈز مىڭنىڭۈگىپىنى قىلىدۇ  ...

تاڭ ئەمدى قالغىنىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز ... مېنىڭمۇ قاتناشقۇم كەپ كېتىۋاتىدۇ ....

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:13:52

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 23:29 static/image/common/back.gif
تاڭ ئەمدى قالغىنىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز ... مېنىڭم ...

يۇۋ...  800 مىڭ  دەڭ.   ئايرۇپىلاندا ئۇلتۇرغاندەك....

xahroh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:50:19

شارائىتتىكى گەپ ئەمەس ،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا قانچە ناچار شارائىت بولسىمۇ
ئۆزىنى نامايەن قىلالايدۇ ،مەسلە شۇ يەردىكى ،شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىغا
ئۇيغۇرلار ئچىدىكى ئەڭ ھۇرۇن ،نان قېپى ،بىر توپ بىكار تەلەتلەر يىغىلغان ،،،،
مۇئاشى خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن باغلانمىغان ،،شۇڭا شۇنداق بۇلىدۇ ،،،

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 22:55:30

RE: كۈچنى چېچىۋەتكەن شىنجاڭ تىلۋۇزىيەسى

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 15:13 static/image/common/back.gif
يۇۋ...  800 مىڭ  دەڭ.   ئايرۇپىلاندا ئۇلتۇرغاندەك....

توردا شۇنداق دەپتۇ،،،لاۋلىياڭنىڭ دۇنيا كۆزقارىشى دىگەن پىروگراممىدىمۇ شۇنداق دىگىنى يادىمدا

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 14:34:50

شۇنداق ئوتتۇرا ئاسىياغا جۇڭگۇنى ،شىنجاڭنى يەنىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىشتا شۇتەرەپكە يۈزلەنگەن ئۇيغۇرچە پېروگراممىلار ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن .
بەت: [1] 2
: كۈچنى چېچىۋەتكەن شىنجاڭ تىلۋۇزىيەسى