قارلۇق شىركىتى: «جاڭغىر رىۋايىتى» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈ...
قارلۇق شىركىتى ئىشلىگەن «جاڭغىر رىۋايىتى» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىقارلۇق مېدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن جۇڭگودىكى تۇنجى 360 گىرادۇسلۇق 9K دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنىقلىقتىكى 3D كارتون فىلىم «جاڭغىر رىۋايىتى» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇبۇقسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر فىلىم قويۇلۇش مۇراسىمىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ۋە روسىيە، موڭغۇلىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. «جاڭغىر رىۋايىتى» كارتون فىلىمى قارلۇق مېدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتىدۇر.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «جاڭغىر» مەدەنىيەت سەنئەت سارىيى ئېچىلدى
خەلق تورى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى قوبۇقساردىن خەۋەر قىلىشىچە، «جاڭغىر»نى خەلقئارالىق تەتقىق قىلىدىغان مەدەنىيەت مەركىزى «جاڭغىر» مەدەنىيەت سەنئەت سارىيى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە پۈتتى ھەمدە ئېچىلدى، شۇ كۈنى جۇڭگو ۋە چەتئەلدىن بولۇپ 1500 ساياھەتچى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جاڭغىر سارىيىنى ھەقسىز زىيارەت قىلدى.
قوبۇقسار ناھىيەسى دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ئېپوسنىڭ بىرى «جاڭغىر» نىڭ يۇرتى. جاڭغىر مەدەنىيەت سارى قۇرۇلىشىغا 4 يىل كەتتى، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيتى ۋە تارىخىنى مۇجەسسەملىگەن، ئېپوس تۇيغۇسىغا تولغان بوشلۇق بەرپا قىلغان. خەلقارالىق «جاڭغىر» مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە خەلقئارالىق «جاڭغىر» مەدەنىيەتى ماتېرىيال ئامبىرى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
ئامېرىكا مىسسۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىزچە ئەنئەنە تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى مارك جارۋىس:«جاڭغىر ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، بىباھا قىممەتكە ئىگە. جاڭغىر مەدەنىيەت سەنئەت سارىيى ئەنئەنىۋى تارى ئىزنالىرى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى جەملىگەن، ھەم ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە، ھەقىقەتەن گۈزەل» دېدى.
مەنبە http://www.okyan.com/html/news/Culture/2014/0720/5855.html ئۇيغۇرسوفت ۋە قارلۇقتىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىك تارىخى رومانلار ۋە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ھەر خىل يازمىلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرچە ئاۋاز ۋە يىزىقلىق كارتون فىلىم قاچان ئىشلىنىدۇ؟ قارلۇق شىركىتىگە ھەيرانمەن ،بىر ۋاقىتتا ئىرانغا كارتون فىلىم ئىشلەپ بېرىدىكەن
دەۋاتقان ،قازاقىستانغىمۇ ئىشلەپ بېرىپتىكەن ، ئەمدى مۇڭغۇللارغا،
نىمىشقا بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ كارتونلىرىنى ئىشلىمەيدۇ ،،، xahroh يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 17:06 static/image/common/back.gif
قارلۇق شىركىتىگە ھەيرانمەن ،بىر ۋاقىتتا ئىرانغا كارتو ...
سىز مەبلەغ سالامسىز؟ ئىشقىلىپ كارتون ئىشلەش كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان ئىش ،ئۇيغۇر چە كارتون ئىشلەپ بەمىدى دەپ ئاغرىنغىلى بۇمىتۇ مۇشۇنداق 3د لىق 60 مىنۇت ئەتراپىدىكى كارتوننى ئىشلەپ بازارغا سېلىشقا قانچىلىك مەبلەغ كىتەر قۇرۇق ھېسياتقا شىركەتنى ماڭدۇرغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدە نەچچە يۇز ئادەم جاننى باقمىسا بولمايدۇ. مۇشۇنىڭ بىرەر مىنۇتلۇق كۆرۈنىشىنى كۆرۇپ باقساق بۇلاتتى قارلۇق شىركىتىنىڭ توربېتى ئېچىلمايدىغۇ باللا،ئەپلەرنى ھەقسىز ئېچىۋېتىپتىكەنتۇق ۋاقىتلىق ............ راس بىزمۇ ئازراق بولسىمۇ ئاريە كۇرۇپ باقساق بۇلاتتىكەن ياخشى ، چىققاندا ، ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كارتون دەپ بىر كۆرەي ! hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 18:33 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق 3د لىق 60 مىنۇت ئەتراپىدىكى كارتوننى ئىشلەپ با ...
3d كارتون نىڭ ھەر سىكىنۇتى 800 يۈئەنكەن مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ مەھسۇلات تەشۋىق ئىلانىغا كارتون ئىلان ئىشلىتىمىز دەپ خوتەندە ئىلان ئىشلەيدىغانلارغا بىر سىكىنۇت نى 800 يۈئەندىن 30 سىكىنۇت كارتوننى 24000 كويغا ئىشلەتكۈزگەن....قارلۇقتىكىلە نەچچىدىن ئىشلەيدىكىن سىز قايسى شىركەتتىن ؟ھېلىقى ھاشارەت ئۆلتۈردىغان دورىنىڭ شۇمۇ؟30 سىكوتتىنى 24000 قا ياساتقان؟
aymakbeg@
ئادەتتە قىيىنلىق دەرىجىسىگە قارىلىدۇ.ئاسان بولسا 50-100 ،بەك مۇرەككەپ بولسا سىكۇتتى نەچچە مىڭدىن بولسىمۇ ھاردوق چىقمايدۇ. قارلۇقنىڭمۇ مۇشۇنداققۇ دەيمەن.قىيىنلىق دەرىجىسى ،سۈپەتكە قاراپ بۇلىدۇ. Uquhuchi يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 20:17 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ كارتون ئىشلەش كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان ئىش ،ئۇيغ ...
ھەممىنى كومپىيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىدىغان تىخنىكىغا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 21:04
xahroh يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 17:06 static/image/common/back.gif
قارلۇق شىركىتىگە ھەيرانمەن ،بىر ۋاقىتتا ئىرانغا كارتو ...
نەچچە يۈزمىڭنى ياكى مىليۇننى مەبلەغ سېلىڭە سىزگە ئاتاپلا بىرنى ئىشلىۋەتسۇن . udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 20:40 static/image/common/back.gif
ھەممىنى كومپىيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىدىغان تىخنىكىغا ق ...
بۇ مۇنداقلا ھىساپلىغىلى بۇلىدىغان ئىش ئەمەس ،بۇ يەردە ھىكايىنىڭ قىينلىق دەرىجىسى ، رىجىسور،مەبلەخ سالغۇچىلارنىڭ كۈرىنىشكە بولغان تەلىپى (كۆرىنىش سۈپىتى) ئىشلەشكە كىتىدىغان ۋاقىت قاتارلىقلار ھەممىسى قانچىلىك دەسمايە كىتىشىنى بەلگىلەيدۇ.
مەسلەن (پالاكەت ئېيىق) بىلەن (تىنتنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتىسى) ھەر ئىككىسى 3 د فىلىم .ئەگەر تەلەپنى پالاكەت ئىيىقنىڭكىچىلىك قۇيسىڭىز !پۈتۈن مودىل باشقا قىسىملارغا 2-3 ئاي تەييارلىق قىلۋالسا ،مۇشۇ ئۈسكۈنىلىرىمىز بىلەن ئىھتىمال 4-5 ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر ئايدا بىر قىسىم (20-30 مىنۇت )چىقىرالىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە ئاۋۋال ياخشى بىر رىجىسور بۇلىشى كىرەك.ئوزاق مۇددەت ،مۇقىم ئىقتىساتقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان مەبلەغ سالغۇچى بولسا ھەر قىسىمغا 50000 بولسا كۇمپىيۇتىر ئىشىنى قىلغۇچىلار رازى بۇلىدۇ،ھەم ھازىرقى بازار شارائىتىمىزغا مۇۋاپىق.
ئەمدى تىنتىنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتىسدەك كۆرىنىش تەلىپى بولسا ،بۇنى قىلماق مەبلەخ جەھەتتىنلا ئەمەس،ئۈسكىنە جەھەتتىمۇ بىزنىڭ بۇيەردە تەسەۋۇر قىلىش سەل تەس.
(倒霉熊)ھەم (丁丁历险记) ئككى فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭ !مەيلى مودىل ،مەيلى ھەركەت ،ياكى كۈرىنىش چىنلىقى بولسۇن ھەممىسى ناھايىتى ئېننىق پەرىقلىنىدۇ. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 20:40 static/image/common/back.gif
ھەممىنى كومپىيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىدىغان تىخنىكىغا ق ...
1.ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەلىپى يۇقىرى. بۇنداى كىنو دەرىجىسىدىكى كارتونلارنى ئادەتتىكى كومپىيوتىرلار بىلەن ئىشلىگىلى بولمايدۇ. مەخسۇس كومپىيوتىرلار بار بولۇپ، نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز كومپىيوتىر بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان ئىش.
2. ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسى يۇقىرى. ئوغرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى مۇتقا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا بىلىنمىگەن بىلەن، قارلۇقتەك شېركەتلەر ئوغرى نەشىرنى ئىشلەتمەيدۇ. بۇنداق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ ئەرزانلىرىمۇ نەچچە مىڭ، قىممەتلىرى مىليۇنغىچە چىقىدۇ باھاسى.
3.ئادەم كۈچى كۆپ. بىر 3D لىق كارتون ئىشلەش ئۈچۈن نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەم بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. ئاشۇ كارتون ئوبرازلارنىڭ ھەربىر تال چېچىنىمۇ خاسلىقى بىلەن بىر-بىرلەپ سىزمىسا ئۇ چاچقا ئوخشىماي قالىدۇ. دېمەك، بىر 3D كارتون فىلىمدىكى ھەربىر ئوبراز، ھەر بىر ئىمارەت ، ھەر بىر تۈپ دەل-دەرەخ،ھەتتاكى ئۆسۈملۈكلەر بىر بىرلەپ سىزىلىپ خاسلىقى بەلگىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا سىيۇژىت ئىشلەش، ئوبراز لايىھەلەش، مودىل سىزىش، رەڭ بېرىش ، ھاسىلىلەش... قاتارلىق نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى بار.
4.ئاۋاز بېرىش، ناخشا -مۇزىكىلارنى ئىشلىتىش، ئۈنگە ئېلىش دېگەندەك ئىش ھالقىلىرىغىمۇ پۇل ساماندەك كېتىدۇ.
خۇلاسە كالام، بىر كارتوننى ئىشلەپ چىقىشنى بىر ئىمارەت سالغانغا ئوخشىتىڭ. بىرى لايىھەلەيدۇ، بىرى لاي ئىتىدۇ، بىرى خىش قويىدۇ، بىرى سىرلايدۇ ... مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل ئىشلەيدۇ. ئاشۇ نەچچە يۈزلىگەن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ھېسابلىسىڭىزلا قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. «ئاۋاتار» ناملىق كىنونىڭ ھەر مىنۇتىنىڭ تەننەرخى 2 مىليون دوللارغا توختىغان دەپ ئاڭلىغانىدىم.