Zirape يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 05:42:38

مۇلاھىزە: تارىخ بۇ قېتىم قانداق تەكرارلىنىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Zirape تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 05:49  

تارىخ بۇ قېتىم قانداق تەكرارلىنىدۇ؟
مۇلاھىزە: Jeffrey D. Sachs

ئەلجەزىرە تورى خەۋىرى، ئاقساراي سالونى تەرجىمىسى:
ئۇرۇش كۆپ مىقداردا جان ۋە مال يوقىتىشىتىن باشقىغا يارىمايدىغان بىر ئۇسۇل. زىممىمىزدىكىسى شۇكى ئۇرۇش خەتىرىنى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە دىپلوماتىك يول بىلەن خەلقئارالىق، دۆلەتلىك ۋە رايونلۇق تەشەببۇسلار بىلەن چارە تېپىشقا تىرىشىش.

تېمىلار: ئوتتۇرا شەرق، ئا ق ش، رۇسىيە، 1-دۇنيا ئۇرۇشى

http://www.aljazeera.com.tr/sites/default/files/styles/aljazeera_article_main_image/public/2014/07/26/dunya-savasi.jpg?itok=tFFCQaj5
ھەممە ئۇرۇشلارغا ئوخشاش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىمۇ ئۆلۈم ۋە يېڭى مەسىلىلەردىن باشقا بىر نەرسە ئېلىپ كەلمىدى.[فوتوگراف: رېيتىر ئارخىپلىرى]

كارل ماركىس تارىخنىڭ دەۋرىيلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىرىنچى قېتىمدا تىراگېدىيە، ئىككىنچىسىدە كومېدىيە بولۇپ تەكرارلانغانلىقىنى يازغان. ئەمما ھازىر ئەتراپقا بىر قارىغان كىشى تىراگېدىيەنىڭ ئارقىدىن تېخىمۇ چوڭ تىراگېدىيە كېلەمدۇ نېمە دېمەي تۇرالمايدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100 يىللىقى يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىمىزنى 1914-يىلىدىكى دۇنياۋىي پالاكەتكە سۆرەپ ئەكىرگەن زوراۋانلىق، ئىككى يۈزلىمچىلىك ۋە گۇمانلارنىڭ قورشىۋالغىنىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلار يەنە ئوخشاش رايونلاردا بولۇۋاتىدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئوتتۇرا ياۋروپادا تېزلىكتە ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ئەسكىرىي يوللار بىلەن ھەل قىلىغىلى بولىدۇ دېگەن ئىشەنچ بىلەن باشلاندى. گېرمانىيەلىك ھەربىي نەزەرىيەچى Carl von Clausewitz ئۇرۇشتىن بىر ئەسىر ئاۋۋال قەلىمىگە ئالغان «ئۇرۇش ھەققىدە» ناملىق كىتابىدا ئۇرۇشنى «سىياسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشقا ۋاستىلەر بىلەن داۋام قىلىنىشى» دەپ تەبىر بەرگەن ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى 1914-يىلى كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر ماقۇل كۆردى.
100 يىل ئاۋۋالقىسىدەك بۈگۈنكى ھاكاۋۇر ۋە يەڭگىلتەك رەھبەرلەر چارە ھەققىدە تېگىشلىك ئۈمىدلىرى بولماي تۇرۇپ دۆلەتلىرىنى ئۇرۇشقا ئىتتىردى. نۇرغۇن ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسى <ئاۋۋال ئۇر، ئاندىن ئويلاش> شەكىلدە
                               -Jeffrey D. Sachs

ئەمما بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى Carl von Clausewitz زامانىۋىي ۋاقىتلار نۇقتىسىدىن تىراگىدىيلىك بىر شەكىلدە توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سانائەت دەۋرىدە ئۇرۇش ھېچبىر سىياسىي مەسىلىگە دورا بولالمايدىغان بىر تىراگېدىيە، پالاكەت ۋە يېقىلىش دېمەك. ئۇرۇش سىياسەتنىڭ ئەمەس، بەلكى سىياسەتنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنىڭ داۋامى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن بىللە پىرۇسىيە(Hohenzollern)، رۇس(Romanov)، تۈرك(ئوسمانلى) ۋە ئاۋىستىرىيە-ۋىنگىرىيە(Habsburg) قاتارلىق تۆت ئىمپىراتورلۇق ھاكىمىيتى ئاخىرلاشتى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئېچىش بىلەن بىللە گېتلرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغان زېمىن ھازىرلىغان، ئىنقىلاپلار، ۋەيران بولغان دۆلەتلەر، قوغدىنىش ۋە ئىقتىسادىي ئاجىزلاشقا تولغان بىر مىراسنىمۇ قالدۇردى.
نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان نۇقتىدا ھېلىھەم تەۋرىنىۋاتىمىز. بىر زامانلار كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دۆلەتلىك ۋە كۆپ دىنلىق ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان لىۋىيەدىن ئىسرائىلىيە-پەلەستىنگىچە، سۈرىيەدىن ئىراققىچە بولغان تۇپراقلار يېڭىدىن توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ لىۋىدە. بالقان تەرەپلەردە قىيىنچىلىق ۋە سىياسىي بۆلۈنۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. بوسنىيە-گىرىتسىگوۋىنا تەسىرى كۈچلۈك بىر مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرالمايۋاتقاندا سېربىيە تېخىچە 1999-يىلىدىكى ش ئا ئە ت بومباردىمىنىنىڭ ۋە پۈتۈنلەي قارشى تۇرۇشلارغا قارىماستىن كوسوۋونىڭ 2008-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ سىلكىشى ئىچىدە.
بۇرۇندىن تارتىپ رۇس ئىمپىراتورلىقىغا تەۋە تۇپراقلاردىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارغان بىر قالايمىقانچىلىق باش كۆتۈرمەكتە، بۇنىڭغا 1991-يىلىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشىغا بولغان كېچىككەن بىر قارشىلىق دېيەلەيمىز. رايوندا رۇسىيە  ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندا گىرۇزىيە، مولداۋا ۋە باشقا يەرلەردە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ. شەرقىي ئاسىيادا جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئارىسىدا ئۆتكەن يۈز يىلنىڭ ئەكىس ساداسى دەپ قارىلىدىغان سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ۋە كۈنسايىن يوغىنىۋاتقان بىر تەھدىت بار.
يۈز يىل بۇرۇنقىسىدەك بۈگۈنكى ھاكاۋۇر ۋە تاقەتسىز رەھبەرلەر ئېنىق بىر مەقسەت ياكى بېسىملارنىڭ ئارقا پىلانىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك سەۋەبلەرنىڭ چارىسى ھەققىدە تېگىشلىك ئۈمىدلەردە بولماي تۇرۇپ ئۆز دۆلەتلىرىنى ئۇرۇشقا ئىتتىرىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇئامىلىسى «ئاۋۋال ئۇر، ئاندىن ئويلاش» شەكىلدە بولۇۋاتىدۇ.
مەسىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مىسال قىلايلى، ۋاشىنگىتوننىڭ ئاساسلىق ئىستىراتېگىيەسى ئامېرىكىنىڭ نېفىت مەنبەلىرىگە ئېرىشىشىگە تەھدىت سالغان، ئاشقۇن ئىسلامچىلارنى سىغدۇرغان ياكى سومالىدىكى دېڭىز قاراڭچىلىق ۋەقەلىرىگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن مەسىلە پەيدا قىلغان ھەر قانداق يەرگە ئەسكەر، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىشنى پىلانلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، CIA، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياكى ئا ق ش قوللىغان ئارمىيەلەر، غەربىي ئافرىقا ساھىللىردىن لىۋىيە، سومالى، يەمەن، سۇرىيە، ئىراق، ئافغانىستان ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن بىر رايوندا ئۇرۇشىدۇ.
بۇ ھەربىي پائالىيەتلەر يۈز مىڭلىغان ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە تىرىليونلىغان دوللارغا تېگىشىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرەرسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ قالايمىقانچىلىقنىڭ چوڭىيىشىغا ئۇرۇش تەھدىتىنىڭ ئېشىشىغىمۇ سەۋەپ بولىدۇ.

رۇسىيە ئامىلى
رۇسىيەمۇ بۇ مەنىدە خېلى ئوبدان ئىش قىلىدۇ دېيەلمەيمىز. بىر مەزگىل خەلقئارالىق قانۇندىن ۋەزىيەت كۆرسىتىپ، ھەقلىق يۇسۇندا ئا ق ش ۋە ش ئا ئە ت(شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ كوسوۋو، ئىراق، سۇرىيە ۋە لىۋىيەدىكى خەلقئارالىق قانۇننى تەكىتلىگەندەك قىلسىمۇ ، ئەمما كېيىنكى پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپانىڭ قۇچىقىغا دۈم چۈشۈشىدىن قورقۇپ بۇ يەرنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ تاللىغانچە، بىردىنلا خەلقئارالىق قانۇنغا بويسۇنۇش تەرتىپىدىن چىقتى، رۇس ھۆكۈمىتى قانۇنسىز بىر شەكىلدە كىرىمنى يۇتۇۋالدى ۋە شۇ تاپتا شەرقىي ئۇكرائىنادا رۇسپەرەس بۆلگۈچىلەر ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ شىددەتلىكرەك بىر پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا كىرىش ئالدىدا.
بۇ باغلىنىشتا مالايسىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ MH17   بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ دۇچ كەلگەنلىرى كىشىنى پەقەت ۋەقەنىڭ دەھشىتى تۈپەيلىدىنلا ئەمەس دۇنيانىڭ ئەخمەق قىلىنىشنىڭ بوسۇغىسى نۇقتىسىدىنمۇ قورقۇتىدۇ. ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئۇكرائىنىڭ شەرقىدىكى رۇسپەرەس قوزغىلاڭچىلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئېھتىمالى چوڭراق، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كىمنىڭ ئاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما شۇنىسى  ئېنىقكى، پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن زوراۋانلىق يۈزلىگەن مەسۈم ئىنساننىڭ ھاياتىنى بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەس قىلىپ دۇنيانىمۇ بۇ پالاكەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان بولدى.
بۈگۈننىڭ دۇنياسى بىلەن 1914-يىلى ئارىسىدا مۇھىم پەرق بار. ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنى ئۆگەتتىكى شۇنىڭدىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بىزگە تەشكىللىك زورۋاللىقنىڭ قالايمىقان ۋە پايدىسىز.
                               -Jeffrey D. Sachs
                              
بۈگۈن دۇنيانىڭ چوڭ كۈچلىرى ئارىسىدا قەھرىمان ئاتالغان ھېچكىم يوق. پۈتۈن تەرەپلەرگە گۇمان ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئا ق ش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھېچبىر جازاسىغا ئۇچرىماستىن خەلقئارالىق قانۇنلارنى دەسسەپ چەيلەيدۇ. مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ھېچبىر رۇخسىتىنى ئالماستىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە مەخپىي قوشۇن كىرگۈزىدۇ. دوستلىرىنىمۇ، دۈشمەنلىرىنى توختىماستىن نازارەت قىلىدۇ.
رۇسىيەمۇ ئۇكرائىنا، گىرۇزىيە ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە ئوخشاش شەكىلدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بولسا زوراۋانلىقنىڭ ئاسان بولۇشى ۋە بۇ پوزىتسىيەنىڭ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە يالغانلارنى تۇقۇش .
  بۈگۈنكى دۇنيا بىلەن 1914-يىلىدىكى دۇنيا ئارىسىدا تۆت مۇھىم پەرق بار. ھەممىدىن ئاۋۋال شۇكى شۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىككى چوڭ دۇنيا ئۇرۇشى، چوڭ  كىرزىس ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەجرىبىلىرى باشتىن ئۆتتى. توپلانغان تەشكىلاتلارنىڭ قالايمىقانلىقى ۋە پايدىسىزلىقى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
ئىككىنچىسى، بىز ياشاۋاتقان ئاتوم دەۋرىدە يۈز بېرىدىغان بىر ئۇرۇش مۇقەرەررەركى دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچى مۇھىم پەرق بولسا بۈگۈن ئىگە بولغان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ سايىسىدە يوقسۇللۇق، ئاچلىق، مەجبۇرىي كۆچۈش ۋە مۇھىتنى بۇلغاش قاتارلىق تەھدىتلەرنى ياراتقان ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئىمكانىمىزنىڭ بولۇشىدۇر.
ھالبۇكى، تۆتىنچىسى خەلقئارا قانۇنغا ئوخشاش بىر ۋاستە قولىمىزدا بار. تەبئىي قوللىنىشنى تاللىساق. يۈز يىل بۇرۇن ياۋروپا ۋە ئاسىيادا ئۇرۇشقان تەرەپلەرنىڭ ئىلتىماسى ئۈچۈن سىياسەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدە داۋامىنىڭ ئۇرۇش ئەمەس دىپلوماتىك يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ب د ت خەىپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت دائىمىي كومىتېتىگە ئوخشاش مۇراجىئەت قىلىدىغان يەر يوق ئىدى. بىزلەر يېڭىدىن دۇنيا مىقياسىدا بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بىر دۇنياۋىي ئورگان ۋاستىسى بىلەن تىنىچلىق ئورنىتىشقا ئىمكانمىز بار بولغاچقا تەلەيلىك سانىلىمىز.
ھازىر دۇنيا جامائەتچلىكى يوقسۇللۇق، كېسەللىك ۋە مۇھىت مەسىلىسىگە ئوخشاش دىپلوماتىك يول ۋە دۇنياۋىي، رايونلۇق ۋە دۆلەتلىك بېسىملاردا بولۇپ ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم پالاكەتلىرىدىن بىر بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100-يىللىقىدا تىراگىدىيەگە كومېدىيە ياكى تېخىمۇ چوڭ تىراگېدىيە ئەمەس بەلكى ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىش ئۇلانسۇن.
ئاپتور: Carl von Clausewitz كۇلۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بارغان ساغلام سىيساسىتى ۋە باشقۇرۇش پروفېسسورى ۋە يەر يۈزى ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىقىنىڭ 1000 يىللىق پىلانىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى.

ئاقساراي سالونىدىن ئېلىندى.
http://www.mepopo.com/img/1/42495-2.jpg

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 18:43:09

ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى ۋە ب د ت دائىمى كومتىتىغا ئوخشاش يەرلەر ھازىر قانچىلىك رولىنى جارى قىلدورۋاتىدۇ ؟  ئامىرىكا ، ئىسرائىليە ، سۇرىيە ، ئىراق ، چاۋشىيەن ، ئافغانىستان ،رۇسيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارساقلا بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالايمىز ـ
ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا كۇچىنى كۆرسىتەلمىگەن ب د ت نىڭ  كەلگۇسدە  بىر ئىشلارغا دال بۇلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ـ

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 20:52:08

ب د ت دىگەن ئىككى تۆتتال مۇساپىرلارغىمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ. قۇلىدىن كەلسىلا دۆلەتلەر خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئىزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرسىمۇ ب د ت نىڭ ياردىمى بىلەن زۇلۇمدىن قۇتۇلغان ئەمەس. خەلقئارالىق ئورگانلار چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىچىك دۆلەتلەرگە بۇيرۇق سۇقۇشتىكى ۋاستىسى خالاس.
دۇنيا بۇرۇنقىدىن ئۆتە قالايقىقان، گوروھ بۇلۇشۇپ چىرمىشىپ كەتكەن، ئۇرۇش چىقىشى مۇقەررەر، لىكىن بۇ ئۇرۇش دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ. ھازىرقى ئۇرۇش پەقەت بىر باشلىنىش، ئىشنىڭ ئاخىرى كوچىغا چىقىۋالغان ئاۋام خەلق بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ تۇگەيدۇ.

ATAMAN25 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 23:20:27

يەر يۈزىدىن يەھۇدى بىلەن روس چوشقىلىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ تىنچلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 19:08:18

  روسلارنىڭمۇ قاباھەتلك كۈنلىرى بولغان. ئالتۇن ئوردا، خىۋە خانلىقلىرىغا جىزىيە تۆلەپ خار ھالەتتە  ياشىغان.  بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق. غەلبە بىر ئۇنىڭدا، بىر بۇنىڭدا.  تارىخ تەكرارلىنىۋىرىدۇ.  تېخى قايسى كۈنى ھەم تەكرارلاندى يېنىمىزدىلا.   

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 08:59:54

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئوخشىمامدۇ؟
مۇشۇ تۈركچىدىن قىلىنغان بەزى تەرجىمىلەر ماشىنا تەرجىمىدەكلا بىلىنىدۇ ماڭا...

ئاپتور: Carl von Clausewitz كۇلۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بارغان ساغلام سىيساسىتى ۋە باشقۇرۇش پروفېسسورى ۋە يەر يۈزى ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:34:34

تارىخ تەكرارلانسىمۇ بىزنىڭ ماۋۇ دىياردا دۇنيا ئۇرۇشى ئەسلا  بولمايدۇ .   بىز خاتىرجەم .
بەت: [1]
: مۇلاھىزە: تارىخ بۇ قېتىم قانداق تەكرارلىنىدۇ؟