Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 12:05:34

ساغلام ئۆي بېزەشتىن ياردەم سورايمەن

ئاقتۇ ناھىيىسىدىن ئانامغا بىنادىن (1-قەۋەت) 90كۇۋادىراتلىق بىر ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، بېزىتىپ بەرمەكچىدۇق. ئانامدا كاناي ياللۇغى بار. شۇڭا ئامال بار سىر ئىشلەتمەيدىغان، زىيانسىز ئۇسۇلدا بېزىتەيلى دەپ ئويلىغان. ئەمما بېزەكچىلەر بىلەن بۇ توغرىلىق كېلىشەلمىدۇق، ئۇلار سىرلىق ماتىرىيال ئىشلىتىپ بېزەشتە سۈپىتىگە ۋە كىيىنكى يىللاردىكى مۇقىملىغىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن، كۆپىنچىسى ئۆز ئىشىنىڭ سۈپىتىنى كۆزدە تۇتۇپ سىرنىڭ ياخشىراقىنى تاللاپ سىرلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
يېقىندا بىرەيلەندىن «ھازىر بىر بېزەش شېركىتى باركەن، ئۆينى ئۆلچەپ خەرىتىسىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن كومپىيوتېردا لايىھەلەپ سىزگە كۆرسىتىپ، سىز تاللىغان لايىھە بويىچە ماتىرىيالنى زاۋۇتتا ئىشلىتىپ، سىرلىتىپ تەييارلا قىلىپ ئۆيىڭىزگە ئەكىلىپ قوراشتۇرۇپ بېرىدىكەن، ئۆي ئىچىدە ئىش قىلمايدىكەن، ھەم پاكىز ھەم بىخەتەر بولىدىكەن» دەپ ئاڭلىغان ئېدىم، ئاقتۇ ۋە قەشقەر دائېرىسىدىن بۇ خىل ئۇسۇلدا بېزەكچىلىك قىلىدىغان شېركەت ۋە ئۇستا ئىزدەپ تاپالمىدىم. تورداشلار مۇشۇ جەھەتتە بىر مەسلىھەت بەرسە، ئانامنىڭ ئۆيىنى قانداق ئۇسۇلدا بېزەتسەك زىيانسىز، بىخەتەررەك بولار؟ يېقىن ئەتراپتىن ئاشۇ خىل ئۇسۇلدا بېزەكچىلىك بىلەن شوغۇللىنىدىغان شېركەت ياكى بېزەكچى ئۇستا تەۋسىيە قىلساڭلار تېخىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم.
   

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 12:06:05

   ئانامنىڭ ئارزۇسى قۇربان ھېيىتقىچە كۆچۈپ كىرىۋىلىش ئېدى.

tarem0097 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 14:04:37

مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىرچە بۇنداق زىيانسىز ئۆي بىزەيدىغان مەھسۇلات تىخىيوق چەتەللەردە بولسا ئەمدى ئۇباشقا گەپمەنمۇ 10يىللارچە بولدى مۇشۇ بىزەكچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقىلى.
مىنىڭ ئالدىمغىنۇ سىزدەك زىيانسىز دەيدىغان ئادەملەر كەلگەن مەن شۇلارغىمۇ سىزگە دىگەن بىزەكچىلەردەك مەسلىھەت بەرگەن .
مىنىڭچە سىز زىيانسىر قىلىمەن دىسىڭىز ئەڭياخشىسى گەجتىپىدىكى ماتىر ياللارنى تاللاڭبۇنىڭ زىيانلىق تەرىپى بىرقەدەر تۆۋەن، تامغا ياخشاراق تامسىرى ئىشلەتسىڭىز بۇلۇدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 15:38:10

tarem0097 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 14:04 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىرچە بۇنداق زىيانسىز ئۆي بىزەيدىغا ...

بار، چىرايلىق گۈللۈك تاختاي چىقىرىمەن دىسىڭىز جىگدە ياغىچى ياخشى ماتىريال بۇلالايدۇ ھەم ئەرزان، ئۇنى سىرلىمىسىمۇ چىرايلىق گۈللېرى چىقىپ تۇرىدۇ، تەبئى بولغان ماتىريالغا ھىچنىمە يىتمەيدۇ...

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 15:40:43

يەرگە چاقچۇق ياتقۇزۇپ ، تامنى ئاقارتسىڭىزلا زىيانسز بولىدۇ، چوڭلار بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى ياغاچ پول،تام قەغەزلىرىنىڭ ھەممىسى زىيانلىق ، تەييار ئۆي جاھازلىرىمۇ شۇ

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 16:48:47

kaman1 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 15:40 static/image/common/back.gif
يەرگە چاقچۇق ياتقۇزۇپ ، تامنى ئاقارتسىڭىزلا زىيانسز ب ...

پولزىيانلىقمۇ ؟ :funk:

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 16:59:35

tarem0097 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 14:04 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىرچە بۇنداق زىيانسىز ئۆي بىزەيدىغا ...

تام سىرىدىن قاندىقىنى ئىشلەتسەك بولار؟ سىز ياخشى، ئىشەنچلىك دەپ قارايدىغىنىڭىزنى تەۋسىيە قىلىپ باقسىڭىز!

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 17:00:12

بىزنىڭ يۇرت تەرەپتىكىلەر كۆرمىدىمۇ نىمە بۇ تېمىنى؟ :(

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 17:01:38

مەن چىنە قىشنى تەبىئىتى سۇغۇق دەپ بىلىمەن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 17:01:59

kaman1 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 15:40 static/image/common/back.gif
يەرگە چاقچۇق ياتقۇزۇپ ، تامنى ئاقارتسىڭىزلا زىيانسز ب ...

ئۆي بېزەشتە ياساتقان تام جاھازلىرىدىن تەييار ئۆي جاھازلىرى زىيانسىزراقتۇر؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 17:07:58

kaman1 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 15:40 static/image/common/back.gif
يەرگە چاقچۇق ياتقۇزۇپ ، تامنى ئاقارتسىڭىزلا زىيانسز ب ...

   سىزنىڭچە چىنە خىش پولغا سېلىشتۇرغاندا زىيانسىزمۇ؟! بىز تېخى پول نىمىلا بولمىسۇن ياغاچ خام ئەشيالىق ماتىرىيال، چىنە خىشتىن ياخشى دەپ بىلىدىكەنمىز.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 17:36:23

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 17:07 static/image/common/back.gif
سىزنىڭچە چىنە خىش پولغا سېلىشتۇرغاندا زىيانسىزمۇ؟!...

يەرگە ياغاچ پول قىلىڭ، سەل قىممەترەك بولسىمۇ زىيانسىزراق، تامغا تام قەغەزنىڭ ياخشىسىنى چاپلىتىڭ، ئۆي جاھازغا تەييار ياغاچتىن ياسالغاننى ئېلىڭ، گىرۋەكلەرگە گەج ئىشلىتىڭ. ئىشقىلىپ، جوڭچەنبەن، فۇخېدىبان دېگەنلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلانسىڭىز بولىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 22:43:46

تامغا (ھاي-ھاي) تام بىزەكلىرى قانداقراق بۇلدىغاندۇ؟ زىيانسىز دەيدۇغۇ ھەم تامغا سۇۋاش بەك ئاۋارىچىلىق ئەمەس ئۇخشايدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 02:37:39

پۇل بۇزۇپ ئۆي بىزگىچە ئۆينى ئاقارتىپ ئاددىي ئولتۇرغان ياخشى، شۇ چاغدا زىيانسىز بولىدۇ.تامغا پۇل چاپلايدىغان ئىشقا بەك ئۆچ مەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 10:18:00

130 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي بار ئىدى، يېقىندا ئاچقۇچنى بەرمەكچى. بۇ ئۆي 13 قەۋەتلىك بىنانىڭ 5-قەۋىتىدە، بىر مېھمانخانا، ئۈچ ياتاق ئۆي، بىر ئاشخانا، ئىككى خالاسى بار (بىر خالاسى بىر ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدە)، تېگىدىن ئىسسىيدۇ، چۈشتىن كىيىن مېھمانخانا ۋە ئىككى ياتاق ئۆيگە ئاپتاپ چۈشىدۇ.
ھازىرچە بۇ ئۆينىڭ ئاشىانىسى بىلەن خالاسىنى بەلەنرەك قىلىپ، باشقا ئۆيلىرىنى پەقەت ئادەم ئولتۇرسا بولىدىغانلا قىلىپ بېزىمەكچى (ئىنتايىن ئاددى بېزەك)، تۇنجى قېتىم ئۆي بېزىتىشىم بولغاچقا سەل گاڭگىراپ قالدىم. ئاشخانا ۋە خالانى قانداق بېزەتسەم بولار؟ مېھمانخانا ۋە ياتاق ئۆيلەرنى قانداق بېزىسەم بولار؟بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 10:32:15

بۇ ئۆي بېزىتىش ھەقىقەتەن باش ئاغرىتىدىغان ئىش ئىكەن، بېشىمىزغا كەلمەستە ھەممىمىز ئاددى قىلغان ياخشى، قانچە كۆپ ئىشلىسە شۇنچە زىيانلىق بولىدۇ دەيدىكەنمىز، بېشىمىزغا كەلگەندە تۈرلۈك بېسىملار يەنىلا ئاددى قىلغىلى قويمايدىكەن. بولۇپمۇ بۇ چوڭلارنىڭ ئۆيىنى بېزىتىش تېخىمۇ باش ئاغرىقى بولۇۋاتىدۇ، ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى ئويلاشمىسا تېخى، چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئويلاشمىسا تېخى، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىنى ئويلاشمىسا تېخى..... شۇنىڭغا قاراپ بەزى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىكىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى، پۇل ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە كېرىم مەنبەسى بولسىغۇ قىلسا ئۇ ھەشەمەتنى، كېرىمى ئادەتتىكىدەك تۇرۇپ، قاتاردىن قېلىشقا چىدىماي ھەشەمەت قىلىپ ئۆتۈۋاتقانلار سىرتىدا پارقىراپ، كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن ھەقىقەتەن دەردىنى ئىچىدە بىلسە كېرەك.....

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 10:33:46

function يوللىغان ۋاقتى2014-8-1 10:18 static/image/common/back.gif
130 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي بار ئىدى، يېقىندا ئاچقۇچنى بەر ...

شۇڭا دەيمەن، سىزنىڭ بەك ئاددى بېزىتىمەن دىگىنىڭىزمۇ قانداق بولاركىن......

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 12:24:41

function يوللىغان ۋاقتى2014-8-1 10:18 static/image/common/back.gif
130 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي بار ئىدى، يېقىندا ئاچقۇچنى بەر ...

مېھمانخانا، ئاشخانا، تازلىق ئۆيىگە چىنە خىش ياتقۇزسىڭىز، ماتىريالغا 8000، ئىش ھەققىگە 4000 كوي ئەتراپىدا كېتىدۇ. ئاشخنىغا تام ئوچاق، ئىشكاپلىرى ئۈچۈن 10000 ئەتراپىدا كېتىدۇ، ئۈچ سىرىلما ئىشىك 2000 ئەتراپىدا، ئۈچ ياتاق ئۆينىڭ زاۋۇت سىرلىق ياغاچ ئىشىككە 3400 ئەتراپىدا كېتىدۇ، تام-تۇرۇسقا زاماسكا بېرىپ سىرلاشقا 4000 ئەتراپىدا كېتىدۇ. ئىككى ياتاق ئۆيگە تاتامى، كىيىم ئىشكاپىغا 4000 ئەتراپىدا كېتىدۇ.
ئوتتۇرھال ياكى ھەشەمەت بېزەكنى كىيىن خالىغانچە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
تازلىق ئۆيىنىڭ ئاستىنغا سۇ سىڭمەس قەۋىتى ياسايسىز. ئىككى كۈن سۇ قۇيۇپ سىنايسىز.
يەر ئاستى پار يوللىرىنىڭ بېسىمىنى سىنايسىز. تام ئوچاقنى ساتقانلار ھەقسىز سىناپ بېرىدۇ.
جاپادىن قورۇقمىسىڭىز ھەر بىر ئىش تۈرىنىڭ ئۇستاملىرىنى ئايرىم چاقىرىپ قىلدۇرسىڭىزيۇقارقى باھالانىڭ يىغىندىسى ئەتراپىدا كېتىدۇ.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:10:45

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 16:48 static/image/common/back.gif
پولزىيانلىقمۇ ؟

ياغاچ پول دىگەن بىلەن ئاساسەن سېتىلىدىغان پوللار بىرىكمە تاختا ، نەق ياغاچ پول قىلسا تازا چىداشلىق بولماسمىكىن

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 14:14:42

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-7-31 17:01 static/image/common/back.gif
ئۆي بېزەشتە ياساتقان تام جاھازلىرىدىن تەييار ئۆي جا ...

بىزنىڭ بىر ئىغىز ئۆيگە قوش كارۋات بىلەن كىيىم ئىشكاۋىنى پار قىلىپ تەييار ئالغان ، ئادەتتە ئۇ ئۆيدە ياتمايتىم ، يېتىپ قالسام ئەتىگىنى گاللىرىم بىئارام بولۇپ ،قاپاقلىرىم ئىششىپ قوپاتتىم!
بەت: [1] 2
: ساغلام ئۆي بېزەشتىن ياردەم سورايمەن