تېلۋۇزىيەدە قويۇلمايدىغان ئۇيغۇر كارتونلىرى
1. ياش ئاتا ئانىلار باللىرىىنى كارتۇن ئارقىلىق تەربىيلەش خېلى ئومۇملۇشۇپ قالغان بىر ئىش . مەنمۇ بالام تۇغۇلغاننىڭ ياقى توردىن ۋە پىلاستىنكا دۇكانلىرىدىن ئشىقىلىپ ئۇيغۇر كارتۇنلىرىنى توختىماي يىغىپ كەلدىم .ۋاقتىم بولسىلا كارتونلارنى بالام بىلەن تەڭ كۆرۇپ كىتىمەن . بۇگۇنمۇ چىن تۆمۇر باتۇر ۋە مەختۇمسۇلا ۋەقەلىك قىلىنغان بىر كارتوننى بالام بىلەن بىللە كۆرۇپ ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر ئارزوغا كەلدىم .ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالام بىلەن تەڭتۇش باللارنىڭ ھەممىسى موشۇ ئۆزىمىز ئىشلىگەن ئۇيغۇر كارتونلىرىنى كۆرسە تېخىمۇ ياخشى بىر ئورتاق تۇيغۇ شەكىللەنگەن بولاتتى .2.ئەمىليەتتە ئۇيغۇر لار ئىشلىگەن كارتونلارمۇ ئاز ئەمەسكەن . ئىلىپبە دەيمىز ، ۋە باشقا كارتونلار ، بۇ ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كارتونلاردىن ھەممە ئۇيغۇر بالىسنى بەھرىمان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم .
3.يوقۇردىكى ئارزۇنىڭ ئىشقا ئىېشىشى ئۇچۇن ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بۇ كارتونلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېلۋۇزىيە ئسىتانىسىدا قويۇلىشى كېرەك ئىكەن . گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىلەرمەنلەر شەكسىز ھالدا ئوتتۇرغا چىقىپ پۇلغا ئشىلىگەن پۇلغا ساتىدىغان كارتۇنلار ئۇ دىيشىڭلار مۇمكىن ، ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ باللىرى ئۇچۇن شىنجاڭ تېلۋۇزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىشلىگەن كارتونلارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىپ ،ئىشلىگەن ئادەمنى رازى قىلىپ پۇتۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر باللىرىغا تەغدىم ئەتسە بۇنىڭ بولمايدىغان نىمسىى بار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
4.ئاڭلاۋاتىمىز قارلۇق شېركىتى ئىران بىلەن ھەمكارلىىشپ فىلىم ئىشلەپتۇ ، ماناس داستانىنى فىلىمگە ئاپتۇ ، بولسا شىنجاڭ تېلۋۇزىيە ئىستانىسى قارلۇق شېركىتىدەك ئۇيغۇر شېركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئشىلىگەن كارتۇنلارنى دىيارىمىزدىكى ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ بالىسىغا تەغدىم ئەتسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
5. قايسى بىر يىلى مەمەتجان روزى سايىتلار ئىشلىگەن سېرىكلەشتۇرۇلگەن ئەپەندىم فىلىمى ئىچىكىرمۇ ئىچىكىرى قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر باللىرى ئۇنىڭدىن بەھرىلەنمىدى . بىز پەقەت شىنجاڭ خەۋەرلىرىىدىن خەۋەر تەرىقىسىدە كۆردۇق ،
6. موشۇ شىجاڭ ئۇيغۇر تېلۋۇزىيە ئىستانسىغا شۇنداق دىگۇم بار . ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىمىز ئىشلگەن كارتۇن فىلىملەرنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۇر باللىرىغا سوغا قىلساڭلار شىنجاڭغا ھەقىقى يۇز كىلەلەيسىلەر ئەمەسمۇ ؟ كەچكىچە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدىن چەتنىگەن كارتۇن فىلىملەرنى تۆكمە قىلۋىتىدىكەنسىلەر،
7.مېنىڭچە پىلە قۇرىتى جۇجەم يوپۇرمىقى يىگەندىلا ئاندىن پىلە بولالايدۇ ، ئۇيغۇرلارغا نسىبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىز ھەم خاسلىقىمىز گەۋدۈلەندۇرۇلگەن ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان كارتۇنلارلا ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ ئەۋلاتلارنى ئۇيغۇر خاسلىقى بىلەن تەربىيلەش مەقستىگە يەتكىلى بولۇدۇ دەپ قارايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-31 01:28
سىز بالىڭىزغا ئەركىن تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتىش بىلەن تەڭ، نەزەر دائىرىسىنى كەڭ تۇتۇشنى ئۆگىتىڭ. بۇ مېنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىم،ھەرگىز بۇيرۇق ئەمەس. قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، 80- 90 - يىللاردىكى نادىر كارتونلارنى ئامباردىن ئېلىپ چىقىپ قويۇشقا ئېرىنىۋاتقان شىنجاڭ تېلېۋىزىيسى پۇل خەجلەپ فىلىم كىرگۈزۈپ قانىلىدا قويارمۇ؟ يەنە كېلىپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيسىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى بەك قالاق، مۇتەئەسىپ، ئىسلاھاتقا ئىنتىلمەيدۇ، 100 مىليونغا يېقىن ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئۇيغۇر تىلدا تارقىتىلىدىغان قاناللىرى تۇرۇقلۇق، بۇلارنى خەلقئارالاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى قىممەت يارىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ، ئۇيغۇر كارتۇنلىرىدىن ساقلاپ قويغان قويغانلىرىڭلار بولسا ياكى توردىن چۇشۇرۇش ئادىرىسى بولسىمىۇ تەمىنلىساڭلارچۇ؟ مەنمۇ دەل شۇنى ئىزدەۋاتاتتىم. harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 07:08 static/image/common/back.gif
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، 80- 90 - يىللاردىكى نادىر كارتون ...
چەت ئەللەرگە تارقاتسا دىمەكچىمۇ؟ ئۇنىڭغا پۇل كىتەر ئاغىنە... harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 07:08 static/image/common/back.gif
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، 80- 90 - يىللاردىكى نادىر كارتون ...
ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى دىگەن كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولسا بىر كۈرۈۋېتەتتىم:L شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر يىلى ئىلان كەسپىدىنلا
200 مىليون يۈەن كىرىم قىلىدىكەن شەخسىيلەرنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى قۇرۇشىغا يول قويغان بولسا ، بۇ تايىنى يوقxjtv ۋەيران بولۇپ كېتەتتىغۇ... بولسا ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار نى بىر قويسا بۇتتى بەك كۆگۈم بار رامبو، سانخىلو، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ھىكايە ۋاي ۋاي:lol ھەي بۇ خەق نىمىشقا شىياياڭ بىلەن خۇمسىتەيلاڭغا نىمانچىلا ئامراقتۇ؟ ياخشى تېما بوپتۇ، مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. تەرەققىي تاپقان ئەللەردە بىر نادىر كىتاب نەشىردىن چىقسا، ئۇ كىتاب نەچچە مىليونلاپ سېتىش تىراژى يارىتىدىكەن. بىزدە ئۇنداق ئوخشاش ئىدىيە بولمىغاندىكىن ھەممىمىز چېچېلىپ ھەتتا دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن بىر كارتون فىلىمنىمۇ ھەمبەھرىلىنەلمەيمىز. بۇ ئىچكى سەۋەبتىمۇ ياكى ... ش ج ت ۋ دېگەن پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان يەر. مىم ،ئەقىللىق يىشۇ، مەشھۇرلارھەققىدە ھىكايە، خېيمەن، ئامىگو ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى ،خاسبىنىڭ خەتەرلىك سەزگۈرەشتىسى ،نۇرغۇن نۇرغۇن نادىر كارتون فىلىملەرنى تەرجىمە قىلغان بولمىسا hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 08:18 static/image/common/back.gif
مىم ،ئەقىللىق يىشۇ، مەشھۇرلارھەققىدە ھىكايە، خېيمەن، ...
چۈشتاش، بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا.... توختۇركا، سىز بالىڭىزغا ئېلىپ بەرگەن ئاشۇ كارتون فىلىملەرنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسىڭىزچۇ ! تېلىۋۇزۇردىن كۆرەلمىسەكمۇ ئاشۇ كارتونلارنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ بىلىۋالايلى ... melek يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 12:52 static/image/common/back.gif
چۈشتاش، بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا....
ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى ، خەپ توختاپتۇر توشقان! يەرشارى چاشقىننىڭ مارىستىكى ساياھىتى.
ھە راست ...ئاق كۆڭۈل شاۋدۇن دىگەن قونچاق بارتى. يەنە غۇلجىنىڭكى كۆۋرۈك دىگەن باللار كىنوسى، شۇنداقمۇ بۇلۇپقالار بىركۈنى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 09:37
قېرىنداشلار،سىلەردىن ئۆتۈنەي ،‹مىم›،‹ئەقىللىق يىشۇ› قاتارلىق ئەقلىيلىك تىپىدىكى ياپونىيە كارتونلىرىنىڭ سىن ھۈججىتىنى (ئۇيغۇرچىسىنى) ساقلىۋالغانلىرىڭلار بولساڭلار ،ئېغىر كۆرمەي چۈشۈرۈش ئادرىسىنى مۇنبەرگە يوللاپ قويساڭلار، اللە سىلەردىن رازى بولسۇن. ئۇلار ھەقىيقەتەن بالىلىرىمىزغا ئىلىم-پەن قىزغىنلىغى يېتىلدۈرۈشتە بەك ئەسقاتىدىغان فىلىملەر ئىدى. harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 07:08 static/image/common/back.gif
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، 80- 90 - يىللاردىكى نادىر كارتون ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىندىشىم ھارۇنجان، مىم ئەقىللىق يىشۇ دىگەن كارتونلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەقدىم ئېتەلەرسىزمۇ،سىزدىن ئالەمچە مىننەتدار بولاتتۇق. يۇيكۇ فىلىم تورىنىڭ ئىزدەش كاتاكچىسىگە يېڭى يېزىق ھالەتتە مىم دەپ كىرگۇزسىڭىز ، مىمنىڭ ئون نەچچە قىسىمىنى تاپالايسىز ، ئەمدى چۇشۇرۇشكە كەلسەك مەن يۇيكۇ تورىغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن چۇشۇرۋالالىدىم ، قالغىنىنى ياڭيۇ تورىدىن ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئانچە سۇزۇك ئەمەس ، بولسا سۇزۇك فىلىم ئىشلەيدىغانلارنىڭ دىققىتىنى تارتسا بولاتتى بۇ ئىش ،
بەت:
[1]
2