سىسمىز روتېر تەڭشەش
چۈشۈنىشلىك قىلىپ سۆزلەي1. روتېرنى توكقا چاتىسىز ، كومپىيوتېرنىڭ كەينىگە چاتقان تور سىمىنى ئېلىپ روتېرنىڭ كەينىدىكى WAN ئېغىزىغا چاتىسىز ،ئۇنىڭدىن كىيىن روتېر بىلەن بىللە بەرگەن تورسىىمىنىڭ بىر ئۇچىنى روتېردىكى 4 ئېغىزنىڭ خالىغان بىرىگە چاتىسىز يەنە بىر ئۇچىنى كومپىيوتېرنىڭ تور سىمىنى چاتىدىغان يەرگە چاتىسىز.
2. تور كۆرگۈچكە 192.168.1.1 دەپ بېسىپ مۇشۇ تور بەتكە كىرىسىز
كىرسىڭىز مۇنداق چىقىدۇ
ئىككىلىسىگە admin دەپ كىرگۈزىسىز
ئاندىن مۇنداق چىقىدۇ
设置向导 نى باسىمىز ، چىققان كۆزنەكتىكى 下一步 دىگەن خەتنى باسىمىز
ئاندىن مۇنداق چىقىدۇ
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك تاللايمىز
ئاندىن مۇنداق چىقىدۇ
1. سىزنىڭ تورغا كىرگەندىكى نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بەلگىلەپ بەرگەن تورغا كىرىش نومۇرى)
2. شۇ نومۇرنىڭ مەخپى نومۇرى
3.مەخپى نومۇرنى قايتا كىرگۈزىسىز
4.كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز
ئاندىن مۇنداق چىقىدۇ
1. كۆرۈنىدىغان ئىسىمنى كىرگۈزىسىز
2. سالماقچى بولغان مەخپى نومۇرنى كىرگۈزىسىز
下一步 دىگەن خەتنى بېسىپ كىيىنكى قەدەمدە ئۆتۈڭ
ئاندىن مۇنداق چىقىدۇ
重启 نى بېسىپ بىر مىنۇتتىن كىيىن سىمسىز تور ئىشلىتىشنى باشلاڭ
باشقا ئەھۋاللارغا يولۇقساڭلار ئىنكاس قىلىڭلار روتىلارنى تىلفۇندىلا تىڭشەپ ئىشلىتىمىزغۇ بىز {:90:} رەھمەت!تازا ئېھتىياجلىق ئىدىم. خواۋېي ماركىلىق روتېرنى ئالماڭلار. تەڭشەش بەك تەسكەن. ئۆزەم كۈچ ئېلىشىپ بولالماي، كومپىيوتېر مۇلازىمەت شىركىتى دىگەنلەردىن خادىم تەكلىپ قىلىپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشىتەلمىدىم. يەنىلا tplink نىڭ ئوبدانكەن تېلېفۇندا تەڭشەشنىمۇ تەپسىلى چىقىرىپ قويمامسىز ؟ tayirT يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 08:35 static/image/common/back.gif
تېلېفۇندا تەڭشەشنىمۇ تەپسىلى چىقىرىپ قويمامسىز ؟
تەڭشىمەكچى بولغان سىمسىز تورغا تېلفۇنىڭىزنى ئۇلاڭ، ئاندىن كىيىن 192.168.1.1 نى تور كۆرگۈچتە ئاچىسىز قالغان مەشغۇلات لار ئۈستىدىكىسىگە ئوخشاش. رەھمەت مەن ناھايتى ئىھتىياجلىق ئىدىم ... سىناپ باقاي رەھمەت، ئەمدى مۇنداق مەسىلە چىقتى:
سىمسىز تور ئۇلاندى ئەمما سىملىق تور ئۇلانماي، تېلگراف خادىمى كەلگەندە (سىمسىز روتىرغا چېتىلمىغان ھالەتتە)ئۇلاندى، بىردەم ئىشلەتكەندىن كېيىن روتىرغا چاتسام سىملىق تور ئۈزۈلدى، روتىرنى ئېلىۋەتسەم ئۇلاندى... بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟ tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 13:20 static/image/common/back.gif
رەھمەت، ئەمدى مۇنداق مەسىلە چىقتى:
سىمسىز تور ئۇلاندى ...
روتېرنى بىرەر كۈن چاتماي تۇرۇڭلا تىلگىرافتىكىلەر روتېر چېتىشنى بەك قوللاپ كەتمەيدۇ، ھازىر 10000غا تىلفۇن ئېلىپ كەڭ بەلۋاغلىق تور مەسىلىسىنى ھەلقىلىش دىگەن يەرگە كىرىپ بىر كونۇپكا بىلەن ھەل قىلىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن روتېر نى چاتماي بىرەر كۈن ئىشلىتىڭلا ئەتە چاتساڭلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ بولىدۇ، سىناپ باقاي رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 14:18
kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 15:28 static/image/common/back.gif
روتېرنى بىرەر كۈن چاتماي تۇرۇڭلا تىلگىرافتىكىلەر رو ...
يەنە 10000 غا تىلىفۇن قىلىدىغان ئاۋارچىلىق باكەن ھە!
wifi تارقاتتىڭ دەپ كەڭ بەلباغ تور ھەققىدىن باشقا، ئايرىم ھەق تۇتۇپ يۈرسە پۇل تۆلەپ بولغىلى بولماي قالارمىكىن. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 12:15 static/image/common/back.gif
يەنە 10000 غا تىلىفۇن قىلىدىغان ئاۋارچىلىق باكەن ھە!
wifi ...
تۇتمايدۇ ھەم تۇتالمايدۇ؛ پۇل تۇتالىغان بولسا مۇشۇ كەمگىچە جىم تۇرامدۇ ئۇ خەق
بەت:
[1]