تاشپولات روزى: روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىزدىنىش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزدىنىش تورىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مەن 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدىم. سىلەر ۋەتەندىكى ھەرقايسى يەرلەردە مېنى قىزغىن قارشى ئالدىڭلار سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! بۇ قېتىمقى ۋەتەن سەپىرىمدە ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالار بىلەن سۆھبەتلىشىشى ھەم بىرگە تاماق يېيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن كۆپ خوشال بولدۇم. ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمنىڭ بەكمۇ قىس بۆلىشى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىمنىڭ بەكمۇ زىچ بولغانلىق سەۋەبىدىن يەنە كۆپلىگەن قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. مەن بۇنۇڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن! بۇ قېتىم خەلقىم ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ خەلقىمنىڭ مېنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن. سىلەر ئۈچۈن ئامېرىكادا بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار بولسا تارتىنماي خەت يېزىڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە ياردەم قىلىمەن.ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت بۆلىشىنى، خىزمەت ۋە تەتقىقاتلاردا ئۇتتۇق قازىنىشىڭلارنى، سىلەرگە بەخت مەڭگۈ يار بۆلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى
تۆۋەندىكى رەسىملەر ئىزدىنىش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا تارتىلغان.
بىرگە بولسۇن ئاكا! ھارمىغايسىز بىرگە بولسون،سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز. ئا مۆمىنجانما؟ ئاغزىغا كەپ بولغان گەپنى يۇتىۋەتكەن چىراي ئىپادىسى باچكىكام،تاھىر ھامۇت،قارلۇق نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئادەملىرىمىزنى كۈتۋالدىغان ئۇيغۇرنىڭ مۆتىۋەر،داڭلىق سانالغان زىيالىلىرى يوق؟ تاشپولاتكا ئايمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. مۆمىن ئابلىكىم بىلەن پەخرىدىن قارلۇۇقنى تونۇيدىكەنمەن ئاران .،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-31 11:44
سالام تاشپولاتكا، سىزنىڭمۇ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! سىز بىلەن كۆرۈشۈشكىنىمىزدىن بىزمۇ بەك خۇشال بولدۇق. سىزدەك پىشقەدەم ئالىملىرىمىز بىزنىڭ ئىلھام مەنبەيىمىز، ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. سالامەت قايتىپ بارغىنىڭىزدىن خاتىرجەم بولدۇق، ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز..
ئاندىن، تورداشلارنىڭ سەمىگە، ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولمىسۇن، تاشپولاتكام غۇلجا، ئۈرۈمچى قەشقەرلەردە قىزغىن قارشى ئېلىندى، بۇ تېمىدا يوللانغىنى پەقەتلا ئىزدىنىش تورى بىلەن ئۇچراشقان بىر قىسىمى. Baqka يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 11:42 static/image/common/back.gif
سالام تاشپولاتكا، سىزنىڭمۇ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بو ...
رەسىمىكى قايسىسى سىز باجىكا؟ بىرگە بولسۇن، مۇئەللىم! ئېسىل مېھمان كەپتۇكەن ئەمەسمۇ؟! بىلمەي قاپتۇق. بولمىسا بىر يۈزىنى كۆرەتتۇقكەن .. ئاللاھ خالىسا يەنىمۇ پۇرسەتلەر بولار. تىنچ-ئامان قايتىپ بېرىۋالغان بولسىڭىز خۇداغا شۈكرى. ئاللاھ ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ۋە ئاسايىشلىق نېسىپ ئەتسۇن.
بىرگە بولسۇن تىنىڭىزنىڭ سالامەت ئىشكىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇىلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم رەسىمىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى ۋە ئۆز ئىسمى بىرىلگەن بولسا،بىزمۇ ياخشىراق تونۇۋالغان بولاتتۇق. ئىزدىنىش ئەپەندىمۇ ئولتۇرۇپ كېتىپتىغۇ. مۇنبەرگە كىرمىگەن بىلەن.. azizim يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 12:48 static/image/common/back.gif
رەسىمىكى قايسىسى سىز باجىكا؟
ئىككىنچى رەسىمدىكى چاقماق كۆڭلەك. naqa kun boldi tor suritim astilap katti , youkuliha kirip mtv ni tuzuk koralmaywatiman baxminut tursa naqa sikot qikidu 10000 ha tel kilsam bu taraptin qatakqikti kaqan ongxildihanlikini bilmaymiz daydu , karsam silar bu tohurluk hiq narsa yazmidinglar , xuga minig lam muxundakmu nima dap oylap kaldim ? astilikidin kona yezikmu qikmidi mana تاشپولاتكام ئوغلىنى ئىلىپ كەپتىكەندە ، خەۋەرسىز قاپتۇق . arkzat618 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 09:04 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئادەملىرىمىزنى كۈتۋالدىغان ...
سالام ئۇكام، بۇ قېتىمقى مېنىڭ ۋەتەنگە قاراتقان سەپىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىم مېنى ۋەتەندىكى داڭلىق زىياللار، پروفېسسورلار، كارخانىچىلار، تېلېۋىزور رىياسەتچىلىرى، ئاتاقلىق سەنئەتچىلىرىمىز، كارخانىچىلار، دوكتورلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەتتا ۋاقىت تۈپەيلىدىن بەزى تەكلىپ قىلىنغان سورۇنلارغا بارالمىدىم. بەزى كۈنلىرى 5 دىن كوپ تەكلىپ قىلىنغان سورۇنلارغا باردىم. شۇڭا بۇ يەردە باشقىچە ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن. قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسكەرتىش، بۇ تېمىدا يوللانغىنى پەقەتلا مۇشۇ توردا ئۇچراشقان دوستلار بىلەن تارتىلغان بىر قىسىم رەسىملەر.
TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 13:22 static/image/common/back.gif
سالام ئۇكام، بۇ قېتىمقى مېنىڭ ۋەتەنگە قاراتقان سەپىر ...
سىزنى مۇنبەردىن بولسىمۇ كۆرۈپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتۇق. يۇرتقا كەلگەندە كۆرەلمەي قاپتۇق ئاكا. سىزنىڭمۇ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن گەرچە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ.
قىسقا قۇسۇر. قۇربان ھېيتنى بەك بالدۇر تەبرىكلەپ قويدىڭىز.
بەت:
[1]
2