SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-30 12:51:12

[تەرجىمە ماقالە] خوتەندىكى بۇددىزىم (زامباستا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-30 13:09  

خوتەندىكى بۇددىزىم
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش



     بۇددىزىم تاكى مىلادىيە مىڭىنچى يىللاردىكى خوتەن پادىشاھلىغى زامانىغا قەدەر، بۇ پادىشاھلىقنىڭ رەسمىي دىنى ئىدى. خوتەندىكى بۇددىزىم مەھايانە تارمىغىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قارارلاشقان. ۋە خوتەن ئۆزىنىڭ بۇددايى تېكىستلىرىنىڭ كەڭرى مەجمۇئەسى، جۈملىدىن خوتەننىڭ ئۆزگىچە كىتابى بولغان ‹زەمبەستە› (زامباستا) بىلەن، ئەتراپتىكى رايونلاردىكى بۇددىزىم نوپۇزىغا، بولۇپمۇ تېبەتكە مەدەت بەردى.

     خوتەن پادىشاھلىغىنىڭ ئاھالىسى ئىرانىي ئۇرۇغلۇق سەكايى (ساك) ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەكايى تىلىدىن، خوتەن ۋە تومشوق (ھازىرقى قەشقەر رايونىدا) رايونىدىن ئەسەرلەر قولغا چۈشكەن بولۇپ، دىنىي تەرجىمە ئەدەبىياتى خىلىدا ئىدى؛ گەرچە غەيرى دىنىي ئەسەرلىرىدىمۇ بۇددايى رەڭلەر مەۋجۇد بولسىمۇ. بۇددايىلارغا تەئەللۇق ۋە سانسېكرىتتىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ بارچىسى، ئاساسەن خوتەن ساك تىلى (ياكى پەقەت ساك تىلى) ۋە قەدىمىيراق دىئالېكىت سانىلىدىغان تومشوق ساك تىلىدىن ئىبارەت ئىككى گورۇھقا تەقسىملەنگەن. خوتەن تىلىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل تېكىستى - شېئىرىي كىتاب ‹زەمبەستە› دۇر. خوتەن تىلى تېكىستلىرىنىڭ كۇللى تۈرى تەمسىللەر، رىۋايات، تېببىي رىسالات، تۈركىي-خەنەسىي ۋاژەنامەسى، چىنىي-خەنەسىي ۋاژەنامەسى ۋە كىچىك بىر جۇغراپىيەۋىي تېكىستنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېندىي داستانى رامە ۋە خوتۇنى سىيتا، ئېپوسىي نەزمىي ئەسەرلەر مۇشۇ تىل بىلەندۇر. خوتەننىڭ مەۋجۇد نۇسخىلىرى مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردىن تاكى ئونىنچى ئەسىرگىچە ئارلىقتىكى زاماندا، بەراھمىي خېتى بىلەن يېزىلغان ئىدى.

     تېبەت قوشۇنلىرى مىلادىيە ئالتە يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىلى خوتەن شەھىرىنى تەسەررۇپ قىلىۋېشتى. ئەمما مەدەنىيەت نەزەرىدىن، بۇ خوتەنلىكلەر تۇبۇتلارنى شۇ تەسەررۇپتىن كېيىنلا، ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ تەسىر ھەممىدىن ئاۋۋال، بۇدداچە تېرمىنلار ۋە بۇدداچە تېكستلەر تەرجىمە پەنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىردە، تېبەتلىكلەر خوتەنىي ئېلىپبەنى ھەم، ئۆز تىلى ئۈچۈن تاللىۋېلىشغان ئىدى.

     مىلادىيە توققۇز يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى كاشغەر قاراخانىي خانلىرى خوتەن پادىشاھلىقىغا ھەملە قىلدى ۋە خوتەن، مىلادىيە بىر مىڭ ئالتىنچى يىلى بىر زامان قاراخانىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەسەررۇپىغا ئايلاندى. بۇددا راھىبلىرىدىن تولىسى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تېكىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، تېبەتكە قاچتى. قاراخانىيلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈستۈنلۈگىدىن كېيىن بۇددىزىم ھەم، خوتەندىن يۈك-تاقىسىنى تاڭدى ۋە ئىسلامغا جايىنى بوشاتتى.


كىتابى زەمبەستە
     زەمبەستە - بۇددىزىمنىڭ ئەتىۋارلىق ۋە مۇھىم شېئىرىي رىسالەسى بولۇپ، خوتەن تىلى ۋە رەسمىي مەقاملىق ئۈگۈتلەر بىلەن ‹زەمبەستە› نامىدا تۈزۈلگەن كىتابتۇر. ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېقىملىرىدىن بىرى بولغان مەھايانە ئېقىمىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەركىب قىلغۇچىدۇر.

     كىتابى زەمبەستە - بۇددا دىنىنىڭ خىلمۇ-خىل تەرەپلىرى ھەققىدىكى ئۇزۇن-ئۇزۇن نەزمىلەر ۋە خوتەن تىلىنىڭكى ئەڭ مۇپەسسەل تېكىستىدۇر. خوتەن تىلى - سوغدىي، خارەزمىى ۋە بەلخىي قاتارلىق شەرىقى ئارا ئىرانىي تىللارنىڭ ھەمراھلىقى بىلەن تەشكىل تاپقان تىلدۇر. كىتابى زەمبەستەنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ تەپسىلىي تارىخى ئېنىق ئەمەس. مەۋجۇد بولغان دەلىللەر شۇنى ئىسپاتلايدۇ كى، بۇ تېكىست مىلادىيە يەتتىچى ئەسىردىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئىكەن. كۇللى تېكىستتىن تۇنجى ۋە تەنھا تەرجىمىسى، بىر مىڭ توققۇز يۈز ئاتمىش سەككىزىنچى يىلى، ئېمېرىك (رونالد ئېرىك ئېمېرىك - تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، بىر مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز يەتتىچى يىلى مارتتا تۇغۇلۇپ، ئىككى مىڭ بىرىنچى يىلى ئاۋغۇستتا ۋاپات بولغان. ئېنگىزلىزچە: RONALD ERIC EMMERICK) تەرىپىدىن نيۇيورك-تورېنتودا نەشىرگە چىققان ئىدى.

     كىتابى زەمبەستەدا بۇداسەف (بۇدىساتۋا) ئۇقۇمى بىلەن باغلىنىشلىق پەلسەپە قىسسەسىدىن مەجمۇئە ھاسىل بولغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىيسى ئېھتىمالەن تۆت مىڭ بېيت شېئىردىن جىق، تۆت يۈز قېرىق بەتلىك يېزىلغان ئىكەن. تا ھازىرغا قەدەر بۇ كىتابتىن پەقەت ئىككى يۈز يەتتە بەتلا قولغا چۈشكەن ئىدى.

     تا ھازىرغىچە تېپىلغان بەتلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ كى بۇ كىتاب، داستانىي لىنىيەنىڭ ئىزىدىن ماڭماستىن، بەلكى بۇدداچە ئاممىباب ئۇقۇملاردىن، ۋە رايون تەپسىرلىرى بىرىكمىلىرىدىن كەڭرى مەجمۇئە بولغان ئىدى.

     كىتابى زەمبەستە، سۇترا ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان باھار ھەققىدىكى قىسسە يۈزىسى بىلەنمۇ شۆھرەتكە ئىگە. بۇ قىسسەنىڭ مۇقەددىمەسى، باھار گۈزەللىگىنىڭ تەسۋىرى ۋە بۇددا راھىبلىرىنىڭ بۇ پەسىلگە بولغان تەسىراتى بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن بۇددا، ھاياتلىق لەززەتلىرىنىڭ ئەبەدىيلىك ئەمەسلىگىنى بۇ راھىبلارنىڭ يادىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ گۆرىستانغا ئېلىپ بارىدۇ.

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%B2%D8%A7%D9%85%D8%A8%D8%A7%D8%B3%D8%AA%D8%A7#.DA.A9.D8.AA.D8.A7.D8.A8_.D8.B2.D9.85.D8.A8.D8.B3.D8.AA.D9.87

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 15:21:46

ساكلار_ ئىرانى پارىسلار بىلەن نەسىلداشمۇ؟
بەت: [1]
: [تەرجىمە ماقالە] خوتەندىكى بۇددىزىم (زامباستا)