raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-29 23:31:01

ئابدۇرېشىت ئېلى: سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى

سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى

ئاي نۇرلىرى ئەسلىتەر گۇيا
‏غازاڭلارنى تۈكۈلۈۋاتقان.
‏بەلكىم ئۇ بىر قايغۇلۇق ناخشا
‏ئېيتقۇچىسى ئاھ، ئۆلۈۋاتقان.
‏
‏ئۇ يورۇتار يالغۇزلۇقۇمنى
‏قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جىمجىت.
‏قۇراشتۇرۇپ چىقىمەن سېنى
‏نەچچە پارچە بولىسەن، ئېسىت!
‏
‏سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى
‏يوشۇرغانمۇ سېنى يوقلۇققا.
‏سەن ئۇ يەردە ھېلىدىن - ھېلى
‏يۈرىكىڭنى تۇتامسەن ئوققا؟...
‏
‏ئارىمىزدا نۇرغۇن زامانلار
‏ياكى مەڭگۈ پۈتمەيدىغان خەت.
‏مەن كۈتۈشنىڭ چېكى ئېھتىمال
‏سەن چۈشتۇرسەن كۆرمىگەن پەقەت.
‏
‏2013-يىلى 4-ئۆكتەبىر

‏خوشال شېئىر
‏
‏‏شېئىر يېزىڭ، شېئىرىڭىزدا
‏باھار خۇشال ئوينىسۇن ئۇسۇل.
‏يارىڭىزغا بېقىڭ ھەم قىيا
‏كۆزلىرىگە تىكىلىپ ئۇدۇل.
‏
‏ئۇ ئورنىدىن تۇرسۇن گىياھتەك
‏ۋە ئىشىكنى ئاچسۇن شادىمان؛
‏جىمجىتلىقنى كۆرۈپ بۇ يۈرەك،
‏چۆچىكىنى باشلىسۇن شۇئان.
‏
‏ئاڭلاڭ ئۇنى ياغسۇن يامغۇرلار
‏دېرىزىلەر چېقىلسۇن يەنە.
‏ناخشا ئېيتسۇن تەنھا كوچىلار
‏ئىككىمىزگە قىلىپ تەنتەنە.
‏
‏2013- يىلى 9-ئۆكتەبىر
‏
يىراقتىكى ماڭا بېغىشلاپ
‏
‏‏‏سىزمۇ مەندەك يۇلتۇزغا قاراپ
‏سۈرتتىڭىزمۇ ياشلىرىڭىزنى.
‏دەردىڭىزنى بىر - بىرلەپ ساناپ
‏يۇلدىڭىزمۇ چاچلىرىڭىزنى.
‏
‏بەلكىم سىزمۇ بىلگەنسىز ئاخىر
‏سۆيگۈ دېگەن باھاردۇر ھەيھات.
‏باشلاپ كېلەر كۈزنى ئۇ، ئېغىر
‏تۇيۇلغاندۇر سىزگە بۇ ھايات.
‏
‏نىتەي، بىزگە يوقتۇر تەسەللىي
‏مۇشۇ ئۇزۇن كېچىدىن باشقا.
‏بەختلىكمىز چۈشەنسەك ئەسلى
‏يۇزلىنىمىز ئەتە قۇياشقا!
‏
‏2013- يىلى 9-ئۆكتەبىر
‏
‏شېئىرلىرىمغا
‏
‏‏‏قايتۇرۇپ بەر خوشاللىقىمنى
‏چاخچاق قىلغان ھاياتقا بەزەن.
‏ئاق تېرەككە ئويدۇم ئىسمىمنى
‏قارىماي ئۆت ئۇچراتساڭ قەستەن.
‏
‏سەن دېڭىزمۇ جىمجىت پەرىشان
‏ياكى بۇلۇت يىراق كۆكتىكى.
‏ئىسمىڭ ئۈچۈن يېزىلغان داستان
‏ئوقۇپ چىقار ئاخىرى مېنى.
‏
‏ئۇچۇپ يۈرگەن سەرسان غازاڭلار
‏سەندىن قايتقان ئەكىس سادامۇ؟
‏مەن توغرىلىق چىققان پاراڭلار
‏خوتەندىكى چۇقۇ بازارمۇ؟
‏
‏ئولتۇرىدۇ تاش ئۇرۇندۇقتا
‏كىمدۇر بىرى تاماكا چېكىپ.
‏ھەر ئىككىمىز بەلكىم بىر ئوقتا
‏ئۆلگەندۇرمىز ياش تۇرۇپ ئېسىت!
‏
‏‏بىر قەدەھ
‏
‏ئۇسساپ كەتتىم تەكلىماكاندەك
‏يۇلغۇن مېنىڭ ئېيتار سۆزۈمدۇر.
‏پارە - پارە بولدى بۇ يۈرەك
‏قۇياش ساڭا باققان كۆزۈمدۇر.
‏
‏ئولتۇرىمەن تاش ئۇرۇندۇقتا
‏بىر ناخشىغا سالغانچە قولاق
‏‏سەن يۈرەمسەن قاراڭغۇلۇقتا
‏ئەگەشتۈرۈپ يۇلتۇزنى ئۇماق؟!
‏
‏‏بىر قەدەھ مەي ئىچىلمەس ئاخىر
‏قانماي تۇرۇپ يارغا بۇ كۆڭۈل.
‏چېكىت ئۇرماس داستانغا شائىر
‏بەرق ئۇرۇپ ئېچىلمىسا گۈل.
‏
‏رەسسام دوستۇمغا يادنامە
‏
‏سىزىڭ چەكسىز زەڭگەر ئاسماننى
‏ئۇنتۇپ كېتىڭ بۇلۇتنى ئەمما.
‏ئۇچسۇن قۇشلار قۇچۇپ ھەرياننى
‏ئاقسۇن يەردە بىر ئەزىم دەريا.
‏
‏دالىلاردا ئوينىسۇن باھار
‏ناخشا ئېيتسۇن قېرى ئاق تېرەك.
‏بىر ئوتۇنچى ئۆيىگە قايتار،
‏كۆكرىكىگە سىغمايدۇ يۈرەك.
‏
‏پۇراق بولسۇن رەڭلىرىڭىزدە
‏ھوشىمىزدىن كېتەيلى ھىدلاپ.
‏ئۆچمەيدىغان بىر ئوت بار سىزدە
‏قىلىدىغان مېنىمۇ كاۋاپ.
‏
‏سىزىڭ مەغرۇر، تاغلار ئىگىلسۇن
‏توزىمىسۇن بەختىيار گۈللەر.
‏سىزىڭ، تۈننىڭ باغرى تىلىنسۇن
‏قۇچاق ئاچسۇن قۇياشلىق كۈنلەر!
‏
‏2013- يىلى 10-ئۆكتەبىر تۈن يانغاندا
‏
‏‏تاڭغا
‏
‏خورىزىڭىز چىللامدۇ يەنە
‏«تۇرۇڭ ئەمدى تاڭلار ئاتتى» دەپ.
‏قوشنا ئىشىك بېرىدۇ شەپە
‏كوچىلارغا ئامانلىق تىلەپ.
‏
‏سىزنى دېدىم كىرپىك قاقمىدىم
‏ئىشقىڭىزدا پۈتتۈم داستانلار.
‏ئىشەنسىڭىز بىر ئاشىق ئىدىم
‏ياشاپ كەلگەن زامان - زامانلار.
‏
‏ئاستا باردىم، ئاستا كەلدىڭىز
‏تارتىندىڭىز - قىزاردىڭىز ھەم
‏قولىڭىزنى ماڭا بەردىڭىز
‏قىزىلگۈلگە تولدى خاتىرەم.
‏
‏2013-يىلى 10-ئۆكتەبىر تۈن يانغاندا
‏
بەت: [1]
: ئابدۇرېشىت ئېلى: سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى