ھېيىت كەلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-28 22:11ھېيىت كەلدى
يۇنۇس زۇننۇن
ھېيىت كەلدى خۇشاللىق كەلدى
چارچىغان دىللارغا روھى ئارام تاپىدىغان باھار كەلدى
بالىلىرىمنىڭ چىرايىدا ئۆكسىگەن خۇشاللىق
چىدالمايدۇ يۈرۈكۈم ئۇندا كۈلگەن روھنىڭ تەبەسسۇمىغا
روھقا ئوزۇق بۇ ھېيىتنىڭ سېھرىي كۈچىگە
***
ھېيىت كەلدى بەرىكەت كەلدى
ياشىغان بىر يىلنى ھەزىم قىلىش ۋاقىتى كەلدى
بىچارە دادام يامىمايدۇ ئەمدى ئارتۇق مۈكچىيىپ
جاھاندارچىلىقتا ئۇپرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاياقلىرىنى
ئۇلار ھەممىسى بىرگە
بىز ھەممىمىز بىرگە
يامىۋالىمىز يوقسىزلىقتىن يىرتىلىپ قالغان روھلىرىمىزنى
بۇ ھېيىتنىڭ بەرىكىتىدە...
بىچارە ئانام ئەمدى ئۇيۇتمايدۇ ئارتۇق تىزلىنىپ
ھويلىمىزدىكى سېرىق ئېنەكنىڭ سۈتلىرىنى
ئاقباش موزىيى ئېمىدۇ ئەمدى ئۇنى ئۆزى يالغۇز
بىز ھەممىمىز بىرگە ئۇيىيمىز
تۇرمۇشنىڭ تاپا-تەنىسىدە بىر-بىرمىزگە بوغۇلغان باھاسىز قەرزلىرىمىزنى تاشلاپ
قېرىنداشلىقنىڭ تەڭلىسىدە
بۇ ھېيىتنىڭ بەرىكىتىدە
***
ھېيىت كەلدى ئىنسانلىق كەلدى
ئىنسان نەسلىگە بېرىلگەن نېئمەتلەرنى ئەسلەش ۋاقتى كەلدى
بالىلىرىم قولىدا ھېيىتلىق
ئۇلارنىڭ قولىدا ئەرزىمەس بىر مەۋھۇم قىممەت
چىڭ مۇجىقلىغانچە ئۇخلىماقتا ئۇلار ئۇنى ئەتىكى ھېيتقا تەييارلىقتا
بۇ ھېيىتنىڭ ئىنسان قەلبىگە بەرگەن كۈچىدە
ئۇلارنىڭ روھى چىڭ مۇجۇقلىغان ئىدى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىنى
ئەتىكى جەڭگاھقا تەييارلىقتا
***
ھېيىت كەلدى قانائەت كەلدى
ئېغىر مۇسىبەتكە سۈكۈت كەلدى
ئانامنىڭ تاماقلىرى قاتقان ھەپسىدىكى قېرىنداشلىرىمغا
بىز ھەممىمىز تەڭ مۇجۇقلىغان قۇربانلىق قوينىڭ ساخاۋىتىگە شېرىك بولالمىغان قېرىنداشلىرىمغا
دادامنىڭ سۈكۈتىدە قاتقان ئىدى ۋاقىت
ئۇندا ئۇزۇن مەزگىل سېغىنىشتىن قاناپ ئۆڭگەن سەبىر
تەقدىرگە ئىمان ئېيتقان چىڭ ئىبادەت...
تۆمۈر رىشاتكىلارنى ئارىلايدۇ ئانامنىڭ روھى
بالدۇر يۈتتۈرگەن جىگەرلىرى ئۈچۈن
ئانام ئامالسىز بۇندىن باشقىغا...
چۈنكى ھېيىت كەلدى ،ئەجەپ تاتلىق سېغىنىش كەلدى
جان-جىگەرلىرى ئۈچۈن مىڭ مەرتىۋە ئۆلگەن ئانىنىڭ تىرىلەر ئانى كەلدى
***
ھىېيت كەلدى ئەجدادىمىزغا ئەۋلاد كەلدى
قەبرىلەرگە تىرىكلەر كەلدى
دادام بىلەن قەبرە بېشىدا مەن
ئەجدادىمغا دۇئادىمەن
ئۆز ئۆلۈمۈمگە ياخشى بىر نەتىجىگە ئۈمۈدتىمەن...
پەرزەتلىرىمگە ئىمان ۋە ساپ ۋىجدا تەمەسىدىمەن...
***
ھېيىت كەلدى خۇشاللىق كەلدى
ھەممە بۈگۈن خۇشھال،چۈنكى بۈگۈن ھېيىت
ھىچكىم توسقۇنلۇق قىلماس بۈگۈن بىزنىڭ تىلەكلىرىمىزگە ...
چۈنكى ھېيىت كەلدى،
بىزنىڭ يىتتۈرگەن قىممىتىمىزنىڭ دېرىكىدىن بىر پارچە خەت كەلدى
دېمەك ھايات ئۇ...
دېمەك ھايات ئانامنىڭ جان-جىگەرلىرى
مېنىڭ بارلىقىمغا تېگىشمەس قېرىنداشلىرىم
دېمەك ھايات ئۇلار ياققان ئوت
دېمەك ھايات ئۇلار يازغان تارىخ
دېمەك ھايات بىزنىڭ كەلگۈسىمىز
چۈنكى ھېيىت كەلدى!...
2010-11-15
ھېيت مۇبارەك(دۈشەنبە) بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن .
بۇ شېئىرنى ئىلگىرى ئوقىماپتىكەنمەن ، تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت . تور ئەھلىگە پېقىردىن سالام:
روزى ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن! مىسرالىرىنى ئۇقۇۋېتىپ مۇشۇ رامزاندا يېزىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاتىمەن .
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك .
ئاللا ھەممىڭلارنى ئامان قىلسۇن. راست، ھېيىت كەلدى ھەممىڭلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، روزى ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ۋەتەن ىچى ۋە تېشىدىكى قېرىنداشلارغا وتلۇق سالام. ھەممىڭلارنىڭ ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن!.
روزا ھېيىت مەزگىلىدە دەم ئىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش چۈشتى، بۇ يىل ھېيىت قىلالمايدىغان بولدۇق. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىيزلەر ، ھەممىڭىزلارنىڭ مۇبارەك ھېيتى قۇتلۇق بولسۇن . ھەممىڭلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۈھتىرەم قېرىنداشلىرىم ھەممىڭلانىڭ روزاھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسسالامۇئەلەيكۇم روزى ھىيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن.
ھەممەيلەنگە خاتىرجەملىك يار بولسۇن. بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ روزى ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن روزى ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن ! {:92:}{:92:}{:92:} « بارچە گۈللەر ئېچىلسا بولۇدۇ باھار» دەيدىغان گەپ بارتى، ھەر ھېيت كەلسە تاڭ بىلەن تەڭ ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپكە يىغىۋالىدىغان ئىش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقىلى 10 يىلچە بولغاندۇ؟ بۈگۈنمۇ ئىش ئورنىمىزغا يىغىلىۋىدۇق، ھېيتلىق كەيپىياتتىن ئەسەرمۇ قالمىدى مەندە، پىسخكام شۇنداق نازۇكلىشىپ كەتتىمىكىن تاڭ؟ ھېيتلىق توقۇلغان شېئىر- قوشاق، ناخشا مۇزىكىلارمۇ تەسىر قىلماس بوپ كەتتى.
بۈگۈنكى ھېيت شادلىقىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. يەنە شۇ تىرىكچىلىك كويىغا چۈشۈپ قالدىم:( Abdurehman يوللىغان ۋاقتى 2014-7-29 20:36 static/image/common/back.gif
بۈگۈنكى ھېيت شادلىقىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. يەنە شۇ تىرىك ...
ھەر نېمە بولسا ھېيتتا شادلىنالاپسىز، ئۆيگە قايتالمىغان بىزلەر ئاچچىق كۈلۈپ ئۆتكۈزدۇق...
بەت:
[1]
2