jallat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 08:46:18

جاللات:ئۆزھال كەلدىلەر



ئۆزھال كەلدىلەر
(دوستۇم راخمانجان ئاۋۇت ئوزھالنىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۇنىدىكى سەنئەت كېچىلىگىگە )
مۇشاۋرەككە ئاتاپ شۇ جاننى ،
ۋەھدەت كۇنى ئۆزھال كەلدىلەر .
ھىجرانىدا كويلەپ ۋەتەننى ،
قۇيۇن بولۇپ ئۆزھال كەلدىلەر .

چوڭ نەغمىنىڭ ناۋا قىسمىدا ،
بۇ دەرىدلەرگە داۋا كەلدىلەر .
دۇتارىدا چىلىپ ئىراقنى ،
ھاجەتلەرگە سادا كەلدىلەر .

نىگاھ بىلەن ھەققە تەلمۇرۇپ ،
جۇلا بىلەن سەنەم كەلدىلەر .
كەلدى باھار ،گۇللەر ئىچىلدى ،
سەھنىلەرگە ئەجەم  كەلدىلەر .

جۇدۇن كىزىپ ،ئاتەشلەر ئىچرە ،
ئايدىڭ كېچىدە ئۆزھال كەلدىلەر .
شۇ گەدا ھەسرەتنى قىلىپ مۇستەزاد ،
سەبرى ئەتكىلى ئوشاق كەلدىلەر .

پۇرقىتىدە جاننى يىغلىتىپ ،
تەسكىنلەردە مەشرەپ كەلدىلەر .
يىگىت بىشى بولۇپ ناۋايى،
ساداقلارغا ئوقنى سالدىلەر .

ئوغلانىمىز ،پەخرىمىز ئۆزھال ،
شەرەپ بىلەن يەكەن دىدىلەر  .
ئالتۇن جامدا شەربەتلەر قۇيۇپ ،
يەكەن خەلقى تەخت تۇتتىلەر  .

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۇنى (روزى ھىيىت ھارپا كۇنى )



20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 14:52:35

مۇبارەك بولغاي ، سەننەت كېچىلىگىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 15:29:57

ئۆزھالباينىڭ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمىز{:112:}

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 15:33:36

يەكەندە بولامدا كېچىلىك؟ ئۇتۇقلۇق بولغاي.تىنچ بولغاي.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 15:47:34

كىم ،قاچان ،قەيەردە، بىلەت باھاسى دىگەندەك ئىگە خەۋەر تولدۇرغۇچىلار ئىنىقلىغۇچىلار تولۇقراق تەمىنلەنسە بولامۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 18:51:16

ئەنسىزيىللاردىكى پىغانلىق ناخشىلار.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-29 08:00:23

چانايمەننى ئوقا

ferdawis يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 10:10:56

مۇساپىرلار ناخشىسى ، مۇسابىرغا ھېيىت بولمايدىكەن  دادا..............

ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ ئۆزىگە خاس ھال يارتىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 12:51:28

مۇسابىرغا ھېيىت بولمايدىكەن  دادا..............
ئۆزھالنىڭما؟

gulaxuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 15:05:57

  ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 16:15:15

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى قىرىنداشلار . ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ روزى ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . كۈنلىرىڭلار شاتلىق ۋە بەخىت سائادەتكە تولغاي ،
قەدىردانلارغا مەلۇم بولغايكى . بۇ قېىمتىقى ناخشا كېچىلىگىم ئۈچۈن سەنئەت يۇرتىنىڭ تىياتىرخانىسىنى دىيشىپ ئىلىپ بولغان . بىراق 8- ئاينىڭ 2- كۈنىگە ئويۇن قويۇش روخسىتىنى ئالالمىدىم . بۇ ئايدا ھەر قانداق بىر سەنئەت پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلمىدى  ھەم روخسەت قىلمىدى .  شۇ سەۋەپتىن مەن 10- چىسلاغا سۈرگەن بىراق بىزنىڭ « غۇز ئانسانبىلى » 4- چىسلا تۈركىيە ئارقىلىق تۇنىسقا ئويۇن قويغىلى چىقىدىغان بولغاچقا يەنە ۋاختىنچە كەينىگە سۈرۈلدى . بىراق مىنىڭ تەييارلىغىم پۈتۈپ بولدى . ئالتە يىللىق تەييارلىق قىلغان « ئۆزھال كەلدىلەر» نامىدىكى كىچىلىكنى 8- ئاي ئىچىدە روخسەت ئالالىسام چوقۇم ئۆتكۈزىمەن .  جاللات ئاغىنەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلا ئالدىن تەبىركىلەپتۇ . رەھمەت ئەمما قەدىردانلارنىڭ خەۋەر تىپىپ قىلىشى ئۈچۈن ئىشنىڭ ئەينىنى دىيىش مەندىكى ۋەزىپە بولغاچقا ۇب ئىنكاسنى يازدىم . ئەگەر كېچىلىكنىڭ روخسىتىنى ئالغان كۈنۈم بىرىنچى بۇلۇپ ئىزدىنىشتە ئىلان بىرىمەن ھەم مىنى قوللاپ كىلىۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلارنى ئۆز ۋاختىدا خەۋەرلەندۇرىمەن . ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن دوسلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 14:36:43

كېچىلىك يەكەندە ئەمەس، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-1 23:04:59

يەكەننىڭ يولى ئېچىلىپ قالسا بېرىپ كېلەمىز.
بەت: [1]
: جاللات:ئۆزھال كەلدىلەر