history يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 09:56:14

سىتىۋېن ۋېنبېرىگ: ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقى



ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
سىتېۋىن ۋېنبېرىگ 1933-يىل نىيۇيوركتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى فىرىدرىك بىلەن ئېۋا ۋېنبېرىك كۆچمەن يەھۇدى ئىدى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتسىت ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان.  ئۇ 1950-يىلى بىرۇنكىس تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، 1954-يىلى كوردىنال ئونۋېرسىتىتىنىڭ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە كوردىنالدىكى تېللۇرلاشتۇرۇش جەمىيىتىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن. كوردىنالدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كۇبىنھاندىكى نېلىس بور تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ يۇقىرلاپ ئوقۇغان ۋە ئىزدەنگەن. بىر يىلدىن كېيىن پىرىنىستون ئونۋېرسىتىتىغا قايتىپ كېلىپ، سام تېرماننىڭ قولىدا ئوقۇپ 1957-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  1979-يىلى گىلاشوۋ ۋە ئابدۇسالاملار بىلەن بىرلىكتە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئالبىرىت ئېنىشتېيىن 20-ئەسىرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىك شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى، شۇ سەۋەبلىك مۇشۇنداق مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ خاتالىقى توغىرسىدا سۆزلەش ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بولۇپمۇ 100يىلدىن بۇيانقى تۆھپىسىنى بىر خاتالىق دىيىش تېخىمۇ شۇنداق، مۇشۇنداق مەشھۇر شەخىسلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلار ھەمىشە شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىرەلمىگەن ئىلىھام ۋە يىڭىچە تەسسەۋۋۇرلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.1 مۇنداقچە قىلىپ ئيتقاندا ئېنىشتېيننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشى بىزدەك ئادەتتىكى ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا تەسەللىي بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىشتېيىندەك ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ ئىلىم-پەندىكى خاتالىقلىرىنى بايقىشىمىز سەۋەبلىك ساختا كۆز-قارشقا ئەگىشىدىغانلارغا بىر باھانە كۆرسىتىپ بىرەلەيمىز. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالايمىزكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئالىملىرىمىزنىڭ كەم – كۇتسىز پەيغەمبەرلەردىن بولماستىن بەلكى ھازىر بىز بىلمەكچى بولغان بىلىملەرنى چوڭقۇر چۇشىنىشىمىزگە تۇرۇتكە بولغان ئادەتتىكى ئادەملەردۇر.
ئالەم تۇراقلىقى
ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقلىرىنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا ئېنىشتېيننىڭ ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ سەۋەنلىكى دەپ قارالغان ئالەم تۈراقلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويولىشىنى يادىمىزغا ئالىمىز. بۇنى ئېنىشتېيىن ئۆزى ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق دەپ ئيىتقان (گىئورگى گاموۋ بىلەن سۆھبەت2) ئېنىشتېيىن زامان – ماكان ۋە ئېغىرلىق كۈچى مەيدانى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى (يەنى بىز ئادەتتە دەپ كىلىۋاتقان كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەرىيسىىنى) ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن 1917-يىلى ئالەمنىڭ زامان – ماكان قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان، كىيىن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، ئېنىشتېيىن شۇ ۋاقىتتا مۇنداق پەرەز قىلغان: يۇلتۇزلار مۇئەييەن بىر ھالەتكە كەلگەن چاغدا ئالەم جىملىققا ھەم تۇراقلىققا ئىگە بولىدۇ. بىراق كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىكى تەڭلىمىلەر ماددا تەكشى تارقالغان زامانغا ئەگشىپ ئۆزگەرمەيدىغان ئالەمنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ. شۇڭا ئېنىشتېيىن ئالەم تۇراقلىقى دىگەن بىر مىقدارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەڭلىمىسىنى ئۆزگەرتكەن، كېيىن ئالەمنىڭ تۇرغۇن ئەمەس بەلكى كېڭىيىدىغانلىقى بايقالغان. ئېنىشتېيىن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى نەزەريىسىگە زۆرۈر بولمىغان مىقدارنى كىرگۈزگىنىگە پۇشايمان قىلىشقا باشلىغان، كېيىن ئۆزىنىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى توغرا پەرەز قىلالمىغانلىقىغا ئىچىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھېكايە ئېنىشتېىين ئۆزى ئۆتكۈزدۇم دەپ قارىغان خاتالىقلاردىن باشقا نۇرغۇن خاتالىقلارغا چىتىلىدۇ.
مەن ئېينىشتىيىننىڭ ئالەمنى تۇراغلىق دەپ پەرەز قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ خاتالىقى دەپ قارىمايمەن. ئادەتتە نەزەرىيەشۇناسلارمۇ ئالەم كۆزەتكۈچىلەر (تەكشۈرگۈچىلەر)نىڭ كۆرگىنىگە ئوخشاش دەپ قارايدۇ. 1917-يىلى يۇلتۇزلارنىڭ تېزلىكىنى كۆزەتكەن چاغدا تېزلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى كۆزەتكىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئالەم تۇرغۇن دېگەن قاراشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى. شۇڭا 1917-يىلى ۋىليام دىستېر ئېينىشتىيىن تەڭلىمىسىنىڭ ئورنىغا باشقا تەڭلىمىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېنزور مىقدارىنىڭ زامانغا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان كوردىناتىنى تاللىغان. بىراق، بۇ خىل كوردىنات سېستىمىسىنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى ئېنىق ئەمەس. شۇنداقلا ۋىليام دىستىرنىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئۇقۇمى تۇراغلىق بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ مودىلىدىكى ماددا زەررىچىلىرى بىر-بىرىگە قارىتا تىزلىنىشكە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيەنىڭ ھالقىلىق خاتالىقى دەپ قارالغان.
شۇنىسى ئېنىقكى، ۋىستو مىلۋىن سىلىپ 1910-يىلى قاينامسىمان يۇلتۇزلار تۇمانى سىففىكتىرىنى دەسلەپكى ئون يىلدا كۆزەتكەن چاغدا، يۇرۇقلۇقنىڭ قىزىلغا سىلجىش ھادىسسىنى بايقىغان. بۇ مەسىلىنى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدىكى دوپلېر ئىفاىكتىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشقا بولاتتى. بىراق بۇ چاغدا كىشىلەر تاكى ئىدىۋىن ھوبلىي پەرىزات يۇلتۇز تۇمانلىقىدىكى غۇۋا بولغان ئۆزگىرىشنى بايقىغانغا قەدەر قاينامسىمان يۇلتۇزلار تۇمانىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى. مۇشۇ مەزگىلگە كەلگەندە ئاندىن بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىز تۇرىۋاتقان يۇلتۇزنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار توپى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مەن ئېينىشتىيىننىڭ 1917-يىلى قىزىلغا سىلجىش ھادىسسىنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقنى بىلمەيمەن. بىراق، نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ھېچ بولمىغاندا قىزىلغا سىلجىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋال تارتىش كۈچى مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ.
بۇ يەردە ئېتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى، ئارتور ئىدىڭتون بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دىستىردىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى  ئۆگەنگەن. 1923-يىلى سىلىفىر كۆزەتكەن قىزىلغا سىلجىشنىڭ دىستىر ئالەم مودىلىدىكى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. يىغىپ ئېيىتقاندا، 1929-يىلى ھوبلىي ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقنى ئېلان قىلغان. يىراقتىكى يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ قىزىلغا سىلجىشى ئارلىقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىدىغانلىقنى، ئىككىسىنىڭ چوڭلۇقى تەڭ بولغاندا بۇنىڭ ئوتتۇرچە كېڭىيىشى ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى 1931-يىلى رەسمىي ئېلان قىلغان. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئاندىن كىشىلەر ئالىكساندىر فىرىدمان 1922-يىلى ئوتتۇرغا قويغان ئالەمنىڭ كېڭىيىش مودىلىغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرغان. بۇ مودىلدا ئالەمنىڭ تۇراقلىقى ئىپادىلەنمەيتتى. يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، 1917-يىلى ئېينىشتىيىننىڭ ئالەمنى تۇراقلىق دەپ قارىشى بىر نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئېينىشتىيىن ئالەم تۇراقلىقىنى كىرگۈزگەن چاغدا ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئەخمىقانە خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن. گەرچە بۇنداق بولغاندا زامانغا ئەگىىشپ ئۆزگەرمەيدىغان تۇرغۇن ئالەم مودىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولسىمۇ، بىراق بۇ يېشىم تۇراقلىق ئەمەس ئىدى. ئالەم تۇراقلىقىنىڭ رولى مۇنداق: ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ تېپىشش كۈچى ئارتىدۇ، بىراق ئادەتتىكى تارتىش كۈچىنىڭ ئۆز-ئارا رولى ئارلىقنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئازىيىدۇ. گەرچە ماددىنىڭ زىچلىقى بىر كىرىتىك نۇقتىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ نۇقتىدىكى تارتىشش كۈچى بىلەن تېپىشش كۈچى ئۆز-ئارا تەڭپۈڭ بولىدۇ. بىراق بۇ تەڭپۇڭلۇق مۇقىم بولمايدۇ. ئاجىز كېڭىيىش تېپىشش كۈچىنىڭ ئارتىشىنى، تارتىش كۈچىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئاساسىي مەسىلىگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى چۈشەنمەك قىيىن.
ئېينىشتىيىن تۇنجى بولۇپ پەيلاسوپ ئېرىنتىس ماخ ئوتتۇرغا قويغان ئىنتىرىتسىيە ھادىسسى ئارلىقى يىراق بولغان ماددىلاردىن پەيدا بولىدۇ، دېگەن ئىدىيە تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلغان. ئىنىرتسىيەنى چەكلىك دەپ بىلىش ئۈچۈن، 1917-يىلى ئېينىشتىيىن ئالەم چوقۇم چەكلىك ھەم ئالەمنىڭ چىگرىسى ئۈچ ئۆلچەملىك شار بولىشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇ دىستىرنىڭ بوشلۇقىدىكى ئالەم مودىلىغا كىرگۈزگەن تەجىرىبە زەررىچىسى پۈتۈنلەي نورمال بولغان زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلىگەن چاغدا ئىنتايىن ھەيران قالغان. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە يىراقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ماسسىسى ئېنىرتسىيە سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئۇ؛لار ئېنىرتسىيە مەنبەسى ئەمەس. بىراق، بۇ خاتالىق بەك مۇھىم ئەمەس. ئېينىشتىيىن 1917-يىلى يازغان ماقالىسىدە كۆرسەتكەندەك، ئالەم تۇرغۇن بولىدۇ، بىراق چەكلىك ئەمەس، دېگەن پەرەزلەرنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالەم تۇراقلىقىنى كىرگۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالغان.

ئىستىتىكا تاللىغان ئاددىيلىقتىن چىقىش
بۈگۈنكى زامان نەزەرىيە فىزىكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېينىشتىيىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىق_ ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئالەم تۇراقلىقىدىن ۋاز كېچىش ھېسابلىنىدۇ. ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان چاغدا، ئۇ 1907-يىلدىن 1917-يىلغىچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن تارتىش كۈچى بىلەن ئېنىرتسىيە تەڭ بولىدىغان تەڭلىك پىرىنسىپىغا تايانغان بولماستىن بەلكى، نەزەرىيە تەڭلىمىسى تەڭلىك پىرىنسىپىنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماي يەنە ئاددىيلىقنىمۇ قانائەتلەندۈرىدىغان ئوككام ئۇستۇرىسىغا تايانغان. تەڭلىك پىرىنسىپىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تەڭلىمىدە كېلىپ چىققان مۇرەككەپلىكنىڭ چەكلىمىسى يوق. ئېينىشتىيىن بۇنىڭدا ئۆزىىنىڭ تەڭلىمىسىگە تۆت قاتلاملىق زامان-ماكان تەقلىدىنى ياكى ئالتە قاتلاملىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى قاتلاملىق زامان-ماكان تەقلىدىنى كىرگۈزەلەيدۇ. بىراق ئۇ بۇنداق قىلمىغان. پەقەت، ئىككى قاتلاملىق مىكرو بۆلۈنۈش تەڭلىمىسىنى ئىشلەتكەن.
بۇ مەسلىنى قوللىنىش نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مىقدارلىق ئانالىزدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى قاتلامدىن يۇقىرى بولغان زامان-ماكان تەقلىدىدىكى مەيدان تەڭلىمىسى ئىچىدە چوقۇم مەلۇم بىر ئۇزۇنلۇق دەرىجىسىنىڭ تۇراقلىق سانى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزۇنلۇق ئاساسىي زەررىچە فىزىكىسى ياكى ئاتوم فىزىكىسىدىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن بىر تۈردىكى ئۇزۇنلۇق بولسا، يۇقرى قاتلاملىق ئەزادىكى ئۈنۈملەر ئىففىكتىنى تېخىممۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى (ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆلچەم تارتىش كۈچى ھالىتىنى تەكشۈرىدۇ) ئېففىكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. پەقەت ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەڭلىمىسىنى ئۆزگەرتىدىغان، ئۆلچەيدىغان ئىففىكىتنى ئۆزى ئىچىگە ئالغان مىتود يەنى، ھەر قانداق زامان-ماكان تەقلىدىگە ئالاقىدار بولمىغان ئەزانى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان ئالەم تۇراقلىقى ساقلىنىپ قالىدۇ. بىراق ئېينىشتىيىن يۇقىرى قاتلامدىكى ئەزالارنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەۋەپلەر ياكى باشقا قوللىنىشچان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چىقىرۋەتمىگەن، بەلكى ئىستىتىكا سەۋەبىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئۇلار ئېھتىياجلىق بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ دەل مۇشۇ ئىسىتىتىك ھۆكۈم دەسلەپتە ئۇ ئالەم تۇراقلىقىنى كىرگۈزگەندە ئۇنى قاتتىق گاڭگىراتقان.
ئېينىشتىيىننىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ بىز بۇنداق ئىستىتىك ھۆكۈملەرگە ئىشەنمەيدىغان بولدۇق. ئاساسىي زەررىچىلەر فىزىكىسى بىزگە شۇنداق دەيدۇكى، ئاساسىي پىرىنسىپ فىزىكىلىق مەيدان تەڭلىمىسىدە ئىپادىلەنگەن ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ ھەممىسى تەڭلىمىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا يول قويىدۇ. بۇ T.H.White يازغان "The Once and Future King" ناملىق كىتابىدىكى چۈمۈلە دۇنياسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا چەكلەنمىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە پەقەت بىز ھېسابلاپ باقساقلا كىۋانىت داۋالغۇشى چەكسىز ئۈنۈملۈك ئالەم تۇراقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى، شۇڭا مەيدان تەڭلىمىسىدە ئەسلىدىن چەكسىز بولغان ئەكىس سان "يالىڭاچ ئالەم تۇراقلىقى سانى" ساقلانغانلىقنى، بۇنىڭ بىلەن چەكلىك ئالەم تۇراقلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقنى بىلىش تەس ئەمەس. ئوككام ئۇستۇرىسى ئىنتايىن ياخشى قورال، بىراق ئۇنىڭ ئىشلىتىلدىغان ئورنى فىزىكىلىق تەڭلىمە ئەمەس بەلكى پىرىنسىپ بولىشى كېرەك.
بەلىكىم ئېينىشتىيىن ماكسىۋىل نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولىشى، سولىتسىي (苏黎世) ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا بۇ نەزەرىيەنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن بولىشى مۇمكىن. ماكسىۋىل ئىلىكتىر ماگىنىت ھالىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بۇ تەڭلىمىلەرنى يازغان، بۇ تەڭلىمىلەر ئىلىكتىر ماگىنىت ساقلىنىش قانۇنىغا بويسۇنىدۇ. ماكسىۋىل تەڭلىمىىسىدە پەقەت ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى زامان-ماكان تەقلىدى ھاسىل بولىدۇ. ھازىر بىز شۇنى بىلدۇقكى، ئىلىكتىر ماگىنىت قانۇنىنىڭ تەڭلىمىسدە خالىغان قاتلامدىكى زامان-ماكان تەقلىدىنى تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ يۇقىرى قاتلامدىكى تەقلىدى ئەزالىرى بىلەن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى يۇقىرى قاتلام تەقلىد ئەزاسى ئوخشاش بولۇپ، ماكرو ئۆلچەمدە ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئېففىكىت يوق.
1998-يىلىغا كەلگەندە ئۇلتىرا يېڭى يۇلتۇزلار ئالەمشۇناسلىقى تۈرى بىلەن يۇقىرى تېزلىكتىكى قىزىلغا سۈرۈلۈش ئۇلتىرا يېڭى يۇلتۇزلارنى  ئىزدەش گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان ئۇلتىرا يېڭى يۇلتۇزلارنىڭو قىزىلغا سىلجىشى ۋە ئارلىقنى ئۆلچىگەندىكى نەتىجە ئىسپاتلىدىكى: ئالەمنىڭ كېڭىيىشى تېزلەشكەندە ، بۇنىڭ بىلەن دىستېر مودىلى ئېرىشكەن نەتىجە ئوخشاش بولىدۇ. (سائۇل پىرىلمېتىر يازغان "يېڭى فىزىكا"ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 4-ئايلىق سانى  53-بەتتىكى ماقالىسىگە قارالسۇن) . ئۈچىنچى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئالەمدىكى ئېنىرگىيە زىچلىقىنىڭ تەخمىنەن %70 ى غۇۋا ئېنىرگىيە بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل ئالەمنى قاپلىغان. بۇ ئالەمدىكى مىكرو دولقۇن  ئارقا كۆرۈنۈش رادىئاتسىيىسىغا ئەگەشكەن ھەر خىل يۆنىلىشتىكى بولۇڭلارغا تارقالغان ئۆلچەمدە ئىسپاتلىنىشقا ئېرىشىدۇ. غۇۋا ئېنىرگىيەنىڭ زىچلىقى  ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا ئەگەر ھەقىقەتەن زامان ئۆزگىرىشىگە ئەگەشمەيدىغان بولسا غۇۋا ئېنىرگىيىنى ئالەم تۇراقلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىففىكىت دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت مۇقىملاشتۇرۇلسا، نېمە ئۈچۈن ئالەم تۇراقلىقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كىۋانىت داۋالغۇش ھىساباتىدىكى نەتىجە بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش ناھايتى تەسكە توختايدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان بۇ مەسلە نەزەرىيە فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. ئېينىشتىيىننىڭ 1917-يىلى كىرگۈزگەن ئالەم تۇراقلىقىنى ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ ھەقىقىي خاتالىقى ئۇنى كېيىن ئۆزى بىر خاتالىق دەپ قارىغانلىقى بولدى.
بىر فىزىكا ئالىمى  بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە، " مەن بۇنىڭدىن "ۋىگ تارىخى" (History Whig) دا پايدىلانغىنىم ئۈچۈن ئەيىپلىنىشىم مۇمكىن." دېگەن. ۋىگ تارىخى نۇقتىنەزىرى دېگەن سۆز تارىخشۇناس ھىلبېرىت باتىرفىلىدنىڭ 1931-يىلدىكى بىر نۇتىقىدىن كەلگەن. باتېرفىلىدنىڭ نۇقتىنەزىرىگە ئاسالانغاندا، ۋىگ تارىخى نۇقتىنەزەرچىلىرى تارىخ ئۆگەنگەندە ئۆزگىرىشچان لوگىكا مۋجۇت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلار ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە ئۆتمۈشكە ھۆكۈم قىلىدۇ. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، گەرچە سىياسىي ۋە تارىخ ساھەسىدىكى ۋىگ تارىخى نۇقتىنەزەرلىرى ( باتىر فىلىد مۇھاكىمە قىلغانغا ئوخشاش) ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە يەنە مەۋجۇت بولۇش قىممىتى بار. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى خىزمەت جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىزنىڭ بۇرۇنقىدىكىلەرگە قارىغاندا بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ. بىراق، بىز ئۇلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا چۈشىنەلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمىز.

كىۋانىت مىخانىكىسىغا قارشى
ئېينىشتىيىننىڭ ھەممىگە ئايان بولغان يەنە بىر خاتالىقى بولسا، بور بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىۋانىت مىخانىكىسى ھەققىدىكى مۇنازىرە (بۇ مۇنازىرە 1927-يىلدىكى سولۋىي يىغىندا باشلىنىپ، ئالدىنقى ئەىسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان) دىكى نۇقتىنەزەرلىرى خاتا بولغان. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، بور باشچىلىقىدا كىۋانىت مىخانىكىسىنىڭ "كۇبىنھاگىن يېشىمى"نى تەشكىللىگەن. بۇ خىل يىشىم پەقەت ھەر خىل تەجىرىبە نەتىجىلىرنىڭ نىسپىتىنى ھېسابلاش مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئېينىشتىيىن فىزىكا قانۇنلىرىغا نىسبەتەن نىسبەتنى بىر تەرەپ قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن. ھەمىدە "خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ" دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئېيىتقان. بىراق تارىخ ئېينىشتىيىننى قوللىمىدى. كىۋانىت مىخانىكىسى قەدەممۇ-قەدەم غەلبىگە ئېرىشىپ، ئېينىشتىيىن بىر تەرەپتە تاشلىنىپ قالدى.
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن راسىت بولغان ئىدى، بىراق ئىنتايىن ساتىرىك تۈسكە ئىگە بولۇپ قالدى. بورنىڭ كىۋانىت مىخانىكىسىغا بولغان چۈشەنچىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس، بىراق، بۇ ئېينىشتىيىن  قارىغان ھېلىقى مەسىلە ئەمەس. كۇبىنھاگىن يېشىمى تەسۋىرلىگەن تەكشۈرگۈچى ۋە ئۆلچەش جەريانى كىلاسسىك دەپ قارالدى. فىزىكا ئالىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسۋابى چوقۇم ئوخشاش بولغان كىۋانىت مىخانىكىسى قانۇنيىتىدىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. بۇ قانۇنىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئالەمدە بار بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ دائىرىسىدە بولىدۇ، دەپ قاراش ئەلۋەتتە بىر خاتالىق. بىراق بۇ قانۇنىيەت دولقۇن فونكىسىيە شەكلى ئارقىلىق تېخىمۇ توغرىراقى ۋىكتورلۇق بوشلۇق ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. دولقۇن فونكىسيەسى مۇكەممەل بولغان يەكۈن شەكلىدە رول ئوينىغان. ئۇنداقتا كۇبىنھاگىن يېشىمىدىكى نىسبەت قانۇنيىتى نەدىن كەلگەن؟
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى ئۇزاق تەرەقىياتقا ئېرىشتى. بىراق، بۇ يەردە مەن چوڭقۇر تەھلىل قىلالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بور بىلەن ئېينىشتىيىن ئىككىلىسى كىۋانىت مىخانىكىسىدىكى ھەقىقىي مەسىلىنى تۇتالمىغان. كۇبىنھاگىن يېشىمىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق. شۇڭا، چوقۇم قۇبۇل قىلىنىدۇ. بىراق بۇ تەكشۈرگۈچى بىلەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى دولقۇن فونكىسيىىس رول ئوينىغان دىتىرمىنىزىم تەڭلىمىسى يەنى شىريودىنگىر تەڭلىمىسىنى يىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلە كىۋانىت مىخانىكىسى نىسبەت نەزەرىيىسى بولغانلىقىدا ئەمەس، بىز بۇنى چوقۇم ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىم. ھەقىقىي مەسىلە ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا دىتىرمىنىزىم بولغانلىقى ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ نىسبەت نەزەرىيىسىنىڭ يېشىمى بىلەن دىتېرمېنىزىمنىڭ رولىنى بىرلەشتۈرۋەتكەنلىكىدە.

چوڭ بىرلىككە كېلىش سىنىقى
ئېينىشتىيىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ، تاكى ئۇ ئۈلۈپ كەتكەن 1955-يىلغىچە ئىزچىل كىۋانىت نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، فىزىكا بىلەن باشقا ساھەلەرنىڭ تەتقىقاتىنى ئايرىۋەتتى، بىراق، يەنە باشقا ئامىللارمۇ مەۋجۇت. بەلكىم ئېينىشتىيىننىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئۆزىىنىڭ نەتىجىلىرى سەۋەپلىك ئاۋارچىلىققا قالغانلىقى بولسا كېرەك. بىر ئادەم ئىككىنچى قېتىم چوڭ غەلبىگە ئېرىشكەن چاغدا، تەبئىي ھالدا ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىششىنى قوغلىشىدۇ.
ئىلگىرى كىم ئېينىشتىيىندىنمۇ چوڭراق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ باققان؟ ئېينىشتىيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زامان-ماكان گىئومىتىرىيىسى ئارقىلىق تارتىش كۈچىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنتايىن تەبئىي ھالدا ئاساسىي گىئومىتىرىيىلىك پىرىنسىپلارنى باشقا كۈچ ۋە تارتىش كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىگە ئېلىپ كىرىشنى سىناپ باققان. ئېينىشتىيىن 1950-يىلدىكى ئوبزورىدا فىزىكىدىكى باشقا ساھەلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، فىزىكا ئاساسلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىشتىكى سىناقلىرىمدىن ئېرىشكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىدە، ئەگەر بىرەر ئاساسىي ئۇقۇم باشلىنىشىدىنلا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، ھامان بەخىتسىزلىككە دۇچار بولىدۇ.3" ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى ئەينى چاغدىكى بىردىنبىر ماكرو ئىففىكىت بولغانلىقى ئۈچۈن، قارىماققا  تارتىش كۈچى بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش رولغا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئېينىشتىيىننىڭ كۈچىنى بىرلىككە كەلگەن تارتىش كۈچى ۋە ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچىگە ئېلىپ كىرىش ئۈمىدى تۇغۇلغان. مەن ئېينىشتىيىننىڭ پەقەت ئىككى خىل سىنىقىنى تىلغا ئالماقچى. بۇنىڭ بىرى بەشىنچى قاتلامدىكى ئۇسۇل. بۇ ئەڭ بورۇن تىئودىرو كالۇزا تەرىپىدىن 1921-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان. ئەگەر سىز بەش ئۆلچەملىك زامان-ماكاندا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەڭلىمىسىنى يازسىڭىز، بەش ئۆلچەملىك زامان-ماكاندىكى ئۆلچەمنى بەشىنچى ئۆلچەملىك كوردىناتقا تايانمايلا پەرەز قىلالايسىز. تېنزوردىكى ئالاقە بەشىنچى ئۆلچەملىك ۋە باشقا تۆت ئۆلچەملىك تەركىپلەرنى شۇنداقلا ماكسىۋىل ئىلىكتىر ماگنىت نەزەرىيىسىدىكى ۋىكتورلۇق يۈزلىنىشنىڭ ئوخشاش تەڭلىمىسىنى قانائەتلەندۈرگەندە، باشقا تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان ئوتتۇرسىدىكى ئادەتتىكى تۆت ئۆلچەملىك كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەڭلىمىسىنى قانائەتلەندۈردىغانلىقنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.
   

1-رەسىم: ئالبېرىت ئېينىشتىيىن (ئارقا رەت سول تەرەپ)، ۋىليام دىستىر (ئارقا رەت ئوڭ تەرەپ)، ئارتور ئىدىڭتون (ئالدى رەت سول تەرەپ)، ھىندىرىگ لورىنتىس (ئالدى رەت ئوڭ تەرەپ)، پائۇل ئىرىنفىست (ئوتتۇردا). بۇ رەسىم 1923-يىل 9-ئايدا، گوللاندىيەدىكى لىدىن رەسەتخانىسىدا تارتىلغان.
ئارتۇق ئۆلچەمدىكى پەرەز 1926-يىللىرى بەكرەك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان. ئوسكار كىلىن: مەيدان بەشىنچى ئۆلچەملىك زامان-ماكان كوردىناتىغا تايانمايدۇ، بەلكى، بەشىنچى ئۆلچەملىك قەغەز كىچىكلەپ كىچىك چەمبەر بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا مەيدان بەشىنچى ئۆلچەمدە دەۋرىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغان. كىلىن بۇ نەزەرىيىدە مىقدارلىق تېنىزوردىكى ئالاقە بەشىنچى قاتلامنىڭ ئۆزىدىكى تەركىپ بىلەن ئىلكتىر زەررىچىلىرى دولقۇن فونكىسىيە سانى ئوخشاش تۈردە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئېينىشتىيىندا بىر مەزگىل تارتىش كۈچى، ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچى ۋە ماددىلار بىلەن بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن ئۈمىد بولغان، دەپ قارىغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەگەر زەررىچىلەرنىڭ زەررەت مىقدارى ئىلىكتىرونلارنىڭ زەررەت مىقدارىغا تەڭ بولسا، ئۇنداقتا زەررىچىنىڭ ماسسىىسدا ناھايتى زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئادەتتىكى زەررىچە ماسىسىنىڭ 1018 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ قالىدۇ.

2- رەسىم: 1929-يىلى ئىدىۋىن ھوبلىي يىغقان ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ يېنىدىكى ئوخشاش تۈز سىزىقلىق ئارلىق بىلەن تېزلىك سۈرئىتىنىڭ چىكىنىشى ئىپادىلەنگەن. بۇ گىرافىك يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان كىچىك چەمبەرلەر ۋە تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، بويىمىغان چەمبەرلەر بىلەن ئۈزۈك سىزىقلار يۇلتۇز سېستىمىسى گۇرۇپپىسىنى ئىپادىلەيدۇ. كىرسىت بەلگىسى تېزلىك بىلەن ئارلىقنى ھېسابلىغىلى بولمايدىغان 22 يۇلتۇز سېستىمىسى توپى ئارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر پارسىك 3.26 يۇرۇقلۇق يىلى بولىدۇ. دىققەت: بۇ گىرافىكنىڭ يانتولۇق دەرىجىسى 500(km/s)/Mpc بولۇپ، ھازىرقى قىمەتتنىڭ7 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئېينىشتىيىن ئەينى ۋاقىتتا كالۇزا-كىلىن چۈشەنچىسىدىن ۋاز كەچتى. ئەگەر ئۇ زامان –ماكاننى ئالتە ئۆلچەمگە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۆلچەمگە كېڭەيىتكەن بولسا، ئۇ بەلكىم 1954-يىلى ياڭ جېننىڭ ۋە روبېرىت مىللىس بەرپا قىلغان دائىرىلىك مەيدان نەزەرىيىسىنى كېڭەيىتكەن بولاتتى. بۇ دائىرلىك مەيدان نەزەرىيىسى كېيىن ھازىر تەسۋىرلىنىۋاتقان كۈچلۈك، ئاجىز ۋە ئىلىكتىر ماگىنىت ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ نەزەرىيىسىگە ئايلىناتتى4. قارىغاندا ئېينىشتىيىن كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسر كۈچ رولى ۋە ئاجىز ئۆزى-ئارا تەسىر كۈچ رولىنى ئويلاشمىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭچە، بۇ بەلكىم ئۇلار ۋە تارتىش كۈچى شۇنداقلا ئىلىكتىر ماگىنىت ئۆز-ئارا تەسىر كۈچىنىڭ پەرىقى قارىماققا ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ھازىر بىز تارتىش كۈچىدىن باشقا بارلىق ئۆز-ئارا تەسىر كۈچ تەڭلىمىسىنىڭ ئىنتايىن ئوخشاشلىقنى، بۇلاردىكى پەرىق بولسا كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر كۈچنىڭ رەڭ چەكلەش (Color Trapping) نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى شۇنداقلا ئاجىز ئۆز-ئارا تەسىردىكى سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلۇشى(Spontaneous Symmetry Breaking) ئىكەنلىكنى بىلىپ يەتتۇق. مۇشۇنداق بولغانىكەن، ئېينىشتىيىن يەنىلا بۈگۈنكى نەزەرىيەدىن خوشال بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار تارتىش كۈچى بىلەن ماددىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولالمىغان ئىدى، مەسىلەن، ئىلىكتىرون، كىۋارىك قاتارلىقلار.... ئۇلار ھازىرمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نەزەرىيەگە كىرگۈزۈلمەكتە.
ھەتتا كىلىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلگىرى، ئېينىشتىيىن باشقا بىر سىناقنى باشلىغان.  بۇ خىل سىناقنىڭ ئاساسى بىر خىل ئاددى ھېسابلاش. ئەگەر تۆت مىقدارلىق تېنىزوردىن ۋاز كەچكەندە چوقۇم ئەسلىدىكى ئون مۇستەقىل مىقدارى ئەمەس، كۆپ چىققان 6 مىقدارى ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان 16 مىقدار بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلچەمنىڭ  ھېرمىتنىڭ ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاۋارىچىلىقى، بۇنچە كۆپ چىققان ئالتە مىقدار بىلەن ئەسلىدىكى ئون مىقدارنى ئالاقىلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت بىر ھەرىپ بىلەنلا  بارلىق مەيدانلارنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېينىشتىيىننىڭ ئىنتايىن ئازاپ بىلەن تونۇشى ئىدى. لورىنتىس ئالماشتۇرىشى ياكى باشقا كوردىنات ئالماشتۇرۇشلىرى بىلەن ماگىنىت مەيدانى ۋە ئىلىكتىر مەيدانىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق، ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن تارتىش كۈچى مەيدانىنى بىرلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ ساپ شەكىلدىكى ئۇسۇل بىلەن كالۇز كىلىننىڭ ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەررىپى شۇكى، ئۇ ئىلگىرىكى تەتقىقاتىدا ھېچقانداق تەسىر قالدۇرمىغان. ماتېماتىكىنى فىزىكىلىق تەسەۋۇرنىڭ مەنبەسى قىلىش ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتقان چېغىدا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان، بىراق ھازىر ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىيىن بولماقتا.

3-رەسىم: يىراقتىكى يۇلتۇزلارنى ئۆلچەشتىن بىز ئالەمدىكى كۆپ ساندىكى غۇۋا ئېنىرگىيەنىڭ ئالەم تۇراقلىق سانىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇ يەردىكى قېنىق سىزىق ئارلىق ئۆلچىمىنى، قىزىل سىزىق تېزلىكنىڭ چېكىنىش ئۆلچىمىنى ئىپادىلەيدۇ. (قارا) توم سىزىقلار ئالەم تۇراقلىق سانى مەۋجۇت بولمىغان يوقلۇق ئالىمى (empty universe) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قىزىل ئەگىرى سىزىقلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نۇقتىلار بولۇپ، ئالەمدىكى ئېنىرگىيە زىچلىقنىڭ %70ى ئالەم تۇراقلىقىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەگىرى سىزىقنڭ مۇسبەت تەرىپى سۈرئەتنىڭ ئېشىشىنى، مەنپىي تەرىپى سۈرئەتنىڭ كېمىيىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يېقىندىن بويان ئالەم سۈرئىتى  تېز بولماقتا. بىراق، بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئەنئەنىۋىي ئېغىرلىق كۈچى تارتىشى ئالەمدىكى ئوخشاش بولغان ئالەم تۇراقلىقىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ كۆك سىزىق ئالەم تۇراقلىقى بولمىغان ، مىقدارلىق تەسۋىرلەشكە ماس كەلمەيدىغان رېئاللىق دېگەن ھۆكۈمگە ئېلىپ كېلىدۇ.  
گەرچە ئېينىشتىيىننىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30~40- يىللىرى ياش بىر ئەۋلاد فىزىكلار ياراتقان كىشىنى ھاياجانلاندۇردىغان تەرەققىياتتىن مەھرۇم قېلىشى ئىنتايىن چوڭ خاتالىق بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ خارەكتىرىدە مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان خىسلەت بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېينىشتىيىن ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان داڭلىق شەخىس بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان. ئۇ ئەزەلدىن باشقا يادرو فىزىكىسى ۋە كىۋانىت فىزىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان فىزىكلارنى ئۆز تەتقىقاتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ باقمىغان. ئۇ ئەزەلدىن ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ياكى ياردەمچىلىرىنى پىرىنىستون يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ پىرافىسسورلىقىغا دەۋەت قىلمىغان. ئېينىشتىيىن بىر ئۇلۇغ ئادەم بولۇپلا قالماستىن بەلىكى بىر ئىلغار ئادەم. باشقا  ئىشلاردىمۇ ئۇنىڭ مەيدانى ناھايتى مۇستەھكەم بولغان: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ مىلىتارىزىمغا قارشى تۇرغان، سىتالىن دەۋرىدە سوۋىت ئىتپاقىنى قوللاشقا قارشى تۇرغان. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ھەركىتىنى قوللىغان. ياۋرۇپا ناتسېتلار گېرمانىيىسى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچىرىغاندا ئۇ ئۆزىىنىڭ تىچلىقپەرۋەر قارىشىدىن ۋاز كەچكەن. مىك-كارسىزىمغا ئاشكارا قارشى تۇرغان. بۇنداق زور ئاممىۋىي مەسىلىلەردە ، ئېينىشتىيىن ئازراقمۇ خاتالاشمىغان.

پايدىلانمىلار:

The set of mistakes discussed in this article is not intended to be  exhaustive.  They  are  a  sele  
ction,  mostly  chosen  because they seemed to me to reveal
something of the intellectual environment  in  which  Einstein  worked.  In  PHYSICS   TODAY, March 2005, page 34, Alex Harvey and Engelbert Schucking have described an erroneous prediction of Einstein regarding the rates of clocks on Earth’s surface, and in his book Albert Einstein’s Special Theory of Relativity, Addison-Wesley, Reading, PA (1981), p. 328, Arthur I. Miller has discussed an error in Einstein’s calculation of the electron’s transverse mass.
2.  G.  Gamow,  My  World  Line—An  Informal  Autobiography, Viking  Press,  New  York  (1970),  p.  44.  I  thank  Lawrence Krauss for this reference.
3.  A. Einstein, Sci. Am., April 1950, p. 13.
4.  Oddly enough, at a conference in Warsaw in 1939, Klein presented something very like the Yang–Mills theory, on the basis of  his  five-dimensional  generalization  of  general  relativity.  I have tried and failed to follow Klein’s argument, and I do not believe his derivation makes sense; it takes at least two extra dimensions to get the Yang–Mills theory. It seems that scientists are often attracted to beautiful theories in the way that insects are attracted to flowers—not by logical deduction, but by something like a sense of smell.
5.  E. Hubble, Proc. Natl. Acad. Sci. USA 15, 168 (1929).
6.  A. G. Riess et al., Astrophys. J. 607, 665 (2004). See www.pt.ims.ca/6088-18

ئىزاھات: بۇ ماقالە ئەسلى ئامېرىكا "بايقاش" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. گۇگىل تورىدىكى ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇربىيە ئىسمايىل
تەرجىمە تەھرىرى: ساھىپجامال ئابدۇللا

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:29:38

چۈشەنمىدىم ،لىكىن سىلەرنىڭ بۇ ئەجرىڭلارنىڭ  سىلەر ئۈچۈن ئۇتۇق يولى بۇلىشىنى تىلەرمەن .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 16:08:07

سولىتسىي (苏黎世 بۇ بىز بۇرۇن تارىخلاردا ئوقۇغان سىيۇرىخ دىگەن شەھەر شۇدۇ -ھە.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 19:36:38

دۇنيا قاراش تۇراقلاشمىسا  تەتقىقات ئىلىپ بارغىلى بولمايدۇ، مەسلىلەرگە ئۆزگىرشچان لوگىكا بويىچە قاراش بەلكىم ئغىزدا ئېيتىلغان ياخشى سۆز بولغىنى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇررغلى بولمايدۇ  ئەمما شۇ نوقتىنى قوغلاشساق بولدۇ.
مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئيتقاندا ئەينىشتىيىننىڭ تەققىات متودىدا مەسلە يوق (ئسستتك نوقتقدىن چىقىپ مەسلكلەرگە قارشىدا )   ئۇنىڭ ئستتىكىلىق دۇنيا قارشىغا ئىككى نىسپىيلىك نەزىريىسى ئسپات بولالايدۇ.     

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-31 19:43:34

تورغا نىمە بولغاندۇ  ئۇقمىدىم   ‹ئچكى خاتالىق دەپ ئۇچۇر چىقىپ ئۇچۇر  يوللغىلى بولمىغاندى›  ئەمدى قارىسام بەك كۆپ يوللنىپ كىتىپ قاپتۇ   باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويۇرسىلەر.
بەت: [1]
: سىتىۋېن ۋېنبېرىگ: ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقى