irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 09:18:35

نىسپىيلىك نەزەرىيىسگە ئالاقىدار كىشىلەر بىلمىگەن 20 پاكىت

ئادەتتە كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئېينىشتىيىن بۇ نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە گالېلىي ئېينىشتىيىندىن بۇرۇن بۇ نەزەرىيەنى بايقىغان.  تۆۋەندىكىلەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەققىدە بىز بىلمىگەن 20 پاكىت.

1.      نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى كىم بايقىغان؟ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېينىشتىيىن بايقىغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. گالېلىي 1639-يىلى ئويلىمىغان يەردىن بۇ نەزەرىيەنى بايقىغان، ئۇ چاغدا ئۇ چۈشىۋاتقان جىسىم  بىلەن دېڭىزدا لەيلەپ كېتىۋاتقان پاراخۇتنىڭ ھالىتىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى بايقىغان.

2.      ئېينىشتىيىن ئەزەلدىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقمىغان، بۇ سۆزنى ئۇنىڭ 1905-يىلى يازغان " ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ئىلىكتىر دىنامىكىسى" ناملىق ماقالىسدىمۇ ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ. ئۇ بۇ سۆزدىن كۆرە "ساقلىنىش قانۇنلىرى" دېگەن سۆزگە بەكرەك ئامراق. چۈنكى، فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولۇپ، نىسپىيلىك خارەكتىرى يوق.  

3.      ئۇنداقتا زامان-ماكان بىر گەۋدىچىلىكچۇ؟ ياق، بۇنىمۇ ئېينىشتىيىن ئوتتۇرغا قويمىغان. زامان تۆتىنچى ئۆلچەم ئۇقۇمىدىن ئىبارەت دېگەن قاراش ئېينىشتىيىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى-ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان گېرمانىيىلىك ئاستىرونۇم ھېرمان مىنكوۋىسكي تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. مىنكوۋىسكىي ئېينىشتىيىننى "ھۇرۇن" دەپ ئەيىپلىگەن.

4.      ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەن گالىلېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تەڭلىمە ئارقىلىق قايتا تەسۋىرلەپ چىقىپ، يۇرۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن غەلىتە ھادىسلەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ۋاقىت (زامان) ئاستىلاپ، ماكان تارىيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئېينىشتىيىننىڭ بۇ ئۇسۇلى ھەممە يەردە ئۇچىرايدۇ.

5.      ئاۋىستىريە فىزىكا ئالىمى فرىدىچ ھەسىنھېر ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرى ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى E=mc2 نى ئوتتۇرغا قويغان.

6.      ھەسىنھېر دەپ ئاڭلىمىغان، شۇنداقمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ تەڭلىمە بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى باغلىيالمىغان. بەلىكم ئۇنىڭ غەلبە بىلەن بولغان ئارلىقى پەقەت بىر قەدەم بولسا كېرەك!

7.      ئېينىشتىيىننىڭ شىۋىتسارىيەدىكى پاتنىت ئىدارىسىدىكى مۇقىم خىزمىتى ئۇنىڭغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇ كۈندىلىك خىزمەت جەرياندا كىشىلەر دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغىرلىقچە كۆچۈرۋالغان. نازارەتچى خادىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، ئۇ قەغەزلىرىنى ئۈستەلنىڭ ئاستىغا يۇشۇرىۋالاتتى.

8.      گەرچە ئېينىشتىيىن ھاراق ئىچمىسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم نىسپىيلىك نەزەرىيىسنى تاماملاپ بولغان چاغدا ئۇ ئايالى مىلىۋا بىلەن ھاراق ئىچكەن.

9.      مۇھەببەت نىسپىي بولىدۇ. ئېينىشتىيىن 1904-يىلى بۇ بۆسۈش خارەكتىرىلىك نەزەرىيىسىنى تاماملىغان چاغدا، "مەن ئايالىمغا موھتاج، ئۇ ماڭا بارلىق ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى يىشىپ بېرىدۇ"، دېگەن. بىراق، 1914-يىلغا كەلگەندە ئېينىشتىيىن ئايالىغا: "مەن بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. چۈنكى ئىجىتمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلدىن بۇنداق مۇناسىۋەتنى ساقلاش زۆرۈر ئەمەس." دەپ بۇيرۇق قىلغان.

10. پىرىنسىپمۇ نىسپىي بولىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەر قانداق نەرسىنىڭ تېزلىكى يۇرۇقلۇقنىڭكىدىن تېز بولمايدۇ، بىراق ماكاندا بۇنداق تېزلىك چەكلىمىسى يوق دەپ چۈشەندۈرىدۇ. چوڭ پارتىلاشتىن كېيىن  ئۇزۇن ئۆتمەي كونتىروللۇقىنى يۇقاتقان ئالەم يۈگىنىدىن ئاجىرىغان ئاتتەك تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، يۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يىراقلاردا تاشلىنىپ قالدى.

11. شۇنداق، ھەقىقەتەن ئىككى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بار. بىراق تا بۈگۈنگىچە بىز ئىزچىل ھالدا تارمەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تېزلىكى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۆتكەلگەن جىسىمغا ماس كېلىدىغانلىقنى تەھلىل قىلدۇق. بىراق تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئون يىلدىن كېيىن دۇنياغا كېلىپ، ئالىملار تەرىپىدىن ئېينىشتىيىننىڭ ھەقىقىي بىردىنبىر كۆز-قارىشى دەپ قارالدى.

12. خوشاللىق ھەمىشە سىز بىلەن بىللە: ئېينشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى بىر قىيىن ماتېماتىكىلىق مەسىلىگە يۇلۇققان چاغدا، ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى كونا ساۋاقدىشى ماسېر گىروسىماننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىيىن مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يىشىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ دوسلۇقنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن.

13. قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەشىرىدە بىر چوڭ خاتالىق بار. يەنى، ئېغىرلىق كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇرۇقلۇق ئەگرىلىكنىڭ سانلىق قىممىتىنى خاتا ھېسابلىغان.

14. بەخىتكە يارىشا، 1914-يىلىدىكى كۈن تۇتۇلۇش ۋاقتى بۇ نەزەرىيە پىلانىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەنگەن بۇ تەجىرىبىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خاتالىق ئاشكارىلىنىپ، ئېينىشتىيىن نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلانغان.

15. كۈن تۇتۇلۇش تەجىرىبىسى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا 1919-يىلى ئېلىپ بېرلدى. ئۇ يىلى ئەنگىلىيىلىك داڭلىق فىزىك ياسى ئېدىڭتون كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ ئېينىشتىيىننى نامى چىقمىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن بىراقلا داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇرۋەتكەن. ئۇنىڭ سۈرەتلىرى ھېلىھەم قەھۋە ئستاكانلىرىغا بېسىلىۋاتىدۇ.

16. تارىخقا نەزەر سالساق، ئىدىڭتون سىرىتقا "خاتا" نەتىجىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەتنى ئېلان قىلىپ، بۇ نەتىجىنى ئويدۇرۇپ چىقارغاندەك قىلىدۇ.

17. ھېچكىم دىققەت قىلمىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئېينىشتىيىن 1955-يىلى ۋاپات بولغان چاغدا، ئالىملار تېخىچە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىرەر ئىسپاتقا ئېرىشمىگەن.

18. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بۇ ئەھۋالدا كومىدىيە خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. بۇ چاغدا ئاستىرونوملار  ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بىر قىسىم جىسىملارنى يەنى نىيتىرون يۇلتۇزلار بىلەن قارا ئۆڭكۈرنى بايقىغان.  ئۇلارنىڭ بايقىلىشى زامان-ماكان تەتقىقاتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

19. بۈگۈنكى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسنى چۈشىنىش ئىنتايىن ئاسان، ھەتتا يۇلتۇزلار سېستىمىسى ۋە يىراقتىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ يۇرۇقلۇقنى ئەگىرى قىلىدىغان ھالىتىگە ئاساسەن، يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا ئېغىرلىق ئۆلچىمى بېرىپ، يىراقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى بىكىتكىلى بولىدۇ.

20. ئەگەر مۇشۇنداق ئېغىزىمىزنى ئۇپىرىتىپ سۆزلەۋەرسەكمۇ يەنىلا ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىنى چۈشىنەلمەيمىز. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز بۇ نەزەرىيەنى سىناپ باقساقلا بولدى: "سىز قولىڭىزنى قىززىق مەشكە بىر ئاز قويسىڭىز، بۇ ۋاقىت سىزگە بىر سائەتتەك ئۇزۇن تويۇلۇپ كېتىدۇ. سىز بىر گۈزەل قىز بىلەن بىر سائەت بىرگە ئولتۇرسىڭىز، بۇ ۋاقىت سىزگە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلىك ئۆتۈپ كەتكەندەك تويۇلىدۇ." مانا بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 20:09:29

بۇ «غاجاق» لارنىڭ مەنبەسى نېمىدۇر؟

irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 20:12:35

function يوللىغان ۋاقتى  2014-7-27 20:09 static/image/common/back.gif
بۇ «غاجاق» لارنىڭ مەنبەسى نېمىدۇر؟

ئۇندىدارغا يوللاپتىكەن، مەنبەسى نى يازماپتۇ..

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 09:50:06

سادىغاڭ كىتەي.ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكا قائىدىسىنى بۇزمىساڭلار.
  ماۋزۇ: نىسپىيلىك نەزەرىيىسگە ئالاقىدار كىشىلەر بىلمىگەن 20 پاكىت
توغرىسى: كىشىلەر بىلمىگەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسگە ئالاقىدار 20 پاكىت

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 11:22:22

ئىسپاتسىز گەپلەرنى جىق تارقاتمىساق ياخشى

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 16:33:52

ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىنمۇ ئانزە ئاغدۇرىغانلار باركەن ھە، مەنبەسى بولمىغانلىقتىن تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدىكەن.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 21:56:01

ئەمدى بۇ گەپ چىقىپتۇ-دە.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 22:27:20

نىسپىيلىك نەزەرىيىسگە ئالاقىدار كىشىلەر كىمدۇ دەپ كىرىپتىمەن:o

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 18:00:56

ياق دوسلار بۇلارنىڭ ھەممسنى پىتنە-پاسات دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئەينىشتىينن ئۇنداق ساپ دىلمۇ چاغلاپ كەتمەيلى  ئۇمۇ بىر ئادەم.   بىز ئيتىشتىن قوقايدىغان ئەمما ھەممىمىز ئچمىزدە ئىتراپ قىلدىغان ھىكمەتلەر بارغۇ  مەسلەن:  ئادەم مۇۋەپىقيەت قازنىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق كىرەك .
ئەينىشتىيىن فىزىكىدا ئەڭ ياخشى مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچى   ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستە تاللىمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالسىلەر .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 08:26:36

مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق دەپ قويۇڭ يولداش
بۇ سۆز يولداشلارغىلا ماس كېلىدۇ

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 09:10:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 08:26 static/image/common/back.gif
مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق دەپ قويۇڭ يولداش ...

مەنمۇ بىر فىزىكا كەسپىنىڭ  ئۇنىڭ بىر نەرسسنى ئازتولا چۈشەنگەندىن كىيىن ئاشۇنداق تۇيغۇغا كىلىپ قىلشڭىز مۇمكىن.
مەن بۇنى ئەمەلىي مىسال ئارقىلىقلا سۆزلەي: ئەينىشتىينىڭ تەڭ ئۈنۈم پىرنسىپىغا پىششق دوسلىرمىز شۇنى ھس قىلىشى مۇمكىن
تەڭ ئۈنۈم پىرنسىپىدىن ماكاننڭ ئەگىرلىك چۈشەنچىسىگگ ئىرشكىلى بولمايدۇ .ئەينىشتىيىن نىيوتونننىڭ نەزەرىيسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولدىغان نوقتىدىن ئاتلاپلا  ماكان ئەگرلىك چۈشەنچىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۆتۈپ كەتكەن.
بۇنى قانداق چۈشنىش كىرەك دېگەبدە: بۇ ئەينىشتىيىنىڭ باللىق دەۋىردىلا ئېنىق ئىسپاتقا ئىرشمىگەن ماكان ئەگرى بولشى مۇمكىن دېگەن چۈشەنچە كالىسىدا بولشى مۇمكىن، مەسلەن ئۆزۈمىمۇ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا فىزكىغا شۇنداق قىزىقاتتىم ئۇنى بۇنى ئويلاپ باقىدىغان ،   تولۇقسىزلادا  سۇنىڭ شار شەكىلىدە يەرگە چۈششى،پىلانىتلارنىڭ ئەگرى ھەرىكەت قىلىشى  ،دەرەخلەرنىڭ سىلىندىر شەكىللىك بولشى كاللامدا ماكان ئەگىرى بولشى كىرەك دەپ ئويلايتتىم   شۇنىڭغا ئوخشاش  ،يەنە كوپىرنىكنىڭ كتابىنى ئوقۇپ باققان بولسىڭىز  كوپىرنىكمۇ ماكان ئەگرلىك چۈشەنچىسنى ئوتتۇرىغا قويغان ،بۇگەپ ئىنىق بار.
بۇ گەپ ئارقىلىق نىمە دېمەكچى دېسىڭز  دېمەك ئەينىشتىيىن باللقتىكى ماكان چۈشەنچىسىنى ئەڭ ئۈنۈم پىرنسىپى بىلەن باغلىۋالغان .
كىچىك ۋاقتىدىكى ئاشۇ ئوي بولمىغان بولسا ئەينىشتىيىن ئاللقاچان تەڭ ئۈنۈم پىرنسپىدا يۇزبەرگە ھادىسلەرنى نيوتون نەزەرىيسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولاتتى.
بۇ يەردە ئەينىشتىيىننىڭ تەليى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن .
شۇڭا مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا  مۇۋەپىقىيەت    98 پىرسەنىت تىرشچانلىق، 1 پىرسەنىت تالانىت ،1پىرسەنىت تەلەينىڭ نەتىجىسىدىن بولدۇ.  
بۇنى ئەينىشتيىننى تخمۇ ئادەملەشتۇتۇپ كۆرسەك تخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دېگەن مەقسەتتە يازدىم .
بەت: [1]
: نىسپىيلىك نەزەرىيىسگە ئالاقىدار كىشىلەر بىلمىگەن 20 پاكىت