irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 09:05:17

شەھەردە نېمە گۇناھ بار؟


  ئەلىجان ئوبۇل



  شەھەر ھەققىدە دانالار «ئۇ پەقەت ھېسسىز ماكان، سۈكۈتتىكى جىمجىت باياۋان. ئۇنى ھەرىكەتكە، مەنىگە، ئۆزگىرىشكە ئىگە قىلىدىغىنىمۇ، گۈزەل ماكان ياكى ئىپلاس جاھانغا ئايلاندۇرىدىغىنىمۇ يەنە شۇ شەھەر پۇقراسى، ئىنسان، ئادەم!» دەيدۇ. ئەمما بىز ئۇنىڭ ئىللىق باغرىدا ياشاپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە مۇئامىلە قىلدۇق، ئوغرىلىق قىلغان، زەھەر چەككەن، بىدىكلىك ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغانلارنى بىرتەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى شەھەرگە ئارتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ ئىسسىق قوينىدا خىرامان ئۇخلاپ ياتقىنىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭ مەڭزىگە تۈكۈرگىنىمىزنى يادىمىزغا ئالماي، «تۇزىنى يەپ تۇزلۇق» نى چاقتۇق؛ ھەتتا ئۇنى «ئەڭ گۈزەل ئەخلاق، ئەنئەنە، ۋاپا، دىيانەت، مۇھەببەت، سەمىمىيەت، كىشىلىك قەدىر - قىممەت، ئىنسانىي غۇرۇر، پەزىلەتلەرنى دەسسەپ - چەيلەيدىغان، قىزلارنى بۇزىدىغان، يىگىتلەرنى كاردىن چىقىرىپ بالىلارنى تەبىئەتتىن ئايرىپ ھېچقانداق ئەقەللىي ئەخلاق، ئادەت، ئار- نومۇسنى بىلمەيدىغان لاتاغىلاپ لىڭتاسما، غىتمەك، بىر توپ قېچىر ئەۋلادقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بىر سېسىق دەرگاھ، بارلىق بىمەنىلىك، رەزىللىك، ئىپلاسلىق، ھاياسىزلىق، بۇزۇقچىلىق، شەھۋەتخورلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك، روھىي قۇلچىلىقنىڭ ئۇۋىسى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، شەھەرنى كىشىلەر نەزىرىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. لېكىن ئۆزىمىز بىلىپ - بىلمەي يەنە شۇ شەھەرگە ئىنتىلدۇق،  شەھەردىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمىدۇق. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ شەھەرنى «ۋەيلۇن دوزاخ» قا ئوخشاتقان ئىكەنمىز، يەنە نېمىشقا ئۇنىڭدىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيمىز؟ نېمىشقا شەھەرنى تەرك ئېتىپ، نەزىرىمىزدىكى «قوينى كەڭ، ھاۋاسى ساپ، ئادەملىرى ئاق كۆڭۈل» ئاشۇ «سۆيۈملۈك» سەھرالارغا كەتمەيمىز؟ چۈنكى شەھەردە بىزنىڭ خىزمىتىمىز، ئىللىق ئائىلىمىز، ئەل - ئاغىنە، دوست- بۇرادەرلىرىمىز بار، شۇنداقلا يەنە شەھەرنىڭ بىزنى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ئاللىقانداق «ئەۋزەل» لىكلىرىمۇ بار. شۇنداق تۇرسىمۇ، بىز يازمىلىرىمىزدا يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان بارلىق جىنايەتنى شەھەرگە ئارتىپ قويۇپ، ئۇنى رەزىللىكنىڭ، جىنايەتنىڭ، مەھكۇملۇقنىڭ، خار ۋە زەبۇنلۇقنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، كىشىلەرنى شەھەردىن يىرگەندۈردۇق. شەھەرنى خۇددى ئەزرائىلدەك رەھىمسىز، شەپقەتسىز، قانخور قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئۇنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويدۇق. ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ؟ ئەجەبا ئۇ بىزگە «بۇزۇقچىلىق قىل، زەھەر چەك، ئادەم سودىسى قىل، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىل، خېنىم مىجەزلىك بول» دەپ ئۆگىتىپ قويغانمۇ؟ ياق! ياق! بىز بۇلارنى شەھەردىن كۆرسەك ئېغىر خاتالاشقان بولىمىز. بۇ شەھەرنىڭ گۇناھى ياكى جىنايىتى ئەمەس! ئەگەر جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، بىز ئۇنى ئۆزىمىزدىن، شەھەردە ياشاۋاتقان ھەربىر شەھەر پۇقراسىدىن ئىزدىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە!
    توۋا دېگۈم كېلىدۇ. روھ، ھېسسىيات بار دېيىلسە، ئۇلارنى پەقەت ئادەمدىن تاپقىلى بولىدۇ، شەھەر دېگەن ھېسسىز، جانسىز نەرسە، ئۇنىڭدا روھ نېمىش قىلىدۇ؟ ھېسسىيات نېمىش قىلىدۇ؟ شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ شەھەرنى مىڭ قېتىم تىللاپ- ھاقارەتلىگىنىمىزنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئەگەر بىز يازمىلىرىمىزدا شەھەرنى ئەمەس، بەلكى شەھەردە ياشاۋاتقان ئادەملەرنى روھىي جەھەتتىن، ئاڭ ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ئويغىتالىساق، ئۇلارنى گۈزەل ئەخلاققا، ساپ قەلبكە، ئادىمىي پەزىلەتكە ئىگە قىلالىساق، بىز ياشاۋاتقان شەھەر ئاندىن كۆزىمىزگە سوغۇق، قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى يېقىملىق كۆرۈنمەمدۇ؟ شۇنداقلا ئۇ بىزگە ۋەيلۇن دوزاخنى ئەمەس، بەلكى گۈزەل جەننەتنى ئەسلەتمەمدۇ؟ شۇنداق، ئەگەر ئادەمدە ۋىجدان - غۇرۇر، ئېتىقاد، شەرم- ھايا، ئەدەپ - ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەت بولسا، ھەرقانچە جاپا - مۈشكۈلات ئالدىدىمۇ قىيا تاشتەك تىك تۇرۇپ خۇددى پەرىشتىدەك ئىپپەت - نومۇسلۇق، ۋىجدان - غۇرۇرلۇق بولغىلى بولىدۇ، ئۇ چاغدا، بىز قاقشاۋاتقان «زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز، پاھىشىۋازلىق، بىدىكلىك، ياتلىشىش» لارمۇ بولمايدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ ھەممىنى شەھەردىن كۆرىدىغانغا، بارلىق جىنايەتنى شەھەرگە دۆڭگەپ قويىدىغانغا ۋىجدانىمىز، غۇرۇرىمىز، ئىمان- ئېتىقادىمىز قەتئىي يول قويمايدۇ!
    بىز يازمىلىرىمىزدا ھازىر بارلىق جاۋابكارلىقنى شەھەرگە ئىتىرىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇۋاتىمىز. ئەكسىچە، يېزا - قىشلاقلارنى، ئۇ جايلاردىكى ساپ ھاۋانى، يېشىللىقنى، ساددا، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان دېھقانلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلەۋاتىمىز، يېزا- قىشلاقلاردىكى ھەممە نەرسىنى شەھەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ مەدھىيەلەۋاتىمىز. بىراق يېزا- قىشلاقلاردىمۇ بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان، بىزنى يىرگەندۈرىدىغان، ھەتتا غەزىپىمىزنى قوزغايدىغان جىنايى قىلمىشلار، زوراۋانلىقلار، ئەخلاقىي چىرىكلىكلەر ھەم مەۋجۇت تۇرىدۇ. ئەتىگەن- ئاخشىمى قوناقلىققا ئوتقا چىققاندا، كېۋەز ئوتىغىلى بارغاندا ياكى كېچىسى سۇ تۇتقىلى چىققاندا ئېتىز- قىرلاردا يولدىن چىقىدىغانلارنى، نەۋرىسىدەك قىزلارنى ئۆزلىرىگە «دۇئا» قىلدۇرۇۋالايدىغان ئالا كۆڭۈل موللىلارنى، ئەرلىرىنى يىراق - يېقىندىكى ھاشار- ئەمگەكچىلەرگە يولغا سېلىۋېتىپ خوتۇنلىرىنى موكلايدىغان كەنت كادىرلىرىنى، ھاراقنى يوغان- يوغان پىيالىلەرگە لىققىدە قۇيۇپ ئىچىپ، قۇسۇققا مىلىنىپ ياتىدىغان ئەرلەرنى نېمە دېسەك بولار؟
   بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە قانداقتۇر شەھەر ياكى سەھرادىن ئىبارەت روھسىز ئۇقۇمدا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ھېسسىز، جانسىز ماكاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەملەردە، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىدا، غۇرۇرىدا، ئېتىقادىدا. بىز يازمىلىرىمىزدا شۇلارنى تەپسىلىي قېزىپ چىقالىدۇقمۇ؟ مەسىلىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى، كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى يەكۈنلەپ چىقالىدۇقمۇ؟ «ھاراق ئىچكەن، زەھەر چەككەن، قىز- چوكانلارنى يولدىن چىقارغان، ئەيدىزنى سۆرەپ كىرگەن، قانۇنسىز نىكاھ قىلىۋالغان، قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان» لىقىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلالىدۇقمۇ؟ بۇلارنى تۈزەشنىڭ، ئالدىنى ئېلىشنىڭ كونكرېت يوللىرى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟ «زادى بۇلارنى شەھەردىن كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى ئادەملەردىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟» دېگەن نۇقتىدىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ باقتۇقمۇ؟ بىلىشىمىز كېرەككى، «ئادەمنىڭ بۇزۇلۇش - تۈزۈلۈشىنى ماكان ئەمەس، بەلكى ئادەم بەلگىلەيدۇ» ئادەمنىڭ ۋىجدانى، غۇرۇرى ۋە ئېتىقادى بەلگىلەيدۇ. ئەمما «شەھەردىكى ھايات پەقەت رىقابەتنىلا تونۇيدۇ، ئۇ تولىمۇ شەپقەتسىز، رەھىمسىز جەڭگاھ. ئۇ بوشاڭلىقنى، ئېزلەڭگۈلۈكنى، لامزەللىلىكنى، ساختىپەزلىكنى كېرەك قىلمايدۇ». لېكىن بىز يازمىلىرىمىزدا مۇشۇنداق لامزەللىلىكنى، ساختىپەزلىكنى، بىمەنىلىكنى، دورامچىلىقنى بولۇشىچە تەسۋىرلەۋاتىمىز، ھەتتا مىللىي پىسخىكىمىزغا، ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىمىزگە يات ھادىسىلەرنى سەھنىلەشتۈرۈپ، بىر قىسىم لاۋزا، ھاياسىز، تېتىقسىز شاللاقلارنىڭ ئوبرازىنى سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ نادانلىقىمىزنى، ئەبگالىقىمىزنى، دورامچىلىقىمىزنى سازايى قىلىۋاتىمىز. «رەڭلىك ئولتۇرۇش» نى شەھەر بىزگە ئۆگەتمىگەن، ئۇنى ئۆزىمىز ئىجاد قىلدۇق ھەم سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئاممىغا كەڭ تەشۋىق قىلدۇق، ئومۇملاشتۇردۇق. ھەتتا ئۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇنى بىلدۈردۇق، ئۆگەتتۇق. بۇنداق قىلىشنى شەھەر بىزگە ئۆگەتمىگەن ياكى زورلاپ تاڭمىغان، بەلكى ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە ئۆگەتتۇق، زورلاپ تاڭدۇق. بۇ جەھەتتە بىزنى «ئەڭ ئەخمەق خەق» دېسە قىلچە ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز (كىنو- تېلېۋىزىيە، سەھنە ئەسەرلىرى) ئالدى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، خەلقنىڭ يىغىسى ۋە كۈلكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ئەنە شۇنداق قىلچە مەنىسى يوق نەرسىلەرنى زورلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىققاننىڭ ئورنىغا «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «تاشۋاي» لارنى ياكى بولمىسا «قېرى يىگىتنىڭ تويى» نى قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقساق، خەلقىمىز يەنىلا ياخشى كۆرگەن بولاتتى. سۇ جۇڭجيې «مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىلغارلىق ئۆلچىمى» دېگەن ماقالىسىدە: «يېقىندىن بۇيان خان - پادىشاھلار توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ‹باشلامچى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى› نى تۇشمۇتۇشتىن ئىگىلەپ ھەدەپ بازار تاپقىلى تۇردى، ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ يامراپ كۈرمىڭلىغان كىشىنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرمەكتە. بۇ فىلىملەرنىڭ خوجايىنلىرىدىن: ‹بۇلارنى بازارغا سېلىشتىن مەقسەت نېمە؟ دەپ سوراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلاردىن بەزىلىرى ناھايىتى يۈكسەك ئالىيجانابلىق تۇيغۇسى بىلەن:‹چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاشىنگتون، ناپالىيونغا ئوخشاش بۈيۈك ئىمپراتورلىرى بار ئىكەن، بىزمۇ جۇڭگودا ئۆتكەن ئاشۇنداق شاھلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى ياراتتۇق› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ خان - پادىشاھلارغا بولغان ھەۋەس- تۇيغۇسى بىلەن ئىشلەپ چىققان ئۇ نەرسىلىرىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنى خان - پادىشاھلارغا، ھوقۇق- ئىمتىيازغا، خۇنخور زومىگەرلەرگە، زوراۋان - لۈكچەكلەرگە، ھىيلە - نەيرەڭگە، پۇلغا ۋە جاھانكەزدى زاھىدلارغا چوقۇنۇپ، قۇللۇقنى سېغىنىشتىن ئىبارەت، خالاس. بىلىپ - بىلمەي ھەمدۇ - سانا ئوقۇۋاتقىنى رەزىللىك، ياۋۇزلۇق، پەسكەشلىك ۋە سەلبىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!» دەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ «رەڭلىك ئولتۇرۇش»، «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق» دېگەندەك پۈچەك ئەسەرلەر كىشىلەر ئارىسىغا سەلبىي تەسىر يامرىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىق ياكى كۆڭۈل خۇشى ئاتا قىلالمايدۇ. بۇنداق ئەخلەت ئەسەرلەر شەھەرنىڭ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «جىنايىتى» نى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    ئەمىسە شەھەرنىڭ گۇناھى زادى نېمە؟ ئۇنداقتا نېمە دەپ شەھەرنى بەرپا قىلدىڭىز؟ يەنە نېمە ئۈچۈن شەھەردىن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەيسىز؟ بۈيۈك پەيلاسوپ فارابى «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ناملىق ئەسىرىدە: «ئاھالىلىرى پەقەت بەختكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلاشقان شەھەر پەزىلەتلىك شەھەردۇر، پۈتكۈل بەختكە ئېرىشىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تىرىشىۋاتقان مىللەتمۇ پەزىلەتلىك مىللەتتۇر» دەپ ئېيتقانىكەن. بىز نېمىشقا پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى بولالمايمىز؟ مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن باھا بېرىپ، سەۋەبنى جانسىز، ھېسسىز شەيئىدىن ئەمەس، بەلكى جانلىق، ھېسسىياتلىق ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ، روھىمىزنى ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىزانلىرى بىلەن بېيىتساق، ئىشىنىمىزكى، پەزىلەتلىك شەھەر پۇقراسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پەزىلەتلىك قەلەمكەشمۇ بولالايمىز ھەمدە يازمىلىرىمىز ئارقىلىق پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز.

   مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 9808-سانىدىن ئېلىندى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:33:17

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:35:39

شەھەرنىڭ نەرى گۈزەل ئەمەس ئۇدېگەن ئىنسان ئەقلىيىتىنىڭ ،مەنىۋىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى .
   شەھەربالىسى .

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 14:33:19

كىچىك چاغلىرىمدا چوڭلاردىن« بەرىكەتنىڭ توققۇزى شەھەرگە،بىرسى يېزىغا تەقسىم بولغان ،يېزىغا تەقسىم بولغان ئاشۇ بىر بەرىكەتمۇشەھەرگە كەتسەم بولاتتى دەيدىكەن »دېگەن گەپنى ئاڭلاپ  نېمە دەپ بەرىكەتنىڭ توققۇزى شەھەرگە ،ئاران بىرسى يېزىغا تەقسىم بولىدىغاندۇ؟دەپ ھەيران بولغان ئىدىم،ھەمدە بۇ گەپنىڭ تەكتىگە شەھەردە ياشىغاندىن كېيىن ئاندىن يەتكەن ئىدىم.خەنجەر ئەپەندىىنىڭ يۇقارقى ئەسىرىدە بىزنىڭ شەھەرگە تۇتقان پوزتىسىيەرىمىز روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 14:49:48

ئىنسان قىلغان ئەمىلىگە قاراپ جەننەت ياكى دەۋزاققا كىرىدۇ .تاللاش ئەركىنلىگى ئۆزىدە.
تۈنۈگۈن ئاڭلىسام قولايلىق كارتا بولمىسا شەھەرگە كىرەلمەيمىشمەن. يەنىلا ۋاختىدا شۇنى بىجىرۋالاي.

قاسساپ ياغ قايغۇسىدا،ئۆچكە جان قايغۇسىدا دەپ .....

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 17:49:36

شەھەر كىرىمەن دەيتىم كىچىگىمدە،ھازىرمۇ يەنە شەھەرگە كىرىمەن دەپ چىقىمەن ئۆيۈمدىن

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 21:54:28

شەھەر...............................................

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 22:02:52

بىلىم ئالمىغان ياش ،تام تۈۋىدىكى تاش

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 22:04:09

ساپا يىتىلدۈرسەك بىلىم ئالساق ھەممە ئىش ئىزغا چۈشۈپ كىتىدۇ

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 22:06:59

شەھەرگە كىرۋاتىمىز ئەمما تۇرالمۇدۇق.ئارمان بار دەرمان يوق

qoghun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-29 06:39:32

شەھەر ياخشى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-29 07:45:59

سەھرايى قىيامەت دەيدىغان گەپمۇ بار كونىلاردا
سەھرا،يېزىمۇ جەننەت ئەمەس
پۇل بار تۇرۇپمۇ يەيدىغان نەرسە تاپالماي ئاچ قالىدىغان،ياشاشقا ۋە تۇرمۇشقا ئىنتايىن قولايسىز تەرىپىمۇ بار
بەت: [1]
: شەھەردە نېمە گۇناھ بار؟