Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 23:04:10

Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201405/22/200820gzx7x28dxf0f2sjo.jpg
Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ
     «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ سىنىپتا 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دەرس باشلانغان ئىدى. لېكىن، دەرس ئوقۇتقۇچىمىز ھەسەنجان مولنىيازنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگە دائىر بەزى ئىشلار، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى، يېڭىدىن بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىتىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئارىدا دەرس بىر نەچچە كۈن توختاپ قالدى.
     بۇ قېتىم بۇ ئەھۋاللارنى بىرتەرەپ قىلىپ، دەرسنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلدۇق. دەرسكە كونا-يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. كونكېرت ئىشلارنى ئەسلىدىكى «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.
     بىزنى قوللىغان ئورۇنلارغا، كۇرسانتلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

     تىزىملاش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانا
     تور بېكەت ئادرېسى: http://www.xjcfan.com
     تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991
     مۇلازىمەت QQ نومۇرى: 834480060
     يان تېلېفون: 13999947028
     ئالاقىلەشكۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل
     ئېلخەت: xjcfan@sina.com

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 16:12:37

قايتا ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا چۈشتىن بۇرۇن بولىدۇ. (دەرس بىر نەچچە ئىلگىرى ياكى بىر نەچچە كۈن كېيىن باشلىنىشى مۇمكىن. كونكېرت ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ)
تەپسىلاتى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4007-1-1.html
بەت: [1]
: Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ