Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 15:36:46

[تەرجىمە فىلىم] «ئامېرىكا كاپىتانى 2» گە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
گۇرۇپپىمىز ئېلىپ مېڭىۋاتقان يۈرۈشلۈك فىلىملەردىن «چاقماق ئىلاھى»، «تۆمۈر پالۋان»، «ئامېرىكا كاپىتانى»، «يېشىل  ئادەم»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»... قاتارلىق فىلىملەرنىڭ تۇنجى قىسىملىرىنى بىز ئاللىقاچان ئېلان قىلىپ بولغان ئىدۇق. تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا «چاقماق ئىلاھى 2» نى ئېلان قىلىپ ھەقسىز تارقاتتۇق. بىزنى قوللاپ شۇ ئېلان بەرگەن شەخس ۋە ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئەمدى شۇ يۈرۈشلۈك فىلىملەردىن «ئامېرىكا كاپىتانى 2» نىڭ تەرجىمىسىمۇ باشلىنىپ بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كىنوغىمۇ خەتلىك ئاقما ئېلان، سىنلىق ئېلانلارنى قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. ئېلان بېرىشنى خالايدىغانلار ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈپ ئېلان بېرىشڭلارنى قارشى ئالىمىز.

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-7226-1-1.html

ئامېرىكا كاپىتانى 2


ئېلان بېرىشنى خالايدىغانلار ئۈستىدىكى ئادرېستىن تەپسىلاتىنى كۆرۈپ 406878478 نومۇرلۇق كىيۇكىيۇ بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ.

سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق. باشقا تونۇشلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
قۇتيار تور بېكىتى

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 16:08:40

ئامىرىكا كاپىتانىنىڭ بىرىنچى بۇلۇمى ھەقسىزمۇ ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 16:18:20

sewda يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 16:08 static/image/common/back.gif
ئامىرىكا كاپىتانىنىڭ بىرىنچى بۇلۇمى ھەقسىزمۇ ؟

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-2183-1-1.html
ياق ھەقلىق ئەزالار چۈشۈرەلەيدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 18:18:54

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 18:18 static/image/common/back.gif
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-2183-1-1.html
ياق ھەقلىق ئەزالار چۈشۈر ...

كۆزلىگەن پۇلىنى تىپىپ بولمىدىڭلارمۇ ئامرىكا كاپىتانى 1 دە

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 19:30:42

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 18:18 static/image/common/back.gif
كۆزلىگەن پۇلىنى تىپىپ بولمىدىڭلارمۇ ئامرىكا كاپىتان ...

نېمە دېمەكچى؟ ھەقسىز قىپ بېرىڭلار دېمەكچىما؟ تاپساق تاپمىساق سىز بىلەن ئالاقىسى يوققۇ دەيمەن. تېخى ھازىرغىچە بىرەر كىنونىڭ ھەقلىق قىلىپ مانچە پۇل تاپساق بولاتتى دەپ نىشان قىلىۋالمىدۇق. ئارتۇق ئويلاپ كېتىسپىز.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 21:22:27

    سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، شۇنداق ياخشى فىلىملەر بىلەن ئۇچراشتۇرۋاتىسىلەر.شۇنىڭدىمۇ بىر ئىشنى دىسەم تەرجىمىدە ئىملاغا بەك دىققەت قىلساڭلار.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 21:52:07

كۈلكىنىڭ نىمىشقا كۈلمەي تۇرغىننى ئەمدى بىلىدىم ئانداق تىرىكتۆمەڭلا دەيمەن ...



ھەقسىز بولسا ھەقلىق بولسا  ئاقچا تىما ئىگىسىگە باردۇ ، باج ھىسابىدا تۇتۋاغان ئىككى توك توك ئاقىچا مۇنبەرنىڭ مۇلازمىتىرغا سەي بۇلامدۇ ...


{:136:}{:136:}

sewda يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 21:55:03

تەرجىمە فىلىم تورىغا ھازىر تىزىملىتىپ قويدۇم {:92:}

ئەتە نەچچە تىيىن تولەپ ھەقلىق ئەزا بۇلاي .

مۇشۇ ئالىپاينى ئىشلىتىشنى بىر ئۈگەنگەن بولسامچۇ كاشكى

TARiMWolF يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 22:26:38

فىلىمنى چۇشۇرگىلى بولمىدىغۇ   .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 01:05:54

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 18:18 static/image/common/back.gif
كۆزلىگەن پۇلىنى تىپىپ بولمىدىڭلارمۇ ئامرىكا كاپىتان ...

خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىپ پۇل تاپقىلى بولامدىكەن؟ سىز تورغا چىقىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى؟ بىلىك ئىنتىل گۇرۇپپىسى  خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى باشلىغاندىن بېرى پۇل تېپىشنى ئويلاپ كەلمىگەن،ئىز باسارى قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىمۇ ھەم شۇنداق.
خەتلىك فىلىم پۇل تاپمايدۇ ئەكسىچە ئېكراندا كۆرۆنۈش ئۈچۈن پۇل خەجلەيدۇ
بىر بىرلەپ يازمىسام چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىلەر
سىزنىڭ بىكارغا خەتلىك فىلىم كۆرۆشىڭىز ئۈچۈن ، تەرجىمان، تەھرىرلەر، پىرىسلىغۇچىلار، مۇقاۋىچى، خەتتاتلار، قىممەتلىك دەم ئېلىش ۋاقتىنى، شېرىن كېچىلەرنى قۇربان قىلىپ فىلىمنى پۈتتۈرىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە سىزدىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ
سىز كۆرۆپ چىققان قىسقىغىنە 2 سائەتلىك فىلىمگە كۆپچىلىكنىڭ ئەجرى سىڭگەن
ئالايلۇق
تەرجىمان قېرىندىشىمىز ، خزمەت ، ئوقۇش،تۇرمۇش تىرىكچىلىكىدىن بوشىغاندا، قىممەتلىك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ فىلىمنى تەرجىمە قىلىدۇ، تەرجىمە جەريانىدا لۇغەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئاتالغۇلارنى بېكىتىش ئۈچۈن دوستلار بىلەن پىكىرلىشىدۇ

تەھرىر قېرىندىشىمىز: پۈتكەن تەرجىمىنى ئەسلى تىلغا سېلىشتۇرۇپ قايتا بېكىتىپ چىقىدۇ، سېلىشتۇرۇش جەريانىدا سۆزلەرنىڭ ئېلىنىشىغا، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كۈچەيدۇ، خاتالىق بولۇشقا يول قويمايدۇ، شۇ ئىش ئۈچۈن دەم ئېلىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىدۇ

پىرىسلىغۇچى قېرىندىشىمىز فىلىمنىڭ  يېزىق ۋە ئۈنۈملىرىنى سۈپەتلىك قىلىش ئۈچۈن  تىرىشىدۇ، ئەجىر قىلىدۇ، سىز 2 سائەتتە كۆرۆپ بولىدىغان فىلىم، ئۇنىڭ كومپىيۇتېرى 6 سائەت پىرقىرىغاندا پۈتۈپ چىقىدۇ

خەتتات قېرىندىشىمىز فىلىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن فىلىم نامىنى ھۆسىنخەت قىلىپ  قولدا يېزىپ چىقىدۇ، بۇنى ئاڭلاپ ئەجەپلىنىشىڭىز مۇمكىن،  چۈنكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر كۆپ ھەم ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىمۇ كۆپ، بىراق كىنو سەنئىتىدە فىلىم نامىنى قولدا يېزىش ئەقەللى ئىش، مىللى خەتتاتلىق سەنئىتىمىزنى ھەرخىل شەكىلدە كۆپ خىلى ۋاستىلەردە ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش تولىمۇ تەخىرسىز ئىشتۇر، شۇڭا خەتتاتلىق سەنئىتى خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىدا قوللنىلىدۇ

مۇقاۋىچى قېرىندىشىمىز فىلىمنىڭ ئەسلى مۇقاۋىسى ئاساسىدا ھۆسىنخەتنى قوشۇپ رەڭدار قىلىپ مۇقاۋا ئىشلەيدۇ

دېمەك بىر خەتلىك فىلىم كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ
خوش، شۇنداق قىلىپ خەتلىك فىلىم پۈتتى بۇنى دوستلار بىلەن يۈز كۆرۆشتۈرۈش كېرەك؟
فىلىمنى بىرەر تور بوشلۇقىغا يوللاش كېرەك، ھەقسىز بوشلۇقلار كۆپ، بىراق بۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى تولا فىلىم يوللاشقا ماس كەلمەيدۇ، سۇڭا نەق پۇل خەجلەپ مۇقىمراق تور بوشلۇقى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ ،  يىللىقىغا 150كوي تۆلەپ بوشلۇق سېتىۋېلىنىپ فىلىم بوشلۇققا يوللىنىدۇ
فىلىم بوشلۇققا يوللانغان بىلەن، فىلىملەرنى ئۇچۇرلىرى بىلەن ئېلان قىلىشقا، تورداشلارنىڭ فىلىمغا بولغان ئىنكاسلىرىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بىر تور بەت قۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، يىللىق ئىسىم ئىجارىسى،بوشلۇق ھەققى، قانۇن سالاھىيەت  رەسمىيتى،مۇلازىمېتىر ھەققى ئۈچۈن يەنە  پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. تورداشلارغا ياخشى تور مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن يىللىغىغا 2 مىڭ يۈەن خەجلەيدىغان گەپ
بېكەت مەسئۇلى  يانچۇقىدىن  پۇل چىقىرىپ  بېكەت، بوشلۇق سېتىۋېلىپ چىقىم قىلىۋەرسە ھەرقانچە ئات كاللىسىدەك ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ خەجلىنىپ تۆگەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ قۇرغۇچىغىمۇ  چىقىم ئارتماسلىق ئۈچۈن بېكەتكە كىرىم قىلىش ئۇسۇلى تېپىش كېرەك ھازىرچە تور بېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قۇبۇل قىلىش، چىقىم ئۇدۇللاشقاندىلا  تور بېكەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايدۇ
ھازىر تور بېكەت ئېلانلىرى كۆپ، كىرىملىرىمۇ خېلى ئوبدان، لېكىن بۇ ئېلانلارنى تور بېكەتكە قويساق، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئۆرپ ئادىتمىزگە ئۇيغۇن كېلەرمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ
قاراڭ ماۋۇ بەتكە ، بۇنىڭدىكى خەتلىك فىلىملەرنى ھەقسىز چۈشۈرۈشكە بولىدۇ، بىراق بۇنىڭغا ھەرخىل يۇقىرى ھەقلىق ئېلانلار قويۇلغان، بۇئېلانلار ، شەھۋانى ئويۇن تور بەتلىرىنىڭ، خىرىستىئانلىققا چاقىرىدىغان بەتلەرنىڭ،ساختا ناچار دورا قاتارلىقلارنى ساتىدىغان بەتلەرنىڭ  ئېلانلىرىدۇر
http://www.6vhao.net/

قانداق قىلىش كېرەك؟، ئۆرپ ئادىتىمىزگە ماس مىللىي ئېلانلارنى قۇبۇل قىلىپ  ھەم مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ھەم خەتلىك فىلىمچىلىك ئىشلىرىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇڭا ئېلان قۇبۇل قىلماي بولمايدۇ
تەرجىمە فىلىم تور بېكەتلىرىنىڭ مىللىي ئېلانلارنى قۇبۇل قىلىشى، ھەقلىق ئەزا قۇبۇل قىلىشى قانداقتۇر پۇل تېپىش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرەك قىلىدىغان مۇشۇنداق بىرتور تارقىتىش ۋاستىسىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 08:14:07

ئىللىق ئەسكەرتىش:
يىقىندىن بىرى خەتلىك فىلىم ۋە پۇل ھەققىدە گەپ قىلىدىغانلار سەل جىقلاپ قاپتۇ، ناۋادا خەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋىرىڭلار بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلماڭلار، ئاز كەم 10 يىل ۋاقىت بولدى.
نۇرغۇن گۇرۇپپىلار بولۇپ ئىشلەپ كىلۋاتقان خەتلىك فىلىملەر، ئەمگەك قىلغۇچىغا چىقىمىنىڭ 1% چىقىمىغا چۇشلۇق كىرىم كەلتۈرۈپ باققىنى يوق.
پۇلغا چىدىمىساڭلار كۆرمىسەڭلار بولىدۇ، چۈشەنمىسەڭلار ئەمگەك قىلۋاتقانلارغا تاققا تۇققا گەپ قىلماي،  توردىن 2005-يىللاردىكى تىمىلارنى تىپىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 09:23:34

بەك خاتا  چۈشىنىپ كەتمەڭلار!

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:41:23

ئىسىل تەرجىمە .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 11:48:01

مۇقاۋا بەك نوچى لاھىيەلىنىپتۇ{:112:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 13:29:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulahmalik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-27 13:40  

جېدەل قىلماڭلار ھەي!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-28 18:35:58

سەن يارىمنى دېمىسەم بۇ شەرىڭدە يۈرگۈم يوق
黑寡妇 نى دېمىسەم بۇ كىنونى كۆرگۈم يوق ....
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] «ئامېرىكا كاپىتانى 2» گە ئېلان قوبۇل قىلىنىدۇ!