kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 22:15:52

ھېيتتا كۆرىدىغان فىلىملەر

1. كەچۈر ئانا

فىلىم نامى: كەچۈر ئانا
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
يازغۇچى،شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن.
ئەسلى ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى: 1985-يىل ئاۋغۇست.
رېژىسسور: نىجات نىياز خوجا
باش روللاردا:
مەرھۇم زۇنۇنقىز ئېلاخۇن
غەيرەت ئۆمەر
گۈلجامال مەتنىياز

ئاۋاز بەرگۈچىلەر:
ئابدۇقەييۇم ئىمىن
شازادەم مۇقىيىت
مەرھۇم مۇنەۋۋەر ئابلەت

ھۈججەت ئۇچۇرلىرى:
رازمېرى:576*720
چوڭلۇقى:320mb
فورماتى:mkv

كۆرۈۋاتقىنىڭىز مەزكۇر فىلىمنىڭ ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسى بولۇپ،يىلتىزىم تورىمىز تەرىپىدىن رەقەملەشتۈرۈلدى ۋە مۇقاۋا ئىشلىنىپ ھەقسىز ئېلان قىلىندى.
فىلىم نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا.ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سودا خاراكتېرىدە پايدىلىنىشىغا بولمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.

تەشۋىق فىلىمىنى كۆرۈڭ:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzQ2MDM4ODk2/v.swf

2. ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى: پۇل ئىزدەش


ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى:
ئۇيغۇرچە نامى: پۇل ئىزدەش
خەنزۇچە نامى:抢钱也疯狂
ئەنگىلىزچە نامى:Million Dollar Mystery
دۆلىتى: ئامېرىكا
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1987-يىلى
تىلى:ئۇيغۇرچە
خېتى:يوق
سىنارىسىت:Rudy De Luca / Tim Metcalfe
رېژىسسور:Richard Fleischer
ئاساسلىق ئارتىسلار:Jamie Alcroft / Royce D. Applegate / Penny Bake
خاراكتېرى: كومېدىيە
ئاۋاز بەرگەن ئورۇن: شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسى

تەشۋىق فىلىمىنى كۆرۈڭ:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzQ2MDQyNTQ0/v.swf

3. ئۇيغۇر نادىر ئۇسسۇللىرى

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى – ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى خۇشپۇراق گۈل، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەزبدار تاجى. ئۇيغۇر بار يەردە ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بار، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى پاراسەت، چېۋەرلىك ۋە مەردانىلىكنىڭ بەلگىسى.

يىلتىزىم تورىمىز ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ 30 يىللىق شاھانە مۇساپىسىدىكى بىر بۆلۈك نادىر ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى رەتلەپ رەقەملەشتۈرۈپ چىقتۇق.بۇ «ئۇيغۇر نادىر ئۇسسۇللىرى» تېمىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئۇسسۇل پېشۋاسى مەرھۇم قەمبەرخانىم، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى تۆھپىكار ئۇستاز  خەلچەم سىدىق ۋە ئۇسسۇل خانىشى رەيھان ئابلىز خانىملارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۇسسۇللىرى ۋە داڭلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىن «قۇيۇن ئۇسسۇلى»،«قىزىل گۈل ئۇسسۇلى» ۋە «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر»قاتارلىق ئۇسسۇللار ئورۇن تۇتتى. بۇ تېمىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىدە تېخىمۇ كۆپ سەرخىل ئۇچۇرلار دىققىتىڭىزدە بولغۇسى.
بارلىق تېلىۋېزىيە نومۇرلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا. ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ.

تەشۋىق فىلىمى:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzQ1NDYzNDcy/v.swf

4. ئۈنئالغۇ لېنتىسى-ئۇيغۇرۇم


ئىزاھ:
1. بۇلار بىر قانچە تۈرگە تەۋە بولاتتى،بىراق سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن كىنو ۋە قىسقا فىلىملەر سەھىپىسىگە يوللاندى.
2. يىلتىزىم تورى يىلتىزىم شىركىتىنىڭ ئورگان تورى، ئېلانچىلىق ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن باشقا، كۈچى يېتىدىغان دائىرە ئىچىدە «مەدەنىيەت» كە تەۋە ئەسەرلەرنى يىغىدۇ، رەقەملەشتۈرىدۇ، ئۇچۇر توپلايدۇ ۋە ھەقسىز تارقىتىدۇ. بىز تېلىۋېزىيە ئىستانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئەمەس، بەزىبىر ماقالىلەر ۋە تەرجىمىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان فىلىملەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ نەشىر ھوقۇقى بىزدە ئەمەس. تور بېكىتىمىز كۆپرەك كونا نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىدۇ ۋە كونا نەرسىلەرگە ئىنتىزار بولغانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقسىز قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا چېقىلدى دەپ قارىغۇچىلار بولسا بىز ئۆچۈرۈۋېتىشكە تەييار.
3.شۇنىڭدەك تورىمىز كونا سىنئالغۇ ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى يىغىدۇ، سېتىۋالىدۇ. شەرتى قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان  ياكى تېلىۋېزىيەدە قويۇلغان، پاكىز بولۇشى كېرەك. ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، سېتىپ بېرەمسىز ياكى ئۆتنە بېرەمسىز ۋە ياكى باشقا شەكىلدە ھەمكارلىشامسىز ئىختىيار.بىز سېتىۋېلىپ ھەقسىز ئېلان قىلىمىز.
4. كونا نەرسىلەرنىڭمۇ تەشۋىق فىلىمى بولامدۇ دېمەڭ. بىز ئەرزىيدۇ دەپ قارىساقلا بولسا بولىۋېرىدۇ. بولۇپمۇ «كەچۈر ئانا»دەك تېخنىكىسى تۆۋەن بولسىمۇ ۋەزنى مىڭ پاتمان  كېلىدىغان نادىر ئۆلمەس  ئەسەرلەر ئۈچۈن قانچە قىلساق ئەرزىيدۇ.
دېمەك، مۇشۇ نەرسىلەر تىنچ بولساق ھېيت كۈنى يىلتىزىم تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە مۇشۇ تېمىدا ئادرېسى يېڭىلىنىدۇ. كونا نەرسىلەرگە قىزىقىدىغانلار كۆپرەك قوللاپ قويارسىلەر.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 00:06:02

ساقلاپ قوياي.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 01:32:17

نەدىن كۈرمىز ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 03:29:55

< V for Vendetta > ئۇيغۇرچە خەتلىكى

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 06:36:44

خەتكۈچ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 07:23:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-26 07:24  

ئۇيغۇرۇم دىگەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قەيەردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلايمىز؟سىلەرنىڭ تور بەتتىمۇ كۈرۈنمەيدىغۇ؟

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 08:22:59

خەتكۈچ

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 08:46:31

ئېسىل ئىش قىلىپسىلەر، قايىل بولدۇم!

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 08:52:04

نەدىن كۆرىمىز بۇلارنى :(:(:(:(:(:(:(:(:(

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:19:18

چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تىزراق تەمىنلەڭلار،  ھىيىتقا 3  كۈنلا  قالدى.  ئالدىراش بوپ  قالدۇق.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:37:35

بولىدۇ. ھېيت كۈنىنى پىلانلىغان ئەسلى. مەنبەلەر تېخى كومپىيوتېردا. ئىلاج بار بالدۇرراق ئېلان قىلىشقا كۈچەپ باقاي.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:44:10

نەدىن كۆرىمىز ، ئۇيغۇر نادىر ئۇسۇللىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقمۇ...

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:48:45

نەدىن كۆرىمىز ، ئۇيغۇر نادىر ئۇسۇللىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقمۇ...

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:57:20

بالدۇرراق چۈشۈرۈپ ھېيتتا كۆرگىلى تەييارلاپ قويساق بولغىدەك.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 11:21:35

بوشلۇققا چىقىۋاتىدۇ.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 12:28:58

شۇ تاپتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن جىگىرىم پىشىپ قالاي دېدى،ھېيىتتا فىلىم كۆرگۈدەك جۈرئىتىم بار يوقلۇقىنى بىلمەيمەن
مەنمۇ ھېيتلىق قىلىپ ئىككى دراما تەييارلىغان ئىدىم  لېكىن تور ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتى
درامىلارنىڭ تىزىملىكى
مەسلىھەت چېيى (1979)
ئىككى بايغا بىر مالاي(1980)

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 13:01:06

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 12:28 static/image/common/back.gif
شۇ تاپتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن جىگىرىم پىشىپ قالاي دېدى، ...

تور مۇقىم ئەمەس دەڭ. ئىككى بايغا بىر مالاينى ئاتامغا بار دەپ قويۇپتىكەن يېرىم يىل بۇرۇن. پات پات سوراپ قويىدۇ. ھېيتتا كۆرەلىگەن بولساق بەك ئېسىل ئىش بولاتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 14:55:55

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 11:37 static/image/common/back.gif
بولىدۇ. ھېيت كۈنىنى پىلانلىغان ئەسلى. مەنبەلەر تېخى كو ...

يىلتىزىم  تورىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

ئىزدەش  ماتورى ئىزدەپ تاپالمىدى.

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 16:07:17

خەتكۈچ
بەت: [1] 2 3
: ھېيتتا كۆرىدىغان فىلىملەر