tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 19:27:45

win8.1 نىڭ ئاكتىپلاشنى بىكار قىلغىلى بولامدۇ؟

ئۆتكەن يىلى مۇنبەردىكى توردىشىمىزنىڭ تەمىنلەپ بەرگەن نومۇرى ئارقىلىق ھەقىقى نەشىردىكى ۋىندوۋس8 دىن بىرنى ئىلىپ قاچىلغان ئىدىم، مۇشۇ يىقىنقى كۈنلەرگىچە نورمال ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. لىكىن مۇشۇ بىر ئايچە بولۇپ قالدىمىكى توردا ئاكتىپلاش ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ خاپا قىلىۋاتىدۇ. يا ئۇ تورغا نورمال ئۇلانمايدۇ. DNS نىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم پايدىسى بولمىدى. ئەمدىكى مەسىلە شۇ ئاكتىپلاش ئۇچۇرىنى چىقمايدىغان قىلغىلى بولامدۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 01:35:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-26 01:36  

kmspico  
ماۋۇنى بەيدۇاپ بېقىڭە نىمە  چىقىدىكەن



سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە ئاپارسام مۇشۇ دىتالدا ئاكتىپلاپ بەرگەنتى ...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 09:24:42

ۋىندوۋىس 8 نى ئاكتىپلاش قوراللىرىنىمۇ ئىشلەپ بوپتۇ- دە!  


مىكروسوفىتتىن  تارقاتقان قورال ئەمەستۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 13:23:43

ۋىندوۋسنىڭ توردا ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىنىشنىڭ قېتىم سانى بولىدۇ. ناۋادا سېستېمىنى تولا قاچىلاپ ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىتىۋەرگەن بولسىڭىز, قېتىم سانى توشقاندا ئاپتۇماتىك ئاكتىپلانغىلى ئۇنىمايدۇ. ئۇ چاغدا تېلفون بىلەن ئاكتىپلىسىڭىز بولىدۇ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 13:48:23

مانى چۇشۇرۇپ قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.dnsنى مەخپىلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ بىرىدۇ.dnsنى ھەر قانچە ئۆزگەرتىسڭىزمۇ  ھازىر بىكار بىلىدۇ.ھازىر tcp/ipنى گورۇگە ئالىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتىلىق ئامال dnsنى مەخپىلەشتۇرۇپ ئىشلىتىش.مۇشۇ دىتال سىز كورمەكچى بولغان تورنى dnsنى مەخپى قىلىپ يوللايدۇ شۇڭا بىلىش چەكلەش ئىھتىمالى بەك كىچىك.سىز tcp/ipدىن ئۆزگەرتىسىڭىز يەنىلا ئۇچۇق dnsكە كىرىدۇ ، چەكلىمە ئىچىدە بولسا يەنە ئاشۇنداق 404 چىقىدۇ.
شۇڭا بۇنى ئىشلىتىڭ،قاچىلاپ ئاندىن قوزغۇتۇڭ.يىشىل چىقسا قوغدىغان بۇلىدۇ.
http://shared.opendns.com/dnscrypt/packages/windows-client/DNSCryptWin-v0.0.6.exe

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 14:04:52

dnsنى 8.8.8.8  8.8.4.4.4  قىلغانلار pingقىلىپ  بىقىڭلار. 48 چىقىشى مۇمكىن.بۇرۇن مىنىڭمۇ بىر قانچە قىتىم شۇنداق چىققان.بۇ 4 دانە 8نىڭ شامىلىنى يىغىپ بولغان،ping قىلسىڭىز 48 خەنچىدىكى ئۇلۇش شۇ. ياكى 45 چىقىدۇ. ئىشقىلىپ   
نورمال ئەمەس، گۇگۇلنىڭ مۇلازىمىتى چەتئەلدە،ئەڭ يىقىنمۇ سىنگاپوردا، شىياڭگاڭدا  قىلىمىز دەۋاتقان لىكىن يەرنىڭ ئىجارىسى قىممەت دەپ بىكار قىپتۇ،تەيۋەندىكى مۇلازىمىتىرىمۇ بۇلىدۇ ،لىكىن 4 دانە 8 نىڭ ئۇ يەردە ئەمەس،
114 بىلىسىلەر بۇ  جۇڭگۇنىڭ، لىكىن بۇنى ping قىلساڭلار 8888 دىن توۋەن چىقىدۇ.بۇ ئىچكىردىكى مۇلازىمىتىر تۇرسا  قانداق قىلىپ چەتئەلدىكى مۇلازىمىترغا قارىغاندا توۋەن چىقىدۇ.
ping قىممىتى قانچە توۋەن چىقسا شۇ ياخشى دىگەن گەپ. 8888 نىڭ 50 دىن توۋەن 48 ياكى 45. 114 نىڭ 80 دىن يۇقىرى ،شۇڭا 8888 گە ھازىرچە ئىشەنمەي تۇرۇڭلار.ئۆزەڭلار ping قىلىپ بىقىپ چىققان قىممەتكە قارىتا ئەڭ ياخشىسىنى ئورنۇتۇڭلار.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 14:38:29

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:23 static/image/common/back.gif
ۋىندوۋسنىڭ توردا ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىنىشنىڭ قېتىم سان ...

ئادەتتە نەچچە قىتىم بولىدۇ؟  مەن تەخمىنەن 5-6 قىتىم قاچىلىغان.  

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 14:41:22

yulhun يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 13:48 static/image/common/back.gif
مانى چۇشۇرۇپ قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.dnsنى مەخپىلەشتۇرۇپ تەرج ...

بۇ دىتالنى ئىشلەتتىم، يەنىلا ئاكتىپلىنالمىدى.  خاتالىق تەپسىلاتىنى باسسام خاتالىق كودى: 0xC004F012 ئىكەن. توردىن ئىزدەپ ھەل قىلالمىدىم.  ۋىندوۋس 8.1 ئىشلىتىپ مىنىڭكىدەك ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمىدۇ؟
پەقەت  بولمىسا يەنە قايتا قاچىلاپ باقىدىغان ئىشمىكى. ئۇمۇ قاملاشمىسا win7 گە قايتىشقا توغرا كىلىدۇ .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 14:44:25

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 14:41 static/image/common/back.gif
بۇ دىتالنى ئىشلەتتىم، يەنىلا ئاكتىپلىنالمىدى.  خاتال ...

ئاكتىپلانمىدى؟ ئەپ دۇكانغا كىرىپ بىقىڭ.يەنە ياماقلارنى ياماپ بىقىڭ ،ئەگەر بۇ بولسا سىستىمىدا ئاكتىپلانمىسا دىمەك ئاچقۇچنىڭ ۋاقتى ئوتتى ياكى باشقا كومپىيوتوردا ئاكتىپلىنىپ بولدى دىگەن گەپ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 20:14:48

800-830-1832
800-820-3800
400-820-3800
سېستېمىنى قايتا قاچىلاڭ, قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنلا توردىن ئۈزۈۋېتىپ, ئاكتىپلاش ھالىتىگە كىرسىڭىز تېلفون ئارقىلىق ئاكتىپلاش دەپ بىر تۈر پەيدا بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن, قاچىلاپ بولۇپلا توردىن ئۈزۈۋېتىڭ. ناۋادا iso ھۆججەتتىن قاچىلىغان بولسىڭىز باشتىلا توردىن ئۈزۈۋېتىڭ.
400دىن باشلانغان نۇمۇرغا ئۇرۇپ بېقىڭ, ئۇلانغاندىن كېيىن ئەھۋالنى دېسىڭىز, سىزگە ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 21:20:07

مەنمۇ نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا ۋىندوۋس 8 تىن بىرنى سىتىۋالغانتىم.ئاكتىپلاندىمۇ ئاكتىپلانمىدىمۇ بىلمىدىم.لىكىن مىقروسوفىت ئورگان تور بىكىتىگە ۋە ئەپ بازىرىغا قەتئى ئۇلانمىغان شۇڭا كونا كالا ھارۋام xpنى ھەيدەپ تۇرغانتىم.ھازىر مىكروسوفت ئورگان تورىغا نورمال ئۇلىنىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ماگىزىنغىمۇ نورمال ئۇلىنامدۇ؟

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-7-26 21:34:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   puhra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-26 21:48  

مىنىڭمۇ يىڭىلانمايۋاتىدۇ. بۇ ۋاختى ئۈتكەن ياكى باشقا كومپىيۇتېردا يىڭىلانغانلىقىدىن ئەمەس.بەلكى ۋىندوۋسنىڭ يىڭىلاش ۋە ئەپ چۈشۈرۈش بەتلىرىنى   باش مۇلازىمىتىردىن تۇسىۋەتكەن بۇلىشى مۇمكىن:(:@

http://bbs.izdinix.com/thread-58905-1-1.html

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 08:22:54

مەن ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاپ ئىشلەتتىم، ئۇنىڭدا ھازىرغىچە ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈنمىدى.  ئۆزەم ئىزدەپ باقاي دىسەممۇ ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك ۋىندوۋسنى ئاكتىپلاش دەپ كۆزنەكمۇ يوق.  قارىغاندا ۋىندوۋس8.1 توردا پات پات ئاكتىپلىنىشنى تەكشۈرۈپ تۇردىغان ئوخشايدۇ.

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 09:20:40

مەنمۇ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلاردىن سۇراي دەپ تۇرغانتىم، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىندوۋس  8 سېستىما  يېقىنلاردا  ۋىندوۋس 8.1گە يېڭىلاش  ئۇچۇرلىرى تولا چىقىدۇ، يەنى (win8应用商城)دىن .بىرقانچە تونۇشلاردىن سۇرىسام، ئەڭ ياخشىسى  يېڭىلىماڭ  ،قاچاق نۇسقىدىكى سېستىما بولۇپ قالسا  ياخشى ئەمەس دېگەن ئىدى،شۇندىن بېرى ئۇ يېڭىلاش ئۇچۇرىغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم. سىلەردىن سۇراپ باقسام :مەن نورمال يېڭىلاش ئېلىپ بارسام بولامدۇ ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:15:45

ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ھەقىقى نۇسخىسى بولسا قورقماي يېڭىلاۋېرىڭ ...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:27:43

مەنمۇ 2 يىل بۇرۇن 248 يۈەنگە ھەقلىق نۇسخىدىكى ۋىندوۋس8 دىن بىرنى سېتىۋالغان ، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن 8.1 نى تارقاتقاندا 8.1 نى قاچىلىدىم .   ( مەن يېڭىلاش ئېلپ بارماي ، بىۋاستىلا 8.1 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان )  
8.1 نى قاچىلاش جەريانىدا سىز ھەقلىق سېتىۋالغان 8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرى ئىشلىمەيدىكەن .  بۇ چاغدا 8.1 گە ئورتاق ئىشلەيدىغان بىر ئاچقۇچ نۇمۇرى باركەن ، شۇ نۇمۇردا 8.1 نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق 8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىدا ئاكتىپلىساق 8.1 ئاكتىپلىنىدىكەن .  مەن مۇشۇنداق قاچىلاپ ، ئاكتىپلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:42:42

مەن يولۇققان بىر مەسىلە بار ،  ئەسلى تېما يوللاپ ياردەم سوراي دىگەنتىم . مۇشۇ يەردىلا سوراي ...

مەن 248 يۈەنگە سېتۋالغان ۋىندوۋس8 نى  كىيىن  8.1 گە كۆتۈرۈپ  ئاكتىپلاپ ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولغان .   
ئون كۈنلەر بۇرۇن ، مەن  SSD  ، يەنى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىدىن بىرنى سېتىۋالغان . بۇ ئۆزەكلىك دىسكىنى س رايۇن قىلىپ ،  ۋىندوۋس 8 نى قاچىلاپ ئىشلىتەي دەپ قاچىلىغانتىم .  سۈرئەت شۇنداق تىز بولىدىكەن .  لېكىن بۇ يېڭى ئورناتقان ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغان ۋىندوۋس 8 ،  8.1 نى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم .   قارىغاندا  قاتتىق دېسكا ئالماشتۇرۇلسا بولمامدۇ نىمە ، بىلەلمىدىم .  
بۇرۇنقى قاتتىق دىسكامنى چاتسام ئۇنىڭدىكى ئاكتىپلانغان ۋىندوۋس 8.1 نورمال ئاكتىپلانغان دەپ چىقىدۇ .  لېكىن بۇ يېڭى دىسكىغا قاچىلانغان ۋىندوۋسنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاكتىپلىيالمىدىم .  ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قاتتىق دىسكىسى بىلەن بۇ يېڭى قاتتىق دىسكىنى تەڭ ئۇلاپ ئىشلىتپ ، سېستىمىنى قاچىلاپمۇ باقتىم . يەنىلا ئاكتىپلانمىدى .  
تېلىفۇن ئارقىلىپ ئاكتپلاي دەپ مىكروسوفىتقا تېلىفۇن قىلسام بىر نەچچە قەدەم باسقۇچلاردىن كىيىن ئېكراندا كۆرۈنىدىغان 9 گورۇپ 7 خانىلىق رەقەملەر تېزمىسىنى سورىدى .  كۆرۈنگەن رەقەملەر تىزمىسىنى دەپ بەرسەم ، بۇ نۇمۇر ئىناۋەتسىزكەن دەيدۇ ...   

كونا قاتتىق دىسكىسى ئاكتىپلىنىغلىق .  ئۇنىڭدىكى ئاكتىپلاغلىق سېستىمىنى ئۆچۈرمىدىم تېخى .    قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشىم قاتتى .
ئەسلى قاتتىق دىسكىدىكى ئاكتىپلاغلىق ۋىندوۋس 8.1 نى گوستلاپ ، ئاندىن بۇ يېڭى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكامغا ياندۇرۇپ باقسام بولامىكى يا ...   
مەن قىلىپ باقمىغان مۇشۇ ئىش قالدى ...

كونا قاتتىق دىسكىدىكى ھازىر ئاكتىپلاقلىق بولغان ۋىندوۋس 8.1 نى ئۆچۈرىۋېتپ ، يەنە شۇ كونا قاتتىق دىسكامغا سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلاپ ئاكتىپلاپ باقسام ، ھازىر ئاكتىپلىنامۇ يوق بىلمەيمەن .  
گوستلاپ قويۇپ  ، يېڭىدىن قاچىلىسام ئاكتىپلانمىسا ئاكتىپلاقلىق كونا گوستنى قايتۇرسام بولامدىكن ، بىلمىدىم ...

كونا دىسكامدىغۇ ئاكتىپلىنىغلىق ،   لېكىن موھىمى ،  بۇ يېڭى دىسكىدا ئىشلەتكۈم باتى ...

ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا - SSD غا  ۋىندوۋس 8.1 قاچىلاپ ئىشلەتسەك ، سېستىما تىزلىكى كارامەت ئىشلەيدىكەن .  قوزغىتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ نەچچە سىكونت ئىچىدىلا باشلاش ئېكرانىغا كىرىپ بولىدۇ .  سۈرئەت ئالامەت تىز ...
شۇنداق بولغاچ ،  كونا دىسكامدا ئىشلەتكۈم كەلمىدى .

بولسا ، مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتسەڭلار ...
بەت: [1]
: win8.1 نىڭ ئاكتىپلاشنى بىكار قىلغىلى بولامدۇ؟