ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى!
ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى
ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۈزۈپ تارقاتقان ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەپ 20 دىن ئارتۇق چوڭ تۈر، 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ!
●ئەپ ئۇچۇرى
نامى: قامۇس
نەشرى: 1.0.0
باھاسى: ھەقسىز
ماس كېلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى: Android 4.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، iOS 6.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى
تارقاتقان ئورۇن: ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئورگان توربېكىتى: http://www.Tilsim.com.cn/Qamus
●ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
مەزمۇنلار سەرخىل: مىللەت، بىرلىك، شەخس، ئىقتىساد، تەشكىلات، تەنتەربىيە، قانۇن-نىزام، دۇنيادىكى ئەڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر ئويۇنلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالە، يۈز مەشھۇر شەخس، يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن، قاتناش ۋاسىتىلىرى... قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تۈر بويىچە 20 مىڭدىن ئارتۇق مەزمۇن بېرىلگەن.
ھەمبەھىر قىلالايسىز: مەزمۇنلارنى ۋېيشىن(ئۈندىدار) دىكى دوستلار چەمبىرىكىگە ۋە دوستلىرىڭىزغا چەكلىمىسىز يوللىيالايسىز، ئەپنى قاچىلىمىغان دوستلىرىڭىزمۇ سەرخىل مەزمۇنلاردىن چەكلىمىسىز پايدىلىنالايدۇ.
ئادىتىڭىز بويىچە تەڭشىيەلەيسىز: مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى، مەسىلەن: خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى ۋە توردىن رەسىم چۈشۈرۈش شەكلى قاتارلىقلارنى ئادىتىڭىز بويىچە بېكىتەلەيسىز.
كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم: كۆرۈنمە يۈزى ھازىرقى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇۋاتقان «ياپىلاق ئۇسلۇب» بويىچە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ.
مەزمۇنلارنى ساقلىۋالالايسىز: قىسقۇچ تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ساقلىۋالالايسىز.
●ئېكران كۆرۈنۈشى
ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
http://www.Tilsim.com.cn ئېسىل ئەپتەك قىلىدۇ، ios نۇسخىسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلاي. كۈرۈنۈشى ۋە مەزمۇنىدىن قارىغاندا راستىنلا ئېسىل ئەپ ئوخشايدۇ. مەن چۈشۈرۋالدىم. بىر سىناپ باقاي قېنى. ۋاي نىمدا چىرايلىق بۇ، ئىشلەتمىسىمۇ قاراپ ئولتاغۇدەكلا چىقىپتۇ. ۋىنپونغا يوقما؟ ئەپنى ناھايىتى سىپتا ۋە پاكىز تۈزۈپتۇ. مەزمۇنمۇ ئاز ئەمەسكەن. تىلسىم شىركىتىنىڭ تېخىمۇ نادىر ئەپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۈز مەشھۇر شەخس دېگەن تۈردە مۇھەممەد ئەلەھىسالام كەينىگە ئۆتۈپ قاپتۇ. بولسا شۇنى يەنىلا 1-ئورۇنغا ئاپىرىپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن. ۋاھ!مەن قىزىقىدىغان تۈرلەر ھەممىسى باركەن، ئەجرىڭلارغا ئاپېرىن! ئىسل ئەپتەك قىلىدۇ! ئەجىرىڭلارغا ئاپىرىن!... بەك ئۇز چىقىپتۇ، «قامۇس» دېگەن خەت ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈندى كۆزۈمگە... قارىغانسىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تور شارائىتىدىلا ئىشلەمدۇ ياكى تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەمدۇ؟ چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم... ئىزدىنىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!تەسەننا!…:) كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇندىن قارىغاندا ئەپ ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ. iOS نەشىرىنى ساقلايمەن، ھارمىغايسىزلەر! قامۇستىكى بارلىق تېمىلار ئېلىپبە تەرتىبى بىلەن تىزىلغانكەن. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىغا تىزىلىپ قاپتۇ. مىنىڭ بىر تەكلىۋىم،
بولسا ئىنگىلىزچە ئىمتاھانلارنىڭ سۆزلۈكلىرىنى قىتىپ قويساڭلار، مەسىلەن 4-دەرىجە،6-دەرىجە ، توفئەل، ئايىلتىس، GRE قاتارلىقلارنىڭ سۆزلۈكلىرىنى. ئەلۋەتتە ئىنگىلىزچە -ئۇيغۇرچە شەكىلدە يوللىساڭلار ناھايىتى ياخشى بولاتتى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەر بولۇپمۇ 6-دەرىجە ، توفئەل، ئايىلتىس ۋە GRE نىڭ سۆزلۈكلىرىنىڭ ئىنگىلىزچە-خەنسۇچە نەشىرلىردىن ئاۋال خەنسۇچىسىنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئاندىن ئۈگەنمەكتە، ئەگەر سىلەر ئادەم ئاجرىتىپ مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرساڭلار تىخىمى ياخشى بولاتتى.
مەسىلەن، ماۋۇ ئاددرىستا بىر قىرىندىشىمىز GREنىڭ سۆزلۈكلىرىنىڭ ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە شەكلىنى تەييارلاپتۇ.
http://bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2379&highlight=GRE
مۇمكىن بولسا ئاشۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالالىساڭلار مۇشۇنىمۇ قامۇسۇڭلارغا قېتىم قويساڭلار. ozugh يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 17:23 static/image/common/back.gif
بەك ئۇز چىقىپتۇ، «قامۇس» دېگەن خەت ئاجايىپ چىرايلىق كۆ ...
تور بولمىسا ئىشلىمەيدىكەن ئەمەسمۇ. ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ۋە كەڭ مەزمۇنلۇق تەييارلىنىپتۇ. ئوقۇتۇشتا پايدىلىنشتا شۇنداقلا پەرزەنت تەربىيسىدە رۇلى چوڭ بولغىدەك.
شۇغىنىسى تورسىز مۇھىتتا ئىشلىمەيدىكەن، ئىمكانىيەت بولسا تورسىـز شارائىتتىمۇ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان قىلغىلى بولغان بولسا پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ ئاشاتتىكەن. ئالما نۇسخىسىغا قايلاپ قالدۇق ئەمسە ،قوللىرىڭلارغا دەت كەلمىسۇن،تىرشىڭلا ئىسىل! چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم. ئەپ ياسىغانلارغا كۆپ تەشەككۈر. «قامۇس» نىڭ كۆرۈنمە يۈزى لايىھىسى ئىنتايىن ئوچۇق، يىنىك، پاكىز چىقىپتۇ! يارايسىلەر!
ئىشلىتىپ بېقىپ ئىنكاس داۋاملاشتۇرىمەن ئەمىسە... بەك پەيزى ئەپكەن، قاچىلىۋالدىم. تورسىز نەشىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى مەن ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئازراق ھىس قىلغىنىمنى يېزىپ قوياي.
ئەپنىڭ ساندان ئوقۇش سۈرئىتى بەك ئاستىكەن. باشقا جەھەتلەردە خىلى مۇكەممەل بوپتۇ ‹‹ئېنسىكلوپېدىيە›› دىگەنگە ئېنىقلىما بېرىۋەتسەڭلار بوپتىكەن