zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 22:00:20

ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار

مانجۇلار يېڭى ئىقلىملىرى بولغان جوڭغارىيەنى شەرقتىكى يېرىنىڭ قورغىنى ھېسابلىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يېڭى ئىقلىمدا، ئاياقلىرىنى مەھكەم بېسىپ تۇرۇشنى لازىم كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى يەرگە ناھايتى چوڭ ئولگۇنلەر (؟) ئىلە جاڭجۇڭ ( باسقاق ) تەيىن قىلدى؛ دېمەك، بۇ تەرەپتىكى ھەممە ئىختىيار ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. جاڭجۇڭ ئىلى بويىداخۇيئەن ( كونا كۈرە ) ناملىق ئۆزىگە مەخسۇس قورغانلىق شەھەر سالدۇردى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ بىقىنىدا خۇينىنچىن ( بايانداي ) ناملىق ناھايتى مەھكەم بىر قورغان سالدۇرۇپ، مانجۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بوش تۇرغان يەرلەرگە خەلقلەرنى كۆچۈرۈپ كىلىپ، زىرائەتچىلىك قىلىشنى راۋاج تاپتۇرماق، ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىق قىلىپ، ئۆز ھاكىميىتىنى چىڭىتماق بولدى، بىراق، قانچە جىدەللىسىمۇ مانجۇر تائىپىسى خەنلەرگە نىسبەتەن ئاز بولغانلىقتىن، بۇ يەرلەرگە مانجۇرلارنى چەنلەپكىنە ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى. ئىلىنىڭ باسقاقى – جاڭجۇڭ، ئۆز مەۋقەئىنى ساقلىماق ھەمدە ھۆكۈمەت يۆلىگىنى چىڭىتماق ئۈچۈن مانجۇر ئۇدۇمىغا مەنسۇپ سولان، شىۋەلەردىن چېرىك ئېلىشقا قارار قىلدى. سولانلار بولسا خانلىق سۈرۈپ تۇرغان سۇلالىنىڭ چىڭ يۆلىگى بولۇپ، شىۋەلەرمۇ تەخىتكە ساداقەتلىك خەلقلەردىن سانىلاتتى. سولانلار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تاشكۆرۈك غولىنىڭ غەرىبىدىكى تۈرگىن بورخۇجىغا جايلاشتۇرۇلدى. مۇكدېن تەرەپتىن كەلتۈرۈلگەن شىۋەلەر ئىلىنىڭ مەھسولدار يېرى بولغان دەريانىڭ سول ياقىسىغا 8 سۇمۇن ( قورغان ) سېلىپ، شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇلدى.
يوقۇرىدىكى مەزكۇر شىۋە-سولان، مانجۇر تائىپىلىرى ھەممىسى چېرىك ھېسابلانغان سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئىلىق – سېلىق، ئالۋاڭ – ياساقلىرىنىڭ بارچىسىدىن ئازات ئىدى. بۇلارنى تويغۇزۇش، كىيىندۈرۈش ھۆكۈمەت گەدىنىدە ئىدى. بۇ يېڭى ئەلنى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلىپ قۇرۇش، شەھەر سىلىپ، ئىمارەتلەرنى ياساپ،ئۆستەڭلەر چىپىش، قىسقىسى، پۈتۈن ئۆلكىنى كۆكەرتىپ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ زادى پايدىسى يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھارماس – تالماس، مىخچەم (؟) ئەمگەكچى قولى ۋە دىخانلارغا ئىھتىياج ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىدى. بۇنداق موھتاجلىقنى دەپى ( يوق ) قىللىش ئۈچۈن توغرىسى نەچچە يىللاردىن بۇيان چەكسىز ئۇرۇشلاردا خاراباتقا ئايلانغان بۇ قاق دالانى بۈگۈنكى باي، مەھسولدار، جەننەتتەك ئىللىق بىر ۋىلايەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تارانچى ئوغلى – تارانچىلار موتلەق زۆرۈر ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتىشەھەردىن دېخانلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئىلىدا ئولتۇرغۇزۇشقا ئەمىن ۋاڭ نامىغا خاندىن پەرمان سادىر بولدى. ئەمىن ۋاڭ ئوغلى مۇسا گوڭنى ئالتىشەھەرگە ئەۋەتتى. مۇسا گوڭ قەشقەر، ياركەنت، دولان، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، خوتەن، كۇچار، ئەلھاسىل، ئالتىشەھەردە مەۋجۇت بولغان ھەممە شەھەر ۋە رايۇنلاردىن ئالتە مىڭ ئۆيلۈك دېخاننى چاڭ لۇڭ خاننىڭ 62 – يىلى (1765) ئىلى ئۇزۇرىغا ( ۋادىسىغا ) كۆچۈرۈپ كەلدى. بۇلارغا مەركەز قىلىپ غۇلجا شەھىرى بىنا ئىتىلدى، ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆي بىشىغا بىر يىللىق ئۇرۇق، بىر قوشلۇق كالا، 12 لەن كۈمۈچ بېرىلدى. يوقۇرىدا زىكىر ئېتىلگەن مانجۇر تائىپىلىرىنى تويغۇزۇش بۇلارنىڭ ئۈستىگە زەسمىي يۈكلەندى. يەنى مانجۇلارغا دېخانچى ھەم ئالۋاڭ بەرگۈچى تەيىنلەندى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارانچى نامى بىرىلدىكى، بۇ نامنىڭ مەنىسى – دېخانچى دىمەكتۇر. تارانچىلارغا ھاكىم بولۇپ مۇسا گۇڭ تەيىنلەندى. مۇسا گۇڭ ئەسلى كونا تۇرپانلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنىسى ئورانزۇب گۇڭ باشلىق يىگىرمە ئائىلە چىقىپ، بۇلار چۇلۇقاي مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتى. چۇلۇقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسا گۇونىڭ قاياشلىرىغا ھەببە قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ قاياشلىرى ئوشاق يەنى ئۆزشاخ دەپ ئاتالدى. تارانچى خەلقىنى ئىدارە قىلىش ھاكىمبەگ بىلەن شەڭگەن زوڭتۇ دارىن ناملىق ئىككى مەمۇرغا تاپشۇرۇلدى. ھاكىمبەگ ئېلىق – سېلىق يىغىش، ئالۋان – ياساق ئىشىنى ماڭغۇزۇش، دىنىي شەرىئەتنىڭ ئىجراسىغا قاراش، موپتى، قازى، ئەلەم ئوخشاش دىن باشلىقلىرىنى مەنسەپكە قويۇش ئىشلىرىغا، قىسقىسى، ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئىشلارنىڭ ئىجراسىغا مەمۇر ئىدى. شەڭگەن، زوڭتۇ دارىنلار : ئىلىنىڭ باسقىغى ــ جاڭجۇڭنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى ھاكىم بەگكە يەتكۈزۈپ، بۇ پەرمانلارنىڭ ئىجرا قىلىنغان ۋە قىلىنمىغىنىنى نازارەت قىلاتتى. ھاكىمبەگلەر مۇنداق خىزمەتلىرى ھېسابىغا خاندىن يىلىغا ئۈچ يۈز لەن كۈمۈچ ( 30 قاداق ) مائاش ئالاتتى ھەمدە تارانچى خەلقى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىنمۇ خالىغانچە پۇل يىغىپ ئالاتتى. ھاكىم بەگلەرنى بەلگىلەش خاننىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. ئەمما تارانچىلارنى ئىدارە قىلىش تەرتىۋى ئىلى باسقىغى بولغان جاڭجۇڭ تەرىپىدىن  جارىي بولغان ئۇسۇلغا بېنائەن يۈرگۈزۈلەتتى. تارانچى خەلقىنى غۇلجا، تاشئۆستەڭ، ئارۆستەڭ، نىلقا، توقاي، قاش، بۇرابوسۇن، قاينۇق، خۇنخاي، داردامتۇ، توققۇزتارا، ئاربۇز، سەنداۋان ناملىق 13 ئۆستەڭگە بۆلۈپ، ئۆستەڭنى بىر نەچچە يۈزگە، ھەر يۈزنى ئەللىككە، ئەللىكنى ئونغا بۆلگەن ئىدى. بۇ ئۆستەڭلەرنى ئىدارە قىلىشتا ھاكىمدىن كېيىن ئىشىك ئاغا ھەم تۆەندىكىچە ئۇششاق بەگلەر بولۇپ، شۇلار باشقۇراتتى :
ئۈچ شاڭ بىگى، يەتتە مىراپ، ئون مىڭ بىگى، بىر غەزىنىچى، بىر دېۋان بىگى، بىر باجگىر، بىر سەدرى ( ئۇلۇق ) بەگ، سەكسەن ئىككى يۈز بىگى، ئەللىك بېشى، ئون بېشىلار ۋە پاششاپ ئىشقۇللار دېگەن مەمۇرلار بولاتتى.ھاكىم بەگنىڭ ئوردىسىدا دائىمى خىزمەت قىلىپ تۇرىدىغان ئىككى ياساۋۇل، سەككىز پۈتۈكچى، سەككىز دورغا، ئىككى ئوردا بىگى، يىگىرمە نۆكەر بولاتتى. ئىشىك ئاغىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇنىڭ يىرىمىچىلىك ئىدى. دېمەك، ھەممە بەگلەردە شۇنداق خىزمەتچىلەر بولاتتى ھەمدە ئوردىدا يىگىرمە ئۆيلۈك  ناغرىچى پىرقە بولۇپ، بۇلار ئالۋاڭ – ياساقلاردىن خالىي ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالۋاڭ – ياساقلىرى خەلق تەرىپىدىن تۆلىنەتتى. ھاكىم بەگكە بىر غولنىڭ سۈيى يالغۇز بىرىلگەن بولۇپ، ئۇ سېلىق تۆلىمەيتى، ئىشىك ئاغا يىرىم غول، غەزىنىچىلەرگە ھەم ئۆزىنىڭ لايىقلىرىگە يەر – سۇلار ئىھسان قىلىنغان ئىدى. ھاكىم بەگنىڭ دېخانچىلىق  ۋە باشقا كار – بارىنى ( ئىشلىرىنى ) قىلىدىغان يۈز ئادىمى بولۇپ، ئۇلارنى يانچى دەپ ئاتايتى. ئىشىك ئاغىنىڭ يۈز غەزىنىچى، شاڭ بەگلەرنىڭ ھەر بىرىدە يىگىرىمە بەشتىن، يۈز بېگىلىرىنىڭ ئۈچتىن يانچىلىرى بولاتتى. بۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ قۇتۇلماس قۇللىرى ئىدى. ھازىر بۇنداق ئىشلار قالماقلاردا بار، ئۇلار يانچىلارنى غوشقا دەپ ئاتايدۇ.
تارانچىلار كەلگەندىن كېيىن ئىلىدا دېخانچىلىق راۋاجلىنىپ، مەمۇرچىلىق باشلانغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئوڭاي پۇل تىپىشنى ئويلىغان سېتىقچىلار بىلەن ھۆنەرۋەنلەر ئىلى ئۆلكىسىگە كىلىشكە باشلىدى. بۇ يېڭى مىھمانلارنى تويغۇزۇش، يەنى، ئىلىنى شۇ مەمۇرچىلىقىدا ساقلاش ئۈچۈن يېڭىدىن ئۆستەڭلەر چىپىش لازىم ئىدى. زىرائەت ئىشىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاشكارە بولدى. ئەمما بۇنىڭغا ئىشچى قوللار ئازلىق قىلاتتى. مانا مۇشۇ ئىھتىياجنى يوقىتىش ئۈچۈن 1836 – يىلى تاشتۆپە ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالتىشەھەردىن بىر مىڭ ئۆيلۈك كىشى كۆچۈرۈلۈپ كىلىندى. 1837 – يىلى سەنداۋان ئۆستىڭىگە بەش يۈز، 1839 – يىلى ئاربۇز ئۆستىڭىگە بەش يۈز، بارلىغى ئۈچ تۈركۈمدە 2 مىڭ ئۆيلۈك مۇھاجىر ( كۆچمەن ) كەلتۈرۈلۈپ، ئاۋالقى تارانچىلارغا قوشۇلدى. “ ئىلى 8 مىڭ “ دېگەن ئات شۇنىڭدىن قالغان.
جوڭغار ھۆكۈمىتى يوقىلىپ، بۇ تەرەپلەرنى چىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قاراتقاندىن بۇيان، بىر ئەسىرگىچە ۋەزىيەت تېنچ تۇردى. چىڭ ھاكىميىتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزگۈچى بولمىدى. بۇ بىر ئەسىر داۋامىدا تارانچى خەلقنىڭ تارتمىغان جاپاسى، كۆرمىگەن ئازاۋى قالمىدى. تاشلاندۇق قاق دالانى ئاۋات قېلىپ، 3 – 4 يۈز مىڭدەك خەلقنى تويغۇزۇپ، بېقىپ، پۈتۈن ئالۋاڭ – ياساقلارنى تۆلەپ كەلگەن 8 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت تارانچى خەلقىنىڭ نە چاغلىق ئېغىر كۈنلەر كەچۈرگەنلىكى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغۇسىدۇر.
بۇ بوزەك تارانچى دۇنياسى يالغۇز مەزكۇر ئالۋانلارنى ئۆتەش بىلەن جىم تۇرمىغان، بەلكى بۇلارنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا ھېچ نىمىگە جورۇش مومكىن بولمىغان “ ۋاڭخولو “ ئوخشاش ئالۋانلارمۇ بولغان. “ ۋاڭخولو “ شۇدۇركى، يوقىرىدا ئىيتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى بولغان خوتەن قورغىنى يار گىرۋىكىگە بىنا ئىتىلگەن ئىدى. كەلكۈن مەزگىلىدە سۇنىڭ دولقۇنلىرى يارنى گۇۋۇرۈپ قورغاننى خاراپ ئىتىش ئىھتىمالى بار ئىدى. مانا شۇنداق ئىھتىمال سانالغان زىيانلاردىن قورغاننى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ياز بويىچە نەچچە مىڭ تارانچى دەريا سۈيىگە تورالغا قويۇپ توساش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىراق سۇنىڭ قۇۋەتلىك دولقۇنلىرى تورالغۇلارنى بۇزۇپلا تۇراتتى. مۇشۇنداق چاغدا مىسىر خەلقىنىڭ نىلغا قىزلارنى تاشلاپ قۇربان قىلغىنىغا ئوخشاش بىرەر توختاخۇن ۋە تۇرداخۇنلار قۇربان قىلىنىپ كېتەتتى. بۇ “ ۋاڭخولو “ توغرىسىدا دەرتمەن تارانچىلارنىڭ چىقارغان ناخشىلىرىدىن نەمۇنە ئۈچۈن كۆچۈرىمىز:
زالىملارنىڭ تارانچى خەلقىگە قىلغان زۇلۇم ۋە سىتەملىرى زالىملار تەرىپىدىن ھوقۇق ۋە ئازاتلىقى دەپسەندە قىلىنىپ، يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن بوزەك تارانچىلار مۇنداق زۇلۇملارغا چىداپ كەلگەن بولسىمۇ، ئالتىشەھەر خەلقى تىنچ تۇرمىدى، بەلكى قايتا – قايتا قوزغالدى. 1964 – يىلى ئۇچتۇرپاندا قوزغالدى. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ئەۋرەڭزىب گۇڭغا مانجۇلار تەرىپىدىن ۋاڭلىق دەرىجىسى بىرىلدى. 1826 – يىلى جاھانگىر غوجا قوزغالدى. بۇنى ئىسھاق ھاكىم تۇتۇپ بېرىپ، ۋاڭ دەرىجىسىنى ئالدى. ( 1847 -يىلى ) يەتتىغوجا قوزغالدى، لىكىن بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كىلىندى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم مەشھۇر تەيپىن ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلدى. تەيپىن ئۇرۇشى دېگىنىمىز : چىڭ ھۆكۈمىتى چىن ئۆلكىسىدە ئەپيۇن تېرىش ھەمدە ھايداشنى مەنىي قىلىپ پەرمان چىقارغان ئىدى. بۇ پەرمان چىققاندىن كېيىن چىندا ئەپيۇن باھاسى كۆتىرىلدى. ئىنگىلىزلار مەزكۈر پەرماننى غېنىمەت بىلىپ، چىنغا ناھايتى تولا ئەپيۇن كەلتۈردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئىنگىلىزلارنى ئەپيۇن بىلەن سودا قىلىشتىن مەنىي قىلدى، لىكىن ئىنگىلىزلار ئۇنىڭغا ئېتىۋار قىلماي، ئەپيۇن سودىسىنى داۋام قىلىۋەردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئەپيۇن ساتقۇچى ئىنگىلىزلارغا قارشى قەتئىي چارە كۆرۈپ، ئىنگىلىزلارنىڭ ئەپيۇن كەلتۈرگەن پاراخوتلىرىنى ئەپيۇنلىرى بىلەن كۆيدۈردى، شۇ باھانە بىلەن ئىنگىلىزلار بىلەن فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا چىڭ ھۆكۈمىتى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ( 1856 – 1858 – 1860 ). شۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر باھانە بىلەن ئامرىكا ۋە فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق يەنە بىر شەرتنامە تۈزدى. ئەجنەبىيلەر بۇ شەرتنامە بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياقلىرىنى باغلاپ، قىمىرلىغۇسىز قىلىپ قويغان ئىدى. لىكىن چىن خەلقى ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇنداق شەرتنامىسىغا چىدالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئەجنەبىيلەر بىلەن قىلغان شەرتنامىسىغا قارشى نارازىلىق  ئۆسۈپ، ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇداخىلە ۋە كەمسىتىشىدىن قۇتۇلۇش يولىدا قوزغالدى. خەلقنىڭ بۇ قوزغىلىشى يالغۇز ئەجنەبىيلەرگىلا  قارشى بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنى ئۆز قولىغا ئىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇش مۇددىئاسىدا باشلانغان ئىدى… مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئىنگىلىزلار يەنە ئۇرۇش قىلىپ، بېجىنى ئالدى. خان شەھەرنى تاشلاپ قىچىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن چىنلىقلار تاقەت قىلالماسلىق ئېغىر شەرتنامىلەر بىلەن توختام قىلىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياغى دەسلەپكىدىنمۇ مەھكەمرەك باغلاندى. شۇ ئەسنادا روس ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن غۇلجىدا روس كونسولى تۇرىدىغان بولدى. چىىگرىلار ئاجرالدى ( 1855 – يىلى ). مۇشۇنداق ئىختىلال ۋە ماجرالار سەۋەبىدىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئىختىلال ۋە چۇۋۇلۇشلار قاپسىغان ۋە بۇ ۋاقىئەلەر ھۆكۈمەتنى ھالدىن تايغۇزغانىدى. دۆلەتنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى بۇزغۇنلۇققا چۈشۈپ، دۆلەت غەزىنىسى ناھايتى دەرىجىدە قىسىلىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت چەتتىكى ، شۇ جۈملىدىن غۇلجا چىرىكلىرىگە تىگىشلىك ئايلىق تەمىناتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىدى. سانى خېلى نۇرغۇن ئىلى چېرىكلىرىنى بېقىشقا تارانچىلارنىڭ ئۆي بىشىدىن ئېلىندىغان 12 خو بۇغداي كۇپايە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا يەنە ئۈستىلەپ سېلىقلار سېلىندى. بۇرۇنقىنىڭ ئۈستىگە يەنە يىگىرمە خو قوشۇپ، بارلىقى ئۆي بېشىغا 32 خو سېلىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئۈستىگە غۇلجا دائىرىسىدىكى چېرىكلەرنىڭ  ئوتۇن – ياغاچ، كۆرپە – تۆشەك، چاي – تۇز، گۆش – ياغ ئوخشاش ئېھتىياجلىق ۋە زۆرۈر سانالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلار ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭسىزمۇ ئىقتىسادى قۇللۇقتا ياشاۋاتاتتى. خالزات ھاكىم زامانىسىدىن قالغان قوشۇمچە سېلىقلارنى تۈگىتىشتىن ئاجىز بولغان خەلق ئۈچۈن بۇ يېڭى قوشۇمچە سېلىقلارنى تۆلەش ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ئىدى. تارانچىلارنى كۆچۈرۈشتىن يەتمىش يىل كېيىن تارانچى دىيارىدا ناھايتى ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولۇپ، خەلق بىر نەچچە يىل مەلۇم سېلىقلارنى تۆلىيەلمىگەن ئىدى. بۇ تۆلەنمىگەن سېلىقلار چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا بىنائەن ھەر يىلى بىرگە بىر ئۆسۈپ تۇراتتى. تارانچىلار كۆچۈرۈلۈپ 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاكىم بولغان خالزات تارانچىلاردىن ئېلىنغان خانلىق ئاشلىقتىن مىليۇن پۇتقا يىقىننى يەپ قويغان ئىدى. تەبئىيكى، بۇلارنى قوشۇمچە سېلىقلار بىلەن تۆلەش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلارنىڭ گەدىنىدە ئىدى. بۇ توغرىسىدا خالزات ئەيىبلىنىپ ئورنىدىن چۈشۈرۈلدى، ئورنىغا چارۇق ( شاھرۇق ) ھاكىم بەلگىلەندى. چارۇقتىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرۇسۇل ئىشىكاغا بولۇپ، مەزەمزات خالزاتزادە ھاكىم بولغانىدى. مانا شۇ مەزەمزات زامانىدا بۇرۇندىن قالغان كونا سېلىقلارغا يوقۇرىدا يېزىلغان يىگىرمە خو ( 80 پۇت ) سېلىق قوشۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇرۇندىنلا ئائىلە سائادىتى، بالا – ۋاقا راھىتىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان تارانچى خەلقى بۇ قىتىم ئائىلىلىرىدىن ئاجراپ، سۈيدۈڭ، كۈرە، دودىشاڭ، بىدىشاڭلاردا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ بېچارىلەرنىڭ ئۆيىدە بىر پارچە كىگىز، بىر يۇتقان، بىر دانە چۈشەك، بىر خو ئۇن بولسىمۇ، ئۆيدىكى مۇھتاج بالا – چاقىلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماي، ئۇلارنى قاڭغىر قاخشىتىپ تۇرۇپ تارتىۋالاتتى. بالا – چاقا، بىۋە – چىۋەلەرنىڭ كۆز ياشلىرى زادى ئىلتىپاتقا ئېلىنمايتتى.

( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.  مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 09:16:12

ئىچكەركى تۇڭگانلار، ھۆكۈمەت تەرەپلىرىنى يېڭىپ، غەلبە قازانغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى چىڭ پۇقرالىرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنى ئۆزگەرتتى، يەنى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانراق قىسىشقا باشلىدى. 1860 – يىللىرىدا قارقارا تەرەپتىن روسلار بىسىپ كىرىشكە باشلىغاندا ئىككى مىڭ مانجۇ چېرىكى بېرىپ ياندۇرالمىغان چاغدا ئابدۇرۇسۇل ئىشكاغا رەھبەرلىگىدىكى. شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئورۇس تەرەپتىن ۋايىم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلاجىسىز قالغانلىقى ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭجۇڭ، ھاكىم بەگنى ( مەزەمنى ) چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا تارانچىلاردىن بەش يۈز پالۋان راسلاپ بىرىشنى تاپشۇردى. بۇنىڭدىن بالدۇر بولسا، بىر تۈرلۈك تۆشۈك نانلار پىشۈرۈلۈپ، قۇرۇتۇپ بىرىشنى بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن سىياسىي سىرلاردىن بىخەۋەر ھاكىم جاڭجۇڭنىڭ  پەرمانىنى بەجا قىلىشقا ئالدىرىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پات پۈرسەتتە مەزكۈر مەرگەنلەرنى راسلاپ، خەۋەر ئۈچۈن جاڭجۇڭ ئوردىسىغا يۈگۈردى. جاڭجۇڭ ھاكىم بەگنىڭ مۇنداق چوڭ خىزمىتىگە يارىشا مۇكاپات بىلەن رازى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇسېلىقلارنى تۈگەتمىدىڭ دەپ، زىندانغا سولىدى – دە، تەييارلانغان مەرگەنلەرنى ئىلىپ كىلىشكە مەزەمبەگنىڭ ئىشكاغىسى ئابدۇرسۇل بەگنىڭ نامىغا بۇيرۇق يازى ھەمدە ئابدۇرۇسۇلنى ھاكىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خۇي – پەيلىنى چۈشەنگەن ئابدۇرۇسۇل تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بارمىدى ھەم تەييارلانغان مەرگەنلەرنىمۇ ئەۋەتمىدى. ھۆكۈمەت ئىچكى چىندا يۈز بىرىۋاتقان ۋاقىئەلەرنى مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرمەي، سىر تۇتقان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى يوقىتىش يولىدا قەتئى قارارغا كەلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا دائىرىسىنىڭ تۇڭگانلىرى ئۆز ئارا ئىتتىپاققا كىلىپ، چىڭ دائىرىلىرىدىن بۇرۇنراق قوزغىلىشقا قارار قىلدى. مەزكۈر قارالىرىغا بىنائەن ۋەدىلىك ۋاق يېتىشى بىلەنلا تاجى، ئىردىخو، ساندىخوزىدىكى تۇڭگانلار قوزغالدى. لېكىن بۇ قوزغالغان تۇڭگانلار تەييار بولمىغانلىقتىنمۇ ياكى قورققانلىقتىنمۇ، ھەر نېمە بولسا بىر – بىرىگە قوشۇلالمىدى، ئازغىنا سانغا ئىگە بۇ قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ھەممىسى سولاندى. بۇ سولانغان مەھبۇسلارنى چىڭ چېرىكلىرى ئاممىغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن بوينى كېسىك مەيدانىغا توپى بىلەن ھايداپ چىقىپ، چېپىشقا باشلىدى، ئىختىلال باشلىقلىرىدىن پەن سىن ھەم فى تامۇ دېگەن كىشىلەرنى توغرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىيلىگىنى كۆرۈپ، تارانچى  – تۇڭگان خەلقى ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ مۇنداق ئوت ئورنىدا توغرىلىشىغا غەزەبلەندى. ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ كۆيۈندى. بۇ دەھشەتلىك ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئكزلىرىدىن ئۆچ ئىلىشنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلىدى. بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ ئەتە تىنچ ياتقان تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئېھتىمال دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن بىر – بىرىگە سوغۇق قاراشتا تۇرغان تارانچى ۋە تۇڭگان خەلقى بىر ئىتتىپاققا كىلىپ، چېرىكلەرنى يېڭىپ، ئىستىقلال ( ئازاتلىق ) ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، يەنى ھۆكۈمەت تارانچىلاردا بولماق شەرتى بىلەن ئۇلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇش قىلىش مۇئاھىدىسىنى ( شەرتنامىسىنى ) تۈزدى. لېكىن ئۈچ يۈز مىڭغا يېقىن تولۇق قورال – ياراغلىق مانجۇر تائىپىسىنى  سان جەھەتتىن ئاز، قوراللىرى ياراقسىز تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ يېڭىشى ئەمىر – مەھەل تەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىدىن كۆپ ۋە قۇۋۋەتلىك دۆشمەنگەن قارشى باش كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى سىياسىي ئاسارەت، ئىختىسادىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق ئىدى.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:14:18

داۋامىغا ساقلاپ قالدىم،ئالدىرىغايسىز!

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 18:48:16

مانجۇلار يەرلىشىشتىن بۇرۇن ئىلىدا  ئاھالە يوق بولغىيمىدى؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 19:00:47

مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ :نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسىنىڭ"ئىلى ۋىلايىتى تارىخىدىن "ئېلىندى دەپ قويساڭلار بىر يەرلىرىڭلار كەملەپ كەتمەس،مەرھۇمنىڭ روھىمۇ خوش بۇلۇپ قالار ئۇلۇغ رامزاندا.....

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 21:47:09

ئىچكەركى تۇڭگانلار، ھۆكۈمەت تەرەپلىرىنى يېڭىپ، غەلبە قازانغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى چىڭ پۇقرالىرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنى ئۆزگەرتتى، يەنى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانراق قىسىشقا باشلىدى. 1860 – يىللىرىدا قارقارا تەرەپتىن روسلار بىسىپ كىرىشكە باشلىغاندا ئىككى مىڭ مانجۇ چېرىكى بېرىپ ياندۇرالمىغان چاغدا ئابدۇرۇسۇل ئىشكاغا رەھبەرلىگىدىكى. شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئورۇس تەرەپتىن ۋايىم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلاجىسىز قالغانلىقى ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭجۇڭ، ھاكىم بەگنى ( مەزەمنى ) چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا تارانچىلاردىن بەش يۈز پالۋان راسلاپ بىرىشنى تاپشۇردى. بۇنىڭدىن بالدۇر بولسا، بىر تۈرلۈك تۆشۈك نانلار پىشۈرۈلۈپ، قۇرۇتۇپ بىرىشنى بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن سىياسىي سىرلاردىن بىخەۋەر ھاكىم جاڭجۇڭنىڭ  پەرمانىنى بەجا قىلىشقا ئالدىرىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پات پۈرسەتتە مەزكۈر مەرگەنلەرنى راسلاپ، خەۋەر ئۈچۈن جاڭجۇڭ ئوردىسىغا يۈگۈردى. جاڭجۇڭ ھاكىم بەگنىڭ مۇنداق چوڭ خىزمىتىگە يارىشا مۇكاپات بىلەن رازى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇسېلىقلارنى تۈگەتمىدىڭ دەپ، زىندانغا سولىدى – دە، تەييارلانغان مەرگەنلەرنى ئىلىپ كىلىشكە مەزەمبەگنىڭ ئىشكاغىسى ئابدۇرسۇل بەگنىڭ نامىغا بۇيرۇق يازى ھەمدە ئابدۇرۇسۇلنى ھاكىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خۇي – پەيلىنى چۈشەنگەن ئابدۇرۇسۇل تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بارمىدى ھەم تەييارلانغان مەرگەنلەرنىمۇ ئەۋەتمىدى. ھۆكۈمەت ئىچكى چىندا يۈز بىرىۋاتقان ۋاقىئەلەرنى مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرمەي، سىر تۇتقان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى يوقىتىش يولىدا قەتئى قارارغا كەلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا دائىرىسىنىڭ تۇڭگانلىرى ئۆز ئارا ئىتتىپاققا كىلىپ، چىڭ دائىرىلىرىدىن بۇرۇنراق قوزغىلىشقا قارار قىلدى. مەزكۈر قارالىرىغا بىنائەن ۋەدىلىك ۋاق يېتىشى بىلەنلا تاجى، ئىردىخو، ساندىخوزىدىكى تۇڭگانلار قوزغالدى. لېكىن بۇ قوزغالغان تۇڭگانلار تەييار بولمىغانلىقتىنمۇ ياكى قورققانلىقتىنمۇ، ھەر نېمە بولسا بىر – بىرىگە قوشۇلالمىدى، ئازغىنا سانغا ئىگە بۇ قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ھەممىسى سولاندى. بۇ سولانغان مەھبۇسلارنى چىڭ چېرىكلىرى ئاممىغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن بوينى كېسىك مەيدانىغا توپى بىلەن ھايداپ چىقىپ، چېپىشقا باشلىدى، ئىختىلال باشلىقلىرىدىن پەن سىن ھەم فى تامۇ دېگەن كىشىلەرنى توغرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىيلىگىنى كۆرۈپ، تارانچى  – تۇڭگان خەلقى ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ مۇنداق ئوت ئورنىدا توغرىلىشىغا غەزەبلەندى. ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ كۆيۈندى. بۇ دەھشەتلىك ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئكزلىرىدىن ئۆچ ئىلىشنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلىدى. بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ ئەتە تىنچ ياتقان تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئېھتىمال دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن بىر – بىرىگە سوغۇق قاراشتا تۇرغان تارانچى ۋە تۇڭگان خەلقى بىر ئىتتىپاققا كىلىپ، چېرىكلەرنى يېڭىپ، ئىستىقلال ( ئازاتلىق ) ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، يەنى ھۆكۈمەت تارانچىلاردا بولماق شەرتى بىلەن ئۇلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇش قىلىش مۇئاھىدىسىنى ( شەرتنامىسىنى ) تۈزدى. لېكىن ئۈچ يۈز مىڭغا يېقىن تولۇق قورال – ياراغلىق مانجۇر تائىپىسىنى  سان جەھەتتىن ئاز، قوراللىرى ياراقسىز تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ يېڭىشى ئەمىر – مەھەل تەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىدىن كۆپ ۋە قۇۋۋەتلىك دۆشمەنگەن قارشى باش كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى سىياسىي ئاسارەت، ئىختىسادىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق ئىدى.

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 21:49:48

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 10:14 static/image/common/back.gif
داۋامىغا ساقلاپ قالدىم،ئالدىرىغايسىز!

يوللاپ قويدۇم قېرىندىشىم.

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 21:53:14

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 19:00 static/image/common/back.gif
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ :نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بال ...

بۇلىدۇ قېرندىشىم ئەسكەرتكىنڭىزگە رەخمەت.

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 21:56:47

تارانچى خەلقى ئۇرۇش ئىشىنىڭ ئىلگىرى باسالمايۋاتقىنىنى ئىناق ۋە ئىتتىپاقسىزلىغىدىن كۆرۈپ، ئىختىلال ئىشىنى ئاساسىدىن تۈزەپ، تۈپلۈك ھۆكۈمەت سايلاشنىڭ لازىم ۋە زۆرۈرلىگىنى چۈشەندى، ئۇقتى ھەم موللا نەسىرىدىن ئەلەمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇلۇغ كىڭەش ئۆتكۈزۈشكە يىغىلدى. مەزكۈر ئەلەم رىياسىتىدە ئىچىلغان قونكى ( ئومۇمىي ) قۇرۇلتاي مەزەمبەگ ھاكىمنى ” سۇلتان مەزەمخان “ ئۇنۋانى بىلەن خان كۆتەردى. ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر، نەسىردىن ئەلەمنى قازى – كالان، موللا شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر، موللا روزىنى مۇپتى، ئەلھاسىل سۇلتاندىن تارتىپ يۈز بېشىغىچە ھەممە مەنسەبدارلارنى تەيىنلەپ تارقالدى. يېڭى سۇلتان ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىتىنى دەپتەرگە قەيت قىلدۇردى ( دەسلەپ ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىتى مەلۇم ئەمەس ئىدى ). ئۇ مۇجاھىدلارنى بالدۇرقىغا قارىغاندا خېلى ئىنتىزامغا سالدى. شۇ چارغدا باياندايغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىن بىرىنچى دۈركۈن چىڭ چېرىكلىرى چىقتى، بۇ ئۇرۇشتا تارانچى مۇجاھىدلىرى زەربە يەپ قالدى. قاماقتا ( قورشاۋدا ) تۇرغان بايانداي بولسا ئېلىنمىغان ئىدى. تارانچى مۇجاھىدلىرى چېرىكلەرنى قەھىرمانانە رەۋىشتە ياندۇرۇپ تۇرسىمۇ، ھەر تەرەپتىن زەربە بېرىشكە چېغى يەتمەسلىكى سېزىلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بىر يەرگە توپلاشقا سۇلتاندىن پەرمان سادىر بولۇپ، كۈرە تەرەپتىكى تۇڭگانلار بىلەن ئۆزبەكلەر ئالدۇرۇلدى. چەتتە قالغان تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدىكى شەيىخلەرگىمۇ ئادەم ئەۋەتىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بالا – چاقىلىرى بىلەن سولانلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان خەۋىرى ئېلىندى. تارانچىلارنىڭ ھەممە ئۇرۇش كۈچى بىر يەرگە توپلانغاندىن كېيىن كۈرە بىلەن بايانداي يولىنى بۆلۈپ، مەشھور تامبارگاھ سوقۇلدى ھەم باياندايغا قەتئىي ھۇجۇم باشلاندى. قەلئە ئىچىگە شوتا – نارۋانلار ئارقىلىق بايانداي قوغىنىنى ئىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئۇلار قورغاننى دورا كۈچى بىلەن بۇزماق بولۇپ، بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مەشھۇر سادىر خاڭرۇق ( سادىر پالۋان ) دېگەن كىشىگە تاپشۇرۇلدى. سادىر خاڭرۇق چاپسان ئىشلەپ، قورغان ئىستىكامىنى دورا كۈچى بىلەن بۇزغان بولسىمۇ، چېرىكلەر ئاتقان قار – يامغۇردەك ئوققا قارشى ھۇجۇم قىلىپ بايانداي ئىچىگە كىرەلمىدى. تاڭلىسى قوزغىلاڭچىلار قورغاننىڭ بۇزۇلغان يېرى مەزمۇت قىلىپ بەكىتىلگەنلىكىنى كۆردى. شۇ گەزدە باياندايدىكى چېرىكلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۈرەدىن ئىككى نۆۋەت چېرىك چىقتى، بۇلار قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى ۋە 710 نەپەر چېرىكىنىڭ ئۆلۈگىنى ئۇرۇش مەيدانىدا قالدۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ مەغلۇبىيەتنى چىڭ دائىرىلىرى جاڭجۇڭنىڭ تەدبىرسىزلىكىدىن كۆرۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كونا جاڭجۇڭنى چۈشۈرۈپ، ئورنىغا مىن دېگەن ئەمەلدارنى جاڭجۇڭ قىلدى. بۇ يېڭى جاڭجۇڭنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھېچ يامانلىغى تەگمىگەن كىمسە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم يامان قارىماسلىغىنى ئېتىۋارغا ئىلىپ، تارانچىلار بىلەن تىل تىپىشقا كىرىشتى، يەنى بۇ جاڭجۇڭ ئىختىلال ئوتىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىختىلالچىلارنىڭ تىلىگىنىنى بىرىپ بولسىمۇ ئۇلار بىلەن چىقىشماق بولدى ۋە تارانچىلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەردى:
1) قوزغالغان تارانچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئەپۇ ئومۇمى قىلىش.
2) تارانچىلاردىن ئىلگىرى ئىلىنغان ئۈستەمە ( قوشۇمچە ) سېلىقلارنى ياندۇرۇپ بېرىش.
3) تارانچىلارنىڭ ئىستىقلالىيىتى _ چىڭ ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولماي، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىشنى تونۇش ( تارانچى ۋىلايىتىنىڭ چېگارىسى چەيلەڭزىگە قەدەر ).
4) سۇلتانغا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ مەنسىپىنى، يەنى لەھەل جوڭزىلىق دەرىجىنى بېرىش.
بۇنىڭ بەدىلىگە تارانچىلار بۇزۇلغان تۇڭگانلارنى چېرىكلەرگە تۇتۇپ بېرىشى لازىم. چېرىكلەرنىڭ بۇ تەكلىپىگە يېڭى سۇلتانبەگ قاتتىق جاۋاب يازدى. “ بىزگە ھېچبىر شەرتسىز ئەل بولۇڭلار، بولمىسا ئازابلىق ئۆلۈم بىلەن قەتىل قىلىمىز ھەمدە ئۇشبۇ خەتنى ئالغان زامان كۈرەدە سولاقلىق تۇرغان ئىككى يۈز مۇسۇلماننى چىقىرىپ بېرىڭلار “ دېدى. جاڭجۇڭ سۇلتان تەرەپتىن بولغان تەكلىپكە بىنائەن سولاقلىق ئىككى يۈز مۇسۇلماننى چىقىرىپ بەردى. بۇ ھال ئىختىلال باشلىقلىرىنىڭ روھلىرىنى كۆتەردى. چۈنكى بۇنىڭدىن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچسىزلىگى بىلىنەتتى. ئەمما ئۇششاقلار – قوزغىلاڭچىلار روھسىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەر باشلىقلىرى بىرەر يەرنى پەتىھ ( ئىشغال ) قىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشنىڭ كويىدا ئىدى. شۇ ۋەجىدىن سۈيدۈڭنىڭ قىشىدا بىد شانىدىكى چېرىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى. بۇنى كۆرگەن چاقار جوڭغارلار دەرھال تارانچى ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا ئالدىرىدى. تورغاۋۇتلار بولسا بۇلاردىن بالدۇر ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىتەرەپلىكىنى بىلدۈرگەن جاڭجۇڭ تارانچىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن مەنا چىقمىغانلىقىنى ئېتىۋارغا ئىلىپ، يېڭىدىن ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشكەن ئىدى. مەقسىتى قوزغىلاڭچىلارغا ساقايماس زەربە بىرىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەدىكىلەر تارانچىلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىدىغان 3 – پىرقە ئەسكىرىگە ئىشەنچ قىلاتتى. بۇ قىتىمدا تارانچىلار، مەقاۋمەت قىلالماي ياندى. لېىكىن تارانچى – تۇڭگانلار تارىلىپ، چىكىنگەندىن كېيىن كۈرەدىكىلەر قوغلىماستىن ئارقىغا ياندى ۋە قەلئە ئىچىگە كىرىپ، ساقچىلىققا سولان، قالماق چەنپەنلىرىنى ( ياللانمىلىرىنى ) قويۇپ، يەنە ئۇرۇشقا جىددىي جابدۇنۇشقا باشلىدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇش ھازىرلىقىدىن  ئىلىنىڭ سول ياقىسىدىكى شىۋەلەرنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى. شىۋەلەر بولسا تارانچىلارغا سادىق بولۇپ، چېرىكلەر تەرىپىدىن ئالغان بۇ خەۋەرلەرنى ئاققوزا، توقىلەكلەرگە يەتكۈزدى. بۇلار دەرھال سۇلتانغا خەۋەر بەردى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تارانچىلار ئۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشتى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، بايانداي تەرەپكە كۈرەدىن يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز چېرىك ھۇجۇم باشلىدى. رەجەپ ئىيىنىڭ 17 سىدە ئىككى تەرەپنىڭ چېرىكلىرى ئۇچرىشىپ، قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن دۈشمەن تەرەپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قاچتى. تارانچىلارغا 96 زەمبىرەك، 60 ھارۋا ئوزۇق – تۈلۈك، ياراق – جابدۇق ئولجا چۈشتى. تارانچىلارنىڭ تالاپىتىمۇ سىزىلگىدەك ئېغىر بولدى، ئەمما بۇ قىتىم دۈشمەنگە ساقايماس دەرىجىدە زەربە بەردى.

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 22:02:03

ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسىنىڭ"ئىلى ۋىلايىتى تارىخىدىن "ئېلىندى

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 22:41:23

مەن بىرە ئاي ئەتىراپىدا تورغا چىقامماسلىقىم مۇمكىن،خەيىر خوش داۋامىنى شۇ ۋاقتىدا يوللاي.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 23:51:48

بىزلەر بۇئەسەرنى كۆرمىگەنكەنمىز داۋامىنى يوللىۋېتىپ ئاندىن بىرئاي چىقمىسىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن ئاۋات قىلىپ تۇرار ئىدۇق بۇ مۇنبەرنى .شۇ تارخىلارنى  مەكتەپتە تارىخ دەرسىدىن بىلگەن ئىدۇق. لىكىن ،بۇنداق تەپسىلاتى بىزئۈچۈن  قاراڭغۇ ، بۇيەنە بىرقىزىقىش دەڭە  .
     شۇنداق بىرتارىخلار بۇلۇپ ئۆتكەن ئىدى .چىڭ ھۆكۈمىتى چىرىكلىشىپ ئەل -خەلققە زۇلۇم سىتەم قىلىپ ،ئۆلىرىنىڭ تەدبىر دە يەتكۈسىز ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنىتىنىڭ گۈم بۇلۇشىنىڭ  سەۋەبى قىلغان ئىدى .  بۇ گۈملۈك ھەم زۆرۈردە چوقۇم ئىدى .ئەل تەڭلىك ئۈچۈن قان -ياش ،ناھايىتى بەدەل بەرگەن ئىدى .ئاسايىشلىق بى ھېساپ بەلەندە .داۋامىنى يوللىۋېتىڭە .

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 00:04:53

جاپا چەكتىڭىز!

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 00:16:58

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 23:51 static/image/common/back.gif
بىزلەر بۇئەسەرنى كۆرمىگەنكەنمىز داۋامىنى يوللىۋېتىپ  ...

يەنە2تىما يوللىۋاتتىم،شۇنى كۇرۇپ تۇراسىز.

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-27 17:03:48

مەنمۇ بۇ كىتاپنى كۆروپ باقمىغانكەنمەن. داۋامىغا تەشنامەن.

1331999988 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 23:49:53

'' مانجۇلار  يەرلىشىشتىن ئاۋال بۇ يۈرتتا .......................؛؛ ؟    ئەمگەكچان ، ئەقىل-پاراسەتلىك ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ھالدا ‹‹ ئىلى ›› دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل شەھەرنى قۇرۇپ چىققان .مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ، بۇ ماكاندا ساكلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى قالغان ئىدى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ئۇيسۇنلار دۆلىتىنىڭ ‹ئىلىنى› كونتۇرۇل قىلىش كۈچى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالى قىرغىقىغىچە يەتكەن . مىلادىيە 582-يىلى غەربىي تۈركلەر ئۇيسۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، زىمىنلىرىنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنى مال باقىدىغان زىمىنىغا ئايلاندۇرغان . تاڭ سۇلالىسى مىلادىيە 658-يىلى ئىلى دەرياسىنىڭ ۋادىلىرىدا ‹‹ كۈنلىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇرغان . يىغىپ ئېيىتقاندا بۇ ماكان ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن قەدىمىي ماكان .
بەت: [1]
: ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار