andir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 21:28:44

توڭلاتقۇنى مۇنداق ئىشلەتسىڭىز

توڭلاتقۇ ئومۇملىشىشتىن ئىلگىرى ،كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى تۇزلۇق سۇغا چىلاش ياكى ئىسلاپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقلايتتى،لېكىن بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترات ۋە نېترىتلار بولۇپ،ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن راك پەيدا قىلغۇچى نىتروزو بىرىكمىلىرىگە ئايلىنىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا ،توڭلاتقۇنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.لېكىن توڭلاتقۇنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ،كىشىلەرنىڭ تاماقلارنى قايتا-قايتا ئىسسىتىپ يېيىشى،توڭلاتقۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ساغلام بولمىغان ئىستېمال ئادىتى ئاشقازان راكى بولۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ ، توڭلاتقۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش،كېسەل مىكروبلىرىنىڭ ئاشقازانغا كىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنى يەنە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئامىللاردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، تۇزلۇق تاماقلارنى ئاز يېيىش ،ساپ يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشتىن سىرت ، دوختۇرخانىلارغا ۋاقتىدا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش قاتارلىقلار ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇللاردۇر. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن،توڭلاتقۇنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىپ، توڭلاتقۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ!

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:02:11

ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى دېگەننىڭ ۋاقت چەكلىمىسى قانچە كۈن؟ بىر ھەپتە؟ 10 كۈن؟ ....

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:07:02

قانداق ئىشلىتىمىز ؟ ھۆنە ئۆگىتىدىغان ئوخشايدۇ دىسەم نەسىھەتكەنغۇ بۇ .

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:16:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 10:17  

توڭلاتقۇ ئىشلىتىش توغرۇلۇق ھېچبىر ساۋات يوقكەنغۇ? ،توڭلاتقۇنىڭ غوڭۇلداپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ئىشىنى قانداق ئوڭشايمىز?

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:19:50

alim012 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 10:16 static/image/common/back.gif
توڭلاتقۇ ئىشلىتىش توغرۇلۇق ھېچبىر ساۋات يوقكەنغۇ? ،تو ...

توڭلاتقۇنىڭ ئاۋازى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، تۆت پۇتىنىڭ تەكشى بولماسلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 11:24:40

بىزنىڭ توڭلاتقۇمۇ غۇڭۇلدايدۇ ، يىڭى ۋاقتىدا ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، تۆت پۇتىنى تەڭشىسەم بىر كۈندىلا يەنە ئوخشاش ، ئاچچىغىمدا توكنى تاتىۋىتىمەن، رىمونىتچىغا دىسەم تۆت پۇتنى تەڭشەشتىن باشقا ئامال يوق دەيدۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 13:03:39

تەمى ئۆزگىرىپ كەتكەننى يىمىسەك بۇلار بەلكىم، ئۈرۈمچىدە بىر يىللېرى بەك ئەرزان گۆش بار دەپ ئاڭلىغان، ئىسكىلاتتىن چىقىرىپ ئالماشتۇرغۇچە شۇنداق ساتاتتىكەن. بەك تەمسىزمىش...

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 16:35:02

توڭلاتقۇنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك ئوخشايدۇ
بەت: [1]
: توڭلاتقۇنى مۇنداق ئىشلەتسىڭىز