andir يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 21:27:53

قولتۇق پۇراشنى داۋالاش ئۇسۇلى

1. قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇش لازىم.

2. تاۋۇزنى 30گىرام پىياز سۇيىگە چىلاپ،قولتۇققا كۈندە2-1قېتىم سۈركەپ،بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. قولتۇقى سېسىق پۇرايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە چۈشتە چىش پاستىسى سۈرتۇپ بەرسە ،سېسىق پۇراق ئازلايدۇ.

4. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغىچە كۆيدۈرۈپ ،ئۇپا ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپلىسا، قولتۇق تەرلەشكە شىپا بولىدۇ.
5. خام زەنجىۋىل جەۋھىرىنى ھەر كۈنى قولتۇققا بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە، قولتۇق پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

6. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ،قولتۇق تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
7. قۇرۇتۇلغان ئانار گۈلىنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدە بەش گرامدىن ئىستېمال قىلسا، قولتۇق پۇراشقا شىپا بولىدۇ.
8. ئۆپكىنى ئۇششاق توغراپ، قولتۇق قىسمىغا قۇيۇپ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇۋىلاپ بەرسە، پۇراق يوقايدۇ.
9. ئاچچىقسۇ بىر پىيالە، لاچىندانە بىر ئۇچۇم، قوۋزاقدارچىن بىرئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، رەيھان ياغىچى بىر ئۇچۇمدىن ئىلىپ قاينىتىپ قول كۆيمىگۈدەك ھالەتتە تەرلەيدىغان ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ.
10. گۈرۈچ بىر پىيالە، ماش بىر سېقىم، يۇمغاقسۈت بىر ئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، چىلاندىن 10 دانە ئىلىپ قاينىتىپ سۈيى ئىچىپ بېرىلىدۇ.
11. كاسىنە ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت، ئانار ئۇرۇقى بىر ئۇچۇمدىن، چىلان 10 دانە، شاتۇتتىن 5 دانە ئىلىپ چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:19:20

رەھمەت سىزگە!
بەت: [1]
: قولتۇق پۇراشنى داۋالاش ئۇسۇلى