tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 15:57:25

مادەتۇل ھايات كەبىر

مادەتۇل ھايات كەبىر

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق

تەركىبى: قارىمۇچ،پىلپىل، توم زەنجىبىل، ھەليۇن ئۇرۇقى، دارچىن، ئامىلە، بەلىلە، شاترەنجى ھىندى،زىراۋەندە ھىندى، سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، چىلغوزا ، نارجىل، ياڭاق مېغىزى 100گرامدىن، پىستە، پىندۇق، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، لاچىندانە ھىندى، جۇيۇز ھىندى، بەسباسە، ئاقىرقەرھا ھىندى، جەدۋار 50گرامدىن، زەپەر، قۇندۇز قەھرى 25گرامدىن، يەرلىك تۇخۇم سېرىقى 25دانە، بابۇنە ھىندى 150گرام، كۈمۈش ۋەرەق 150 دانە، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 300گرام، ھەسەل 7.5كىلوگرام.

تەييارلىنىشى: رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلارنى مىقدارى بويىچە ئېلىپ، زەپەرنى سالايە قىلىمىز. ئۈزۈم ۋە مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، بۇ تالقانغا ئۈزۈم ۋە مېغىزلارنى قۇشۇپ تۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ 60 كۆزلۈك (ئىمكان بولسا 80 كۆزلۈك) ئەلگەكتىن ئۆتكۈزىمىز. چەككىلەنگەن ھەسەلگە پىشۇرۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇخۇم سېرىقى ،زەپەر، ۋە باشقا تالقانلارنى تەرتىپ بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەسىرى: مېڭە، بۆرەك، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، جىنسى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش،ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە، باھ، بۆرەك ئاجىزلىقى،ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى،بەل،پۇت-قوللار ئېغىرلىشىش، بۆرەك سۇۋۇپ كېتىش، مەنى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق،دىئابىت، پالەچ، مۇپاسىل،نۇقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىستىمال مىقدارى: كۈندە ئىككى قېتىم 7-10 گرامغىچە تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
http://www.elshipa.com/940.html

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 16:18:58

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مۇشۇ دورىنى  باشقا قىياملىق  دورىلارنى  بىر قۇلايلىق شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسىغىنى بولمامدۇ ؟ياندا ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قىلىپ ياسىغىنى بولغان بولسا  بەك  ياخشى  بۇلاتتى.. ئۆيدە  كۈندە ياكى  ئۈچ ۋاق تۇرالمايدىغانلارغا  بەك قۇلايسىز  بۇلۇپ قالىدىكەن بۇ قۇتۇلۇق قىيام  دورىلار.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 16:27:03

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇنىڭ تابلىت شەكلىدىكىسى بار.
ئۆتكەندە دانىچە قىلىشنى ئويلاپ قالغانىدىم، لېكىن قىيام ھالەتتىكىسىنىڭ تەسىرى ياخشى.

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 17:29:15

زەپەنى سالايە قىلىپ دىگىنى نىمە دىگىنىىدۇ،زەپەنى قانچىىلىك سالىدىغاندۇ،

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:12:25

مېڭىگە پايدىلىق بولسا بىز ئوقۇغۇچىلار ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدىكەن دە. مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن باھاسى مۇۋاپىق بولغان بىر شىپايى دورا ياساپ چىقساڭلىمۇ بوپتىكەن.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:13:32

ئەكىس تەسىرى يوقتۇ بۇنىڭ. بىز ئوقۇغۇچى بالىلار مەكتەپ ۋە تالا  تامىقىنىڭ تۈزۈك قۇۋۋىتى يوق،ماددەتۇل ھايات بىلەن   مىڭە ۋە بەدەننى قۇۋەتلەيلى دەپ يەيمىز.لىكىن كىيىن بۇنىڭغا تايىنىشچانلىق شەكىللىنىپ قالماس.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:27:15

تىۋىپ ئاغىينىلىرىم مۇشۇنداق ياخشى قۇۋۋەت قىلىدىغان دورىلارنى پات-پات بىرىپ تۇرىدۇ  لېكىن بىر قۇتىنىمۇ تۇلۇق يەپ تۈگۈتۈپ باقمىدىم، قانداق ياخشى ئۇسۇللار بار تىۋىپ دارىلىرىنى ئىزچىل يىيشكە؟؟

826581589 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:30:22

ھەي مۇشۇ بالىلار نىممنى ئويلايدېخاندۇ ؟بۇ ئادەمگە راستېنلا پا يداقىلمدېغاندۇ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:31:42

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 19:27 static/image/common/back.gif
تىۋىپ ئاغىينىلىرىم مۇشۇنداق ياخشى قۇۋۋەت قىلىدىغان دو ...

ئۈزۈلدۇرمەي 2-3 ئاي يەيسىز   شۇ دورىنىڭ قۇۋېتىنى كىسىدىغان ھەمدە سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى يىمەيسىز:)

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:32:33

كوملاچ ياسىسا بولىدىغۇ

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:34:33

826581589 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 19:30 static/image/common/back.gif
ھەي مۇشۇ بالىلار نىممنى ئويلايدېخاندۇ ؟بۇ ئادەمگە راس ...

مەنمۇ ھەممە تېۋېپ دورىسىنى ساختا دەپ ئويلايتتىم  ، كىين بىر كىسىلىم 5 كويلۇق ‹‹ئەخلەت ›› بىلەن ساقايغانتى ئۇنىڭدىن كىين  يشىڭ قېشىغا بارماس بولدۇم ،  

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 21:02:28

لوبۇبى كەبىرنىڭ تەسىرى بۇنىڭدىن ياخشىراقمۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 21:10:04

داۋائى مىشكى يەۋاتىمەن ، ئالتۇن ياپراق ، زەپە ، ئىپار ……لارنى قاتقانكەن ، باھاسى قىممەت ئەمما بەك كۈچلۈك دورا ئىكەن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 01:45:50

بۇ دورىغا قوشۇلىدىغان يەككە دورىلارنىڭ ھەممىسى 80 خالتا تېۋىپلاردا بارمىدۇ؟ زەپەنى سالايە قىلىش دېگەن نېمە؟ ئۇرۇقسىز ئۈزۈم دېگىنىڭىز كېرىيەنىڭ قىزىل كىشمىش ئۈزۈمى شۇمۇ؟

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 05:34:39

ئۇقۇغۇچىلار  يىسە توي قىلغۇسىنى كەلتۈرىۋىتەرمىكىن

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 07:45:58

داۋائىلمىشكىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا زىيىنى بولامدۇ ، دائىم ناشتىدىن 15 مىنۇت چىلاندەك يەيتتىم . ئۆتكەندە بىر قىتىم ناشتىنىڭ ئالدىدا ئىچىپ ناشتىنى ئىككى سائەتتەك كىيىن قىپتىكەنمەن يۈرەكلىرىم بىئارامسىزلىنىپ ، سول قولۇمدا كۈچ قالمىغان ،
مېنىڭ بەزى ۋاقىتتا سول قولۇم كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ بۇزادى نىمە ئىش .

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 08:25:47

توي قىلمىغان باللىغا ئىشلەتسە چاتاق چىقمىغۇدەك پۇتۇن بەدەن قۇۋەتلەيدىغان بىر دوراڭلا يوقمۇ ئۇستازلا؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 08:52:53

داۋائىلمىشكىنى مىغىزچىلىك يەيدۇ ، سىز كۆپ يەۋاپسىز

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 09:49:56

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 01:45 static/image/common/back.gif
بۇ دورىغا قوشۇلىدىغان يەككە دورىلارنىڭ ھەممىسى 80 خالت ...

زەپەرنى سالايە قىلىش دېگىنىمىز ياغاچ ھاۋانچا ياكى تۆت پۇتلۇق ھاۋانچىدا ئۇپىدەك بولغىچە ئىزىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا زەپەر ئۇرۇپ سوقۇلمايدۇ بەلكى ئايلاندۇرۇپ ئىزىلىدۇ.ئۇرۇقسىز ئۈزۈم قىزىل ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقى يوقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 09:50:33

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 07:45 static/image/common/back.gif
داۋائىلمىشكىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا زىيىنى بولامد ...

ئىسسىق كەتكەن ئوخشايدۇ.
يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
بەت: [1] 2
: مادەتۇل ھايات كەبىر