yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 14:44:54

بالىلاردىكى ئاشقۇنلىقنى بىر مىنۇتتا ھەل قىلىش

نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت تۈرلۈك ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ كاساپىتىدىن خەۋىپسىرەش بىلەن بىرگە ، ئىنكاسى تېز، ئۈنىمى يۇقىرى بولغان تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. گەپنى بۇنداق باشلىسام خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، بۇ بىرچاقچاق . ئەمەلىيەتتە مەن ، نۆۋەتتىكى يالغۇز پەرزەنتلىك زاماندا ، بالىلاردا يۈز بىرىۋاتقان ئۆكتەملىك ھادىسىسگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆزلىمەكچى . ئەگەر سىز بىر ئاتا-ئانا، ياكى بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىگە يولۇقىۋاتىسىزدەپ قارايمەن.
خوش، ئۇنداقتا بالىلاردىكى ئۆكتەملىككە ئوخشاش ئاشقۇن ھەرىكەتلەرنى ھەم تېز ھەم ئۈنۈملۇك ھەل قىلىش ئارزۇسغا يېتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
بىر بالىلارمۇتەخەسىسىنىڭ قارىشىچە بۇنىڭغا پەقەت بىرمىنۇتلا ۋاقىت كىتەرمىش ، راستىنلار شۇنداقمىدۇ؟ ئەلۋەتتە سىز بۇنى ئەمەلىيەتتە سىناق قىلغاندىن كېيىن  ئاندىن بىلىسىز.
بالىلاردىكى ئاشقۇن ھەرىكەتلەرنى بىرمىنۇت ئىچىدە ھەل قىلىش ئىستىراتىگىيىسنى بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىجرا قىلىمىز ، بۇنىڭدا سىزنىڭ ئۈنۈم يارىتىشىڭىز مېنىڭچە ھەربىر باسقۇچنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
0سىكۇنتتىن 10-سىكۇنتقىچە : تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش بالىلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا يولۇققاندا، سىز جەزمەن تېز سۈرئەتتە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۆتمىسىڭىز بولمايدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭدا«بىخەتەرلىك بىرىنچى» پىرىنسىپىنى ئەستىن چىقارمايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
10-سىكۇنتتىن 20-سىكۇنتقىچە : تەمكىنلىكنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشئالدى بىلەن ئۆز كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە سوغۇققان بولۇش كېرەك. ئەگەر پەقەتلا ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، قوزغالسىڭىز بولىدۇ، بىراق قوللىنىدىغان ئۇسۇلىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ۋاقىرىماقچى بولسىڭىز ،ھەرگىز:«ھۇ، پۇستانچىنىڭ بالىسى!»دېگەندەك گەپلەرنى دېمەڭ، بەلكى«ۋاي ،خۇدايىمەي!!» دەپ توۋلاپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا بىرتەرەپتىن ئاچچىقىڭىزغا سەل-پەل ھاي بەرگەن بولسىڭىز،يەنە بىرتەرەپتىن بالىلارھاقارەتلىنشىتىن ساقلىنىدۇ.
20-سىكۇنتتىن 30-سىكۇنتقىچە:نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ بولۇشپەقەت بىرقانچە سىكۇنت ۋاقىت ئىچىدە زادى نمە ھادىسە يۈزبىرىۋاتقانلىقنى توغرا مۆلچەرلەش سىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. سىز سوغۇققانلىق بىلەن« زادى نېمە ئىش سادىر بولدى؟»دەپ ئويلاش بىلەن بىرگە «بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟» دېگەننىمۇ ئويلاپ بولىشىڭىز كېرەك.مەسىلەن:بىر ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ گەپ ئاڭلىماي، توختاۋسىز جىدەل قىلىشى ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقىدىن بولىشى مۈمكىنغۇ؟
30-سىكۇنتتىن 40-سىكۇنتقىچە : نېمە دىيىش ھەققىدە قارار چىقىرىشسىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان «نۇتۇق»ىڭىز ھەم قىسقا ھەم ئاددى بولۇشى كېرەك. بالىلار ئۆزىنىڭ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى چۈشىنىش بىلەن  بىرگە، ئۇيەنە قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. مەسىلەن تامغا رەسىم سىزىشقا تەييارلىنىۋاتقان بالىغا :« بىزئادەتتە رەسىمنى تامغا ئەمەس، قەغەزگە سىزىيمىز» دېگەن گەپنى دەپ قويسىڭىز كۇپايە.بالىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى چوڭلارنىڭدىن كۆپ چەكلىك، ئاددى ئېيتىلغان سۆزلەرلا ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
40-سىلۇنتتىن 50-سىكۇنتقىچە: مۇۋاپىق تۈردە «ئەدىبىنى بېرىش»بالىلارنى جازالاش چارىسى بولسا، سىزنىڭ بارلىق چۈشەندۇرۇش ۋە قايىل قىلشىقا ئۇرۇنىشلىرىڭىز مەغلۇپ بولغاندا قوللىنىلىدىغان ۋاستە.ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا سىز ئۇنىڭ قولىدىكى شاكىلاتنى تارتىۋىلىش بىلەن بىرگە «سەن بۈگۈن يەنە شاكىلات يەيمەن دەپ ئويلىما» دەپ قويسىڭىزلا نىشانغا يېتىشىڭىز مۈمكىن.
50-سىكۇنتتىن 60-سىكۇنتقىچە: ئۈنۈمنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشبالىلارنى ھەرگىزمۇ كېچىك دەپ قارىماڭ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى ئىنتايىن لوگىكىلىق بولىدۇ، ئۇلار«ئاتا-ئانام دائىم دېگىنىنى قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىساممۇ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىدە سىز تۈزۈپ بەرگەن قائىدىلەر ئازبولسا كارايىتى چاغلىق، ئەمما شۇ قائىدىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھىم. سەمىڭىزدە بولسۇنكى بالىلارغا ھەرگىز سۈر-ھەيۋە ئىشلىتىشنى ئويلاشماڭ.
مەنبە: ۋەتەن بلوگى

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 17:43:45

بولسا بالىلىرىمىزنى مەھەللىلەردىكى كىچىك دۇكانلاردىن سۈپەتسىز، زەھەرلىك، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ يىمەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدىغان ئۇسۇل بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى...

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 17:53:26

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 17:43 static/image/common/back.gif
بولسا بالىلىرىمىزنى مەھەللىلەردىكى كىچىك دۇكانلاردىن ...

قىزىمنىڭ ئەمدى تىلى چىقىشقا باشلىغاندا ئاشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىك، مۇزكالتەك دېگەندەك نەرسىلەرنى يەيمەن دەپ غەلۋە قىلسا ئۇنىڭدا چوشقا كۇچىكى بار دەپ، باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتىم. بىر نەچچە قېتىم شۇنداق دەپ تەكرارلىغاندىن كېيىن ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ غەلۋىسىنى قىلمايدىغان بولغان. ھازىرمۇ يىمەيدۇ.
مۇز كالتەك (شۆگاۋ) دا چوشقا كۇچىكى بولمىغان بىلەن پاقىنىڭ بالىسى چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 22:27:46

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 17:43 static/image/common/back.gif
بولسا بالىلىرىمىزنى مەھەللىلەردىكى كىچىك دۇكانلاردىن ...

مەنمڭ ئالىپ دېگەن ئۇسۇلنى قوللانغان، بالىلىرىم پارچە پۇل تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇششاق يېمەكلىكنى ئۆزەم تاللاپ ئېلىپ بېرىمەن ياكى ئۆزىلىرىنىڭ ئالغۇسى بولسا تاللا دۇكىنى ياكى سۈپەتلىك يېمەكلىك دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ ئۆزىگە تاللاتقۇزۇمەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 09:30:24

ئىككىڭلارغا رەھمەت، مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلانسام بولغىدەك.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 09:43:48

دىننى ئاشقۇنلۇقنىڭ گىپى ئوخشايدۇ دەپتىمەن
بەت: [1]
: بالىلاردىكى ئاشقۇنلىقنى بىر مىنۇتتا ھەل قىلىش