kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 11:32:40

كونا نادىر ناخشىلار


ئەسكەرتىش:

بۇ ناخشىلار يىلتىزىم ستۇدىيىمىز تەرىپىدىن رەتلەپ رەقەملەشتۈرۈلدى ۋە ماس قەدەمدە ناخشا تېكىستى قوشۇش قاتارلىق مۇناسىپ تەھرىرلەشلەر ئېلىپ بېرىلدى.يازما ھوقۇقى بېكىتىمىزگە تەۋە،بارلىق ناخشىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىغا تەۋە.چاپاقلاشتۈرۈپ سىن تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ.ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەتلەڭ!

چۈشۈرۈڭ

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 17:51:43

ھەقىقەتەن بىر-بىرىدىن ئىسىل ناخشىلار ئىكەن.
بولۇپمۇ ئاۋۇ كەتتىم(خوش جانان) دىگەن ناخشىنى ئىزدەۋاتقىنىمغا ئۇزۇن زامانلار بولغانتى مانا بۈگۈن تېپىلدى، لېكىن سەھنىدە ئېيتقان نۇسخىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى سەل ياخشى ئەمەسمۇ نىمە؟.. يەنە بىر mtv نۇسخىسىدەك مۇڭ ئاڭلانمايۋاتىدۇ.:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 18:57:27

كۆركەم تەڭرى تاغلىرى--- مەن ئىزدەۋاتقان ئەڭ مۇڭلۇق ناخشا ئىدى.

بۇرۇنقى سەنئەتچىلەر ئوقوغان نادىر ناخشىلارنى نىمىشقا تورغا يوللىمايدىغاندۇ؟

جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار  
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە

دىگەن ناخشىنىڭ  ئادرىسى بولسا يوللاپ بىرىڭلار؟

يەنە:  ئالما ئاتسام دەرياغا
شىرىنجان جانىما
لەيلىمەيدۇ چۆكمەيدۇ
شىرىنجان جانىما   ...........................قاتارلىق

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 18:58:01

رەھمەت تىما ئىگىسى، ئەمگىكىڭىز يەردە قالمىغاي.

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 18:58:04

بۇ ناخشىلار يىلتىزىم ستۇدىيىمىز تەرىپىدىن رەتلەپ رەقەملەشتۈرۈلدى ۋە ماس قەدەمدە ناخشا تېكىستى قوشۇش قاتارلىق مۇناسىپ تەھرىرلەشلەر ئېلىپ بېرىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كۈز ياپرىقى قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئالدىنقى قېتىم قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئارزۇ-ئۈمىدىمگە يارىشا  «ئۇيغۇرۇم» دىگەن ناخشىنى تەمىنلەپ بەرگىنىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن،ئەمىلىيەتتە مەن مۇشۇ لېنتا ئىچىدىكى ھەممە ناخشىغا شۇنداق ئامراق ئىدىم،ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندىن بىرى تولا ئىزدەپمۇ ھىچ يەردىن تاپالمىغانىدىم،مۈمكىن بولسا مۇشۇ لىنتا ئىچىدىكى باشقا بارلىق ناخشىلارنى تەمىنلەپ بىرىشكە بولارمۇ؟(ھەقلىق بولسىمۇ بولىدۇ،ئىنساپسىزلىقىمنى كەچۈرۈڭ. :lol )

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:13:27

ھازىرقى سەنئەتچىلەر ئارىسىدا ‹‹ كۆركەم تەڭرىتاغلىرى ›› ناخشىسىنى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈدەك سەۋىيە ۋە مۇزىكىنىڭ گۈزەللكىنى ھىس قىلغۇدەك كاللا يوق.

ئىنتايىن قىممەتلىك ناخشىلار بۇ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:18:21

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 18:58 static/image/common/back.gif
رەھمەت تىما ئىگىسى، ئەمگىكىڭىز يەردە قالمىغاي.

سىزگىمۇ رەھمەت.
بىزمۇ بۇ ناخشىلارنى 10 يىللار جەريانىدا يۇقىرى تۆۋەن دوقۇرۇپ ئىزدەپ مۈشكۈلدە يىغقان. تورغا يوللاشتىكى مەقسەتمۇ سىزدەك قەدرىنى بىلىدىغانلار ۋە ئارزۇلايدىغانلار ئۈچۈن. ئەجردە تەييار قىلغان نەرسىلىرىمىز تېگىشلىك جايىنى تاپسا بىز شۇنىڭدىن خۇرسەن. مەيلى ئۇ بىر ئادەم بولسىمۇ.
نېمىشقا تورغا يوللىماسلىقىغا كەلسەك، بىرىنچىدىن بۇ ناخشىلار خەقنىڭ قولىدا يوق دېيەرلىك، ئىككىنچىدىن بولغان تەقدىردىمۇ ھەقسىز تورغا يوللىۋېتىشكە ئۇنىمايدۇ،مانا بىزمۇ نۇرغۇن بايلىقى بار پىخسىق ئادەملەرنى كۆرگەن.
يىلتىزىم تورىغا دىققەت قىلىپ تۇرسىڭىز،سىز ئارزۇلىغان نۇرغۇن بايلىقلار بىر-بىرلەپ چىقىدۇ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:19:36

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 19:18 static/image/common/back.gif
سىزگىمۇ رەھمەت.
بىزمۇ بۇ ناخشىلارنى 10 يىللار جەريانى ...



يۇلتۇزلارغا سۆز بىزدە يوق ئەمەس. بىراق ھازىر ئېلان قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس. سەۋر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇڭ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 19:23:02

e_chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 18:58 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كۈز ياپرىقى قېرىندىشىم! ئالدى بىل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
راستىنى دەۋېرەي. ئۇنى بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى ئۇ لېنتا قۇتيار كونا لېنتا گۇرۇپپىسىغا تەۋە. گەرچە مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىدا بولساممۇ، لېنتىنى مەن تەمىنلىمىگەن بولغاچقا، سىزگە بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئۇ لېنتىنى قۇتياردىمۇ تېخى ئېلان قىلمىدۇق. بەلكىم بىرەر ئالاھىدە كۈندە ،مەسىلەن ھېيتتا دېگەندەك كۈنلەردە ئېلان قىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.قىسقىسى،بېرەي دېسەم ئۇ لېنتا مېنىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا چۈشەنگەيسىز.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 20:16:10

يارىم بامىغان تويغا ،
مەن سورماي بارالمايمەن.
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك،
چاي قۇيۇپ ئالاممايمەن    {:136:}{:136:}{:136:}

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 21:21:38

ئاۋۇ گۈلباھار رېھىمنىڭ كەتتىم دىگەن ناخشىسىنى تاپالماي يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان،رەھمەت سىزگە .
بۇنىڭدىن باشقا پەرىخە يۈسۈپنىڭ چىغىر يول دەپ ناخشىسى بولىدىغان شۇ ناخشىسىنىمۇ قەتئىي تاپقىلى بولمايۋاتىدۇ
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار دىگەن ناخشىمۇ كىچىك ۋاقىتلېرىمدا بەك ئامراق ناخشىلېرىمنىڭ بىرسى ئىدى.
مۇشۇ ناخشىلارنىمۇ مومكىن بولسا چىقىرىپ قويساڭلار بەك خۇرسەن بۇلاتتىم

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:03:36

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
راستىنى دەۋېرەي. ئۇنى بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى ئۇ لېنتا قۇتيار كونا لېنتا گۇرۇپپىسىغا تەۋە. گەرچە مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىدا بولساممۇ، لېنتىنى مەن تەمىنلىمىگەن بولغاچقا، سىزگە بېرىشكە ئامالسىزمەن.
ھىلىمۇ سىزگە كۆپ رەخمەت،كۆڭلىزنى چۈشەندىم.مەن ئەسلى لىنتىنى ئەمەس،بەلكى رەقەملەشتۈرۈلگەن ناخشا ھۆججەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دىگەنىدىم،كونىلار سەۋىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر دەپتىكەن،سەۋىر قىلىپ ساقلاپ باقاي،بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھايات بولساملا بۇ ناخشىلارنى يەنە ئاڭلاشقا پۇرسەت بولۇپ قالار،ھەراسىت قاچان ئىلان قىلساڭلار خاپا بولماي خەۋىرىنى بىرۋىتەرسىلەر.ئاخىرىدا ئەجىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئىيتىمەن،رەھمەت سىزگە!

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:09:22

قىزىتۋېتىپسىزغۇ بۇ يەرنى
ناخشىڭىزغا رەھمەت

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:13:01

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 23:09 static/image/common/back.gif
قىزىتۋېتىپسىزغۇ بۇ يەرنى
ناخشىڭىزغا رەھمەت

ئەرزىمەيدۇ
تەڭ قىزىتىلى دېدىمغۇ:lol

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 23:25:36

شۈنلېي ھەمبەھىرنى بىكار قىلدىمۇ قانداق؟

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 01:01:38

yarkin92 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 23:25 static/image/common/back.gif
شۈنلېي ھەمبەھىرنى بىكار قىلدىمۇ قانداق؟

ھەمبەھر ساقكەن. 验证码تەلەپ قىلىدىغان قىلىق چىقىرىۋاپتۇ.

Akyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 03:26:42

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 18:57 static/image/common/back.gif
كۆركەم تەڭرى تاغلىرى--- مەن ئىزدەۋاتقان ئەڭ مۇڭلۇق ناخش ...

لەيلىمەيدۇ چۆكمەيدۇ ئەمەس توغىرىسى  لەيلىۋىلىپ چۆكمەيدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 10:21:05

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 21:19 static/image/common/back.gif
يۇلتۇزلارغا سۆز بىزدە يوق ئەمەس. بىراق ھازىر ئېلان ق ...

ماقۇل، لىكىن مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ دوستوم.

بۇ ناخشىلار بىر تارىخى سەنئەت مىراسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 13:55:43

روزى ھېيىتتا «ئۇيغۇرۇم»دېگەن لېنتىنى ئېلان قىلسىڭىز  ماتاڭ يېگەچ ئاڭلاپ كەتسەك بولاتتى
سۈرەتكە تارتىلغان مۇقاۋىسى بولماي قالسا مەن سىكانېرلاپ ئەۋەتەي
رېكلامنىمۇ تاپقان لېكىن  چاشقان يەپ كېتىپتۇ،
90-يىللاردا ئۈنئالغۇ لېنتىسىغىمۇ  تام ئېلانى(رېكلام) چىقىرىدىكەنتۇق

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 14:23:35

بالىلار پەقەت چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ ناخشىلارنى، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى چەكسەم يېڭىدىن-يېڭى ئەمەس بىر تور بەتلەر ئېچىلىپ كېتىپ بارىدۇ. كۆرگەنلەر قانداق چۈشۈردۈڭلار زادى؟؟؟
بەت: [1] 2
: كونا نادىر ناخشىلار