arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:33:39

ئۇيغۇرچە ئۆزگىچە سۆزلەر- بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاڭ

كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كىلىپ قالدى. تۆۋەندە شۇنى دىمەكچى.

ھەممىمىز ئۇيغۇرچىنى بىلىمىز دىيىشىمىز، ئەمما ئانا تىلى بولغان تىلنى كۈندىلىك تۇرمۇش سەۋىيەسىدە بىلىشنى بىلدىم دىيىش تازا جايىدا گەپ ئەمەس.  ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەن كىشى شۇ تىلدىكى ناھايىتى ئىنچىكە لىكىن كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەندىلا ئاندىن بىلىمەن دىسە ئاندىن قاملىشىدۇ.
بايا بىر تېمىنى كۆرۇپ «ساماۋى ئەختەر، زىمىنى ئەپتەر » دىگەن گەپلەرنى كۆرۇپ ئەختەر ۋە ئەپتەر دىگەن سۆزلەرنى بىلمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم  ھەمدە زۆر كۆپچىلىكنى بۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
شۇنى بۇ تېمىنى يازدىم، تەۋسىيەم شۇكى، ئۆزەڭلار بىلىدىغان شۇنداق نازۇك سۆزلەرنى يوللاڭلار، مەنىسىنى يىشىپ بىرەر جۈملە مىسال قىلىپ ئىنكاس يىزىڭلار. بەلكىم شۇنى كۆرگەنلەرنىڭ تىل بايلىقى ئېشىپ قالار، بۇمۇ بىر ھىسابتا تىلىمىزنىڭ تومتاق، قوپال بۇلۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۇن ئۆگىنىشىمىز بولسۇن. مەن تۆۋەندە بىر قانچە سۆزىنى دىسەم ، كۆپچىلىك خاتا بولسا تۈزىتىپ، ئۆزەڭلارنىڭ شۇنداق بىلىمىنى يوللىغايسىلەر.

ئەلەيھىسالام :  مەنىسى پەيغەمبەر، «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ساھىبقىران:  مەنىسى دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچى،  شاھلىق تاجىنى كىيگۈچى.  «ئەمىر تېمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە» دىگەن كىتابتا جىق ئۇچرايدۇ.
ھومايۇن قۇشى: رىۋايەتلەردىكى بىر خىل خىسلەتلىك قۇش، بۇ قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا ياكى شۇ كىشى ئولتۇرغان دەرەخكە قۇنۇپ سايىسى شۇ كىشىگە چۈشسە ، شۇ كىشى پادىشاھ بولىدۇ.
كوھىقاپ: رىۋايەتلەردىكى دىۋىلەر ياشايدىغان جاي، ھىكايەتلەردە بۇ جايغا بېرىش ئۈچۇن نۇرغۇن مۈشكۇلاتلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. چۆچەكلەردە شەخىسلەر دائىم بىر خاسىيەتنىڭ ياردىمى بىلەن كوھىقاپغا بارىدۇ ياكى قايتىپ كىلىدۇ.
زۇلمەت: بۇ قاراڭغۇ دۇنيا بۇلۇپ، ئىسكەندەر زولقەرنەيىن زۇلمەتكە كىرىپ ئابىھايات بۇلىقىنى ئىزدىگەن ھىكايىلەر بار. زۇلمەتكە كىرىپ 40 كۈن ماڭغاندا يەنە يۇرۇق دۇنياغا چىقتى دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ.
ئابىھايات بۇلىقى: بۇ بىر خسلەتلىك بۇلاق بۇلۇپ، سۈيىنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ياشايدۇ. رىۋايەتلەردە خىزىر ئەلەيھىسالام شۇ سۇدىن ئوتلىغان دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.
رۇستەم باتۇر: ئېران ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر. «رۇستەمدەك باتۇر» ...
ساماۋى: ئاسمان، تەڭرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىلەردە.
ئەجەل: ئۆلۈم مەنىسىدە،  «ئەجەل شەربىتىنى ئىچتىلەر» دىگىنى ئۆلدى دىگەن گەپ. :lol
پانىي دۇنيا: ئىنسانلار ياشاۋاتقان دۇنيا.
باقىي دۇنيا: ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن بارىدىغان دۇنيا
تىلسىم : سىھىر، جادۇ-ئەپسۇن بىلەن بەنىت قىلىنغان ھالەت. كۆپىنچە ھىكايىلەردە تىلسىمنىڭ بىر يىشىش ئۇسۇلى بۇلىدۇ، ئۇنى تاپماي تۇرۇپ تىلسىمغا يېقىنلاشسا يامان ئەقىۋەتلەرگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، تاشقا ئايلىنىپ قېلىش دىگەندەك
ئىلمىي بۇرۈچ: يۇلتۇزلارغا قاراپ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىدىغان ئىلىم.
يۇنان: گىرىتسىيەنىڭ تۈركىي تىللاردىكى ئەسلى ئاتىلىشى.


مەن ئاز-تولا ئىسىمگە ئالالىغانلارنى يوللاپ قويدۇم، يەنە ئىسىمگە كەلسە داۋاملىق يوللايمەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىنى مۇشۇنداق تىلىمىزدىكى مەنىگە باي، ئۆزگىچە،  لىكىن ھازىر كۆپچىلىك تازا بىلىپ كەتمەيدىغان سۆزلەر بىلەن ئاۋات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قېنى ئۆزىمىز، تىلىمىز ئۈچۇن قانچىلىك بەل باغلىدۇق، شۇنى كىچىككىنە ھەركەت بىلەن ئىپادىلەپ باقايلى.
مەقسىتىمنى خاتا چۈشەنمىگەيسىزلەر، مەن بىلمىگەن سۆزلەرنى بىلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم مۇشۇنداق ئويى بارلار مەنلا ئەمەستۇرمەن.





justone يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 08:31:38

ئەلەيھىسسالام  پەيغەمبەر دىگەن گەپ ئەمەس  ئۇنىڭغا سالام بولسۇن دىگەن مەنىدىكى ئەرەپچە سۆز ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا سالام يوللىشىمىز زۆرۈر بولغانلىقتىن دەيمىز . ئەسلى يېزىلىشى عليه السلام ؛
ساھىبقىراننىڭ مەنىسى دۇنيانى بويسۇندۇرغىچى بولمايدىغاندۇ .. ساھىب سۆزى ئەرەپچە ئىگە ، ھەمراھ دىگەن مەنىدە ، قىران ئۇيغۇرچە سۆزلۈك مەنىسىدە باتۇر ، جاسارەت دىگەننى ، سۈپەت مەنىسىدە يېتىلگەن ، كۈچ – قۇۋۋەتتە كامالەتكە يەتكەن دىگەن مەنانىنى بىلدۈرىدۇ بىلىشىمچە . شۇڭا بۇ سۆز بېرىكمىسىنىڭ مەنىسى جاسارەتلىك ، باتۇرلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن  ياكى زور كۈچ قۇدرەتلىك دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت بولارمىكىن ...

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 08:36:31

ئىلمى بۇرۇج  ، ئىلمىي بۇرۇچ ئەمەس .
ساماۋى مۇ ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆز ئاسماننىڭ ، ئاسمانغا ئائىت دىگەن مەنىدە . بىزدىمۇ شۇ مەنادا قوللىنىلىدىغاندۇ ؟
قۇسۇرلا تاپتىممۇ نېمە {:92:}
ئۆزگىچە سۆز دىيىلسە ماڭا بىر گەپ بەك ئۆزگىچە بىلىنىدۇ ‹ ۋادەرىخا › مەنىسىنى يېشىپ بېرىڭلارا {:87:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 08:50:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 08:54  

ئەختەر دىگەن يۇلتۇز دىگەن گەپقۇ دەيمە.ئەدەبىياتچى بالىلاردىن سورىسام شۇنداق دەۋاتاتتى.
ۋادەرىخا دىگەن ناخشىچلار قاراپ ناخشا ئوقۇيدىغان دەرەخمىكى{:88:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 08:57:37

ۋادەرىخا دىگەن ۋاي دەردىم، ۋاي دەرت دىگەننىڭ شىئىرى ئىيتىلمىسى ئىكەن.:lol

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:05:32

ئومۇلاخمان، ئۆڭگىلەڭ، پىتكى، ئەڭگىزە...

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:12:33

فورمالى؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:14:13

سىز ئۆزگىچە دەۋالغان ، چۈشەنمىگەن سۆزلىرىڭىز ئاساسەن ئەرەب پارىسچە سۆز ، يات تىلدىن كىرگەن سۆزلەر ئاشۇنداق باشقىچە ئاڭلىنىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:19:31

خۇدا پارىسچە ، ئەرەبچە ئاللا ، ئۇيغۇرچە تەڭرى دىگەن مەنىدە

پەيغەمبەر پارىسچە  ، ئەرەبچىسى رەسۇل ، ئۇيغۇرچىسى ئەلچى
   
   ناماز پارىسچە ،  بۇنى ئەرەبچە سالات دەيدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:21:08

شىم پارىسچە ، ئىشتان ئۇيغۇرچە

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:22:32

فورمالى مۇ فورمالىن مۇ ؟ :lol

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:25:41

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 09:22 static/image/common/back.gif
فورمالى مۇ فورمالىن مۇ ؟

فورمالى يۇ فورمالى،يۈز-كۆزلىرى سۈرمەلى....قېنى ماۋۇ دۇتتا چېپ ناخشا ئېيتقان چىراي ئىپادىسى

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 09:44:22

ۋادەرىخا نىڭ مەنالىرى سەرخىللىشىپتۇ ;P  

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:09:36

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 09:21 static/image/common/back.gif
شىم پارىسچە ، ئىشتان ئۇيغۇرچە

ئىشتان رۇسچىدىن كىرگەن گەپتۇ. ئۇيغۇرچىسى تامبال.
ئىككى چوكان بىللە ئېيتىدىغان بىر ناخشا بار. دىلمۇرا دەپ. پەقەت چۈشەنمەيمەن. دىلمۇرات دەۋاتامدىكى دەپ شۇنداق دىققەت قىلسام ئۇنداق ئەمەس، ئاستىدىكى خەتتىمۇ دىلمۇرا دەپ چىقىدىكەن.  «ئەمدى سەن بەختىڭنى تاپتىڭ، گۈللە ياشنا دىلمۇرا» .

tughdar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:21:35

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-07-23 10:09:36 static/image/common/back.gif


ئىشتان رۇسچىدىن كىرگەن گەپتۇ. ئۇيغۇرچىسى تامبال.
ئىكك
رۇسلارغا ئۇيغۇرلادىن كىرىپتىكەن ،ئاندىن بىزگە قايتىپ كەپتىكەن.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:37:52

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى كۆپ ئوقۇپ بەرسە، بۇنداق سۆزلەرگە بەك ئۇستا بولۇپ كېتىدۇ كىشى.......

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:42:05

پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر:
سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە
پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر:
كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش  «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن سۆزدىكى پۇرۇچتىن كەلگەن دەيدىغانلار بار).
نوچى:  بۇ سۆز ئەسلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ناجى (قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكار) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.
يورۇق: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «يارۇق» تىن كەلگەن.  «ئالتۇن يارۇق» دەيدىغان بىر بۇددا دىنىغا ئائىت كىتاب مۇشۇ سۆز بىلەن سۈپەتلەنگەن.
شوتا: بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى ئېيتىلىشى شاتۇ
يوپۇرغا: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياباقۇ» (يەر ئىسمى)دىن كەلگەن.
كۇچا: بۇ سۆز دەسلەپتە كۆسەن، كېيىن كۇچان دەپ ئاتالغانىكەن.
بوي: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بود» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كۆپلۈك شەكلى «بودۇن» (خەلق).  ھازىرقى ئىنگىلىزچىكى body (تەن، ۋۇجۇد، ئادەم) بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى تامتۇ (خوتەن شېۋىسى) بىلەن tomato نىڭ ئوخشىشىپ كەتكىنىدەك بىر ئىش.
جۇشقۇن: قاينىغان دېگەن مەنىدە، جۇش ئۇرماق
ئەقىل: ئەرەبچە كەلىمە بولۇپ، تۆگىنى باغلايدىغان ئارغامچا دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. دېمەك، ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىشنى بىلىدۇ.
تىرەن: سانسىكرىتچە «ديان» (چوڭقۇر ئويلانماق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەيدىغان قاراشلار بار، قازاقلار تىرەڭ دەيدۇ.
ئەزگۈ، ئىزگۈ: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدگۈ (ياخشىلىق، ساۋاب) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.
يېڭىلىشماق: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياڭلۇق» (خاتالىق) تىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، بۇنىڭدىن «ياڭىلماق» (خاتالىق ئۆتكۈزمەك) دېگەن سۆز كېلىپ چىققان؛ دائىم يېڭىلىشىدىغان ئىنسان بولسا «يالاڭۇق» دەپ ئاتالغان.
ئۈزۈندە: ئالىنتى، نەقىل
ۋەزىپە: فونكىسىيە، ئىشلەۋ ياكى ئىشلەك
دۇنيا: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يەرسۇ» دەپ ئاتالغان.
باخشى: شامان بىلەن ئوخشاش مەنىدە، تۈركلەر شامان دېيىشنى تۇڭگۇسلاردىن ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇرۇن باخشى دەيتتى. ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن غىياسىدىننىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى.
دوبۇلغا: موڭغۇلچە سۆز
كى: تەكىتلەش ئۇرغۇسى، بەلكى، تاكى، چۈنكى، نىچۈنكى، ۋاھالەنكى، ھالبۇكى، شۇنداقكى...چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا  بۇ قوشۇمچە ئالدىنقى جۈملە بىلەن كېيىنكى جۈملىنى باغلاش رولىنى ئۆتىگەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈرك تىلىدا ھېلىھەم بۇ رولىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى شۇنداق بىر تىلكى، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشتە ئۇنىڭدەك باي تىل ئازدۇر.      

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:54:31

ئەشيان :يەم بولماق،ئىلكىگەچۈشمەك .مەسىلەن :گۈل پەنجىرىلەر ئوتگىياھقا ئەشيان بولدى .
ئىزگۈ :ياخشى ،ياۋاش ،كۆرۈنىدىغان چىراي ئىپادىسى .
مۇئەللىپ :يازغان كىشى ،ئاپتۇر .
مۇتائىلە :مۇنازىرەقىلىشماق .
.......

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 11:07:55

ئىچ+تون = ئىچتون     بۇنى روسلار قوبۇل قىلىپ ئاندىن بىز قايتۇرىۋىلىپ  ئىشتان   غا ئۆزگەرگەن
  قازاقلار  كۇسارنى ئىچتون ، ئىشتاننى سىم  دەيدىكەن

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 11:21:47

RE: ئۇيغۇرچە ئۆزگىچە سۆزلەر- بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاڭ

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 10:09 static/image/common/back.gif
ئىشتان رۇسچىدىن كىرگەن گەپتۇ. ئۇيغۇرچىسى تامبال.
ئىكك ...

ئالىب ئەپەندى  بىرھون تورىدا تۈركى تىللار سىلىشتۇرما لوغىتى دەپ بىر ئىلكىتاب بارئىدى ،  تۈرك، ئەزەر، ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، تۈركمەن ، تاتارلار قاتارلىق تۈركى تىللارنىڭ  سىلىشتۇرمىسى ، ھەربىر سۆز  مۇشۇ ئالتە تىلدا  كۆرسىتىلگەن، مۇشۇ ئارقىلىق   تۈركى تىللارنىڭ سۆز ئامبىرىنى ياسىغىلى بولماسمۇ ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئۇيغۇرچە ئۆزگىچە سۆزلەر- بىلىدىغانلىرىڭىزنى يوللاڭ