ھەرە چېقىۋالسا قانداق قىلىمىز؟
گۆشنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرە كىرۋاپتىكەن، قولۇمنى چېقىۋېلىپ، قولۇم بەك قىچىشىپ كىتۋاتدۇ. ئۇنتۇپ كىتىڭ :lol چىۋىننى ئىزىپ چاپسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چىش پاستىسى چاپسىڭىزمۇ بولىدۇ . سىناقتىن ئۆتكەن .پىچاق سۈرۋەتسىمۇ بولامىش . ھەرە ئۇۋىسىدىن بەش- ئالتىنى بۇزىۋىتىپ ئىنتىقام ئېلىڭ ما تېمىدىكى ئىنكاسلامۇ قىچىشىشنى توختىتالمىسا،ئامال يوق:funk::lol:lol:lol بىردەم چىداڭ . :lol بۇرۇن بىز ھەرە چېقىۋالغان جايغا قارا لاي سۈركەيتتۇق. ھېچگەپ يوق ، ئېيچىشماي قىچىشقان بولسا ساقىيىۋىتىپتۇ. چىش پاستىسى سۈركەڭ ئىششىپ قالمايدۇ ھەرە چېقىۋالغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش «ۋايجان»دەپ بىرنى توۋلاش(12ياشتىن تۆۋەنلەر ئاۋازىنى قويىۋېتىپ بىر قەپەس يىغلىۋەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى)
ئاندىن ئەتىراپقا قاراپ بېقىڭ،سىزنى چاققان ھەرە تېخىچە جېنىنى ئېلىپ قاچمىغان بولسا تۇتىۋېلىپ ئەجەللىك يېرىگە ھارغۇچە دەسسەڭ(يالاڭئاياق بولسىڭىز ئويلىشىپ ئىش كۆرۈڭ)يېقىن ئەتىراپتا ھەرە كۆنىكى بار بولسا جەددى-جەمەتىنى قىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ(ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بۇنى تەشەببۇس قىلمايمىز)
ئاندىن ھەرە چاققان ئورۇننى كۈچەپ شوراپ زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاڭ(ئىككىلەمچى زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسپىرىت،ئاچچىقسۇ،مەرگەنسۇپ قاتارلىقلاردىن تاپالىغىنىڭىزدا ئېغىزىڭىزنى چايقىۋېتىڭ)
يەنە بىئارام بولىۋاتقان بولسىڭىز چىش پاستىسى،يۈز سوپۇنى،پىچاقلارنى تەرتىپ بويىچە يارا ئېغىزىغا سۈركەڭ(پىچاق سۈركىگەندە دىققەت قىلىڭ،كېسىۋالسىڭىز ھەرىنى تىللىماڭ):lol
ئەگەر ھەرە چېقىۋېلىپ ئىككى سائەتكىچە داۋاملىق بىئارام بولسىڭىز دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ
ھەرە چاققان ۋاقىتتىلاا تاماكا كۈلى باسسا تىز ساقىيىدۇ دەپ ئاڭلىغان. چىقىۋالغان سىرىق ھەرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ قويۇڭ. سىزنى چاققان شۇ ھەرىنى تۇتىۋېلىپ مىجىپ چېقىۋالغان يەرگە سۈركەڭ. تېزلا ساقىيدۇ. سىناقتىن ئۆتكەن رىتسىپ.
شەرت: چوقۇم شۇ ھەرىنىڭ ئۆزىنى تېپىشىڭىز كېرەك. دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۈچ يىپلىق تىكتەتىۋېتىڭ . بەزى كىشىلەرگە ھەرىنىڭ زەھىرى رېئاكسىيە قىلىدۇ. سىزنىڭمۇ شۇنداق چىراي, بەك يامانشىپ كەتسە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوكۇل سالغۇزىۋېتىڭ. ئەرزانلا ئوكۇل. بىر ھەرە ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىم ئادەم چاقالايدىكەن ، ئاندىن ئۆلۈپ قالىدىكەن .دەپ كۆرگەن بىر ماقالىدە. مىنىمۇ بەك چېقىۋالىدۇ. سەمىرىپ كىتىدۇ چاققان يەرنىڭ ئەتراپى. {:87:} بىر چېقىپلا ئۆلىدىغىنى ھەسەل ھەرىسىغۇ دەيمەن. پات پات ھەرە چىقىپ تۇرغانلار ئۇششاق كىسەل بولمايدۇ ھەرە چېقىۋالسا بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ مېنىڭ، كىىچك ۋاقتلىرىمدا نەچچە يۈز ھەرىنىڭ جەدى - جەمەتىنى قىرىۋەتكەن، يەتتە سەككىز كۆنەكنى... ھازىر شۇ قىرىلىشتىن ئامان قىپ قالغان بىر ئىككى شوركا ئۆچ ئېلىۋاتامدىكىن دەيمەن، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە لىچىنكىدىكى ھەرە ھۇجۇم قىلغان ئۇچۇرنى ئەستە ساقلىيالايدىكەن ئەمەسمۇ ... {:92:}