udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 15:08:03

تەبىئىي گاز ئورنىتىش ھەققى ۋە تام مەش ئورنىتىش پايدىلىقمۇ؟

بۈگۈن بىز ئولتورورۇۋاتقان ئاھالىلەر ئولتوراق رايونى تىمىغا، 2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە تەبىئىي گاز ئورنىتىش ھەققىنى تاپشۇرۇش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چاپلاپ قويۇپتۇ.

بىنا ئۆينى 2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق،  قىشتىن  پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ پارى بىلەن تەبىئىي ئۆي ئىسسىغان، ھەم ناھايىتى ياخشى ئىسسىغان ئىدى.
2014 - يىلى بۈگۈنكى خوجىلىق شىركىتى ئۇقتۇرۇشىدا، 2013 - يىلى قىشتا ئۆي ياخشى ئىسىمىغانلىقتىن ئىكەنلىكىنى پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ۋە خوجىلىق شىركىتى ئەسكەرتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي گاز ئورنىتىش ھەققى تاپشۇرۇش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كەپتۇ.
تەبىئىي گازنى ئەرزان دەپ كۆپ ئاڭلىدىم. ناھىيمىزدىكى نۇقتىلىق ئاھالىلار قۇرۇلۇشلىرىغا ئورنىتىپ بولدى. لىكىن ئوچاققا ئوت تىخى يىقىلمىغان.
مەقسەت: بىنا ئۆينىڭ چوڭ- كىچىكلىكى 50 كۈۋادىرات مىتىر.  ( ئەمەلىي كۆلەم 36 كۈۋادىرات مىتىر كىلىشى مۇمكىن )
پار بىلەن ئىسسىنىش قۇرۇلمىسى: ئۆينىڭ ئۇلى ئارقىلىق ئىسسىنىدىغان شەكىلدە.
كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى زىننەتلىنىپ بولغان تۇرسا، ئەمدى تام مەش ئورنات دىسە، ئۆينىڭ زىننەتلەنگەن سۈپىتىگە تەسىر يىتەمدۇ ياكى تەسىر يەتكۈزمەي بىر تەرەپ قىلغىلى بولامدۇ؟

بىشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاز - تولا سۆزلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن.  

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 16:20:26

خوجىلىق شېركىتى قۇشۇلسا، تامامەن ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىق قىلماي ئوناتقىلى بۇلۇدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 16:48:01

بۇ بىنادا پار  بىشى بىۋاستە مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ، يەر ئاستىدىكى سۇلىياۋ تۇرۇبىغا چىتىغلىق ئىكەن.

ئۇنداقتا  تام مەشنى مىھمانخانا ئۆيگە ئورنىتامدۇ ياكى ئاشخانا تىمىغىمۇ؟  

ئەگەر تام مەشنى ئاشخانا تىمىغا ئورنىتىشقا توغرا كەلسە، پار تۇرۇبىسىنى يەر ئاستى ئىسسىنىش تۇرۇبىسىغا قانداق چاتىدۇ؟

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:25:29

تەبى قاز ئورنىتىش بىلەن بىنا ئۆينىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى باردۇ ؟
چوڭ ئۆي بولسىمۇ كىچىك ئۆي بولسىمۇ بولىۋىرىدىغۇ تەبى گاز دىگەنگە .
.تەبىي گاز تارتىپ بولغاندىكىن كىيىن ئۆينى گاز بىلەن تىگىدىن ئىسسىيدىغان قىلىۋەتسىلا پۈتمىدىمۇ ؟
ئۆزەڭلا دىگەندەك تەبىي گاز دىگەن ھەقىقەتەن ئەرزان .تۆت بەش جان بار بىر ئائىلە كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق ئىتىپ دىگەندەك كەڭرى ئىشلەتسە  100 سوملوق گاز ئوتتورا ھىساب بىلەن ئىككى يىرىم ئايدىن ئۈچ يىرىم ئايغىچە  پايلامىكى ...

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:25:43

مېنىڭ ئۆيۈممۇ 50 كىۋادىرات مېتىر،مەن ئۆتكەن يىلى تام مەش ئورناتتىم. تام مەشنى ئاشخانا ئۆيگە ئورناتتى. سىزگە تام مەش ساتقان ئورۇن ئورنىتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
تام مەشنىڭ تۇرۇبىسىنى ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىشىك ئالدىڭىزدىكى سۇ سائىتى بار ئورۇندا پار تۇرۇبىسىنىڭ باش چېتىش ئورنى بار . شۇ يەرگە ئەپچىقىپ شۇ يەردە چېتىلىدۇ. بېزەلگەن ئۆيگە قارىتا چوڭ تەسىرىمۇ بولۇپ كەتمەيدىكەن. مەنمۇ بېزەپ بۇلۇپ ئاندىن ئورناتقان.
پار پۇلى مەن گاز پۇلىغا ئۆيدە كىچىك بالا بولغاچقا 10-ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىشلەتكەن. 1450 سوم گاز پۇلى كەپتۇ. لېكىن راھەت، باشقىلارنىڭ ئۆيىىدە پار بەرمىگەن ۋاقىتلاردا،ئەتىياز ۋاقىتلىرى پار توختىغان ۋاقىتتا خەق توڭلاپ ياتسا سىلەر گازنىڭ راھىتىنى سۈرىسىلەر،،:lol:lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:11:39

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 19:25 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئۆيۈممۇ 50 كىۋادىرات مېتىر،مەن ئۆتكەن يىلى تام مە ...

قىشلىق ئىسسىنىشقا كەتكەن گاز پۇلى بىلەن تاماق ئەتكەن گاز پۇلىمۇ بارمۇ 1450 يۈەننىڭ ئىچىدە.

خوتەندە 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە ۋە كىيىنكى يىلى  3- ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كىيىن توڭوپ قالمايىتتۇق.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:18:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 20:24  

kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 19:25 static/image/common/back.gif
تەبى قاز ئورنىتىش بىلەن بىنا ئۆينىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنىڭ  ...

بۇ يەردىكى مەسىلە: تەبىئىي گازنىڭ مەسلىسى ئەمەس.  ئۆي بۇرۇن سىلىنغاندىلا يەر تىگىدىن ئىسسىيدىغان قۇرۇلمىلىق.

ئۆينى بىزەپ بولغاندىكىن، تام مەشنى ئورنىتىدىغان ئىش بولسا، بۇرۇن بىزىگەن خىلى يەرلەردىن تۆشۈك ئىچىشقا توغرا كىلىدۇ.
چۈنكى تام مەشنى ئاشخانىغا ئورناتسا،  ئۆيدىكى پار تۇرۇبىسىنىڭ بىشى، مىھمانخانا ئۆينىڭ پەلەمپەي تەرەپتىكى تامدا تۇرسا،
ئاشخانىدىن تۇرۇبا تاتىپ، مىھمانخانا ئۆيگە ئۇلاش دىگەن، ئۆينىڭ زىننەتلىنىشىگە دەخلىسى با دىگەن گەپ.

يا بۇلتۇرلار ئۆينى بىرىشتىن بۇرۇن تام مەش ئورنىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرمىدى بۇ قاراقچىلار، ئەمدى قوپوپ پار بىلەن تەمنلەش شىركىتىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپراق تۇرىدۇ ئۇقتۇرۇشتا( يەنە نەشتەر سانجىشقا باشلىدىڭلار ھە! بىر يۇرتلۇق تۇرۇپمۇ، يىراققا كىتىۋالدىم دەپ نەشتەر سانجىشنى ئۈگۈنۈپسىلەر )

Akyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:55:11

1-ئايدىمۇ ياكى ئۆتكەن يىلىمۇ ئىشقىلىپ 200 يۈەنگە گاز ئالغانتىم، ھىچ تۈگەي دىمەيدىغۇ...

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 19:30:59

خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ ھىچقانداق دەخلى بولمايدۇ! كەسپىي خادىملار ئورناتسىلا

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 21:05:18

دەخلىسى بولمايدۇ ئەمەس بولىدۇ،لېكىن چوڭ بولمايدۇ.چىقىمدىن قورقمىسىڭىز ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىڭىزنى زىننەتلىگەنلەر بىلەن ئالاقىلشىپ 500-600يۈەن چىقىم قىلىپ دەخلى بولغان يەرلەرنى ئوڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.قولىڭىز ئەپلىك بولسا ئۆزىڭىز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 21:16:16

تام مەش ئورناتسا تەبىئى گاز كۆيگەندە چىقىدىغان گازنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ،  گازدىن زەھەرلىنىش خەتىرى بارمۇ، تام مەشتىن شاۋقۇن ئاۋاز چىقامدۇ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:19:28

سىلەرنىڭ ئۇيۇرتا بىرەتالمۇ ئەقىللىق تام مەش ئۇرنىتىش ئۇستىسى تېپىلماسما ،شۇلاقىلىدۇ ئىشنى يابىر سىزنىڭ ئۆيىڭىزبىلەن قۇشنا بولمىساق .بىزنىمبىلىمىز .  {:92:}

شۇ ھۈنەرۋەننى ئىزدەڭ   قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويىدۇ .{:136:}

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:22:39

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 21:16 static/image/common/back.gif
تام مەش ئورناتسا تەبىئى گاز كۆيگەندە چىقىدىغان گازنى ق ...

مورىسىڭ ئۇچىنى سىرتقا چىقرىدۇ ، گازلىق تاممەش ئومۇمەن ئاۋازسىزبۇلىدۇ   ئوتنىڭ ئاۋازى قانچىلىك بولماقچىدى .ئەرزىنىنى ئالسا ئاز -پاز ئاۋازلىق چىقىدۇ .  قىممەترەكنى ئالسا  تىپ -تىنىچ .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:23:26

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 21:05 static/image/common/back.gif
دەخلىسى بولمايدۇ ئەمەس بولىدۇ،لېكىن چوڭ بولمايدۇ.چىقى ...

جىڭ گەپ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 08:40:06

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 18:18 static/image/common/back.gif
بۇ يەردىكى مەسىلە: تەبىئىي گازنىڭ مەسلىسى ئەمەس.  ئۆي  ...

تام مەش دىگىنى رادىئاتور ئىچىدىن ئوت يالقۇنى ئۈتىدىغان نەرسە، شۇنىڭدا سۇنى ئىسسىتىپ ئاندىن يەنە شۇ يەر تىگىدىن ئىسسىتىدىغان تۇرۇببىڭىزغا يوللايدۇ، يىقىلغۇدىن پايدىلىنىش ئۈنىمى يۇقىرى بولغاچ، ئاساسەن كۈلەملىشىپ بولدى. ماۋۇ يەردىن كۆرۈڭ، ھەر خىللېرى بار. ئادەتتە مونچا سۈيىنى ئىسسىتىدىغانلېرىمۇ كۆپ.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:11:24

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 18:11 static/image/common/back.gif
قىشلىق ئىسسىنىشقا كەتكەن گاز پۇلى بىلەن تاماق ئەتكەن  ...

ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە . مەن ئۆيدە بوۋاق بولغاچقا كېچە كۈندۈز ئەتمىگەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 10:30:52

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 21:16 static/image/common/back.gif
تام مەش ئورناتسا تەبىئى گاز كۆيگەندە چىقىدىغان گازنى ق ...

  سۈپەتسىزلېرىنى بىلمەيمەن. ئىچىدىكى ئاپتۇماتىك كونتۇروللايدىغان، ئۇچقۇنلىتىدىغان توكتىن چاتاق چىقمىسىلا خەتەر يوق،  يۇقىرى بىسىملىق گاز چىقىدىغان ۋە ئوت كۆيگەندە چىقىدىغان ئاۋاز 30 دېتسىبىلدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-23 18:38:46

مۇشۇ نەرسىنى ئورناتقاندا توختىماي گاز كۆيۈپ تۇرامدۇ ياكى مەلۇم قىززىقلىققا يەتكەندە توختامدۇ؟345كىۋادىراتلىق 2قەۋەت ئۆيگە ئورناتسا ئىستالارمۇ ئۆينى؟

QoxYurak يوللانغان ۋاقتى 2014-7-24 22:14:10

ئۇچاقنى ساتقان يەردە ئۆلچەملىك ئورنىتىپ بىرىدۇ..

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 08:57:33

مۇشۇ نەرسىنى ،يېزىدا ئۆيى بارلار ئورنىتالامدۇ ؟ ياكى چۇقۇم تەبىئى گاز بۇلىشى كېرەكمۇ ؟
بەت: [1]
: تەبىئىي گاز ئورنىتىش ھەققى ۋە تام مەش ئورنىتىش پايدىلىقمۇ؟