ئاھ، مېنىڭ خەلقىم...
ئاھ، مىنىڭ خەلقىمخۇددى تارىم سۈيىدەك
بىز مۇشۇ يەردىن باشلانغان ، مۇشۇ يەردە تۈگەيمىز!
پەرھات تۇرسۇن
چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىدىم
خۇددى چۆچەكلەردەك
رىۋايەتلىك ئۆتمەكتە ئۆمۈر
بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى چېدىرغا ئوخشار
بىرلا ئىشىك بار
بىرلا مۈشۈك بار
تۈمۈر پەنجىرلەردىن مارايمەن
تاڭمۇ قىزىل كەچكى شەپەق ھەم...
تۈنبىلەن كۈننىڭ پاسىلى بۇ جاي
يۇمۇلاق،يۇمۇلاق خىياللار بىلەن
تۇيۇماستىن
قۇشتەك كىرمەكتىمەن كۈز پەسلىگە
كۈزۈمنىڭ ئورنىدا قالغىنى پەقەت بىر جۈپ چىكىت
ئۈزۈمگىلا سۆزلىيەلەيمەن
كىتكە يەم بولغاندەك قۇرۇغان كۆللەر
ئاخىرقى بىر تامچە يېشىمدىن يىتەر ۋەسلىگە..
پايانسىز قۇملۇق
قۇمدەك چېچىلغان يۇلدۇزلارغا تىۋىنار
تىزلا قاخشال بۇلۇر بۇ تىنىم
يۆل بولغۇسى كېلەر
قۇيۇلۇپ كۆل بولغۇسى كېلەر
ئالىپ تېغىدىن ھالقىپ ئوكيانلارنى سېغىنار
كىرمەس ھىچقايسى ئوماينىڭ چۈشىگە
پەقەت تەڭرىتاغلا بار
تارىمغا يىغلاۋاتقان
ئاھ، مىنىڭ خەلقىم
ھېلىمۇ چۆچەك تۇقۇيدۇ
خۇداغا شۇنچە يېقىن چۆچەكلىرىدە
يېڭى-يېڭى ئوبرازلار ئالمىشىپ تۇرار
يۈز يىللىق سۈكۈتتىن چاچراپ قۇپۇپ
ئارغىماقنى تۇقۇپ
چىن تۈمۈر باتۇرغا ئايلانغۇسى بار
چىن تۈمۈر
سىپارتاكقا ئوخشىماس
ئۇ، قۇللارغا يول باشلىمىغان
ئۇ، چۆلدىكى يالغۇز قەھرىمان
بەكمۇ يىراق ئۇنىڭ ئۆتمۈشى
ئـۇيـغـۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ
ئۇر توقمىغىبار ھەم ئالتۇن كەشى
چۆچەكلەر داۋاملىشار
سۈتتەك جىملىقىنى بۇزغان سەھەرنىڭ
كۈيلىرىدىن مەس بولغان قۇلاق
سىغدۇرالماس بارچە ئاۋازلارنى
بۈركۈتلەرنىڭ قانات قېقىشى،دەرەخلەرنىڭ شىۋىرلىشى
ھېچنىمە ئەمەس
ياغاچ ئاتقا مىنىپ غەززەنى ئايلىنىپ كېلەر
تارىمدىكى ئاددى بىر ئـۇيـغـۇرنىڭ چۈشى
ئاھ مىنىڭ خەلقىم
چاقماق تاش بىلەن ئوتنى پەيدا قىلغان خەلقىم
يادا تاش بىلەن يامغۇر ياغدۇرالايدىغان خەلقىم
ئۇزۇن-ئۇزۇن قىسسەلەرنى تۇقۇيالايدىغان خەلقىم
تۇقۇماقتا چۆچەكلىرىنى
بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق كۆڭۈل بۈلگۈچى
ئەجداتلىرىمىزبىلمەمدىكىنە
قۇياشنىڭمۇ كۈيۈپ بىر كۈنى تۈگەيدىغانلىقىنى
جاھاندىكى بارلىق سۆز يېزىلىپ تۈگەر
ھېچكىم بىلمەس ئىنسانلىقىمىزنى
ت. شەيخ
20014-7-20 كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا justone تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-22 12:35
كىرمەس ھىچقايسى ئوماينىڭ چۈشىگە
ئوماي كىم؟ مەنىسى نىمە بۇ ئىسىمنىڭ ? شېئىر،شائىر دىگەن مۇنداق بولمامدۇ . ئېسل! ئوماي، تۈرك رىۋايەتلىرىدىكى ئوماي ئانا، قالغىنىنى شەيخ ئۆزى چۈشەندۈرۈپ قويسۇن.
بۇ شېئىرنى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئوخشايدۇ دەپ ئوقۇپ كېلىۋېتىپ، شەيخ دېگەن يەردە توختاپ: ئىككىسىنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى نېمانچە ئوخشاش، تەپەككۇرى نېمانچە يېقىن؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئېسىل{:112:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aman121 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-22 15:30
justone يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 12:32 static/image/common/back.gif
كىرمەس ھىچقايسى ئوماينىڭ چۈشىگە
ئوماي كىم؟ مەنىسى نى ...
رېۋايەتتىكى بىر ئېلاھىلاشقان ئايالنىڭ نامى،
يەنى ئوماي ئانا ئاڭلاشلارغا قارىغاندا توتېم تۈسىنى ئالغان بولۇپ ھەرخىل سېمۋۇللارغا ئىگە ئىمىش. رىۋايەتلىك ئۆتمەكتە ئۆمۈر
بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى چېدىرغا ئوخشار
بىرلا ئىشىك بار
بىرلا مۈشۈك بار
يۇقاقى قىسمى يارىدى.
ما ئىملايىڭىز مىنىڭدىن ناچارمۇ نىمە؟ شېئىر بوغاندىكىن بەكراق دىقەت قىغۇلۇقتى. رەسىمىدىن قارىسام تۇرسۇن شەيخ شۇكەن . تۇرسۇن شەيىخىنى ھىلقى ھىكايسى سەۋەبىدىن ئاۋارىچلىققا ئۇچراپتۇ -دەپ ئاڭلىغان. قايتىپ چىققان ئوخشىمامدۇ چايخاندىن ئىنىم تۇرسۇنجان، شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم.
بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ مىسرالىرىمنى ئىپىگراف قىلىپ ئالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمەس.
سىزگە بىر تەكلىپىم، شېئىردا سۆز ئىشتىشكە تېخىمۇ ئىنچىكە بولسىڭىز.
«خەلق» دېگەندەك سۆزنى ئالدىراپ ئىشلەتمىسىڭىز. چۈنكى بۇ سۆز كىشىگە ئۆزىگە خەلق پارتىيىسى دېگەندەك ناملارنى قويۇۋالغان، ئاغزىدىن خەلقنى چۈشۈرمەيدىغان، لېكىن خەلقنى يەتكىچە دەپسەندە قىلىدىغان مۇستەبىتلەرنىڭ تىلىنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن. بۇ سۆز ئەسلى ناھايىتى ياىشى سۆز بولسىمۇ ئۇنى سۆزلەش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلار بەكلا دەپسەندە قىلىۋەتتى. ئەلبەتتە شائىر دېگەننىڭ ھەرقانداق سۆزنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. ئەگەر سىز بۇ سۆزنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئاشۇ تىل مۇستەبىتلىرى بۇ سۆزگە تاڭغان رادىكال ئۇقۇملارنى ئاغدۇرىۋېتەلىسىىڭىز بولىدۇ. سىز دەۋاتقان شەيخ بۇ ئەمەس .
توختى پوكان يۈرۈشلۈك ھېكايىللىرىنىڭ ئاپتۇرىنى دەۋاتىسىزغۇ دەيمەن ، ئۇنىڭ تور تەخەللۇسى شەيخىم ، ماۋۇ بولسا شەيخ ئىكەن ، ئىككىسى ئىككى ئادەم . mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 21:14 static/image/common/back.gif
سىز دەۋاتقان شەيخ بۇ ئەمەس .
توختى پوكان يۈرۈشلۈك ھېك ...
تىل ئىشلتىش ئۇسۇلىغا قاراپ پەرھات تۇرسۇنىڭ شېئرى ئوخشايدۇدىسەم ئاخىرىدا ت.شەيىخ دەپ تۇرىدۇ شۇنىڭ مەن تىخى توختى پوكان ھېكايىسنى يېزىپ خىلى تەسىر پەيدا قىلغان بۇرادەر شۇ ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن رىۋايەتلىك ئۆتمەكتە ئۆمۈر
بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى چېدىرغا ئوخشار
بىرلا ئىشىك بار
بىرلا مۈشۈك بار
.......................
نېمىشقا بىرلا مۆشۈك بار ؟ نېمىشقا ئىككى بولمايدۇ؟ بۇ مۆشۈك تۇغماس مۆشۈكمۇ ياكى ئەركەك مۆشۈكمۇ؟{:90:}{:90:} alwun12 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 21:25 static/image/common/back.gif
تىل ئىشلتىش ئۇسۇلىغا قاراپ پەرھات تۇرسۇنىڭ شېئرى ئوخ ...
ھېچ مېنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلۇمغا ئوخشاش ھېس قىلمىدىمغۇ؟:o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-22 21:58
Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 21:12 static/image/common/back.gif
ئىنىم تۇرسۇنجان، شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم.
بۇ ھەرگىزمۇ م ...
قوللايمەن ، شېئىرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ چوقۇم دەبدەبىلىك قۇرۇق گەپلەر دېگەن خىيال بىلەن «ناچار»نى بېسىۋىتەي دەپ مەخسۇس كىرگەن ئىدىم، شېئىرنى ئوقىغاندىن كېيىن «ئەلا»نى بېسىپ قويدۇم. شئىرىڭىزنى ئالدىرىماي ھەزىم قىلايمىكىن . سالام، پەرھاتكا..
ئاساسى ئېقىمغا ئايلانغان ،كوللىكتىپلاشقان ئۇقۇملاردىن شۇنچە بىزارلىغىم سىزگىمۇ ئايان ، ئەمما مۇشۇ بىر سۆزدە سەل يەڭگىلتەكلىك قىپتىمەن . سەمىيمى ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت ...
مۇۋاپىق بىر ئىزدىنەي.
_ ياقتۇررغان ۋە ياقتۇرمىغان تامامى دوسلارغا ئىككىلا سۆز؛ رەھمەت ۋە ئۆزۈر.