afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:55:41

(ئەفىفى) مەسلىھەت بەرسەڭلار!

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
بىر سائەت ئاۋۋال كىچىك ئوغلۇمنىڭ بارمىقى زەخمىلىنىپ،  تاڭدۇرغان ئىدۇق،  تېڭىپ بولغاندىن كېيىن تېتانىس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇكۇلى ئۇردۇرساق، بالامغا چۈشمىدى... ئۇ ئۇكۇل مۇھىم ئۇكۇلكەن، ئۇكۇل ماس كەلمىگەن ئەھۋالدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك!؟
دوختۇر ئامال بار سالدۇۋەتسەڭلا ياخشى ئىدى دەيدۇ. بولسا بىر جىددى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا كەسىپ ئەھلىلىرى!!
ئۈچ كۈنگىچە ئۇرۇپ بولۇش لازىمكەن....

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 20:22:34

ماس كەلمىسە نىمە ئامال، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن چىڭمىسو چۈسۇڭنانى ئۇرغۇزۇپ تۇرۇڭ...

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 20:26:57

{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 21:37:16

مىنىڭمۇ كەپسىز باللىرىم بولغاچقا، توردىن ئىزدىنىپ باقسام سىناق قىلمىسىمۇ بولىدىغان破伤风免疫球蛋白 دىگەن ئۇكۇلنى ئۇرسىمۇ بولدىكەن. ئەلۋەتتە چۇقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە.
破伤风 نى تېتانوس دەپ تەرجىمە قىپتۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 21:44:47

رەھمەت

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 22:35:28

脱敏注射疗法, 即分别以 TAT 0.1 mL、 0.2 mL、 0.3 mL、 0.4 mL加稀释液 0.9%氯化钠至 1 mL, 分次注射, 间隔时间 20 min。 注射结束后, 观察 30 min, 无不适反应,则离开医院。
TAT دېگىنى تېتانۇس ئوكۇلى شۇ

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 22:37:28

تېتانۇس ئوكۇلى چۈشمىگەنلەرگە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇرسا بولىدۇ

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 01:56:49

ئاللاھ ئوغلىڭىز كېسىلىگە شىپا بەرگەي.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 08:07:16

چۈشمەسلىكىدە ئاللاھ تەرىپىدىن بىر ھېكمەت بولىشى مۈمكىن. دوختۇر ئۆزى تەكلىپ بىرىپ ،ئۆزى چۈشۈرۈشكە ئامال قىلالمىغان شارائىتتا ،ئۇردۇرمىسىڭىزمۇ بولار 。 بەزى ئىشلار زىيانلىقتەك ،خەۋپتەك تۇيۇلغىنى بىلەن ،بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۈمكىن.

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 08:21:01

Erzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 22:35 static/image/common/back.gif
脱敏注射疗法, 即分别以 TAT 0.1 mL、 0.2 mL、 0.3 mL、 0.4 mL加稀释液 0.9%氯化钠至 1 mL, 分次注射, 间 ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم.قارىسام سىزتىببى خادىمدەك تۇرىسىزئېغىركۆرمەي سەل تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويالاسىزمۇ،بۇتېمىداتىلغائېلىنغان كىسەل قانداق كىسەل،بۇئوكۇل قانداق ئەھۋالدائۇرۇلىدۇ.اللەرەھمەت قىلسۇن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 10:04:31

بىلىشىمچە بۇ كېسەلنىڭ يەنە بىر ئىسمى قاتما كېسىلى، بۇ كېسەل بەدەننىڭ تاشقى قىسمى ئۇچۇقچىلىقتا داتلىشىپ كەتكەن مىتال ۋە ياكى باشقا  بۇيۇملار تەرىپىدىن زەخمىلەنگەندە قاتما تاياقچە باكتىرىيىسىنىڭ جاراھەت ئېغىزىدىن كىرىپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددى خاراكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەل . تەپسىلى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن . بىز ئادەتتە بەك دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيدىكەنمىز، بىراق ئاممىۋى ئوقۇشلۇقلاردا مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇلۇققاندا ئەڭ تىز سۈرئەتتە سەھىيە تارماقلىرىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئۇرغۇزىۋىتىشنى تەۋىسىيە قىلىدىكەن .

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 10:09:36

‏‏ۋەئەلەيكۇم ئەسسسالام،ئەگەر چۈشمىگەن بولسا ئۇردۇرمىسىڭىزمۇ بولامۇ،ئىككى ھەپىتىنىڭ ئالدىدا مەنمۇ بارمىقىمنى كىسىۋىلىپ تۆت يىپلىق قىلىپ تىكتۇردۇم،سىز دىگەن تىتانوسنى ئۇرمىساق بولمايدۇ دەپ ئۇرۇپ ئون يىللىق كۈچكە ئىگە دەپ كارتا بەردى،لىكىنزە ئۇردۇرۇپ بولۇپ شۇنداق پۇشايمان قىلدىم،بۇ دورىنىڭ ئاغرىقى كىسىلگەن يەرنىڭكىدىن ئىشىپ چۈشتى لىكىن،ئىككى -كۈن بىلىكىمنى كۆتىرەلمەي يۇردۇم،بەلكىم بالىڭىزغا ئۇردۇرسىڭىزمۇ كىسىلگەن يەرنىڭ ئاغرىقى بىر ياندا قىلىپ ئوكۇلنىڭ جاننى ئالامدىكى،

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 10:52:50

پىكرىڭلارغا رەھمەت تورداشلار.
بۈگۈن سىناق قىلسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى...

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 13:18:41

ئۆتكەن يىلى كاسامنى ئىت چىشلىۋالغاندىمۇ كاسامغا غالجىر كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇكۇلى ئۇرغان
ئامال بار مۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلغان ياخىش چوڭ كىسەللەر مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن چىقىدۇ

eeensan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 13:31:49

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:51:36

تىتانۇس داۋالىماق تەس , ئۆلۈش نىسبىتى يۇقۇرى بىرخىل كېسەللىك, ئاساسلىق ئالامىتى بولسا پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار تۇتقاقلىق تارتىشىپ قېتىپ قالىدۇ, ئېغىرلاشقاندا كاناي بوغۇلۇپ نەپەس ئالالماي  ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ, يوقۇش يولى بولسا تېتانۇس باكتىرىيىسىنىڭ جاراھەت ئېغىزىدىن كىرىپ يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ, تېتانۇس باكتىرىيىسى بولسا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان, زەخمىلەنگەندە تىتانۇس باكتىرىيىسىدىن يۇقۇملانغانلىغىڭىزنى ياكى يوقۇملانمىغانلىغىڭىزنى بىلەلمەيسىز, شۇڭا كېيىنكى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىككىنە ئاغرىققا چىدىماي بولمايدۇ

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 17:56:51

بولۇپمۇ ئۇچقۇن ئېيىتقاندەك داتلىشىپ كەتكەن كونا مىق, پىچاق دىگەندەك نەرسىلەردىن زەخمىلەنگەندە يوقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يوقۇرى بولىدۇ , بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم ۋاكسىنا ئۇردۇرىشى كېرەك

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:14:22

      ۋاي ۋۇي نىمە ئانداق ئەنسىرەش بۇ .بۇرۇن بىزلە كىچىك ۋاقىتلاردا  ئۇنداق ئۇكۇللار يوقىدى .نۇرغۇن ئويۇنلاردا ھەربىدەك يارلىنىپ ،قان ئاققۇزۇپمۇ تىتانىك -پىتانىك بولماي ساق يۈرۈپتۇق .  ئۇنچە ئەنسىرىمەي ياللۇغقا قارشى مىللى تىبابەت دۇرىلىرى بۇلامدۇ ،غەرىپنىڭ بۇلامدۇ بىرىڭا ئۇ تاتلىق بالىڭزغا ،بىرسىزنىڭ بالىڭىز ئۇرغۇزمىسا شۇ سىزنىڭلا بالىڭىز بىرنىمە بۇلۇرمىكەن .،مەنمۇ ئۇنداق ئۇكۇللارن ى ئەزەلدىن ئۇرغۇزالمايمەن ،چۈشمەيدۇ .ھېلىمۇ پات-پات يارلىنىپ قالىدىغان ئىشلاربارغۇ ئىقنسانچىلىقتا .مانا مەنمۇ تىتانىكلاشماي ساق تۇرۇپتىمەن .   بالىڭىزمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ خاتىجەم بۇلۇڭ .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:29:31

ئەسسالام ئەلەيكۈم، يۈسۈپجان، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 22:58:57

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 22:29 static/image/common/back.gif
ئەسسالام ئەلەيكۈم، يۈسۈپجان، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالى قاند ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام! ياخشى ئاكا، بۈگۈن ئۇكۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بارمىقىنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس...
بەت: [1] 2
: (ئەفىفى) مەسلىھەت بەرسەڭلار!