Aldostceo يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 10:47:09

ئالتە نەپەر تۈر باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

شىنجاڭ ئەلدوسىت بىيو-تېخنىكا تەرققىيات چەكلىك شىركىتى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىغا ئالتە نەپەر تۈر باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
شەرتى : سودا باشقۇرۇش، ئېلىكترونلۇق سودا، ماددىي ئەشيا-ئوبورت باشقۇرۇش كەسىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، ۋە خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.
يىللىق ئىش ھەققى تەمىناتى : ئايلىق، پەسىللىك،  يىللىق، ۋە سىتـاژ مائاشى، بەش خىل سۇغۇرتا قوشۇلۇپ 120 مىڭ سومدىن تۆۋەن بولماسلىققا كاپالەت  بېرىلىدۇ.
تېلېفون:18699190014
ۋېيشىن:18699190014
ئى-خەت: Aldostceo@126.com

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 14:28:13

ئىش ھەققى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن،   

قىنى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئىشلەڭلار.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 14:34:32

مانداق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ تەجرىبىسى بار.قولىدا مەكتەپ دىپلومى بولمىسىمۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغان ئەمىليەت دىپلومى بارلارنىمۇ ئويلىشىپ باقمايدىكەن مۇشۇ كارخانچىلار..
مېنىڭ قولۇمدا 25 كىشى بار.مۇشۇلارنىڭ 22سى تولۇقنىمۇ پۈتتۈرمىگەنلەر.لېكىن ئىشنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن ياخشى قىلىدۇ..شىنجاڭ بازىرىغا 2ئاەم مەسئۇل،مۇشۇلار ئالدىنقى يىلى 6 ئاەم مەسئۇل بولۇپ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئىشنى بۇلار شۇنداق ياخشى قىلىۋاتىدۇ..شۇنىڭغا قاراپ ھازىر ئادەم ئالىدىغان ئىش بولسا مەدەنىيەت سەۋىيسىنى،ئۇنۋانى بىلەن چاتىقىم بولمايدىغان بولدى...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 15:27:10

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 14:34 static/image/common/back.gif
مانداق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ تەجرىبىسى بار.قولىدا مەكتەپ  ...

  ئەمىلى تەجىربىسى بارلار دىگەن گەپمۇ باركەن، پىشقان خىزمەتچىلەرنى جەلىپ قىلماقچى، سەترەك ئېيتقاندا تارتىۋالماقچى. بۇ بىر ياخشى راقابەت دىسەك بۇلىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:55:05

مىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغانلا يېرىم بار لىكىن مەن قىلغان  نۇرغۇن ئىشنى مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ تولىسى  قىلالمايدۇ ئاددىسى ئىزدىنىش تورىنى زىيارەت قىلىش {:92:}

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سىلەرگە سەمىمىي تەكلىپ ، ئوقۇش تارىخى دىپلوملارنى ئاساس قىلىۋالماڭلار ، قىسقىسى سىلەر ئۇ خادىملارنى ئىشقا سالغىلى قوبۇل قىلىسىلەر دىمەك سىلەرگە ئۈنۈم كىرەك ئۈنۈمنى ئۈنۋاندىن ئىزدەش بىرتەرەپلىمىلىك  تارىختىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ئۈنۋانى يوق ئىدى

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 17:57:37

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتكەن.....

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:13:15

مىنىڭچىمۇ ئەمىلى ئىش قىلىدىغان بۇنداق ئۇرۇنلارغا ئاتالمىش دىپلومنى ئاساس قىلۋالمىغان تۈزۈك، بىر تال توختامنى تۈزۈك يازالمايدىغان نى نى كىشلەرنىڭ قۇللىرىدىمۇ ئادەمىنىڭ تىلىمۇ كەلمەيدىغان،  بەھەيۋەت كەسپى لاياقەتلىك گۇۋاھناملىرى بولىدىغان زامان بۇپ كەتتى ھازىر.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:13:49

راسىت، ئىستىقبال سەھىنىسىدىن ئادەم تاللاپ باقمىدىڭلارمۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 18:36:59

ئىستىقبال سەھنىسى قۇيۇلۋاتامدۇ ؟

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 19:20:26

يۇقۇردىكىلەرنى قوللايمەن. ئەمەلىي نەتىجە مۇھىم

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 21:32:34

دىپلوم دىگەننىڭ ئۆزى ، پەقەت مەكتەپ ئوقۇغانلىق ئىسپاتى خالاس

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-21 22:43:28

ئۇنۋان ، دىپلۇمنىڭ گىپىنى قىلماپتۇ دوسلار ، كەسىپ دەپتۇ كەسىپ
   نىمىلا دىمىگەن بىلەن شۇ كەسىپنى ئوقۇغانلار باشقىچە بولىدۇ

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 00:36:00

yarzat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 14:34 static/image/common/back.gif
مانداق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ تەجرىبىسى بار.قولىدا مەكتەپ  ...

{:143:}
بەت: [1]
: ئالتە نەپەر تۈر باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ